ئەسلى بۇ قېتىم قومۇلغا بارغاندا، كان رايونىغا بېرىپ ماتىريال يىغىش پىلانىم بار ئىدى، ئەپسۇس ۋاقىت چىقىرالمىدىم، ئاللا خالىسا كېيىنرەك يەنە بىر قېتىم بارارمەن! مەن يوللىغان رەسىملەر مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ دىققەت-ئىتىبارىنى تارتىيالمىدىمۇ ياكى غەمسىز يۈرۈمدىغاندۇ؟ ھېچ بىلەلمىدىم؟؟؟!!!!
رەسىمگە ئىزاھات:
كانغا بېرىش ئۈچۈن سۆرۈن دىگەن يازلىق يايلاقتىن ئۆتۈشكە توغرا كىلدۇ. سۆرۈندىن يوقىرى ئۆرلەپ ماڭغاندا سۈگەن (يەر شەكىلىگە ئاساسەن قويۇلغان ئىسىم) ۋە تور (يەر شەكىلىگە ئاساسەن قويۇلغان ئىسىم بولۇپ، شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ، شەرقى ئۇچى سۈگەننىڭ ئۈستىگە تۇتىشىدۇ، جەنوپ تەرەپتىن قارىغاندا سۆرۈننى يوقىرى سازلىق ۋە كۆللەردىن ئايرىپ تۇرغان توساققا ئوخشايدۇ. كانغا بارىدىغان يول ئەسلى تورنىڭ ئۈستىدىن ئېلىنغان بولۇپ، كېيىنچە بۇيولنى داۋاملىق ياسىيالماپتۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ تورنىڭ شىمالى تەرىپىدە سازلىق ۋە كىچىك كۆللەر كۆپ بولۇپ (ناھايتى ياخشى بولغان تەبىئى توساقنى شەكىللەندۈرگەن) شۇڭا كان يولىنى سۈگەننىڭ يان باغرىنى بويلاپ ياساپتۇ، كانغا بارغان ماشىنا يولى سۈگەننى بويلاپ سۈگەننىڭ ئۈستىگە چىقىپ تۇزلەڭلىك ئارقىلىق قۇمداۋان بىلەن كان رايونىغا بارىدۇ. بىز كان رايونىغا بارغاندا كىچىك ماشىنلار بىلەن ساياھەتكە چىققان كىشىلەرنى ئۇچراتتۇق، ئۇلار بۇيولدا توسالغۇسىز يۈرەتتى.
مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە باغداش قارلىق تاغ رايونى ئىكولوگىيلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئىككى خىل روشەن ئالامەت بار ئىكەن:
1- خىل ئالاھىدىلىك بولسا، قۇمغول، سۇ جىڭغىغان ۋە قازا تاپتىدىن كېلدىغان سۇ مىقدارىنىڭ ئازىيىشى، دارچۇق بىلەن كېلدىغان سۇ مىقدارى كۆپىيىپ ئاپەت پەيدا قىلىش ئەھۋالى بولۇپ، ئىلگىرى ياز كۈنلىرى قۇمغول، سۇ جىڭغىغان ۋە قازا تاپتىدىن كېلدىغان سۇنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ، دارچۇق تەرەپتىن پەقەت ئەتىياز ۋاقىتلىرىدىلا تاشقىن كېلەتتى ئەمما كىشىلەر تۇرمىشىغا خەۋىپ ئېلىپ كەلمەيتتى، 2007- يىلدىن باشلاپ قارلىقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قارنىڭ ئېرىش سۈرئىتى تىزلىشىپ، ھۆلچىلىك ئاپىتى كۆپ بولۇپ، 7-8- ئايلاردىمۇ سۇ ئاپىتى بولىدىغان بولۇپ قالدى؛
2- خىل ئالاھىدىلىك بولسا، قارلىق رايونىدىكى سوغاق ھاۋا ئېقىمىدا ئۆسۈشكە ماسلاشقان ئۆسۈملۈك ۋە جانلىقلار تۈرىدە ئۆزگىرىش بولدى. مەسلەن مەن ئىلگىرى (2001-2003) باغداش يايلىقىغا ئەۋرىشكە يىغقىلى چىققاندا، تورنىڭ ئۈستى ۋە سۈگەننىڭ بېشىدىن خېلى كۆپ ئەۋرىشكە يىغقان ئىدىم. (ھازىر مەخسوس يايلاق چىكەتكىسىنى تەتقىق قىلمەن، شۇڭا چىكەتكىنى مىسال قىلاي، ئەلۋەتتە چىكەتكە باشقا ھاشارەتلەرگە قارىغاندا مۇھىتقا ناھايتى سەزگۈز.) تورنىڭ شىمالىدىكى گۇم كىچىك بويىدىن قۇمغول ۋە سۇ جىڭغىغاندىن چىققان سۇ بىرلەشكەن يەرگىچە بولغان چىملىقتا سىبىرىيە چىكەتكىسىنى كۆپ ئۇچراتقان ئىدىم. بۇ خىل چىكەتكە سوغاق ھاۋا ئىقلىمدا ياشايدىغان بولۇپ، ئىسسىق بولغان جايلاردا ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇلتۇر بارغاندا بۇ ئورۇندا سىبىرىيە چىكەتكىسىدىن بىر تالمۇ تاپالمىدىم. بۇ نىڭدىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بولدىكى، قارلىق تاغ ھاۋارايىدا روشەن ئىسسىش بولغان، نەتىجىدە سىبىرىيە چىكەتكىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىدا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، بۇ خىل مۇھىتتىن شاللىنىپ كەتكەن.
ئويلاپ باقايلى بۇ يەردە ياشايدىغان ئۆسۈملۈك ۋە ھاشارەتلەر بولسا، موشۇ ئىكولوگىيلىك مۇھىتتىكى مۇھىم ھالقىلار بولۇپ، ئىكولوگىيلىك تەڭپۇڭلۇق ئۈچۈن ئەھمىيتى زور ! موشۇنداق ئەھۋال داۋاملاشقاندا باغداش قارلىقى قانداق قىسمەتلەرگە ئۇچىرار-ھە؟؟؟!!!
سىزمۇ بۇ مۇھىتتىن شاللىنىپ كېتىشنى خالىمىسىڭىز، بىر سەپتە بولۇڭ!!!
[ بۇ يازمىنىbaghdaxhanدە2011-08-17 09:05قايتا تەھرى ]