ئەسسالام ئەلەيكوم «qintax»، مۇنداق ئەخلەت تېمىنى يوللاشتىن خىجىللىق ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟
پەيغەمبىرىمىز يەنە: «نىكاھتا ئايالنىڭ تۆت تەرىپى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ: مال ـ مۈلكى، خۇشپىچىم ـ گۈزەللىكى، يۈز ئابرۇھى ۋە دىنىي ئېتىقادى. سىلەر ئەلۋەتتە ئېتقادلىق ئايالنى تاللاڭلار. شۇندىلا ئائىلە بەرىكەت تاپقۇسى» دېگەن.شۇنىڭدەك: «ئاياللارنى پەقەت چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈنلا نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار، چىرايى ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى يامانلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ئۇلارغا مال ـ دۇنياسى ئۈچۈنمۇ ئۆيلەنمەڭلار، مال ـ دۇنيا ئۇلارنى يولدىن ئازدۇرۇشى مۇمكىن. ئاياللارغا ئېتىقادى ۋە ئەدەب ـ ئەخلاق، قائىدە ـ يوسۇن بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆيلىنىڭلار. شۈبھىسىزكى، كۆڭلىكى يىرتىق، كۆڭلى سۇنۇق بولسىمۇ ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، قائىدە ـ يوسۇن ۋە شەرم ـ ھايالىق ئايالغا ئۆيلىنىش ناھايىتى قىممەتلىكتۇر.
كۆپچىلىك ئالىملار، ئۆيلىنىش ئىشىدا يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىشنى، بولغۇسى كېلىننى ئادىللىق بىلەن (غەرەزسىز ھالدا) تاللاشنى تەۋسىيە قىلىشىدۇ. كېلىننىڭ بويى كۈيئوغۇلدىن بەك پاكارمۇ، بەك ئېگىزمۇ بولماسلىقى مۇۋاپىق دەپ قارالغان. كېلىن تاللاشتا تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر.
ئاھ ـ ۋاھ ئۇرۇپ، ھەممە نەرسىدىن زارلىنىدىغان.
قىلغان خىزمىتىنى مىننەت قىلىدىغان.
يات ئەرلەرگە كۆز قۇيرۇقىدا بولسىمۇ قانداقتۇر غەيرى مۇددىئا بىلەن قارايدىغان.
تاشقىرىدا ياسىنىپ ـ تارىنىپ، ئۆي ئىچىدە پاسكىنا، تەرتىپسىز كىيىنىدىغان.
ئىتائەتسىز،كىبرىـ تەمەننالىق، قوپال قىزلارنى ھەمراھلىققا تاللاشقا قەتئىي بولمايدۇ
.،بولغۇسى كېلىنچەكنى تاللاشتا ئۇنىڭ قايسىي خىسلەتلىرىگە ئاساسلانسا مۇتلەق ئاداشماسلىق مۇمكىن؟
ئىمام غەززالىينىڭ «نىكاھ ئەدەبلىرى» ناملىق رىسالىسىدە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تاللاشتا تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقى تەكىتلەنگەن:
بولغۇسى كېلىننىڭ دىيانەتلىك، ئېتىقادلىق، شەرم ـ ھايالىق بولۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، يۇقىرىدا تەكىتلەپ ئۆتۈلگىنىدەك، ھەقىقىي دىيانەتلىك ئايال كۆپ جەھەتتىن ئېرىگە ساداقەتمەن كېلىدۇ .
ياخشى ئەخلاقلىق بولۇشمۇ ناھايىتى زۆرۈردۇر. چۈنكى شاللاق، خۇيى يامان، قانائەتسىز، بۇزۇق ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ياخشى مىجەزلىك، ئەدەب ـ ئەخلاقلىق پەرزەنتلەرنىڭ تۆرىلىشى ناتايىن.
شۇ سەۋەبلىك بولغۇسى كۈيئوغۇللارغا مىننەتنى راۋا كۆرگۈچى، شەھۋەتپەرەس، مال ـ دۇنياغا ھېرىسمەن، مەمەدان، قانائەتسىز، كوچىغا چىققاندىلا ياسىنىدىغان، ئازراق خاپا بولۇشقاندا ئۆيدىكى نەرسىلەرنى ئايرىشقا تۇرىدىغان بەد قىلىق قىزلار بىلەن ئائىلە قۇرۇشتىن ساقلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ
بولغۇسى كېلىننىڭ گۈزەل، خۇشچىراي بولۇشىمۇ زۆرۈر شەرتلەردىندۇر. چۈنكى، مۇھەببەت رىشتىسىنى باغلىغۇچى ئامىللاردىن بىرى چىراي گۈزەللىكىدۇر. كۆرۈمسىز ئايالنىڭ چېھرىسى تېزلا كۆڭۈلنى سوۋۇتۇشى مۇمكىن. ئەمما گۈزەللىك دىيانەت ۋە ياخشى مىجەز ـ خۇلقلاردىن ئايرىلماسلىقى لازىم. دىيانەتسىز ۋە بەدخۇلۇق ئايالنىڭ چېھرە گۈزەللىكى ئۇنى پاھىشىلىككە يېتەكلىشى مۇمكىن.
يۇقىرىدىكى ھادىسىلەردە دىيانەتلىك ئايالغا ئۆيلىنىش تەۋسىيە قىلىنغانلىقى، گۈزەللىككە ئىنتىنلىشنى ئەسلا ئىنكار قىلمايدىغانلىقىنى توغرا چۈشىنىش لازىم.
كېلىنگە بېرىلىدىغان قىز مېلىنىڭ ئاز بولۇشىمۇ ئېسىل خىسلەتلەردىندۇر.
مەلۇمكى، قىز مېلى كىئوغۇل تەرىپىدىن بولغۇسى كېلىنچەككە مۈلۈك سۈپىتىدە بېرىلىدۇ. قىز مېلى كېلىن ۋە ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى تەرىپىدىن قانچىلىك ئاز سورالسا، شۇنچە ياخشى دەپ قارىلىدۇ،
ئاياللارنىڭ ئەڭ ۋاپادارى، چىراي جەھەتتىن ئەڭ گۈزەل ۋە قىز مېلى يەڭگىل بولغانلىرىدور .
شۇنىڭدەك، «ئايالنىڭ ئەرگە تېگىشى، تۇغۇشى ۋە قىز مېلىنىڭ يەڭگىل بولۇشى ئۇنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىدىندۇر» دېيىلگەن.
كۈيئوغۇلنىڭ كېلىننىڭ مال ـ دۇنياسىنى كۆزلەپ ئۇنىڭغا ئۆيلىنىشى ئەڭ ئېغىر خاتالىق ۋە قاملاشمىغان ئىشتۇر. ئالىملاردىن بىرى: «كىشى ئۆيلەنگەن ھامان ‹ئەجەبا، ئايالىمنىڭ بىرەر نەرسىسى بارمىكىن؟› دېسە، بىلىش كېرەككى، ئۇ ئەر شەكسىز ئوغرىدۇر» دېگەن. قۇدا تەرەپلەر بىر ـ بىرىگە ھەدىيە قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭراقىنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا كۆز تىكىشمۇ پەسلقكنىڭ بەلگىلىرىدىندۇر.
تويلاردىكى دەبدەبىلەر، قىزلىق مېلىنى زىيادە تەلەپ قىلىش ۋە كۈيئوغۇللارنى مال ـ دۇنياسى بار ـ يوقلۇقىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۆرپ ـ ئادەت ۋە مۇسۇلماندارچىلىقلىرىمىزغا خىلاپ ئىشلاردۇر.
كېلىننىڭ تۇغۇش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇشىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر.
دەرھەقىقەت، كۆپچىلىك ئالىملار ھامىلدار بولۇش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم ئاياللارغا ئۆيلىنىشتىن ساقلىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى قەيىت قىلىشقان.
چۈنكى، رەسۇلىللاھ: «سۆيۈملۈك ۋە تۇغالايدىغان ئاياللارغا ئۆيلىنىڭلار» دېگەن. ئەگەر ئايال بۇرۇن تۇرمۇش قۇرمىغان بولسا ۋە تۇغماسلىقى بىلىنمىسە، ئۇنىڭ ساغلاملىقى ۋە يېشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. چۈنكى ئايال قانچىلىك ياش ۋە ساغلام بولسا تۇغۇش ئىمكانىيىتى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. چۈنكى زامانىۋى تىبابىتىمىزمۇ 28 ياشقىچە ھامىلدار بولمىغان ئاياللاردا كېيىنچىرەك تۇنجى تۇغۇت جەريانىدا كۆپلىگەن ئاسارەتلەرنىڭ ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ.
ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا تاللانغان قىز پاك بولۇشى لازىم. چۈنكى، رەسۇلىللاھ بىر جۇۋانغا ئۆيلەنگەن ساھابىگە: «نېمىشقا قىزغا ئۆيلەنمىدىڭ؟» دەپ تەنبىھ تەرىقىسىدە سۇئال قويغان. پاكلىقتا ئۈچ پايدىلىق تەرەپ مەۋجۇت ئىكەن.:
پاك كېلىنچەك تۇنجى دوست قەدرىنى ھېس قىلغانلىقى سەۋەبلىك، پەقەت ئۆزى بىلگەن ئەرنىلا سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۇپايىلىنىدۇ ھەمدە بۇرۇن ئەرلەر بىلەن ئارىلاشقان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېرىگە ساداقەتمەن، مېھىر ـ مۇھەببەتلىك بولىدۇ .
ئايالنىڭ نەسىل ـ نەسەبلىك، يەنى ئېسىلزادە بولۇشىمۇ تۇرمۇشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
قەدىمكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ «يەتتە ئەۋالادىنى سۈرۈشتۈرۈشى» بىكاردىنلا پەيدا بولغان قائىدە ئەمەس. ئېسىل نەسەبلىك، دىيانەتلىك قىزلارلا كەلگۈسىدە ئىپپەتلىك، ئەخلاقلىق ئايال بولۇپ، ياخشى پەرزەنتلەر، ساغلام ئەۋلادلارنى تەربىيلەشكە قادىرلاردۇر. بۇ ئورۇندا ئېرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈشمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە
ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا تاللانغان ئايال(نەۋرە)دىن يېقىن تۇغقان، قېرىنداشلاردىن بولماسلىقى شەرت.
چۈنكى، پەيغەمبىرىمىز: خەتەرلىك ئاقىۋەتلەردىن بىزنى ئاگاھلاندۇرغان.
ھېسىياتنىڭ جۇشقۇن ھەم كۆتۈرەڭگۈلۈكىمۇ نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك. چۈنكى زامانىۋى تىببىي ئىلىممۇ بۇنداق بولۇشنىڭ ئائىلىنىڭ بەخىتلىك ۋە ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
ئەلۋەتتە، ساغلام تۇرمۇش تەرەققىياتىنىڭ ناتونۇشلار ئارىسىدىكى نىكاھ ئارقلىق ياخشى مۇۋەپپقىيەتكە ئېرىشىدىغانلىقى تىببىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ نۇرغۇن يىللىق تەجرىبىلىرىنىڭ يېغىندىسى.
كېلىن تاللاش خۇسۇسىدا ساھىبقىران ئەمىر تۆمۈر بوۋىمىز شۇنداق دېگەن: «ئوغۇللىرىم، نەۋرىلىرىم ۋە يېقىنلىرىمنى ئۆيلەندۈرۈش تەشۋىشىدە كېلىن ئىزدەشكە ئېتىبار بەردىم. بۇ ئىشنى دۆلەت ئىشلىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويدۇم. كېلىن بولغۇچىنىڭ نەسىل ـ نەسەبىنى، يەتتە ئەۋلادىنى سۈرۈشتۈردۈم. خاس ئادەملەر ئارقىلىق سالامەتلىك ئەھۋالىنى، جىسمانىي كامالىتىنى ئېنىقلىدىم. كېلىن بولغۇچىنىڭ نەسىل ـ نەسەبى، ئەدەب ـ ئەخلاقى، ساغلام ۋە بەقۇۋۋەتلىكى بىلەن بارچە قۇسۇرلاردىن خالىي بولسىلا، ئەل ـ يۇرتقا چاي بېرىپ، كېلىن ئەكىردىم»-
[ بۇ يازمىنىbaghdaxhanدە2011-04-22 10:05قايتا تەھرى ]