turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«1234»Pages: 1/4     Go
بۇ تېما 6263 قېتىم كۆرۈلدى
ayshemhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3162
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 28 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 28 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قېرىنداشلىرىمغا يۈرەك سۆز ( ئايشەم تورتخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى)

 
قېرىنداشلىرىمغا يۈرەك سۆز
                                                       ئايشەمخان ئەمەت 
                                                                             ( ئايشەم تورتخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى) 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم، ئالدى بىلەن ئۇزاقتىن بۇيان مېنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، ماڭا ئىشەنچ ۋە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغانلىقىڭىزلارغا، تىجارىتىمگە بەرىكەت ياغدۇرغانلىقىڭىزلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.ماڭا ئىشەنگەن دىلداشلىرىمغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.بارلىق قەۋم-قېرىنداشلىرىمغا مىڭلارچە تەشەككۈر ئېيتىمەن. سىزلەرگە ئامان-ئېسەنلىك، خاتىرجەملىك، ۋە بەخت تىلەيمەن.

شۇ تاپتا مەن ۋەزنى ئېغىر مۇرەككەپ ھېسسىياتتا قولۇمغا قەلەم ئالدىم. جەمئىيەتكە نېمە دېيىشىم، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۇئاللار بېشىمنى قوچىۋەتتى.ئەسلىدە ھالال ئەجر-مېھنەتلىك تىجارىتىم ئۆز يولىدا تەرتىپلىك داۋام قىلىدۇ، تىجارەت داۋامىدا يا ئۇنداق، يا مۇنداق ئوڭۇشسىزلىقلار بولغان تەقدىردىمۇ بۈيۈك مەنزىل-نىشانىمغا يېتىشكە توسالغۇ- پۇتلىكاشاڭ بولالمايدۇ دەپ ئويلايتتىم.ئەپسۇس، تىجارىتىم ئەل قاتارى يۈرۈشۈپ ئۆزەمگە ۋە ھالال مېھنەتلىك تىجارىتىمگە بولغان ئىخلاس-ئىشەنچىم كۈچىيىپ ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىغان كۈنلەردە تىجارەت دەرىخىمگە ئۈشۈك تەگكەندەك تۇيۇقسىز ئەندىكىپ كەتتىم. بۇ ئەندىكىش ئارامىمنى بۇزدى. تىجارىتىم تىجارەت، ئۇيقۇم ئۇيقۇ بولمىدى. ئۆزەمگە ۋە تىجارىتىمگە بولغان ئىشەنچىم ئەۋجىگە چىقىپ كەلگۈسىدە قىلماقچى بولغان خەير-ئېھسانلىق ئىشلىرىم رېئاللىققا يېقىنلىشىۋاتقاندا، ماڭا «كۆز تەگدى»، پىتنە-ئىغۋالار ئاستا-ئاستا ئەۋجىگە چىقىپ كەچكۈز غازاڭلىرىدەك ھەممە يەرنى قاپلىدى. بەدنىيەتلەر ماڭا چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان قاپقارا بەدناملارنى چاپلىدى. ھاياتلىقتا يېمىگەن مانتىغا پۇل تۆلەشتىن، پاكىت-ئاساسسىز ئاھانەتكە قېلىشتىن ئارتۇق ئازاب بولمىسا كېرەك. چۈنكى ماڭا چاپلانغىنى لاي-لاتقا ئەمەس، بەلكى بەدنام، شەنىمنى بۇلغاۋاتقىنى ئەمەلىيەت ئەمەس، بەلكى سېپى ئۆزىدىن چەك باسمايدىغان پىتنە-پاسات.

جەمئىيەت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.تەرەققىيات---مۇقەررەر يۈزلىنىش، تەرەققىياتقا ياندىشىپ مېڭىش ھاياتلىقتىكى مۇھىم مەشغۇلات.ياشاشتىكى مەقسەت-مۇددىئا، غايە-ئىستەك يەپ-ئىچىش، ئويناپ -كۈلۈش، كۈن ئۆتكۈزۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا ھاياتتا نېمە مەنا، نېمە قىممەت بولسۇن؟ ئادەم ياشىغاندىكىن جەمئىيەتكە، ئادەملەرگە تەسىر كۆرسىتىشى، تەرەققىياتقا چامىنىڭ يېتىشىچە تۆھپە قوشۇشى كېرەكقۇ؟ جەمئىيەت مۇرەككەپ بولىدۇ، ئادەملەر تېخىمۇ شۇنداق. ئۆزىگە ئەقىل-ئىدراك، ئىنساپ-دىيانەتنى ھەمراھ قىلغانلار مۇرەككەپ جەمئىيەت قاينىمىدا پۇت تىرەپ تۇرۇپ مەنزىلىگە يۈرۈش قىلالايدۇ، ۋاقىتلىق مەنپەئەتنىڭ دامىغا چۈشۈپ شەخسىي ھالاۋىتى، پايدىسى ئۈچۈن ھېسسىياتنىڭ قۇلى، شېرىكى بولغانلار شەخسىي راھەت-پاراغەت ۋەسۋەسسىدە پىتىراپ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتلىق مۇساپىسىنى زايە قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ قولىدىن ئاۋامغا پايدىلىق نېمە ئىش چىقسۇن دەيسىز؟ ئۇلار پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدۇ، خىيال-پىكىرى ئۆزىدىن ھالقىيالمايدۇ. بۇنداق بىھۇدە ھاياتنىڭ نېمە قىممىتى، ئەھمىيىتى بولسۇن؟ ھايات مۇساپىسى تولىمۇ قىسقا، شۇڭا، ئۇنى قەدىرلەش، قىسقىغىنە ھاياتلىق پۇرسىتىدە باشقىلارنى ھىدايەتكە، سائادەتكە، ئەقىل-پاراسەتكە يېتەكلەش كېرەككى، ھەرگىزمۇ شەخسىي پايدا-مەنپەئەتنى چىقىش قىلىدىغان ھېسسىياتنىڭ قۇلى، يەمچۈكى بولماسلىق كېرەك.مەن ئاددى بىر ئايال، مەسئۇلىيەتچان ئانا.مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغان ئىشلار چەكلىك، ئەمما بەزى ئىشلارغا قۇربىم يېتىدۇ. دۇنيادا ماڭا ئوخشاش ئاياللار، ئانىلار قىلالايدىغان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس. مەن قولۇمدىن كېلىدىغان ئىشنى قىلدىم ھەم بىر باشقا ئېلىپ چىقتىم، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە ئۆزەمنىڭ ماركىسىنى ياراتتىم.كەڭ جامائەتچىلىك مەندىن خۇرسەن بولدى، رازى بولدى. قېرىنداشلىرىمنىڭ خۇرسەنلىكى كۆزۈمنى ئاچتى، ماڭا تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى.10يىلدەك تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۆزەمگە خاس يول ئاچتىم. نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمدا ئېچىلغان «ئايشەم تورتخانىسى»نى بىلىدۇ، ئەمما مېنىڭ كىملىكىمنى، ئەسلىمنى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس.چۈنكى مەن نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزەم باشلىغان تىجارەت يولىدا ئۈن-تىنسىز ماڭدىم، دوست-بۇرادەرچىلىك چەمبىرەكلىرىدىن ئۆزەمنى دالدىغا ئالدىم. ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ پەللىسىگە چىقتىم. بىراق كۈتۈلمىگەندە بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدىم. پۈتۈن ئەتراپىمنى ھەتتا مېنى مۇشۇ كۈنگە ئېرىشتۈرگەن ئانا دىيارىمنى پىتنە-ئىغۋالار قاپلاپ كەتتى، پىتنە-ئېغۋالاردىن شۈركەندىم. ئىغۋا تارقىتىش ئېغىر گۇناھ، ئۆز نۆۋىتىدە ئىغۋاغا ئىشىنىشمۇ گۇناھ.ئېغۋا دېگەنلەر ھامان بىر كۈنى توزغاقتەك توزۇپ كېتىدۇ. بىزدە « ھەقىقەت ئېگىلىدۇ، سۇنمايدۇ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار.ئىشەنچىم كامىلكى، ئاق كۆڭۈل، ئېتىقاد-ئەقىدىلىك قېرىنداشلىرىم نېمىنىڭ ئاق، نېمىنىڭ قارىلىقىنى ئەقىل كۆزى بىلەن ئاڭقىرىپ كېتەلەيدۇ. ئىشنىڭ ماھىيىتىگە، تېگى-تەكتىگە يېتەلەيدۇ. چۈنكى قېرىنداش قېرىنداشنىڭ قاياشى.

كونىلار «بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساڭ، بىر ئەقىل تاپىسەن» دەپتىكەن. مەن بىر ياكى بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئالدىدا ئۇيات-ئاھانەتكە قالمىدىم.بەلكى ئۆز قېرىنداشلىرىم، پۈتكۈل جەمئىيەت ئالدىدا ماڭا تېگىشلىك بولمىغان ئېغىر ئىزا-ئاھانەتكە قالدىم.بۇنداق ئاقىۋەتكە ئۆزەم سەۋەپچىمۇ ئەمەس، كىمنىڭ، قايسى بىر ھەسەتخورنىڭ مېنى بۇنداق كۈتۈلمىگەن بەدنامغا قويغانلىقىنى بىلىشكە ئۈلگۈرمىدىم. بىزدە «ئۆتكىلى بولمايدىغان قىر يوق، يەشكىلى بولمايدىغان سىر» دېگەن ماقال بار. سىرنىڭ ھامان بىر كۈنى يىشىلىدىغانلىقىغا، ئىغۋاچىلارنىڭ جەمئىيەت ئالدىدا شەرمەندە، رەسۋا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.مەن بىر مۆمىن-تەقۋادار ئائىلىنىڭ پەرزەنتى، يولدىشىممۇ شۇنداق.كىچىكىمدىنلا ياخشى بىلەن ياماننى، ئاق بىلەن قارىنى، ھەق بىلەن ناھەقنى پەرق ئېتىپ كەلگەنمەن.شۇڭا، مەيلى ئائىلىدە بولسۇن، جەمئىيەتتە بولسۇن يۈزى تـۆۋەن،ئوچۇق سۆزلۈك ئايال، مەسئۇلىيەتچان، تەقۋادار ئانا سۈپىتىدە ياشاپ كەلدىم. كۆپ ئادەمگە ئارىلاشمىدىم.قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەتلەردىن خالىي ھالدا ئۆزەمنىڭ كىچىككىنە دۇنياسىدا كۈنلىرىمنى خاتىرجەم ئۆتكۈزدۈم.يولدىشىم بىلەن ئىناق-ئىجىل ياشىدۇق، ئائىلە شارائىتىمىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر مەزگىل باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلىدۇق، جاپادىمۇ، راھەتتىمۇ بىللە ياشىدۇق.2000-يىلى ئىككىمىز خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن بىر مەزگىل تېڭىرقىدۇق. بۇ جەريانىدا ھۈنەر ئۆگەندىم. «ھۈنەر قىلساڭ ئۈنەر»دېگەندەك پېچىنە-پىرەنىك كەسپىدە مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەندىن كېيىن، ئۆز ئالدىمغا بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن «ئايشەم تورتخانىسى» دېگەن نامدا دۇكان ئاچتىم.تىجارەت داۋامىدا خېرىدارلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ تۇردۇم ۋە تىجارەتكە پايدىلىق دەپ قارىغان تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىپ، تىجارەت شارائىتىمنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدىم.ئاخىرى پۇلمۇ تاپتىم، نام-شۆھرەتمۇ قازاندىم، خېرىدارلىرىم مەندىن مىننەتدار بولدى، تىجارەت شارائىتىمىز ياخشىلاندى.بۇ يىل ئەتىيازدا تۆت كوچىدىكى دۇكاننى ئۆزگەرتىپ بېزەتكەندىن كېيىن، خېرىدارلار مەندىن تېخىمۇ مەمنۇن بولدى.تىجارەت دائىرىمىزنىڭ كېڭىيىشىگە، خېرىدارلىرىمىزنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ تارماق دۇكانلارنى ئاچتىم، كۆڭلۈمگە نۇرغۇن ئارزۇلارنى پۈكتۈم. مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئورنى قۇرۇش ئىدى.دۆلىتىمىزدە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.كەلگۈسىدە ياشانغانلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى ياخشى ئۆتكۈزىشى ئىنتايىن مۇھىم مەسلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بىز قېرىغاندا بالىلىرىمىزغا ئېغىرچىلىقىمىزنى سالماي ئاخىرقى ئۆمرىمىزنى تەڭتۈش موماي، بوۋايلار بىلەن ھال-مۇڭ قىلىشىپ ئۆتكۈزسەك.....دەپ ئويلايتتىم، بىراق جەمئىيەتتە پىتنە-ئىغۋا تارقالغاندىن بۇيان بۇ ئارزۇلىرىم كۆپۈككە ئايلانغاندەك مەيۈسلەندىم، ئىچىمنى مۈشۈك تاتىلاۋاتقاندەك ئازاپلاندىم، قانداق بولۇپ بۇنداق دەلىل-ئىسپاتسىز ئىغۋالار تارقىلىدۇ؟ قېرىنداشلىرىمنى شەكلەندۈرىدىغان خۇرۇچ ئىشلەتكىنىمنى زادى كۆرگەن ئادەم بارمۇ؟ بار بولسا پاكىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقسا بولمامدىغاندۇ؟ ئۇلار نېمىگە ئېرىشمەكچىدۇ؟ كاللامدا تۈمەن مىڭ سۇئال، سۇئاللار  جاۋابسىز ئۆتمەكتە.بەزىدە «قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا، تاۋۇز يېيىشتىن قورقما» دېگەن ھېكمەتنىڭ دەۋىتى بىلەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆزەمنى يەڭگىل ھېس قىلىمەن. تۇرۇپلا ئىغۋانىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالغاندەك ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتىنىپ كېتىمەن. مۇشۇ كۈنلەردە پىتنە-ئىغۋا شۇ قەدەر يامراپ كەتتىكى، ماڭساممۇ، تۇرساممۇ، ياتساممۇ، ئۇخلىساممۇ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كېتىدۇ.بەزىدە «ھەي ئايشەم، سەن خېرىدارلىرىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغان، ئۇلارنى بۇلغايدىغان زەررىچە گۇناھ ئۆتكۈزگىنىڭ يوق تۇرسا، قەددىڭنى تىك تۇتۇپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋەرمەمسەن؟ سەن ھەممە نېمەڭدىن مەھرۇم قالغان تەقدىردىمۇ ئېتىقادىڭدىن مەھرۇم قالمايسەن، سېنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىڭ ئېتىقاد، ئۈمىد، ئىشەنچ، مېھر-مۇھەببەت» دەپ كېتىمەن. 

ئەمەلىيەتتە مەن قېرىنداشلىرىمغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلغىنىم يوق.شۇنداق گۇناھ سادىر قىلغان بولسام ئەجدادلىرىمغا ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمغا قانداق جاۋاب قايتۇرىمەن؟ بۇ ئىشنى قانداق چۈشەندۈرىمەن؟

جەمئىيەتتە ئىغۋا يامراپ كەتتى.ئىغۋا يالغان، چەك باسمايدىغان، پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان، پاكىتسىز سۆز-چۆچەك، ئۆتكۈنچە شامال. بىزنى قانۇن باشقۇرىدۇ، مەن بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن تىجارەتتە ئىسلام شەرىئىتىگە بويسۇنۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە زىت كېلىدىغان ئىشنى سادىر قىلمىدىم، ناۋادا تورتخانامدىن چاتاق چىققان بولسا، ئۇنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدىغان ئورۇنلار بار، قانۇن بار.ئىغۋا مەنبەسىنى تېپىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ، بۇ ئىشقا قانۇن ئورۇنلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىغۋا تارقاتقۇچىنى تېزدىن ئېنىقلاپ چىقىپ، جامائەتكە ئىشنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاشكارىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئۇنداق بولمىغاندا قومۇللۇقلارنىڭ شەنىگە ئۆچمەس داغ چۈشىدۇ. مەن ئەزەلدىن خېرىدارلارنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدىم. شۇڭا، تورتخانىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق تەكلىپلەرنى بىجا كەلتۈردۈم، مۇلازىملارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۈم.جەمئىيەتتە ئىغۋا تارقالغاندىن كېيىنمۇ خېرىدارلار بىزگە ناھايىتى ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى .بۇ تەكلىپلەر ئىچىدە كەسىپ نازارەتچىسى، قانۇن مەسلىھەتچىسى، تەرەققىيات مەسلىھەتچىسى تەكلىپ قىلىش، قانۇنلۇق رەسمىيەتلەرنى كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە ئېسىپ قويۇش، پىششىقلاش ئىشلەش تەرتىپىنى ئاممىغا ئېچىۋېتىش، فورما كىيىپ ئىش ئورنىغا چىقىش قاتارلىق تەكلىپلەر ناھايىتى ئورۇنلۇق ھەم زۆرۈر بىلىندى، ئىلگىرى مۇشۇ ھالقىلارغا سەل قارىغانلىقىمىزنى ھىس قىلدىم.دېمەك، مۇتلەق كۆپ ساندىكى خېرىدارلىرىمىز بىزگە ئىشىنىدۇ، بىزدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ.بۇنىڭدىن كېيىن ئىغۋالارغا پىسەنت قىلماي، تىجارىتىمىزنى تېخىمۇ زور ئىشەنچ، غەيرەت-شىجائەت بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز. مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى داۋاملىق ھالال، پاكىز، ھەر خىل مەززىلىك، قۇۋۋەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن تەمىنلەيمىز.

2012-يىلى تورتخانىمىز قۇرۇلغانلىقىغا 10يىل بولىدۇ. ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق قىلىپ تورتخانا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10يىللىقىنى ئەھمىيەتلىك، داغدۇغىلىق خاتىرىلەيمىز. كونا-يېڭى خېرىدارلارنىڭ تەنقىد-پىكىرلىرىنى ۋە مەسلىھەت تەكلىپلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز. چۈنكى « ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك»، « كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ»، پىتنە-ئىغۋالار مۇستەھكەم، ئىرادە-ئېتىقادىمىزنى ھەرگىز تەۋرىتەلمەيدۇ، ئىشىكىمىز كۈندە ئوچۇق، تىجارىتىمىز داۋاملىشىۋېرىدۇ.ھەسەت، پىتنە-پاساتنىڭ بازىرى كاسات، خېرىدارلارنىڭ ھەققانى مەيدانى، لىللا سۆزلىرى بىز ئۈچۈن ئەڭ كاتتا ئىنئام ۋە مۇكاپات!

ئاخىرىدا، كەڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلەرنىڭ ئىغۋالارغا ئىشەنمەي، ئېتىقادىمنىڭ مۇستەھكەملىكىگە، ئىمانىمنىڭ كامىللىقىغا ئىشەنگەن ئاساستا، ئەمدى باش كۆتۈرىۋاتقان مىللىي كارخانىمىزنى بۇرۇنقىدەكلا قوللىشىنى، تورتخانىمىزنى نازارەت قىلىشىنى ۋە بىرلىكتە باشقۇرۇشىنى، بىزگە پىكىرداش، سەپەرداش، ھەمنەپەس بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.ھەممىمىز ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئورتاق كۈچ چىقىرايلى. مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، ئەنئەنىلىرىگە چىن ئىخلاسىمىز بىلەن ۋارسلىق قىلايلى. قېرىنداشلىق رىشتىمىز ئورۇنسىز پىتنە-ئىغۋالار سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن. بۇ جەھەتتە بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ بىزگە ئىشىنىشىنى ئىمان-ئېتىقادىم ۋە چىن ئىخلاس ئەقىدەم بىلەن سورايمەن.

 

 

 

 


[ بۇ يازمىنىilimدە2011-09-23 09:12قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ilim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-22, 18:28
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-22 18:25 |
rambo888
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3357
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەگەر سىز ئۇندا ق خۇرۇچلارنى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز  ئۇخۇرۇچلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قولىڭىز بىلەن ياساپ چىكتىڭىزمۇ؟  ئۆزىڭىز ياسىمىغان بولسىڭىز ئۇنى قەيەردىن كىزگۈزدىڭىز ؟ ئۇنىڭ تەركىبىدە قانداق ماددىلار بارلىقىنى ئېنىق بىلەمسىز ؟  بىزنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستىما قىلشىغا بولمايدىغان تەركىبلەرمۇ بارمۇ يوق ؟  سىز ئەگەر مۇشۇلارغا ئىشەنچ قىلالىسىڭىز  ئۇنداقتا بۇلارنى جەمىئەتكە ئاشكارلاڭ ، نىمىنى قەيەردىن كىزگۈزىسىز؟ نىمىنى كىمدىن ئالىسىز ،نىمىگە نىمە خۇرۇچلارنى ئىشلەتتىڭىز............دىگەندەك ، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن جەمىئەتتىكى كىشىلەرنىڭ نازارەت قىلىشىغا ، ئىشىنىشىگە ئېرىشەلەيسىز .
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-22 19:34 |
arik
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3264
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 23
شۆھرەت: 125 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 125 سوم
تۆھپە: 73 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 73 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 232(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

./read.php?tid=3551 يۇقىرىدىكى تورداش بۇ ئۇلانمىدىن سۇئالىڭىزغا جاۋاپ تېپىپ چىقىشى مۇمكىن  
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-22 19:53 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 973
شۆھرەت: 5404 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5377 سوم
تۆھپە: 3177 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3160 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2927(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يارايسىلەر !!!
ھەسەلدىن قىل ئىزدەپ ھۈپۈپنى يۇڭدىماي يەيمىزغۇ زادى ؟!!!
بىرئايالنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى شېپى كەلتۈرىشىمۇ سىلەرنى ئىشەندۈرەلمىگەن بولسا سىلەرگە قول قويدۇم.
ئايشەمخان ئاچا، قومۇلغا بارسام  تورتخانىلىرىدىن چوقۇم تورت يەپ، مارۇژىن ئىچىپ كىلىمەن.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-22 22:44 |
alnur
ئىنسانسەن، ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر،بولسۇن ھەم ..

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 62
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 625
شۆھرەت: 3383 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3378 سوم
تۆھپە: 1986 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1995 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 279(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۈمىدلىك ياشىسىلا ، پېتنە-ئىغۋالارمۇ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بېسىقىپ قۇلاقلىرى تىنجىپ خاتىرجەم بولۇپ قالارلا. كىم بىلىدۇ، شۇ ئىغۋا تارقاتقۇچىلار تېخى تورتخانىلىرىغا بىمالال كىرىپ چىقىپ مېزىلىك تورت، تەملىك سەيلەردىن ھوزۇرلىنىپ يەپ ئولتۇرۇپتىمۇ تېخى!
تاراتىنى قومۇلغا كەلگەندە ئۆزۈم تورتخانىلىرىغا باشلاپ كىرىمەن، 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگىمۇ اللاھ نىسىپ قىلسا چوقۇم قاتنىشىمەن.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-22 22:57 |
oguzhan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 566
شۆھرەت: 2915 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2916 سوم
تۆھپە: 1735 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1735 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1339(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   كېلەر  يىل  بولىدىغان   تورتخانا   قۇرۇلغانلىقىنىڭ  10  يىللىق  خاتىرىلەش  پائالىيىتىنىڭ   مۇۋاپىقىيەتلىك  ،  داغدۇغۇلۇق  ۋە  ئەھمىيەتلىك  بولىشىنى  تىلەيمەن  .
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-22 23:04 |
pahrim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3315
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 21 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 21 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېنىڭچە   مۇلازىملارمۇ    مۇقىم   بولسا،   ئاڭلىسام   بەزى مۇلازىملارمۇ  بۇ ئىشلارنى   كۆرگەن  .
تورتخانا   قۇرۇلغانلىقىنىڭ  10  يىللىق  خاتىرىلەش  پائالىيىتىنىڭ   مۇۋاپىقىيەتلىك  ،  داغدۇغۇلۇق  ۋە  ئەھمىيەتلىك  بولىشىنى  تىلەيمەن  .
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-23 00:20 |
guljannat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2076
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 857 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 847 سوم
تۆھپە: 484 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 487 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 356(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى ئادەملەرگە ياخىشىلىقلار  ھەمرا بولىدۇ،  
  ئاللا  ھەممىگە  تىنىچ ئامانلىقنى بەرسۇن.....................
[ بۇ يازمىنىilimدە2011-09-23 10:40قايتا تەھرىرلىدى ]
hawar
يازىمەن دەپ يازالمىدىم، يازمايمەن دەپ تۇرالمىدىم
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-23 00:26 |
uyghur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 618
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 168
شۆھرەت: 1003 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1019 سوم
تۆھپە: 588 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 599 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 287(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى taratiدە2011-09-22 22:44يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
يارايسىلەر !!!
ھەسەلدىن قىل ئىزدەپ ھۈپۈپنى يۇڭدىماي يەيمىزغۇ زادى ؟!!!
بىرئايالنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى شېپى كەلتۈرىشىمۇ سىلەرنى ئىشەندۈرەلمىگەن بولسا سىلەرگە قول قويدۇم.
ئايشەمخان ئاچا، قومۇلغا بارسام  تورتخانىلىرىدىن چوقۇم تورت يەپ، مارۇژىن ئىچىپ كىلىمەن.

ما مۇنبەردە گۈپ ئاتماي  بىر كىرىپ يەڭە
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-23 09:25 |
karwan@
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2277
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 199
شۆھرەت: 1033 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1034 سوم
تۆھپە: 615 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 616 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 296(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   قۇمۇللۇقلار ئۆتكەندە باغداشخان يازغان چىلان ئۈزەك قۇرىتىنى يوقىتىش توغرىسىدىكى ئىلمىي پەن تېخنىكا  ماقالىسىغا سىياسى تون كىيدۈردى،ئەمدى بىخ ھالىتىدىكى بىر كارخانىغا بۇ بەدنامنى چاپلىغان بولسا قۇمۇلنىڭ سۈيىدە مەسىلە بارمۇ قانداق؟ياكى تۇپرىقىدا مەسىلە بارمۇ؟بۇنداق دېسەم قۇمۇلدىكى نۇرغۇن ئېسىل كىشىلىرىمىزگە ھاقارەت قىلغان بولىمەن،ئەمما بىر تال سېسىق ئالما بىر يېشىك ئالمىنى سېسىتىدۇ.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-23 09:26 |
karwan@
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2277
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 199
شۆھرەت: 1033 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1034 سوم
تۆھپە: 615 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 616 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 296(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

[quote]بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى pahrimدە2011-09-23 00:20يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مېنىڭچە   مۇلازىملارمۇ    مۇقىم   بولسا،   ئاڭلىسام   بەزى مۇلازىملارمۇ  بۇ ئىشلارنى   كۆرگەن  .
  بۇ جۈملە سۆزىڭىز مەسئۇلىيىتى بار جۈملە،بەزى مۇلازىملار نېمىنى كۆرگەن ئوچۇق يازسىڭىز،ياكى شۇ مۇلازىمنى ئايشەمخان تورتخانىسىغا ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئاپىرىپ نېمىنى كۆرگەنلىكىنى دەلىل ئىسپاتلار بىلەن ئىسپاتلىتىڭ،ئۇنداق قىلالمىسىڭىز سىزمۇ بىر ئېغۋاچى بولىسىز.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-23 09:34 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«1234»Pages: 1/4     Go
Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى