بۇندىن خېلى يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىن چىقىدىغان «غەربىي قىسىم »ژۇرنىلىدا بىر خەنزۇ زىيالىيسىنىڭ شىنجاڭدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئادەم ياشاشقا ماس كېلىدىغان بوستانلىقلار كۆلىمى نىسبىتىنىڭ ئاللىقاچان شاڭخەي قاتارلىق نوپۇسى ئەڭ زىچ دېڭىز بويى شەھەرلىرىنىڭكى بېلەن تەڭلىشىپ بولغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ يازغان ماقالىسىنى كۆرگەنمەن.شۇ ماقالىنىڭ تەرجىمىسىگە ئۆزۈمچە «شىنجاڭ تىللا تۆكىلىدىغان دەرەخ ئەمەس»دەپ تېما قويۇپ(ئەسلى ئەسەردىمۇ شۇنداق ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن) ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتكەن بولساممۇ ئەمما ،ئۇلار بېسىشمىدى.نېمىشقا باسمايدۇ؟چۈنكى،ئەشۇ قازان بېشىدىكىلەردىمۇ مۇستەقىل تەپەككۇردىن خالىي ھالدىكى ئەگشمە تەپەككۇرگە كۆنگەن كاللا بولغاچقا ؛ئۇلارمۇ سېپى ئۆزىدىن جانباقتى نان كۈچۈكلىرى تائىپىسىگە كىرگەچكەن . بۇ پەقەت شەخسىي غەرەزدە دېيىلگەن گەپ ئەمەس.ئومۇمىيلىقنى ئالغاندىمۇ شۇنداقلىقى ئېنىق.ئەمما،مۇتلەق بولۇشى ناتايىن .
يەنە گەنسۇدا نەشىر قىلىنىدىغان بىر ژۇرنالدا مۇفۇچۇەن ئىسىملىك بىر خەنزۇ زىيالىيسى ئۆز بېشىمچىلىق بېلەن زور كۆلەمدە بوز يەر ئېچىش بەدىلىگە تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى خالىغانچە تالان -تاراج قىلغانلىقتىن تارىم دەرياسىنىڭ ئاياق ئېقىنىدا سۇ ئۈزىلىپ قېلىپ ئېغىر مۇھىت ئاپىتى پەيدا قىلغانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلەپ يازغان «تارىم دەرياسىنى قۇتقۇزۇپ قالايلى !»ناملىق ماقالىمۇ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا زور غۇل-غۇلا قوزغىدى ھەم مەركەزنىڭ دىققىتىنى تارتىپ مەركەز مالىيىسىن پۇل ئاجرىتىپ بۇ ئانا دەريانى ئۇنۋېرسال تۈزەشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىشقا تۈرىتكە بولدى.
جاۋ خەيجۇ ۋە باشقا خەنزۇ زىيالىيلىرى «مىڭئۆيلەر نالە قىلماقتا»،«قىزىل مىڭئۆيىنى قۇتقۇزۇپ قالايلى»،«كۅسەن تاشكمىرلىرى ئۉمرىنى ئۇزارتىشقا جىددىي مۇھتاج»...قاتارلىق ماقالىلىرى بېلەن سۈنئىي ئاپەت بەدىلىگە ۋەيران بولىۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ بىباھا تەۋەرۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا،زامانىۋى تېخنىك ۋاستىلىرى بېلەن قوغداپ قېلىش ھەققىدە توختىماي چوقان سېلىپ ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
بۇلا ئەمەس يەنەلوپنۇر كۉلىدەك قۇرۇپ كتىش حەۋىپىگە دۇچار بولىۋاتقان ئىبنۇر كۆلىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش،ئۅزلىكسىز ئوعۇرلىنىش،ۋەيران بولۇش ھالاكىتىنى باشتىن كەچۅرىۋاتقان دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىعان گۇچڭدىكى دىكى تاشقا ئايلانغان ئورمانلارنى ئاسراش-قوغداش،نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋىپىگە يۈزلەنگەن شىنجاڭ ياۋا ئېتىنى كۆپەيتىش،تارىم يولۋىسىنى ئىزدەش....دېگەن تېمىلاردىمۇ يەنىلا شۇ ياڭ جىيەنگاڭ،لى يۇەن...قاتارلىق خەنزۇ زىيالىلىرى قەلەم تەۋرىتىپ ماقا ئېلان قىلدى ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا تەكلىپ سۇندى.
ۋۇجىياخۇ ئەپەندى بۇندىن 8يىل بۇرۇن ئېلان قىلغان «شىنجاڭلىقلار ھەققىدە قايتا ئويلىنىش»ناملىق ماقالىىسى بېلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قېلىش سەۋەبىنى كونكىرىتنى مىساللار بېلەن شەرھىلەپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى دادىل ئوتتۇرغا تاشلاپ، كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى ۋە ئىجدىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
بۇنداق مىساللارنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.بۇ ئەھۋال تەپەككۇرى نورمال ھەرقانداق ئادەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىىكى ئۇيغۇر زېيالىيلىرى نېمە كويدا يۈرىدىغاندۇ؟ دېگەن سوئالنى تۇغدۇرماي قالمايدۇ.
رايونىمىزدا دەرۋەقە نۇرغۇن كىرزىسكە تولغان مەسىلىلەر يوق ئەمەس.مەسىلەن مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى،مائارىپ بايلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش،ئىشسىزلىق،نامراتلىق،ئۆرىپ-ئادەت،مەدەنىي يادىكارلىق ...ساھەلىرىدىكى مەسىلىلەر تاشنىڭ سېيىدەك كۆز ئالدىمىزدا تاشلىنىپ يېتىپتۇ.ئۇنداقتا ،مۇشۇ مەسىلىلەر نېمىشقا ئۇيغۇر زېيالىيلىرىنى ئويلاندۇرمايدۇ؟ ئازاپلىمايدۇ؟ قەلەم تۇتۇشقا،زۇۋان سۈرۈشكە تۈرىتكە بولمايدۇ؟
دەرۋەقە بۇ ساھەدە ئەركىن روزىدەك مەسئۇلىيەتچان يازغۇچىلار يۇرتىمىزنىڭ مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدە «بۇ يەردە كيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار»ناملىق ئەسەرنى،مەرھۇم روزى سايىت «دېھقان بولماق تەس»نى،نۇرمۇھەممەت توختى «خوتەندىن خەت»نى يازغان بولسىمۇ ئەمما بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ سانى بەك ئاز بولۇپ،ھېچقانچە كۆلەم شەكىللەندۈرەلمىدى .يەنە خېلى بىر قىسىم ئەدىبلەر كۉز ئالدىمىزدىكى بۇنداق كونكىرىت مەسىلىلەردىن، رېياللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ سوئال سورىغى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىغان تارىخي تېمىلارغا يېپىشىۋېلىشنى مودا قىلدىكى ، كۉز ئالدىمىزدىكى بۇنداق موھىم ،كونكىرىت مەسىلىلەر تېخىچە زيالىيلارنىڭ جىددىي ئويلىنىشقا تگىشلىك ئومۇمىيلىق خارەكتىرىنى ئېلىشتىن يىراقتا قالدى.نېمە ئۈچۈن؟
بۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاب ھەرخىل بولۇشى،سەۋەبلەرمۇ رەڭگارەڭ تۈس ئېلىشى مۇمكىن.ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان دېھقانلار قورساق غېمىدە قالغاچقا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزىدىغانغا چولىسى يوق بولغاننىڭ ئۈستىگە بۇنىڭغا سەۋىيىسىمۇ يەتمەيدۇ.ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى مەنسەپ كويىدايۈرگەچكە ئۇلاردا بۇنداق مەسىلىلەرگە نىسبەتەن روھى تەييارلىق كەم.زىيالىيلىرىچۇ؟ يىغىپ ئېيىتقاندا، ئۇلارمۇ ساقتا شان-شۆھرەت ۋە جانباقتىلىق كويىدا(ئەمما ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى بۇنىڭ سىرتىدا ).
شۇ ۋەجىدىن دەل مۇشۇنداق ماقالىلار بىزدە ئېتىبارسىز بولغاننىڭ ئۈستىگە ھەر ۋاقىت سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ كەلدى.مېنى ئىزچىل ئويلاندۇرۇپ ۋە ئازاپلاپ كېلىۋاتقان بۇ تېمىنى مۇكاپاتلىق ئەسەرگە تەۋىيىسىيە قىلىشتىكى مەقسىدىممۇ مۇشۇ سەھىپىدى تمىلار باشقىلارنى تحىمۇ كۆپ جەلىپ قىلىدۇ دەپ قارىغاچقا،بىزگە دەل جىددىي زۆرۈر بولىۋاتقان مۇشۇنداق روھتىكى زىيالىيلىق ئۆلچىمى ئۈستىدە بەھىس-مۇنازىرە قوزغاشنى نىشان قىلاتتىكى،ھەرگىزمۇ يۇقۇردىكى تورداشلار يازغاندەك نوقۇل مۇكاپات تاماسىدا ئەمەس ئىدى.
خەيىر،تارىخ ئادىل.زىيالىيلىق تونىنى كىيىشىپ ،ساقتا شكۆھرەت تەمەسىگە مىلىشىپ ،كۆز ئالدىدىكى رېياللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ،خەلقنى ئالداپ كۆنگەن «زىيالىي»لارغا تارىخ ئۆز باھاسىنى بەرسۇن!
[ بۇ يازمىنىbozqirدە2011-05-07 15:01قايتا تەھرىرلىد ]