karamat sarkar xj 50
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2224 قېتىم كۆرۈلدى
bagdaxadabiyati
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 128
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 51
شۆھرەت: 680 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 640 سوم
تۆھپە: 340 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 340 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 پەزۇل شاڭيونىڭ ناھەق ئۆلتۈرۈلىشى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kokturuk تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-06-04)
          پەزۇل شاڭيو قومۇل شەھەر ئىچى يېزىسى ھوشاڭ مەھەللىسى (1)دىن بولۇپ، تەخمىنەن 1890-يىللاردا تۇغۇلغان ، 3ئاكا-ئۇكادىن ئەڭ چوڭى بولۇپ  دادىسى نەمەت ئاخۇن چلىتەنلەر جەمەتىدىن. پەزۇل شاڭيونى « بازاردىكى ئەسكەرلەرنى باشلاپ كىرىپ ۋاڭ ئوردىسىنى بۇلاتقۇزغان ۋە ئوت قويدۇرۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن سېيىت قېزىبەگنىڭ ئايالى خەمىسە ئاپپاقنى كىگىز بەرمىدى، دەپ باغلاتقۇزۇپ ئۇردۇرغان ... » دېگەن يوقىلاڭ بەتنام بىلەن شامەخسۇت ۋاڭنىڭ چوڭ نەۋرىسى بېشىرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇنىڭ قولچوماقچىلىرى 1934-يىلى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن. ۋاڭ ئوردىسىنىڭ بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنىشى ۋە پەزۇل شاڭيۇنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى توغرىسىدا ئاپتور ئىگىلىگەن ھەقىقىي ئەھۋال مۇنداق :
            پەزۇل شاڭيۇنىڭ شاڭيۇ دەپ ئاتالغانلىقى مۇنداق بولغان : قۇمۇلدا شاڭيۇلۇق ئەمەل تۈزۈمى 1912-يىلدىن 1942-يىلغىچە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئومۇمەن ھازىرقى يېزا باشلىقى دەرىجىسىگە تەڭ كېلىدۇ. قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى باشقۇرۇشىدىكى يېزا- كەنتلەردە شاڭيۇلۇق تۈزۈم يولغا قويۇلمىغان، شامەخسۇت ۋاڭ 1930-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋاڭلىق تۈزۈمنىڭ ئورنىغا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ناھىيە بويىچە ئومۇميۈزلۈك شاڭيۇلۇق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. شەھەر ئىچى يېزىسىنى ئالساق، بۇ يېزىدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ شاڭيۇ بولغانلار يارى شاڭيۇ، زاكىر شاڭيۇ، پەزۇل شاڭيۇ، مەۋۇل شاڭيۇ، ئەلەم شاڭيۇ ۋە ئابدۇرېھىم شاڭيۇ ( بازارغا شاڭيۇ بولغان ) قاتارلىق كىشىلەر. شاڭيۇنىڭ ئاستىدا شوجا ( ھازىرقى كەنت باشلىقى دەرىجىلىك ) دېگەن ئەمەل تەسىس قىلىنغان بولۇپ سوپا شوجا، چوڭ ئاخۇن شوجا، دانىياز شوجا قاتارلىق كىشىلەر شوجا بولغان. پەزۇل شاڭيۇ زاكىر شاڭيۇدىن كېيىن ، شامەخسۇت ۋاڭ ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدى- كەينىدە شاڭيۇلىققا تەئىنلەنگەن.
             1931-يىلى 4-ئايدا باشلانغان قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى بارغانچە كۈچىيىپ، قۇمۇلدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت تەڭ كېلەلمىگەنلىكتىن جىڭ شۇرېن ھۆكۈمىتى ئىلىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەمەلدارى جاڭ پېيۈەننى ئۈرۈمچىگە مەخپىي يۆتكەپ كېلىپ، شەرقىي يول باندىت تازىلاش قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى ۋە شېڭ شىسەينى سەنمۇ قىلغان 6000كىشىلىك قوشۇن قۇمۇلغا يۈرۈش قىلىپ، 1931-يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈچ يولدىن قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ قۇمۇلدىن 120كىلومېتىر يىراقلىقتىكى لياۋدۇن مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ ، ماجۇڭيىڭ يارىدار بولۇپ قۇمۇل ئارقىلىق گەنسۇ جۈچۈەنگە چېكىنىدۇ. ئۆلكە قوشۇنى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى قۇمۇل شەھىرىنى بېسىپ ئالىدۇ. قۇمۇلدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن ۋە ئامما ئۆلكە قوشۇنى كېلىشتىن 1-2كۈن بۇرۇن تەرەپ-تەرەپكە ، كۆپچىلىكى تاغلارغا قېچىپ كېتىدۇ، ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئامما بوغاز ئارقىلىق گەنسۇغا قاچىدۇ. شەھەر ئىچى يېزىسىدا قېرى – چۆرىلەردىن بولۇپ تەخمىنەن 20دەك ئادەم قاچماي ئۆيلىرىدە قالىدۇ. پەزۇل شاڭيومۇ قاچماي قالغان كىشىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ ، شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ شاڭيۇسى بولغاچقا ئۆيىدە قالغان كىشىلەرنى باشقۇرۇش ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن بولىدۇ. قوزغىلاڭچىلار ۋە ئامما تاغلارغا قېچىپ، 1-2كۈن بولا- بولمايلا ئۆلكە قوشۇنىنىڭ جاللات شۇڭ فايۇتۈەنى شەھەر ئىچىگە بېسىپ كىرىپ ۋاڭ ئوردىسىنى بۇلاپ بولۇپ ئوت قويۇۋەتكەن ۋە بەزى ئەسكەرلەر پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ بۇلىغان، ئادەم ئۆلتۈرگەن . بىر قىسىم ئەسكەر شەھەر ئىچى يېزىسىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ ، شەھەر ئىچى يېزىسىنى قوزغىلاڭچىلاردىن «قوغدىغان » . بۇ چاغدا پەزۇل شاڭيۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەئىنلىگەن شاڭيۇ بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئۆلكە ئەسكەرلىرىگە ئىگىسىز ئۆيلەرنى بۇزۇپ – چاقماسلىق ۋە مەسچىتلەرنى بۇزماسلىق ھەققىدە توساپ، نەسىھەت گەپ قىلغان ( پەزۇل شاڭيۇ 1904-يىلى كونا قۇشخانا يېنىدىكى شامەخسۇت ۋاڭ ئاچقان خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان بولغاچقا، خەنزۇچە راۋان سۆزلەيدىكەن ) . پەزۇل شاڭيۇنىڭ بۇ نەسىھەت گەپلىرى ئۆلكە قوشۇنىغا قىلچە تەسىر قىلمىغان، شاڭيۇ دەرىجىلىك كىچىك ئەمەل دەرىجىسى بىلەن قىلىنغان بۇنداق نەسىھەت، مەسلىھەت خاراكتېرلىك گەپ –سۆزلەر ئۆلكە ئەسكەرلىرىگە قىلچە چەكلەش رولى بولۇش مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە . خۇددى تارىخشۇناس، مەرھۇم ليۇزىشياۋ «ئۇيغۇر تارىخى » دېگەن ئەسىرىدە بايان قىلغاندەك ، ئەينى يىللاردا شامەخسۇت ۋاڭنىڭ ئىنتايىن بېيىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە شىنجاڭدا گەپ- سۆزلەر تارقالغان، جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي خىراجىتى ئېشىپ كەتكەنلىكىتىن قىيىنچىلىق يۈز بېرىپ، شامەخسۇت ۋاڭنىڭ زور بايلىقىغا جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى ۋە ئۆلكە قوشۇنىنىڭ نەپسى تاقىلداپ تۇرغان ،جىن شۇرېن ئۆلكە باشلىقى ۋە ھەربىي قوماندان بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئولجىنى كوماندىرلارنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ ۋە ئەسكەرلەرگىمۇ بۆلۈپ بېرىشكە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىچكى يوليورۇق بەرگەن. ئەمەلىيەتتە ۋاڭ ئوردىسىنىڭ خەزىنىسىدە 9ئەۋلاد 233يىل ھۆكۈم سۈرگەن قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى ھەر مىللەت خەلقىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىپ توپلىغان مال-مۈلۈك ۋە بايلىق ئىنتايىن كۆپ بولغان . يەر ، سۇ، چارۋىلاردىن باشقا مال- مۈلۈكنى دېمەي ، ئالتۇن، كۈمۈشنىلا ئالساق، ئوردىنىڭ چوڭ تەيجىسى، باش خەزىنىچى يۈسۈپھاجى جۇبەيرى (يۈسۈپ تەيجى) نىڭ «ئەينى ۋاقىتتا ماڭا ئېيتىشىچە ، خەزىنىدە بىر توننا ئالتۇن، ئون توننا كۈمۈش بار ئىكەن» (2) لېكىن، ۋاڭ ئوردىسىنى بۇلاتقۇزغان پولىك باشلىقى شيۇڭ فايۇ 4-3ئايدىن كېيىن تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ بىستىرما ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولغاچقا، بۇ ئالتۇن، كۈمۈشلەرنىڭ كىمنىڭ قولىدا قالغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق ئۇچۇر يوقكەن. جاللات شيۇڭ فايۇ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كىرىپ ئوردىنى مۇھىمى ،ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسىنى بۇلاپ كەتكەن ۋە ئوت قويغان . بۇ ئوت بىر ھەپتىگىچە كۆيۈپ تۇرغانلىقىنى تاغقا قېچىپ چىققان پۇقرالارمۇ كۆرۈپ تۇرغان. جاللات شۇڭ فايۇنىڭ ئەسكەرلىرى شەھەر ئىچى يېزىسىدىكى نامرات پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ بۇلاڭچىلىق قىلغان. بۇ ئەھۋاللارنى تاغقا قېچىپ چىقماي، شەھەر ئىچىدىكى ئۆيىدە قېلىپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئاڭلىغانلىقى ھەققىدە مەرھۇم ھېسامدىن ياچى دېگەن بوۋاي ماڭا ئەسلىمە سۆزلەپ مۇنداق دېگەن ئىدى: « ۋاڭ ئوردىسىنى بۇلاپ بولۇپ شەھەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئەسكەرلەرگە پەزۇل شاڭيۇ گەپ-سۆز، نەسىھەت قىلسىمۇ ، ئۇلار قىلىدىغان ئەسكىلىگىنى قىلىۋېتەتتى. بۇ چاغدا خەلق ئىچىدە « تۇڭگان چىقتى داتۇ باينىڭ جاڭزىسىغا، خەنزۇ ئەسكەر ئوتنى ياقتى ۋاڭ غوجامنىڭ ئوردىسىغا » دېگەن قوشاق تارقالدى. ئورداخې مەھەللىسىدىكى كىچىكبەگ دېگەن ئادەمنىڭ ئايالى يېنىكلەپ قويغانلىقتىن تاغقا قاچماي ئۆيدە قالغان ئىكەن. بىر ئەسكەر بۇلاڭچىلىققا كىرگەندە كىچىكبەگ نارازىلىقىنى چىرايىدىن بىلدۈرۈپ قويغاندا ئەسكەر دەرھال بۇ ئادەمنى ئېتىپ تاشلىغان. بۇ ئۆيدە ئورۇن تۇتۇپ ياتقان ئايال ۋە ئەمدىلا ماڭغان كىچىك بالىدىن باشقا ئادەم بولمىغانلىقىدىن جەسەت بىر نەچچە كۈن ئۆيدە تۇرۇپ قالغان. پەزۇل شاڭيۇ شەھەر ئىچىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ بۇ ئۆيگە كىرگەندە ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ۋە سىرتقا چىقىپ ، ئادەم ئىزدەپ چاقىرىپ كېلىپ كىچىكبەگنىڭ جەسىتىنى ئورداخې مەسچىتنىڭ كەينىدىكى بوش يەرگە دەپنە قىلدى، قەبرىسى ھازىرمۇ ساقلىنىپ تۇرماقتا » . جىگدە قۇدۇق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق مەرھۇمە ئاقايلا سالى ( سابىق ۋىلايەتلىك سىياسىي مەكتەپنىڭ مۇدىرى مەرھۇم بەنسى سالاخۇننىڭ ئايالى ) بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەنىدى: « بىزنىڭ ئائىلىدىن ئاكام يىزىللاخۇن ئانام جاننارخان بىلەن قاچماي ئۆيدە قالغانىدى. بىر كۈنى بىر ئەسكەر ئۆيىمىزگە بۇلاڭچىلىق قىلىشقا كىرىپ، ئۆينى ئاختۇرۇپ ھېچنېمە ئالالمىغاندىن كېيىن يىزىللاخۇن ئاكامنى داتۇ ئىسمايىلنىڭ ئۆيىنى بىلمەيمەن ، سەن باشلاپ بارىسەن ، دېگەن. ئاكام باشلاپ بارسا داتۇ ئىسمايىلباينىڭ ھويلىسىغا ئەسكەرلەر توشۇپ كېتىپتۇ. داتۇ ئىسمايىلباينىڭ پۇقرالار ئىچىدىكى بايلاردىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرلەر ئاللىقاچان بىلگەن بولغاچقا ئۇنىڭ ھويلا- ئۆيلىرىنى بۇلاپ بولغانىكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ يىزىللاخۇن ئاكامنى شەھەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئەسكەرلەر بۇلىۋالغان ئاشلىقنى توشۇتۇش ۋە تاغدا قوزغىلاڭچىلارغا يەم بولۇپ ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ جەسىتىنى تۆگە بىلەن قۇمۇلغا توشۇتۇش ئىشلىرىغا سالغان. ئائىلىمىزدىكى قېچىپ كەتكەنگەنلەرگە يىزىللاخۇن ئاكام  قايتىپ كېلىڭلار، دەپ خەۋەر بەرگەچكە ، بىز قېچىپ بارغان بوغازدىن بالدۇرلا قايتىپ چىقتۇق. پەزۇل شاڭيو خەلققە ياخشىلىق قىلغان ئوبدان ئادەم ئىدى . ئۇزۇن ئۆتمەي، شەھەر ئىچىدىن قېچىشقا ئامال بولماي، ئۆيدە قالغان ئۈچ موماي كىشىنىڭ ئاچلىقتىن كېسەل بولۇپ ئۆيىدە قازالاپ جەسىتى تۇرۇپ قالغانلىقىنى، پەزۇل شاڭيونىڭ ئادەم توپلاپ ئۈچ موماينىڭ جەسىتىنى ئۇزۇتۇشقا باشچىلىق قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ئىدۇق » . يۇقىرىقى ئەسلىمىلەردىن مەلۇمكى، ۋاڭ ئوردىىسىنىڭ بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنىشى بىلەن پەزۇل شاڭيونىڭ قىلچە جاۋابكارلىقى يوق بولۇپ، بىشىرنىڭ قۇرۇق تۆھمىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
              1933-يىلىنىڭ ئەتىياز ئايلىرىدا يولبارس ماجۇڭيىڭنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ جەنۇبىي شىنجاڭغا چېكىنىش بىلەن ئارقىدىنلا ماجۇڭيىڭنىڭ قوشۇنىدا ئۆتەۋاتقان ئەمەل – ۋەزىپىلىرىنى تاشلاپ تۇرپاندىن قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەن، يولبارىس 33-يىلى 4-ئايدا قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى، 34-يىلى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ۋالىيسى بولغان . بىشىرمۇ 34-يىلنىڭ ئاخىرى ماجۇڭيىڭنىڭ تۇرپان شەھەر موداپىئە قوماندانلىقىنى تاشلاپ تۇرپاندىن قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەن، قۇمۇل گارنىزون سىلىڭلىقىغا تەيىنلەنگەن. بىشىر دەسلەپتە بازاردا ھەسەن بالا ھاجىنىڭ ئۆيلىرىدە ، ئاندىن كېيىن شەھەر ئىچىگە كۆچۈپ كىرىپ، سېيىت قېزىبەكنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغان. بىر كۈنى پەزۇل شاڭيو شۇ چاغدىكى قۇمۇلنىڭ ۋالىيسى جاڭ فىڭمىڭنىڭ نامىدىن سېيىت قېزىبەكنىڭ ئايالى خەمىسە ئاپپاقتىن ئىككى دانە كىگىز سوراپ ، ماجۇڭيىڭنىڭ قۇمۇلدىكى قالدۇق ئەسكەرلىرىگە بەرمەكچى بولغان . لېكىن خەمىسە ئاپئاق ئۇنىماي تۇرۇۋالغاندا باغلاپ ئۇرۇلغان. بۇ ئەھۋالنى بىرسى بېشىرغا مەلۇم قىلغان . بېشىر ئاڭلاش بىلەنلا غەزەپلىنىپ، «بىز قۇمۇلدىن ئايرىلىپ ئارىتامغا يېتىپ چىقمايلا( قوزغىلاڭنىڭ بېشىدىكى قېچىشتا بېشىر ، ئابدۇللا، ئۇۋەيسىھاجى ، ئىمىنھاجى قاتارلىق شامەخسۇت ۋاڭنىڭ نەۋرىلىرى، تۇغقانلىرى ئارىتام ئارقىلىق باغداشقا قېچىپ چىققان- ئاپتور) بۇ ئەبلەخ بازاردىكى ئەسكەرلەرنى باشلاپ كىرىپ ۋاڭ ئوردىسىنى بۇلاتقۇزغان ۋە ئوت ياقتۇرۇپ كۆيدۈرگۈزگەن. ئەمدى ئىش تېرىپ خەمىسە ئاپئاقنى باغلاپتۇ، مەن ئۇنى كەچۈرمەيمەن » ، دېگەن ۋە ئادەم ئەۋەتىپ پەزۇل شاڭيونى تۇتقۇزۇپ كەلگەن ۋەم جۈجەمگە ئاستۇرۇپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرگۈزۈۋەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى پازىل شاڭيونىڭ ئۇكىلىرىدىن نەسرۇللاخۇن، سەيدۇللاخۇن، كۈيئوغۇل بېيجىڭ غوجام ۋە بىر قىسىم جامائەت بۇ قاتىللىق ۋەقەسىنى ھەل قىلىپ بېشىرنى جازالاپ بەرمىسە جەسەتنى ئالمايمىز ، دەپ تۇرۇۋالغان. دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئارىغا كىرىپ ۋەز- نەسىھەت قىلىشى بىلەن جەسەت پەزۇل شاڭيونىڭ دادىسى نەمەت ئاخۇننىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلۈپ 2-كۈنى يەرلىككە قويۇلغان. پازىل شاڭيونىڭ دادىسى نەمەت ئاخۇن ناھىيە ھاكىمىغا ئەرز قىلغان، بېشىر 50مو يەر، 500سەر كۈمۈش بىلەن خۇن ھەققى تۆلىگەن.
              بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزاققا بارمايلا مال-دۇنياسىغا تايىنىپ ئادەم ئۇرۇپ- ئۆلتۈرۈشكە ئادەتلەنگەن بېشىر يەنە يىدايىبەكنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ۋەقە يۈز بەرگەن. مەلۇم بىر كۈنى بېشىر يېنىدىكى بەگ، غوجاملىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن يوقىلاڭ بانا بىلەن يىداىيبەكنى كېسەك، خىش پارچىسى بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. ئەھۋال يولۋاسقا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن يولۋاس بىر نەچچە ئادەمنى باشلاپ يارباغدىكى بېشىرنىڭ ھويلىسىغا بېسىپ كىرىپ بېشىرنىڭ بىر بەن قوراللىق مۇھاپىزەتچىلىرىنى قورالسىزلاندۇرۇپ،بېشىرنى يالاپ ئېلىپ چىقىپ قاماپ قويغان، يارىبەكھاجى، ئەلەمبەك، ياقۇپ سەئىدى، ئىمىن يۈنۈس، نىياز شېرىپ قاتارلىق بەش كىشىنى بېشىرنى قاتتىق ساقلاشقا قويغان، بېشىرنىڭ بىر قىسىم مال-مۈلۈكىنى مۇسادىرە قىلغان، بېشىرنى قۇمۇل شەھىرىنىڭ گارنىزون سىلىڭلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان . بېشىر قولغا ئېلىنغان ئىككى ئايدا يولۋاسقا 300سەر ئالتۇن پارا بەرگەندىن كېيىن بوشىتىلغان، يىدايىبەكنىڭ ئائىلىسىگە خۇن ھەققى ئۈچۈن 150مو يەر بەرگەن . بۇنداق زورلۇق-زۇمبۇلۇقلىرى بىلەن خەلقنىڭ غەزەپ-نەپرىتىگە ئۇچرىغان ۋە يولۋاسنىڭ جازالىغانلىقدىن ئاغرىنغان بېشىر ئۇزۇن ئۆتمەي، پىچان ناھىيىسىنىڭ سۇ بېشىغا كۆچۈپ كەتكەن. بېشىر پىچان سۇ بېشىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1947-يىلدىكى ھاكىم سايلىمىدا ھاكىم بولۇپ سايلىنىپ، 49-يىلى ھاكىملىقتىن قالدى.
ئازادلىقتىن كېيىن 1951-يىلى ئىجارە كېمەيتىش –زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىدە بېشىر ھەممىدىن بۇرۇن تارتىپ چىقىرىلىپ كۈرەش قىلىندى. بېشىرنى كۈرەش قىلىش جەريانىدا بىر خالتىدا ساقلاپ كەلگەن قۇم ئالتۇن، غەرەك ئالتۇن، كېپەك ئالتۇن، تىللا قاتارلىق ئالتۇن بۇيۇملارنى تاپشۇرغان بولسىمۇ، قانچىلىك مىقداردىكى ئالتۇن ئىكەنلىكى نامەلۇم ۋە بۇ ئالتۇن بۇيۇملىرى دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلمەي ھۆكۈمەت بانكىسىغا ئۆتكۈزۈلگەن. 1951-يىلدىكى ئىجارە كېمەيتىش- زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە بېشىر كۈرەش قىلىندى ۋە جىسمانىي جەھەتتە زەربىگە ئۇچراپ زەخمىلەنگەن بولغاچقا 1952-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى تۈرمىدە كېسەل بولۇپ ۋاپات بولدى. 



ئىزاھاتلار :
(1)ھوشاڭ مەھەللىسى – شەھەرئىچى يېزىسى ئوردا قوۋۇق كەنتىنىڭ جەنۇبىدىكى مەھەللە بولۇپ، 4-ئەۋلاد يۈسۈپ ۋاڭنىڭ 3-ئوغلى ئەمەت تەيجىنىڭ ئوغلى ھوشاڭبەگ  ياكى ئاخىرقى ۋاڭ شامەخسۇتنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
        (2) مەرھۇم ئەزىز نىيازنىڭ ئەسلىمىسى : « ئازادلىقتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئەھۋالىمدىن قىسقىچە ئەسلىمە »  ( «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى »نىڭ 27-سانى )
        (3) داتۇباينىڭ جاڭزىسى – شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ سوڭدار مەھەللىسىدىكى ئامانشابەكنىڭ ئوغلى داتۇ ( يوغانباش ) ئىسمايىلباينىڭ جاڭزىسى _ پالۋانتۇر يېزىسىنىڭ خاڭگۇڭ كەنتىدىكى قورۇقى ( جاڭزىسى )نى كۆرسىتىدۇ. ماجۇڭيىڭ 1931-يىلى قۇمۇلغا ئەسكەر باشلاپ  چىققاندا مۇشۇ قورۇققا چۈشكەن.



ئالاھىدە ئەسكەرتىش : ئاتاقلىق تەرجىمان ،تەتقىقاتچى مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرى باغداش تورى بېكىتى ئارقىلىق تورداشلار بىلەن يۈز كۆرىشىۋاتىدۇ ، بۇندىن كېيىن داۋاملىق تۈردە يوللايمىز ، مەزكور ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ باغداش تورىنى قوللاش يۈزىسىدىن باغداش تورىغا بەرگەن ئەسەرلەر بولۇپ باشقا تورلاردا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ ، بايقالسا مەسئولىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
   باشقا ئەسەرلەرنى مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلىمىي ماقالىلىرى سەھىپىسىدىن كۆرۈڭ : باشقا ئەسەرلەر داۋاملىق يوللىنىدۇ!

تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-03, 21:38
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-06-03 21:35 |
tohotur
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 690
شۆھرەت: 3757 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3758 سوم
تۆھپە: 2216 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2219 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1536(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاۋۇ ئاخۇنۇملارنىڭ ئارىغا چۇشۇپ سوزلىگە سوزلىرى بەك قىززىق دەيمەن ،
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-05 10:24 |
kuju
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2150
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شامەخسۇت ۋە باشقا يۇرت مۆتىۋەرلىرى ئەينى ۋاقىتتا خەلققە ياخشى ئىش قىلىپ بەرمەي ئۇ دۇنيادا روھلىرى بىئارام بولىدىغاندىمۇ؟ئەۋلاتلىرى بۇ تارىخلارنى بىلىپ قانداق تەسىراتتا بولىۋاتقاندۇ ھە؟!49-يىلدىن كېيىن ئەۋلاتلىرىمۇ  ياخشى كۈن كۆرمىگەندۇ ھەقىچان؟
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-05 11:37 |
tohotur
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 690
شۆھرەت: 3757 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3758 سوم
تۆھپە: 2216 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2219 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1536(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى kujuدە2011-06-05 11:37يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
شامەخسۇت ۋە باشقا يۇرت مۆتىۋەرلىرى ئەينى ۋاقىتتا خەلققە ياخشى ئىش قىلىپ بەرمەي ئۇ دۇنيادا روھلىرى بىئارام بولىدىغاندىمۇ؟ئەۋلاتلىرى بۇ تارىخلارنى بىلىپ قانداق تەسىراتتا بولىۋاتقاندۇ ھە؟!49-يىلدىن كېيىن ئەۋلاتلىرىمۇ  ياخشى كۈن كۆرمىگەندۇ ھەقىچان؟

ئۇنداق دەپكەتمەيلى ،ھەمىمىز ئنسان ، ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ ئاللا ھۇ  .  يۇرت كاتتىلىرىنى مۇنداق تۇگۇتىۋەتسەك ئۆزىمىزمۇ نەدە تۇرۇمىز ،
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-05 12:02 |
panjir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 559
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 45 سوم
تۆھپە: 27 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 27 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 160(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تارىخ دىگەن يارغاننىڭ  قانداق يازسا بولىۋېرىدۇ ! ! ! بىلىپ قويۇڭلار  ئىش دىگەننى ھەر تەرەپتىن ئويلىغۇلۇق !
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-11 23:03 |
kenji
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2127
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 66 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 66 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆزىمىزگە ئەڭ يېققىن تارىخنى ئوقۇپ،تارىخقا باشقىدىن ئىزاھات بەرگۈدەك بولدۇم.جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم رەھمەت
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-16 20:49 |
艾尼瓦江
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2292
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

موللا ئىشان خەلپەتلەر زادى قانداق نەرسىلەر؟ داۋاملىق بىر ئىشلارغا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ يۇرگەن.
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-18 10:46 |
asip
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2315
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 23 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 23 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەژداتلارغا ئالدىراپ باھا بېرىش مۇۋاپىق ئەمەس .تارىخنى ئادەم يازىدۇ ،لېيكىن قايسى مەيداندا تۇرۇپ يېزىش مەسىلسى مۇھىم .
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-20 13:39 |
asip
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2315
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 23 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 23 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قۇمۇل شەھەر ئىچى يېزىسى ئوردا قوۋۇق مەھەلىسىى جەنوبىدا ھوشاڭ مەچىد دەپ بىر مەچىت بار ،بىر تارىخى ماتىريالغا قارىسام شەھەر ئىچىنى ئىسلام دىنى قومۇلغا كېلىشتىن بۇرۇن ھوشاڭ دەپ ئاتالغان ئىكەن ھوشاڭ دىگەن ئىسىم بەلكىم شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىشى بولسا كېرەك
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-20 13:44 |
asip
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2315
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 23 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 23 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شاھ مەقسوت ۋاڭنىڭ كېيىكى ئەۋلاتلىرىنىڭ ئەھۋالى دۆلىتىمىز قۇرۇلۇپ 1978-يىلغىچە ناھايىتى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن ئىدى ،لېيكىن دېڭ شوپىڭ ئەپەندى تەخىتكە چىقىپ ئۇلارنى ئازاد قىلىۋەتتى ،ئۇلارنىڭ ھازىرقى ھال - كۈنى خىلا ئادەملەرنىڭكىدىن ياخشى .ئۇلار دېڭ شاۋپىڭ ئەپەندىگە بەك مىننەتدار
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-20 13:51 |
oyganganzimn
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 14
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 197
شۆھرەت: 1184 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1169 سوم
تۆھپە: 678 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 684 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 200(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يەرلىك  ھاكىميەتنىڭ  پۇقرالارغا  زىيىنىلا  ئەمەس   پايدىسىمۇ  تەگكەن،مەلۇم  سەۋەپلەر  تۈپەيلىدىن  بىرقىسىم  ئىىشلاردا  خەلقنىڭ   ئويلىغان  يېرىدىن  چىقالماسلىقمۇ  بولغان،دىيارىمىزدىكى  فېوۋدال  ھاكىميەت  يۈرگۈزگۈچىلەردىن  جوڭغار  موڭغۇللىرىنىڭ  كۆپ  قېتىملىق  قالايمىقانچىلىقىغا  قارشى  باتۇرانە   كۈرەش  قىلغانلار،ھىدايتۇللا  ئافاقنىڭ(ئافاق  غوجا)  سەپسەتىلىرىنى  بىت-چىت  قىلىپ  ئۇنى  قومۇل  تۇپرىقىدىن   يوقىتىپ  قومۇلنىڭ دىننىي  مۇھىتىنى  پاكىزلىگەنلەرمۇ  چىققان،پەزۇل  شاڭيۇ  ۋەقەسى  شۇ  دەۋردىكى  خاتا  چۈشەنچىدىن  پەيدا  بولغان  بولىشى  تۇرغان  گەپ،ئۇنىڭ  ئۈستىگە  قومۇل ۋاڭلىرى  ئىچىدە  بىشىرۋاڭنىڭ  ئوبرازى  تازا  ياخشى  ئەمەس   ئىدى،مەن  ئاڭلىغان  بىشىرۋاڭ  ئاتقا  مىنسىمۇ  ئادەملەرنىڭ  دۈمبىسىدىن  دەسسەپ  ئاتقا  چىقارمىش،،بۇ  ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ  سۆزلەپ  بەرگەنلىرى...
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-24 19:04 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرى