تۈركلەر قايسى ئىرققا تەۋە؟
«تۈركلەر سېرق موڭغۇل ئىرقىغا ئەمەس، ئاق ئارىئان ئىرقىدىندۇر» پەقەت ئوبيېكتىپ ئاساسلارغا تايانمىغان بۇ ھۆكۈمگە نىسبەتەن بۈگۈنگىچە بىلىنگەن چۈشەنچىلىرىمىزنى ئىلىم يولى بىلەن سۆزلىمەكچىمىز: بۈگۈن ئىنسانلار تېرە رەڭلىرىگە ئەمەس، بەلكى تىللىرىغا قاراپ گۇرۇپپىلارغا بۆلىنىدۇ. بۇرۇندىن ئاق ئىرق نامى ئارىئان ئىرقىدا توپلانغان ئارىئانلار بىلەن سامىلار بىر-بىرىدىن ئۇزاق ياشىشى، ئوخشاشلا قەدىمدىن سېرىق ئىرقتىن سانالغان تۈرك ۋە موڭغۇللار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ھېچبىر ئىرقى يېقىنلىقى بولماسلىقى بۈگۈن ھەممە كىشى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندۇر. قەدىمدىن تۈركلەر سېرىق ئىرقنىڭ ئالتاي-ئۇرال گۇرۇپپىسىدىن سانىلىدۇ ۋە بۇ گۇرۇپپىغا تۈركلەر، موڭغۇللار، توڭغۇسلار، فىنلەر ۋە ماجارلار كىرىدۇ. بۇگۈن فىن ۋە ماجارلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىقىنى ئىسپات بولغان ۋە ھەتتا فىن، ئېستون ۋە ماجارلاردىن مۇرەككەپ بىر فىن-ئوگۇر قۇرۇلمىسىنى تۈزسە ھەم، تۈركلەر، موڭغۇللار، تۇڭغۇسلارنىڭ بۇلارغا تۇغقانچىلىقى ئىسپاتلانمىدى. باشقا تەرەپتىن تۈركلەر بىلەن موڭغۇللارنىڭ بىر ئۇرۇقتىن بولغانلىقى قەتئىي رەۋىشتە ئىسپاتلاندى ۋە تۇڭغۇسلارنىڭ بۇ گۇرۇپپىغا تەۋەلىكى ئۈچۈن مۇۋاپپىقىيەتلىك خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە. ھەتتا بۈگۈنگە قەدەر تۈرك سانالغان چۇۋاشلارنىڭ ھەم تۇركلەر بىلەن موڭغۇللار ئارىسىدا ئىكەنلىكى ئېيتىلماقتا. تۈركلەر ۋە موڭغۇللار بىلەن ئارىئانلار ئارىسىدا بۈگۈنگە قەدەر ھېچبىر يېقىنلىق كۆرسىتىلمىدى ۋە ئىسپاتلانمىدى.
تۈركلەرنىڭ ئارىئان ئىرقىغا مەنسۇپلۇقى ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن قوبۇل بولىشى كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. شۇنداق قارايمىزكى، موڭغۇللارنىڭ ۋەھشى ۋە ياۋايى، ئارىئانلارنىڭ مەدەنىي بولغانلىقى ھەققىدىكى كونا قاراشلار بۇنىڭغا سەۋەب بولدى. بۇ قاراش بەزىدە ئۇ قەدەر غەلىتە شەكىللەر ئالدىكى، كۇرتلار ھەققىدە بىر يۈرۈش ماقالە نەشىر قىلغان بىر زات ئۆزىگە كۆرە، سانىغان بىر مۇنچە دەلىللەردىن كېيىن «كۇرتلارنىڭمۇ تۈركلەرگە ئوخشاش ئارىئان ۋە تۈرك ئىكەنلىكى»نى ئېلان قىلدى.
بۇ مەسىلىنى يالغۇز ھېسسىي چۈشەنچىلەرنىڭ مەھسۇلى دەپ ئويلاشقا مەجبۇرمىز. ۋەھشىي موڭغۇللار بىلەن تۇغقان بولماسلىق ئۈچۈن، تۇرانلىق ئىنكار ئېتىلسە، سىگانلار ھەم مەنسۇپ بولغان ئارىئان ئىرقىغا كىرىش بۇ خىياللىرىمىزغا تەسىر قىلماسمۇ؟!
موڭغۇل قانچلىك ۋەھشىي ۋە ياۋايى بولسا بولسۇن، ھەقىقىي نوچى ئەسكەرلەرگە ساھىپ بولغان. ھالبۇكى، تۈرك-موڭغۇل تۇغقانچىلىقى بۈگۈن ئىلمىي بىر ھەقىقەتتۇر. بۇلارنىڭ تارىخى ۋە قانلىرى بىر-بىرى بىلەن ئۇ قەدەر ئارىلىشىپ كەتكەنكى، ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم ئەسكەرتىشكە ئىمكان يوقتۇر. ئوخشاش ئىسىمنى قوللىنىدىغان قەبىلىنىڭ يېرىمى تۈركچە، يېرىمى موڭغۇلچە سۆزلىشىدۇ. ھەتتا بەزىدە تارىخنىڭ بەزى دەۋرلىرىدە تۈركچە ئىشلەتسە، بىر زامانلاردىن كېيىن موڭغۇلچە ياكى ئىككى تىلنى تەڭ قوللانغان قەبىلىلەرنى كۆرىمىز. ئەمەلىيەتتە، چىڭگىزخان موڭغۇللاشقان بىر تۈركتۈر. ئاقساق تېمۇر بولسا، تۈركلەشكەن موڭغۇلدۇر.
تارىخ تەتقىقاتى چوڭقۇرلاشقانچە، تۈركلەرنىڭ ۋە موڭغۇللارنىڭ ياۋايىلىقى ھەققىدىكى ئىبارىلەرنىڭ مۇبالىغە ئىكەنلىكى ئايان بولدى. بۇلارنىڭ زور غەلبىلىرى ھەم بۈيۈك مەدەنىي نەتىجىلىرى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
تۈركلەرنىڭ ئارىئان سانىلىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا چىققان مەسىلىلەردىن بىرى ھىتىتلەرنىڭ تۈركلىشىشىدۇر. بۇنى ئىلگىرى سۈرگەن نەزەرىيىچىلەر تۈركلەرنىڭ ئاناتولىيىدىكى قەدىمىي ئىزلىرىنى ئىسپات ئەتمەك ۋە بىر ۋارىس ھەققى ئىزدەش مەقسىتىدە. شۇبھىسىز ھېسسىي جەھەتتىن بۇنى ھەممىمىز خالايمىز. بىراق ھەقىقەت شۇدۇر: ھىتىتلەرىن ئابىدىلىرى ئوقۇلدى ۋە بۇلارنىڭ تۈرك ئەمەس، ئارىئانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھىتىتلەرگە قوشۇلۇش ئۈچۈن ئارىئانلىقنى قوبۇل ئەتمەك بىز ئۈچۈن خەتەرلىك بىر يولدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىرقىمىزنىڭ ئانتروپولوگىك خۇسۇسىيەتلىرى ھېچ ئارىئانلارغا ئوخشىمايدۇ. ھەتتا بىزنىڭ ئانتروپولوگىك خۇسۇسىيەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىپ ئاناتولىيە تۈركلىرىنى قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ تارمىقى دېيىشكە ئۇرۇنغانلارغا پايدىلىق زېمىن ھازىرلاپ بېرىدۇ. بۈگۈنكى ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە تايىنىپ چۈشەنچىلىرىمىزنى شۇنداق خۇلاسە قىلىمىز:
تۈركلەر ئۈچۈن باشقا قەۋملەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ساھىپ چىقماققا زۆرۈرىيەت يوق. بىز ئۆزىمىز ياراتقان مەدەنىيەتنى تامامەن دۇنياغا چۈشەندۈرەلىسەك، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە.
بۈگۈن مەدەنىي بىر مىللەت بولۇپ ياشىماق ئۈچۈن ئەيسادىن ئاۋالقى ئەسىرلەردىن بىر مەدەنىيەت ياراتماققا زۆرۈرىيەت يوق. ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ ھېچبىرى بۇنداق قەدىمىي مەدەنىيەت ساھىبى ئەمەس. غەربنىڭ مەدەنىيەتتە شەرقتىىن ئۈستۈن تۇرۇشى 16-ئەسىرلەردە باشلانغان.
بۇنداق يازمىلار ياشلىرىمىزنى ۋە تۈرك تارىخى بىلەن يېقىندىن ۋە چوڭقۇردىن ئالاقىدار بولمىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پىكرىنى بۇلغايدۇ. ئۆتكەن ئىنكاس، ئىشەنچ ھېسلىرىنى ئازايتىدۇ. مەۋجۇت ھەقىقەتلەرگە شۇبھە بىلەن قارىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرك بالىلىرىغا ئوچۇق قىلىپ ئېيتىشىمىز كېرەككى:«سېنىڭ بوۋىلىرىڭ قۇرغاق تۇپراقلاردا، رەھىمسىز ئىقلىملاردا ۋە ساناقسىز مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغانلىقى ئۈچۈن مۇكەممەل ئەسكەر بولغان ۋە ئۆمرى تەبىئەت ۋە مىللەتلەر بىلەن كۆرەش قىلىپ ئۆتكەن. شۇنداق بولسىمۇ، پۇرسەت تاپقان زامان يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان. ئەمما ئەسكەرلىكتە قازانغان يۈكسەك مۇۋاپپىقىيەتلىرى ھازىرغىچە مەدەنىيەت ساھەسىدە كۆرسىتىشكە ۋاقىت بولمىغان.»
بۇ ھالدا بىز تەۋە بولغان ئىرقنىڭ ئىسمى نېمە؟ بۇنى ئالتاي ۋە تۇران ئىرقى دەيدۇ. بىز بۇ ئانا ئۇرۇقتىن كۆپەيگەن ۋە ئاخىرى ئۇندىن ئايرىلغان تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن بىر بۆلىكىمىز. ئارىئان بولمىغىنىمىز شىنجاڭدىكى رەسىملەر(مىڭئۆي) ۋە تۈرك ھەيكەللىرىدىن ئىسپاتلاندى. بۇ رەسىملەردىن مۇھىم بىر قىسمى گېرمان ئالىملىرى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. ئۇلاردا تۈرك، خەنزۇ، ئىران ۋە ھىندى سىمالىرى ناھايىتى خاسلىققا ئىگە بىر شەكىلدە پەرقلىقتۇر. بۇ سېلىشتۇرۇشتا ئارىئان بولمىغىنىمىزغا ئاخىرقى ۋە توغرا بىر دەلىل بار.
مەنبە:
http://www.bilge-kagan.org/turk-tarihi/turkler-hangi-irka-mensuptur.html