300-70 -1 oztil xj 50
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1191 قېتىم كۆرۈلدى
guljannat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2076
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 82
شۆھرەت: 527 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 517 سوم
تۆھپە: 296 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 299 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 96(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ماۋزىدۇڭ ئۆمرىدە ياقتۇرغان ئاياللار

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-06-09)
ماۋزىدۇڭ ئۆمرىدە ياختۇرغان ئاياللار

          قەدىمدىن تارتىپ، پالۋانلار گۈزەللەرگە مەپتۇن بولغان، ماۋزىدۇڭ جۇڭگودىكى ھەم  دۇنيادىكى مەشھۇر قەھىرىمانلارنىڭ بىرى. بىر ئۆمرىدە ئۇ ھەۋەس قىلغان ئاياللارنى  يىغىنچاقلىغاندا ئونغا يېتىدۇ. ۋاقىت تەرتىپى بىلەن  بىز ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

             1-ئايال : تاۋ يى ــــ يەنى ساۋاقداش مەزگىللىرىدىكى تاۋ سىيۇڭ، شىياڭتيەنلىك. كېيىن چاڭشاغا كۆچۈپ كەتكەن. باياشات سودىگەر ئائىلىسىدىكى بۇ خانقىز جۇنەن قىزلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن.  شۇ ۋاقىتلاردىكى چاڭشا جەنۇبىدىكى تۇنجى تالانتلىق قىز دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ بويى بەك ئېگىز، بەكمۇ ئىقتىدارلىق ھەم تالانتلىق. چاڭشا گۈزىلى دەپمۇ ئاتىغان. 
        1918-يىلى يېڭى دېموكراتىك ئويۇشمىسىغا قاتناشقان ھەمدە ماۋزىدۇڭ بىلەن ئوخشاش ئويۇشما ئەزاسى بولغان. 1919-يىلىدىن 1920-يىلىغىچە ماۋزىدۇڭ بىلەن بىرلىكتە چاڭشادا«مەدەنىيەت كىتابخانىسى»نى قۇرغان. شۇ مەزگىللەردە ئۇنى قوغلاشقانلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى سەۋدايى بولۇپ قالغان. ئۇ دەل ماۋزىدۇڭ بىلەن پېڭ خۇاڭ ئىدى.  ماۋزىدۇڭ ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان تەلەپ خەتلىرىنى يازغان. ھازىر ئۇلارنىڭ بەش پارچىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. 1921-يىلى تاۋ يى نەنجىندىكى جىنلىڭ قىزلار ئۇنىۋېرسىتىتىدا بىلىم ئاشۇرغان. ماۋزىدۇڭ شاڭخەيدىكى بىرىنچى قۇرۇلتايغا قاتناشقاندىن كېيىن، دەرھال نەنجىنگە كېلىپ سىيۇڭنى يوقلىغان. ئەستايىدىل ئويلىنىشلاردىن كېيىن، تاۋ يى پېڭخۇاڭنى رەت قىلغان. ماۋزىدۇڭنى كەم ئۇچىرايدىغان قابىلىيەتلىكلەردىن دەپ قارىغان. ئاخىرىدا تاۋ يىنىڭ  سودىگەر دادىسى ماۋزىدۇڭنى كىتابپۇرۇش ۋە ئائىلىسىنىڭ كىلىپ چىقىشى نامرات دەپ قاراپ ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرمىغان.  لېكىن  ماۋزىدۇڭنىڭ سىيۇڭگە بولغان مۇھەببىتى ھەقىقەتەن سەمىمىي راستچىل ئىدى. بۇ پېشقەدەم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىمۇ ئۇنى تىلغا ئالسا، ئۇنىڭ  خىرەلىشىپ كەتكەن كۆزلىرى نۇرلىنىپ كېتەتتى.
تاۋ سىيۇڭ ئۆمرىدە توي قىلمىغان،  1931-يىلى ۋاپات بولغان.  ئۇ ۋاقىتتا ئەمدىلا 36 ياشتا ئىدى. 


            2-ئايال: ياڭ كەيخۇي ــــ ماۋزىدۇڭنىڭ  ئوقۇتقۇچىسى ياڭ جىڭجىنىڭ قىزى. 1901-يىلى چاڭشا ناھىيىسىنىڭ  چياڭ ساڭدا تۇغۇلغان.  ماۋزىدۇڭدىن سەككىز ياش كىچىك. چاڭشادىكى ۋاقىتتا ئۇلار  پەقەت ساپ بولغان ئۇستاز شاگىرت مۇناسىۋىتىدە ئىدى.  كېيىن، ماۋزىدۇڭ ياڭ جىنجى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتىغا  ئۆگىنىشكە كەلگەندە،  بۇ شاگىرت سىڭىلچاق بىلەن قىزغىن مۇھەببەتلەشكەن.
         1920-يىلى ماۋزىدۇڭ بىلەن توي قىلغان ھەم ماۋ ئەنيىڭ، ماۋ ئەنچىڭ، ماۋ ئەنلۇڭ دەپ ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان. 1921-يىلى ياڭ كەيخۇي جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىگە قاتناشقان، ماۋزىدۇڭنىڭ  سىياسىي پائالىيەتلىرىگە يېقىندىن زور ياردەمدە بولغان. 1927-يىلى ماۋزىدۇڭ جىڭگاڭشەن تېغىغا كېتىپ، شۇندىن ئېتىبارەن  ئىككەيلەن كۆرىشىپ باقمىغان. 1930-يىلى 10-ئايدا،  ياڭ كەيخۈي گومىنداڭ  مىللىتارسىتلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى  11-ئاينىڭ  14- كۈنى ئېتىۋېتىلگەن. 


        3-ئايال: خې زىجېن  ئەسلى ئىسمى خې گۈييۈەن،  جىياڭشى يۇڭشىنلىك. 1909- يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان. ئىلگىرى يۇڭشىن ناھىيىسى كوممونىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شۇجىسى بولغان. ج ك پ يۇڭشىن ناھىيىسى  ھەيئىتى، جىنەن ناھىيىسى  ھەيئىتى ئاياللار  ئۇيۇشمىسى شۇجىسى بولغان. 1927-يىلى يۇڭشىن  دېھقانلار قۇراللىق قوزغىلىڭنى تەشكىللەشكە قاتنىشىپ،  يۈەن ۋېنسەي بىلەن جىڭگاڭشەنگە چىققان. 1928-يىلى شىياڭ تېغى  بىلەن جياڭشى  چىگرىسىدىكى ئالاھىدە ئويۇشما ۋە قىزىل تۆتىنچى ئارمىيە ئورگان تەشۋىقات خىزمىتىنى قىلغان.
خې زىجېن  شۇ ۋاقىتلاردا گۈزەل ياشلاردىن ھېسابلىناتتى. ماۋزىدۇڭ ئۇنىڭغا بەكمۇ ھەۋەس قىلاتتى ھەم ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى.ماۋزىدۇڭ تونۇشۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ماۋزىدۇڭنىڭ ئۈچىنچى ئايالى بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىياڭ تېغى بىلەن جياڭشى  چىگرىسىدىكى ئالاھىدە ئويۇشما ۋە قىزىل تۆتىنچى ئارمىيە ئورگان كاتىپى ۋە ماۋزىدۇڭنىڭ كاتىپى بولغان.
          1929-يىلى 1- ئايدا قىزىل تۆتىنچى ئارمىيىگە ئەگىشىپ تاغدىن چۈشتى. كېيىن ئورگان بۆلۈم باشلىقى بولغان. 1937-يىلى قىشتا مۇسكىۋاغا كېسەل داۋالاتقىلى بارغان، كېيىن موسكىۋادىكى شەرق ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇغان.  ئۇ ئىلگىرى كېيىن ئالتە قېتىم ھامىلىدار بولغان.  ئاخىرىدا  ھايات قالغىنى  لى مېي بولغان.
          1948-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ، شىنياڭنىڭ  مالىيە نازارىتى نازىرى بولغان،  دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، جېجىياڭ ئۆلكىسى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان.  5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولغان. 1984-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى 17دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە ۋاپات بولغان. باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.  

 
         4-ئايال: داڭلىق يازغۇچى دىڭ لىڭ 1904-يىلى 10 ئاينىڭ 12 كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭ دې شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى جياڭ ۋېي. ئۆسمۈر مەزگىللىرىدە جياۋيۈەن، چاڭ دې،  چاڭشا قاتارلىق جايلاردا ئوقۇغان. ياڭ كەيخۈي بىلەن يۆيۈن  ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىزدىكى ساۋاقداشلاردىن ئىدى.  1936-يىلى 9 ئايدا پارتىيىنىڭ قۇتقۇزىشى بىلەن  نەنجىڭدىن ئايرىلىپ شاڭخەيدىن ئوغرىلىقچە شىئەنگە كەلگەن، ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ق ك پ نىڭ مەركىزى بولغان  يەنئەنگە كەلگەن.
        دىڭ لىڭ نازاكەتلىك، ئىقتىدارلىق بولۇپ، ئەركە- نايناقلىق قىلىپ كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالاتتى. خاركتىر جەھەتتە يېڭى ئېقىمدىكى  قىزلارغا ئوخشاپ قالاتتى.ماۋزىدۇڭ بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدى. ھەمدە ئۇنىڭ ئاتاپ بىر پارچە داڭلىق«پەرىشتىگە يېقىنلاشقاندا» شېئىرىنى يازغان.يەنئەندىكى ۋاقىتتا،  دىڭ لىڭ ماۋزىدۇڭ بىلەن كۆرۈشسىلا ئەركىن بىمالال مۇڭدىشىپ كېتەتتى. بىر قېتىمدا، ماۋزىدۇڭ بىلەن دىڭ لىڭ يەنئەنگە بولغان ھېسسىياتىنى دىيىشەتتى.دىڭ لىڭ مەن يەنئەننى بىر  كىچىك ئوردىغا ئوخشىتىمەن دېگەن. ماۋزىدۇڭ  ئۇنداقتا ياخشىغۇ، ئۇنداقتا بۇ ئوردىنى سىز مەن ئۈچۈن باشقۇرۇپ بېرەمسىز دېگەن. ماۋزىدۇڭ شۇنىڭ بىلەن تۆت ئاياللىق بولغان. دىڭ لىڭ  شۇنىڭ بىلەن  تۆتىنچى ئايال بولۇپ قالغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دىڭ لىڭ  سوتسىيالىزىم ئەدەبىيات ئىشلىرىنى تۇرغۇزغان. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ  ئەدەبىيات- سەنئەت گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى بولغان. مەركىزى ئەدەبىيات  تەتقىقات ئورنىنىڭ (كېيىنكى ئۆگەرتىلگەن نامى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىيات ئۆگىنىش كۇرسى) نىڭ باشلىقى بولغان. ج ك پ تەشۋىقات مىنىستىرلىكىنىڭ  ئەدەبىيات –سەنئەت باشقارما  باشلىقى بولغان،» نىڭ باش تەھرىرى بولغان. يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى،  دائىمىي ھەيئىتى، گوۋۇيۈەن  مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ باشقارما ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ۋە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قاتارلىق سوتسىيالىزىم  ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1986-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى  دىڭ لىڭ كېسەل سەۋەبى بىلەن  بېيجىڭدا ۋاپات بولغان. شۇ يىلى 82 ياشتا ئىدى.

  
            5-ئايال :  ۋۇ لىلى1912-يىلى تۇغۇلغان. بېيجىڭلىق. ئەسلى ئىسمى ۋۇ گۇاڭخۇي، ئىنگىلىزچە ئىسمى لى لى. يەنى ئەركىلەتمە ئىسمى. بېيپىڭ قىزلار پىداگوگىكا  ئۇنىۋېرسىتىتىنى ئوقۇغان تالانتلىق ئوقۇغۇچىسى. ئىنگىلىز تىلىدا ئالاھىدە ياخشى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ۋۇ لى لى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغان. ھارون، سىنا ۋە سىمىترى قاتارلىقلار بىلەن تۇنۇشقان.1937-يىلى 7-ئاينىڭ7-كۈنى لۇگۇچياۋ ۋەقەسى قوزغىلىپ، پىڭ جىن قولدىن كېتىدۇ. ۋۇ خانقىز ۋەتەننى قىزغىن  سۆيىدۇ، ئۇ ئارزۇلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ياپونغا قارشى كۆرەش قىلىپ ۋەتەنگە ئازراق تۆھپە قوشۇشنى كۆزدە تۇتۇپ سىمىترى بىلەن  يەنئەنگە كىلىدۇ.  3-ئايغا كەلگەندە، سىمىترى  ۋۇ لى لى  بىلەن كەچىلىكى  چىركاۋدا تانسا ئۆگىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋۇ لى لى  تانسا چولپىنى بولۇپ قالىدۇ. شىمالىي شەنشى نامراتلىقتىن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.
        ۋۇ خانقىز چىپاۋ( يېنىدا ئۇزۇن چېكى بار كۆينەك)نى سېلىۋېتىپ ھەربىيچە فورما كىيىپ، بۈدۈرە  قىلغان چېچىنى قويىۋېتىپ، لېۋىگە سۇس لەۋ سۇرقىنى بۇرنقىدەكلا سۈرۈۋالغان بولۇپ كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتاتتى. ئەلۋەتتە ماۋزىدۇڭنىڭ دىققىتىنى قوزغاتقان ئىدى. كېيىن ماۋزىدۇڭ ئۇنى ئىنگىلىزچە تەرجىمان قىلىۋالدى. لى لى  جانلىق، خۇشخۇش، قىزغىن ، غەربلىكلەرچە خاراكتىرى كىشىنى جەلىپ قىلاتتى. ئۇ دائىم ماۋزىدۇڭغا ئىنگىلىزچە گىزىت-ژورناللارنى ئوقۇپ بېرەتتى. تانسا ئويناپ بېرەتتى ھەمدە ئىنگىلىزچە ناخشىلارنىمۇ ئوقۇپ بېرەتتى. ماۋزىدۇڭ ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان نەرسىلەردىن ھوزۇرلاندى. بىر كۈنى كەچ خې زىجېن ماۋزىدۇڭ بىلەن قاتتىق تاكاللىشىپ قالدى. ماۋزىدۇڭ قارىماققىلا قاتتىق چارچىغان ئىدى. ماۋزىدۇڭ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ: «بولدى سۆزلىمە، چىقىپ كەتكىن زىجېن» دېدى. زىجېىن دەرھال نىشانىنى  لى لى  يۆتكەپ ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كەلدى. بىر قولىدا ئېلېكتر يەنە بىر قولىدا  لى لىنىڭ يۈزىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ چاچلىرىنى يۇلدى.  ۋۇ لى لىنىڭ بېشىدىن قان ئېقىشقا باشلىدى. ۋۇ لى لى  قورققىنىدىن سىمىترىنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالدى. كېيىن ماۋزىدۇڭ ئادەم قويۇپ خې زىجېىننى  كەتكۈزۋەتتى. 
      خې زىجېىنىڭ بۇ ئىشىدىن  ۋۇ لى لى  يەنئەندە تۇرۇشقا ئامالىسىز قالغان ئىدى.ئاندىن ئامالسىز شىئەنگە كەتكۈزۋەتتى. بۇ يەردە ئىككى خىل ئېيتىشلار بار. بىرى مەركەزنىڭ قارارى، ماۋزىدۇڭمۇ قارشى تۇرالمايدۇ. يەنە بىرى جۇ ئېنلەي ۋۇ لى لىنى  ئامېرىكا  مەركىزىنىڭ ئەۋەتكەن ئاخباراتچىسى خەتەرلىك ئونسۇر دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىەلن ئۇنى شىئەنگە قايتۇرغان، ئۇنى ماۋزىدۇڭ بىلەن  كۆرىشىشنى چەكلىگەن. ۋۇ لى لى  شىئەنگە قايتقاندىن كېيىن، گومىنداڭ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. شۇ ۋاقىتتا،  ئۇنى تاكى ئالىي مەكتەپتىلا قوغلىشىۋاتقان جاڭ يەنتيەن خۇزۇڭنەننىڭ 7- تارمىقى سىياسىي مىنىستىرلىكىنىڭ مۇدىرى بولغان ئىدى. ۋۇ لىلى نى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ  ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان. 1949-يىلى چىڭدۇدىن تەيۋەنگە كەتكەن. يولدىشى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىغان، ۋۇ لىلى  ماۋزىدۇڭنى ئۇنتىيالمىغان. ۋۇ لىلى دائىم تاماق يېگەن ۋاقىتلىرىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ:«شۇ شىمالدىكى  ئۇلۇغ زاتقا بەخىت تىلەيمەن» دەپ قوياتتى، شۇنداق دېگەن ۋاقىتلىرىدا شۇنچىلىك جانلىنىپ كېتەتتى.
ۋۇ لىلى 1975-يىلى  ۋاپات بولغان. 

       6-ئايال: جاڭ چىڭ ئەسلى ئىسمى: لى يۈنخې،  1914-يىلى تۇغۇلغان،  شەندۇڭ جۇچېڭلىق. 1929-يىلى باھاردا،  جىنەندە شەندۇڭ تىياتىرخانىسىغا كىرگەن.  1933-يىلى ج ك پ ئەزاسى بولغان. بەش ئايدىن كېيىن  پارتىيە بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن. 1934-يىلى شاڭخەي گومىنداڭ ھۆكىمىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا لەن پىڭ ئىسىم بىلەن داڭلىق كىنو چولپىنى بولغان. 1937-يىلى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا،  7- ئىيۇل ۋەقەسى پارتىلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، لەنپىڭ شاڭخەيدىن ئايرىلىپ شىئەنگە كەلگەن. 8-ئايدا، يەنئەنگە كەلگەن. شۇ ۋاقىتتا ئىسمىنى جاڭ چىڭغا ئۆزگەرتكەن. 11-ئايدا ياپونغا قارشى ھەربىي ئىشلار ئۇنىۋېرسىتىتېدا (ماركىسىزىم-لېنىنىزىم ئىنىستىتۇتىدا ئۆگىنىش قىلغان.)
        1938-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى لۇشۇن سەنئەت ئىنىستىتۇتى يەنئەندە قۇرۇلغان. جاڭ چىڭ تىياتىر فاكولىتىتىنىڭ يېتەكچىلىك خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھەمدە «زۇلۇم قىلىنغان ئادەم»،«ئىشكاپ ئىچىگە سولىنىپ قىلىش»قاتارلىق دىرامىلارنى ئورۇنلىغان. 8-ئايدا، جىڭجۇ تىياتىرى ئورۇنلاپ ماۋزىدۇڭنى قايىل قىلغان. جاڭ چىڭنىڭ گۈزەللىكى ھەم نازاكىتى ماۋزىدۇڭنى مەپتۇن قىلىۋالغان. ماۋزىدۇڭ گەرچە  ھەر كۈنى نۇرغۇنلىغان  ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن جاڭ چىڭنىڭ ئويۇن قويۇشىنى ئاڭلاپ قالسا، ئاساسىي جەھەتتىن كۆرگىلى كېلەتتى. كېيىن ئۇ  ھەربىي ئىشلار ھەيئىتىنىڭ ئىشخانا كاتىپى بولغان. ماۋزىدۇڭنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلغان، ماۋزىدۇڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. (ماۋزىدۇڭنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئايالى خې زىجېن سوۋىت ئىتتىپاقىدا  كېسىلىنى داۋالىتىۋاتاتتى.) 1938-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى كاشىڭنىڭ تۇنۇتشتۇرۇشى، ج ك پ نىڭ تەستىقلىشى بىلەن ماۋزىدۇڭ بىلەن  جاڭ چىڭ توي قىلغان. 1940-يىلى بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان،  قىزنىڭ ئىسمى لى نا بولغان.
        1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جاڭ چىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرىنچى خانىمى بولغان. ج ك پ مەركىزى  تەشۋىقات مىنىستىرلىكى كىنو سىتودىيىسى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى كىنوچىلىق ئىشلىرى يېتەكچى ھەيئەت ئەزاسى ۋەزىپىرىلىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. 1963-يىلىدىن باشلاپ ھازىرقى زامان جىڭجۇ تىياتىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىسلاھاتى  ئېلىپ بارغان.
       1966-يىلى مەدەنىيەت ئىنقىلابى باشلانغاندىن كېيىن، ئۇ مەركەزنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلاب بىرىنچى كىچىك ئەترەتنىڭ ئەترەت باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئازاد بولغاندىن كېيىنكى مەدەنىيەت ئىنقىلاب گۇرۇپپىسى مەسلىھەتچىسى بولغان. جاڭچىڭ خۇڭ ۋېيبىڭ ئوقۇغۇچىلارغا چاقىرىق قىلىپ،  زور تۈركۈمدىكى سىياسىي زاتلار  ۋە  ئىجتىمائىي پائالىيەت مۆتىۋەرلىرىنى باستۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە شۇ ۋاقىتتىكى دۆلەت رەئىسى لىيۇ شياچى، ۋە   ج ك پ نىڭ  باش  شۇجىسى دېڭ شياۋپىڭمۇ بار ئىدى.
       جاڭ چىڭ ماۋزىدۇڭنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدىكى جۇڭگودىكى ئەڭ زور تەسىرى بار سىياسىي زاتلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.  1969-يىلى ج ك پ 9 نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا، جاڭ چىڭ  ج ك پ نىڭ سىياسىي بىيرۇسىغا كىردى.  1971-يىلى  لىن بىياۋ ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇ جاڭ چۇنچىيۋ، ياۋ ۋېنيۈەن، ۋاڭ خۇڭۋېنب لەر بىلەن بىرلىشىۋالغان. كېيىن،  ج ك پ تەرىپىدىن تۆت كىشىلىك گۇرۇھ دەپ تەنقىد قىلىنغان.
      1976-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ماۋزىدۇڭ ئالەمدىن ئۆتتى، 10-ئاينىڭ 6 –كۈنى خۇا گوفېڭ، يې جيەن يىڭ، ۋاڭ دۇڭشىڭ، لى شيەننىيەن قاتارلىق كىشىلەر ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىش  تاكتىكىسى بىلەن تۆت كىشىلىك گۇرھتىكىلەر ۋە  ماۋ يەنشىڭنى قولغا ئالغان ھەم ئايرىم نازارەت قىلغان. 1977-يىلى 7-ئايدا،  ج ك پ 10–نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدا،  جاڭ چىڭنى مەڭگۈلۈك پارتىيىدىن قوغلاندى قىلغان.
        1980-يىلى 11-ئاينىڭ 20 كۈنىدىن 1981-يىلى 1- ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى  ئالاھىدە سوت ئېچىپ  تۆت كىشىلىك گۇرۇھ  ۋە لىن بياۋ گۇرۇھىدىكى ئاساسلىق ئەزالارغا ۋە جاڭ چىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان. 1983-يىلى  1-ئايدا،  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى جاڭ چىڭغا 2 يىلدىن كېيىن  ئۆلتۈرۈش جازاسىنى كېمەيتىپ  مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا  يەڭگىللەتكەن. ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى بىكار قىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرم قىلغان.  1991- يىلى 5-ئاينىڭ 14 كۈنى جاڭ چىڭ بېيجىڭ ج خ دوختۇرخانىسىدا ئۆزىنى ئىسىلىپ ئۆلىۋالغان. 

         7-ئايال : سۇڭ چىڭ لىڭ، سۇڭ چىڭلىڭ 1893-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلغان. ماۋزىدۇڭ بىلەن بىر يىلدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقىتلىرىدا، ماۋزىدۇڭ سۇڭچىڭلىڭنى كۆرۈشنى بەك ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ چاغلاردا،  سۇڭچىڭلىڭنىڭ گۈزەللىكى ۋە  نازاكەتلىكى  ئۇنى  ئىگىۋالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە  ئۇ سۇڭچىڭلىڭنىڭ ئادىمىيلىكلىكىگە بەك ھەۋەس قىلاتتى ھەمدە ئۇنىڭ  مۇكەممەل بىر ئايال دەپ قارايتتى تاكى  1945-يىلى 9-ئايغىچە ماۋزىدۇڭ ئاندىن ئۇنى چۇڭچىڭدا جاڭ جىجۇڭنىڭ ئائىلىسىدە قېتىم كۆرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن،  ماۋېزىدۇڭ ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرغان. ئۇ ماۋزىدۇڭنىڭ خەتلىرى ئىچىدىكى بىردىنبىر قەدىرلىك  ھەدە  دەپ ئاتالغان ئاياللارنىڭ بىرى.
        1949-يىلى  9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 30 –كۈنىگىچە  چۇڭ چىڭلىڭ ججۇڭخاۇ خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ  مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىرىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك  دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان.
      1981-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى  سۇڭ چىڭلىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، جىگەر راكى گىرىپتار بولۇپ قالغان. 15-كۈنى ج ك پ سىياسىي بىيرۇسى سۇڭچىڭلىڭنى قوبۇل قىلدى ۋە پارتىيە ئەزاسى بولدى. 16 –كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئىتى شۇڭچىڭلىڭغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى نامىنى بەردى.
      1981-يىلى 5-ئاينىڭ 29- كۈنى  20دىن 18 مىنىۇت ئۆتكەندە كېسەل سەۋەبىدىن 88 يېشىدا  بېيجىڭدا ئالەمدىن ئۆتتى. 


         8-ئايال: ۋاڭ گۇاڭمېي،  داڭلىق جەمەتتىن كېلىپ چىققان. ئاتىسى ۋاڭ جىچاڭ ئىلگىرى ياپونىيىگە چىقىپ قانۇن فاكولىتىتنى ئوقۇپ كەلگەن. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بېيياڭ مىللىتارسىت ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك سودا مىنىستىرلىكىنىڭ سودا –سانائەت باشلىقى بولغان. ئىلگىرى يەنە ئەنگىلىيە، ئامىرىكىغىمۇ بارغان.
1945-يىلى ۋاڭ گۇاڭمېي پورېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەبىئىي پەن تەتقىقات ئورنىدا پەن-تېخنىكا باكلاۋورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. كېيىن 1946يىلى يەنئەنگە كەلگەن.
        ۋاڭ گۇاڭمېي  ئېسىل جەمەت مەلىكىلىرىدەك بولۇپ، نازۇك، يىقىملىق بولۇپ، ئالىي جەمەتتىكىلەرگە خاس نازاكىتى بار ئىدى. يەنئەنگە بېرىشى بىلەنلا نۇرغۇن كىشلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان ئىدى. ماۋزىدۇڭ نەچچە رەت ئۇنىڭ بىلەن سىرداشقان ئىدى. ۋاڭ گۇاڭمېينى بەكمۇ ماختايتتى. جاڭ چىڭ بۇنىڭغا تولىمۇ ھەسەت قىلاتتى. 1948-يىلى ماۋزىدۇڭ بىلەن جاڭچىڭ تۇنۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋاڭ گۇاڭمېي بىلەن لىيۇ شياۋچى توي قىلدى. شۇنداق قىلىپ ۋاڭ گۇاڭمېي لىيۇ شىياۋچىنىڭ 5- خۇتۇنى بولۇپ قالغان ئىدى.
          لىيۇ شياۋچى دۆلەتنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندا، ۋاڭ گۇاڭمېي ئىككىنچى خانىم بولغان. ئۇنىڭ ئاياللىق نازاكىتى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دىققىتىنى تېزلا تارتتى. ماۋزىدۇڭ ئۇنىڭ بىلەن  مۇڭدىشىشنى بەك ياختۇراتتى. بۇ ئىشىنى جاڭچىڭنىڭ كۈندەشلىكىنى تېخىمۇ قوزغىتىۋېتەتتى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن پايدىلىنىپ ۋاڭ گۇاڭمېيغا تاقابىل تۇرماقچى بولغان. ماۋزىدۇڭ ھەممە ئىشلارنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال  يوليۇرۇق چىقىرىپ،  ۋاڭ گۇاڭمېينى قەتئىي قوغدىغان.
          كېيىن ۋاڭ گۇاڭمېي پۈتۈن كۈچى بىلەن نامراتلارنى يۆلەش خەيىر-ساخاۋەت ئىشىنى باشلىدى. 1995-يىلى «بەخت قۇرۇلۇشى» رەسمىي يولغا قويۇلدى.2006-يىلىغا كەلگەندە،  بەخت قۇرۇلۇشى ـــ نامرات ئانىلارغا ياردەم قىلىش ھەرىكىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 389 نۇقتىسىغا قورۇلدى. ئومۇمىي يىغىلغان پۇل سوممىسى 301مىليونغا يەتكەن. نامرات ئانىلار  ھەم  ئائىلىلەر 154مىڭغا يەتكەن. ياخشىلىق ئىشلارنى قىلغان ئادەم سانى 695مىڭغا  يەتكەن. ئۇ ئىلگىرى جۇڭخۇا نوپۇسلىرى شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2006-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 3 دە  بېيجىڭدا ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇ يىلى 84 ياشتا ئىدى. 4 كۈندىن كېيىن ئۇ جۇڭگونىڭ نامراتچىلىقىنى يوقىتىش نەتىجە مۇكاپاتى بېرىلدى. 


          9-ئايال: جاڭ يۈفېڭ، دۇڭبىينىڭ مۇدەنجاڭدىكى بىر ئاددى-ساددا ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئائىلىدە 8 بالا بولۇپ، ئۇ تۆتىنچىسى ئىدى. ئائىلە ئىقتىسادى بەك ناچار بولغاچقا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمىغان. 1958-يىلى يولۇچىلار پويىزىدا پويىز خادىمى بولغان. 1962-يىلى ماۋزىدۇڭ چىققان ۋاگۇننىڭ خىزمەتچىلىكىگە يۆتكىگەن.1967-يىلى ئۆزى بىلەن بىر يولدا ماڭىدىغان پويىز خادىمى لىيۇ ئەيمىڭ بىلەن توي قىلغان. ماۋزىدۇڭ ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى  1970-يىلى 7-ئايداجۇڭنەنخەيگە يۆتكەپ كەلگەن. كېيىن ماۋزىدۇڭنىڭ تۇرمۇش كاتىپى بولغان. ماۋزىدۇڭنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىگىچە ئۇنىڭغا ھەمرا بولغان. ماۋزىدۇڭنىڭ  ئۇنىڭ ھەۋەس قىلىش خاراكتېرى جەھەتتە جېن زىخېغا بەكمۇ ئوخشاپ قالاتتى. شۇ ۋاقىتلاردا پېشقەدەم جاڭ چىڭدىن شۇنچىلىك زېرككەن ۋاقىتلىرى ئىدى. ئەتراپىدا باللىرىمۇ يوق، ناھايىتىمۇ يالغۇزچىلىق ھېس قىلغان.
          ھوقۇقى  چەكسىز بولغان ماۋزىدۇڭ جاڭ يۈفېڭغا بەكمۇ يول قوياتتى. بىر قېتىم،  جاڭ يۈ فېڭنىڭ  مېھمانغا بىھۆرمەتلىك قىلغانلىقىدىن ماۋزىدۇڭ ئۇنى قاتتىق تەنقىدلەپ سۆزلىگەن.  ئۇ ئاچچىقلاپلا گەپمۇ قىلماي تاشلاپ كېتىپ قالغان. ماۋزىدۇڭ جاڭ يۈفېڭدىن ئايرىلغان بۇ بىر قانچە كۈنلەردە، تاماقلىرىنىمۇ يېمەي، خىزمەتلەرنىمۇ قىلمىغان. ھەر كۈنى جاڭ يۈفېڭ دېگەن ئىسىمنىلا يېزىپ ئولتۇرغان. كېيىن ۋاڭ دۇڭشىڭ جاڭ يۈفېڭنى ماۋزىدۇڭنى يېنىغا ئەلگەن. ئاندىن ماۋزىدۇڭمۇ ئوڭشىلىپ قالغان. جاڭ يۈفېڭ يەنە جۇڭنەنخەيگە قايتىپ كەلدى. شۇ ئىشتىن كېيىن ماۋزىدۇڭ بۇ خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ تونىمايدىغان خىزمەتچىسىگە مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قالدۇرغان «ئىشنى ئەستايىدىل قىلىدۇ، ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلايدۇ، جاڭ فېينىڭ ئەۋلادىدەك، تېگىپ قويسىلا پارتىلايدۇ.» 
ماۋزىدۇڭ بىر ئالىيجاناپ  پىشقەدەم، بىر ئۆمرىدە ئىگىلىپ باقمىغان ئادەم، ئەمدىلىكتە مۇشۇنداق بىر ئاددىي تۇرمۇش كاتىپىغا ئامالسىز قالغان، ئۇنى سېغىنغان. بۇ ۋاقىتلاردا ماۋزىدۇڭنىڭ جاڭ يۈفېڭغا بولغان ھېسسىياتى تايىنىۋېلىش ۋە مۇھەببەت بولغان. ماۋزىدۇڭ  ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن،  جاڭ چىڭ رەئىسنىڭ خانىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ماۋزىدۇڭنى شەخسىي مۈلكىگە تەگمەكچى بولغان، جاڭچىڭ بىخەتەرلىك ساندۇقىنى ئاچماقچى بولغاندا، ئويلىمىغان يەردىن جاڭ يۈفېڭ: «رەئىس قالدۇرغان ھەممە نەرسە، پارتىيە بىلەن دۆلەتنىڭ مال –مۈلكى بولىدۇ. ئەگەر بىر تەرەپ قىلماقچى بولسىڭىز، چوقۇم مالىيە رەھبىرىنىڭ تەستىقلىشى بولۇشى كېرەك »دېگەن. بۇ ئىش جاڭ چىڭنىڭ قاتتىق غەزىۋىنى قوزغىغان. كېيىن، جاڭ يۈفېڭ بۇ ئىشىنى خۇاگوفېڭغا دوكلات قىلغان ھەمدە بۇ ئىشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنىمۇ ئېيتقان. جاڭ يۈفېڭ جۇڭنەنخەيدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، دەسلەپتە جۇڭگو تۇنجى تارىخى ئارخىپلار ساقلاش خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كېيىن،  ئۇ ئۆزىنىڭ تەلىپى بىلەن يەنىلا  تۆمۈر يولغا قايتىپ كەلگەن. ئادەتتىكى بىر تۆمۈر يول خىزمەتچىسى بولغان. 2000-يىلى ئۇ تۆمۈر يول پېشقەدەم  كادىرلار ئورنىدىن پىنسىيىگە چىقىپ بەخىتلىك بولغان ئاخىرى ئۆمرىنى ئۆتكۈزمەكتە. 


        10-ئايال: ئېمىلدا خانىم، ئادەتتىكى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى ئىدى. 9 يېشىدا ئاپىسى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئاچا –سىڭىل قېرىنداشلىرىدىن ئالتىسى بار بولۇپ، ئۇ ئائىلىدىكى چوڭ بالا ئىدى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن باشلاپ، يېرىم كۈن ئوقۇپ، يېرىم كۈن ئوقۇپ، يېرىم كۈن خىزمەت قىلاتتى. ئىمىلدا  خانقىز شۇنچىلىك جاسارەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ دائىم دەيدىغان سۆزى« چىرايىمىزدىن مەڭگۈ كۈلۈمسىرەش كېرەك،  قايغۇ –ئەلەمنى مەڭگۈ ئىچىمىزگە يۇتۋېتىشىمىز كېرەك » دەيتتى. كېيىن  ئۇ  فىلىپىننىڭ بىردىنبىر گۈلى بولۇپ قالغان. گۈزەل بولۇپلا قالماي، شۇنچىلىك جەلىپكار ئىدى. ئۇ يەنە تېخى ناخشا  ئېيتالايتتى. كېيىن ئۇ فلىپپىن زۇڭتۇڭىنىڭ ئايالى بولۇپ قالغان.
        1974-يىلى 9-ئايدا، ماۋزىدۇڭ ماركىس ئەر-ئايال بىلەن كۆرىشكەن. ماۋزىدۇڭنىڭ شۇ ۋاقىتتا تېنى ناھايىتى ئاجزىلاپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن  دۆلەتنىڭ ئابرويى  ئۈچۈن  ئۆزىنى رۇسلاپ  مېھمانخانىدا مېھمانلارنى كۈتىۋالغان.  
        شۇ ۋاقىتتا چىرايلىق گۈزەل ماركىس خانىمنى  كۆرگەن ۋاقتىدا،  ماۋزىدۇڭ  تۇيۇقسىزلا قاتتىق ھەيرانلىقتا ئۇنىڭغا باقىدۇ. بۇ ھالەت  يەنە جاڭچىڭنىڭ كۈندەشلىكىنى قوزغاپ قويغان ئىدى.  ئارقىدىنلا  يەنە تېخىمۇ  كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان ھالەت يۈز بەردى، ماۋزىدۇڭ  يەنە ئۇشتۇمتۇتلا ئىمىلدا خانىمنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ مەيدىسىگە ياققان. ئاندىن قولىغا سۆيۈپ قويغان. خانىم  تەسىرلەنگىنىدىن« مەن بەك بەخىتلىك ئىكەنمەن» دېگەن. بۇ نەق مەيداندىكى خاتىرە قالغان بىر  سۈرەت.
    بۇ بىردىنبىر ماۋزىدۇڭنىڭ بىر ئايالنى سۆيۈپ قويغاندىكى سۈرىتى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان.  1965-يىلىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ تاكى 1985-يىلىغىچە تەخىتتىن چۈشكىچە ماركىس ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بايلىقىنى سانىغاندا، 5 مىلياردىن 10 مىلياردقىچە ئامرىكا دوللىرى بولغان. ماركىس ئەر-ئايال فىلىپپىن تارىخىدىكى ئەڭ  چىرىكلەشكەن سېسىق نامى پۇر كەتكەن زۇڭتۇڭ ۋە خانىم بولغان. فىلىپپىن خەلقى ماركىسنى ھوقۇقىنى تاشلىغاندىن كېيىن، ئىمىلداغا ھۆكۆم چىقارغان، كېيىن كەچۈرۈم قىلغان. 80 يېشىدىمۇ يەنىلا سايلام ئەزاسى بولغان. 



ھەممىسىنىڭ سۆرىتى بار ئىدى  يوللىيالمىدىم
تەرجىمىسى: گۈلجەننەت مۇھەممەت

[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-06-09 06:08قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-09, 00:10
يازىمەن دەپ يازالمىدىم، يازمايمەن دەپ تۇرالمىدىم
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-06-08 22:07 |
satar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 74
شۆھرەت: 375 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 375 سوم
تۆھپە: 224 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 224 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ماۋزۇدۇڭنىڭ تۇنجى سۆيگىنى تاۋيى نىڭ سۈرىتى ،
 
music bagdax
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-09 06:43 |
b-2
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1684
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

                                                                                                                                   كىنودىكى رەسىممۇ قانداق؟بەك سۈزۈكقۇ
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-09 10:47 |
arkim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 174
شۆھرەت: 1035 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1040 سوم
تۆھپە: 595 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 595 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 223(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاشكارلانمىغانلىرى قانچىلىك باردۇ؟...
hawar
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-09 11:32 |
بارخان
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1370
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 67
شۆھرەت: 390 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 399 سوم
تۆھپە: 233 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 233 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 239(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تېمىغا بىر نەرسە دېگىنىم ئەمەس  ،ئەمما بىر ئەركەك ئۆمرىدە 10 خوتۇن بىلەن چېپىلىشسا ،بۇنىڭ باغداشتا نادىرلىغۇدەك نېمىسى بار  ؟؟ ئۇزۇنراق تېما بولسا ھەممىنى نادىرلاۋېرەمسىز يە خەۋەر  باشقۇرغۇچى  ؟
چىقىپ «بوران» كۆچۈپ «قۇملار» كۆمۈلگەيمۇ ئىزىمىز ؟
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-09 12:25 |
hawar
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 87
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 59
شۆھرەت: 627 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 612 سوم
تۆھپە: 314 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 317 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 254(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى بارخاندە2011-06-09 12:25يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تېمىغا بىر نەرسە دېگىنىم ئەمەس  ،ئەمما بىر ئەركەك ئۆمرىدە 10 خوتۇن بىلەن چېپىلىشسا ،بۇنىڭ باغداشتا نادىرلىغۇدەك نېمىسى بار  ؟؟ ئۇزۇنراق تېما بولسا ھەممىنى نادىرلاۋېرەمسىز يە خەۋەر  باشقۇرغۇچى  ؟   


كەچۈرۈڭ : تېما ماۋزۇسى ماۋزۇدۇڭ ياقتۇرغان ئاياللار بولغان بىلەن مەزمونى خېلى يامان ئەمەسكەن ! شۇڭا نادىرلىشىم ئىدى ، ئەگەر تورداشلارنىڭ پىكرى بولسا نادىرلاشتىن قالدۇرساقمۇ بولىدۇ !
music bagdax
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-09 12:53 |
tohotur

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 407
شۆھرەت: 2292 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2292 سوم
تۆھپە: 1347 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1350 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 827(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ تىما ئۆزگۇچە بۇرۇن بىلمىگەن ئىشلاردىن خەۋەر بەرگەن ،بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنى تېخخمۇ كېڭەيـتىىشكە پايدىلىق ، تەرجىمان بۇ سەزگۇر نۇقتىنى ئەپچىلىلىك بىلەن تەرجىمە قىلىپ يولداشلارغا ئنساننىڭ مۇرەككەپلىكى ھەقىدە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۇچۇر بەرگەن ،
شۇڭا بۇ تىمىنى نادىرلاش جايىدا بولغان ،
بارخان ئەپەندىمگە كەلسەك سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنىڭ نازۇكلۇق دەرىجىسى چېكىگە يەتكەن  نازۇكلىقىدىن يا ئۆزىنى يا تىما ئىگىسىنى سۇندۇرىدىغان يەرگە يەتكەن ،بۇنداق پىكىرلەرنى دىسەك بولار ئەمما باغداشتا شەخسى ئۇچۇر يوللاش دىگەنمۇ بىر ئىقتىدار بارغۇ .

ئەڭ ئىچىمىنى پۇشارغىنى خەۋەر ئەپەندىمنىڭ لىككى لىككاڭ ئوينىشى  ، بۇنداق ماكا ئويناش شەخىس دائىرسىىدە ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكنى پەيدا قىلسا ، باغداش دائىرسىدە نادىر تىمىنىڭ ئوبرازىنى چۇشۇرىۋېتىدۇ ، توردىكى ھوقۇقىڭزىدىن بولسىمۇ گۇمانلانماڭ ، كەسكەن چوپتەك ئىش قىلىڭ ،چۆچىرىدەك لەيلىتىپ يۇرمەڭ ،
oztil
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-09 19:21 |
suppers010
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2214
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماۋ زې دوڭ ئۆلگەندە 汤唯 نەچە ياش بولغۇيتى...!!!!!!!!
汤唯 1979-يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى تۇغۇلغان تۇرسا
ماۋ زې دوڭ ئۇنى گۆرىدە يېتىپ تۇنجى سۆيگىنى قىپتىكەنما
نىمە دىگەن تېتىقسىزلىق بۇ ..! ! !
  ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ كېتىپتۇ - دە بەزەن بىرلە ....!!!!
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-09 19:36 |
sarsan88
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 145 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 145 سوم
تۆھپە: 85 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 85 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى suppers010دە2011-06-09 19:36يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ماۋ زې دوڭ ئۆلگەندە 汤唯 نەچە ياش بولغۇيتى...!!!!!!!!
汤唯 1979-يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى تۇغۇلغان تۇرسا
ماۋ زې دوڭ ئۇنى گۆرىدە يېتىپ تۇنجى سۆيگىنى قىپتىكەنما
نىمە دىگەن تېتىقسىزلىق بۇ ..! ! !
  ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ كېتىپتۇ - دە بەزەن بىرلە ....!!!!


چاتاقچى ئەپەندىم ، مەن ھەرقانچە ئىزدپمۇ بۇ ئاياللار ئىچىدىن 1979-يىلى تۇغۇلغاننى تاپالمىدىم ،كۆزىڭىزگە ئىشتان كىيۋالمىغانسىز
oztil
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-09 19:49 |
kichikoghul
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1620
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ماۋزېدۇڭنىڭ كۆڭلى سويۇقكەن،مۇھاببىتىگە  پەقەت سادىق ئەمەس  ئىكەن.ئامېركىدا بولغان بولسا زۇڭتۇڭ سايلىنالماسكەن.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-09 21:44 |
yoluchi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2223
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئايالى ئۆلۈپ كەتكەن ئەرنىڭ قايتا توي قىلىشىدە نورمال ئىشقۇ؟ كېىينكىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋاقتى ئوخشىمايدىكەن.ماۋزىدوڭ  تۈرلۈك سەۋەپلەر  ئۇلاردىن ئۇزاق مەزگىل ئايرىلىپ تۇرۇشقا توغرا كەلگەندۇ. ئەرلەر باشقا  نەرسىدىن ئايرىلىپ چىدىغان بىلەن ئايال يوق تۇرمۇشقا چىدىمايدۇ.
دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن بۇ داڭلىق شەخسنىڭ سىياسى تۇرمۇشىنى بىلىپ بېقىشنىڭ زىيىنى يوق. بۇ يەردە تالاش -تارتىش قىلىشنىڭمۇ  ھىچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق.چۈنكى بۇلار تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغان.
ئەمدى بىز ئۆزىمىزنىڭ بۈگۈنى ھەم ئەتسىگە قارايلى.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-10 12:39 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار