saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 15552 قېتىم كۆرۈلدى
ansari
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 148
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 52
شۆھرەت: 467 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 509 سوم
تۆھپە: 248 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 251 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 177(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ تەرجىمىھالى

مىللىتىمىز تارىخىدا ئوينىغان رولى ھەرقانداق ئادەمدىن قېلىشمايدىغان مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىنىڭ تەرجىمىھالىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئازلىقى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر شەخس سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بولسا، ئىككىنچىسى مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىدۇر. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا نەق 1000 يىلچە ئۆتكەن. (981- 1981). ئىسلام ھەر مىڭ يىلدا بىر گۈللىنەرمىش. قارىغاندا بۇ گەپمۇ توغرا بولسا كېرەك. تۆۋەندە ئالىمنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتۈڭلار.
        ئىجتىھاتلىق تۆھپىكار ئالىم مۇھەممەد سالىھ1991-يىلى 10- ئاي. ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيتىنىڭ پايتەختى قاھىرەدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەۋلۇدىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق تەنتەنىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ئىلمى مۇھاكىمە خاراكتېرىنى ئالغان بۇ قېتىملىق يېغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تاللانغان خەلقئارا ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان 10 ئالىم مىسىر زۇڭتۇڭى مۇھەممەد ھۈسنى مۇبارەكنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، ھۈسنى مۇبارەكنىڭ ئۆز ئىمزاسى قۇيۇلغان تەبرىك شاھادەتنامىسىنى ئۆز قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ 1-دەرىجىلىك ئىلىم پەن ئۇردىنى بىلەن مۇكاپاتلاندى. دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ تۆھپىكار ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشتى. بۇ ئون ئالىم ئىچىدىكى تولىمۇ يىراق تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن، بېشىغا يارىشىملىق بادام دوپپا، بەقەسەم تون كىيگەن بىر ئۇيغۇر گېزىت-ژورنال مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىش ئوبېكتى بولۇپ قالدى. ئىسلام دىنى تەتقىقات ساھەسىدىكى سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئۆز خەلقىنى خەلقئارالىق سەھنىلەرگە ئېلىپ چىققان بۇ كىشى دىنشۇناس، قۇرئانشۇناس، تەتقىقاتچى ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام ئىدى.  
1992-يىلى رامىزان ئېيى. ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ راباتتىكى خان ئوردىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن رامىزان لېكسىيە ئوقۇش يىغىنى داۋام قىلىۋاتاتتى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ گىلەملەر بىلەن بېزەلگەن شاھلىق تۆشەك ئۈستىدە ماراكەش پادىشاھى ھەسەن2 ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى، سول تەرىپىدە ماراكەشنىڭ ھەربىي، مۈلكى ئەمەلدارلىرى، ئالدى تەرىپىدە بولسا مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان چەتئەللىك نۇپۇزلۇق دىننى ئالىملار ئولتۇراتتى. پادىشاھنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئىسلامىيەت ئىلمى تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان لېكسىيە ئوقۇش يېغىنىغا پادىشاھ ھەسەن 2 شەخسەن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىۋاتاتتى. بۈگۈنكى لېكسىيە ئوقۇش نۆۋىتى جۇڭگۇدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئالىم مۇھەممەد سالىھقا كەلگەنىدى. مۇھەممەد سالىھ ئورنىدىن تۇرۇپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندىن كېيىن ئەرەب تىلىدا يېزىپ تەييارلىغان شىنجاڭدىكى مەسجىدلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دەۋىتىدىكى رولى دېگەن تېمىدىكى ئىلمى ماقالىسىنى ئوقۇشقا باشلىدى. بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ماقالىنىڭ ئاساسى ئىددىيسىنى يورۇتۇپ بېرىش ئاسانغا چۈشمەيتتى. ئەمما مۇھەممەد سالىھنىڭ بۇنداق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنلىرىغا قاتنىشىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس ئىدى، شۇنداق بولغاچقا ئۇ ئانچە قىينالماستىن، ماقالىنى كۆڭلىگە پۈككەن پىلان بويىچە ئىخچاملاپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھىلىدى.  
يىغىندىن كىيىن مۇھەممەد سالىھنى پادىشاھ ھەسەن 2 قوبۇل قىلدى. مۇھەممەد سالىھ جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، ئىسلام مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلام تەتقىقاتى ساھەسىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى تۇنۇشتۇردى ۋەقۇرئان كەرىم بىلەنسەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تەقدىم قىلدى. شۇ پۇرسەتتە مۇھەممەد سالىھ جۇڭگۇ-ماراكەش دوستلىقىنى مەدھىيلەپ ئەرەب تىلىدا يازغان قەسىدىسىنى پادىشاھقا سۇندى. كېيىن پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ قەسىدىنى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان داغدۇغۇلۇق تەبرىكلەش پائالىيتىدە دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇپ بەردى. تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئانا تىلى بولمىغان، يەنە كىلىپ ئەڭ تەس تىل ھېسابلىنىدىغان ئەرەب تىلىدا يازغان بۇ پاساھەتلىك قەسىدىسىدىن يىغىن قاتناشچىلىرى ئىسلام تارىخىدا تۆھپىسى زور ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنىڭ تارىختىكى سىماسىنى قايتا كۆرگەندەك بولدى ۋە ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى... قەسىدە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن پادىشاھ ھەسەن2 بۇ ئالىم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىۋىتىپ: قەسىدىنى ناھايىتى پاساھەتلىك يېزىپسىز، خۇددى ئىبنى زەيدۇن )ئەرەبلەرنىڭ ئاتاقلىق كىلاسسىك شائىرى( نىڭ شېئرىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم دېدى. ماراكەشنىڭ دىننى ئىشلار ۋەزىرى، ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇلكەبىر ئەلەۋى پادىشاھ ئالىيلىرى سىزنىڭ قەسىدىڭىزنى چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى. ئىلگىرى بىرەر ئەدىبنىڭ ئوقۇغان شېئرىغا چاۋاك چالغان ئەمەس دېدى. |   شۇنىڭدىن كىيىن ۋەزىر ماراكەشتە يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان رامىزان ئېيى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىغا مۇھەممەد سالىھنى بىرەر قەسىدە يېزىپ ئوقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇردى. ھەر يىلى ئۇنىڭ يېغىندا يېزىپ ئوقۇغان قەسىدىلىرى شۇ يىللىق لېكسىيە توپلىمىنىڭ ئالدىنقى بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى.  
1998- يىل مۇھەممەد سالىھ رامىزان ئېيى لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىغا قاتنىش ئۈچۈن ماراكەشكە ئەمدىلا يېتىپ بېرىشىغا دىنى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەۋى ئۇنىڭغا: سىزگە خۇشخەۋەر، يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا پۈتۈن يىغىن قاتناشچىلىرى بولغان ئالىملارغا ۋاكالىتەن پادىشاھ ئالىيلىرى ھۇزۇرىدا خۇلاسە سۆزى قىلىشقا سىزنى تەيىنلىدۇق. بۇ چوڭ شەرەپ، بۇندىن بۇرۇن بۇ ئىشقا پەقەت ئەرەب ئالىملىرىلا تەكلىپ قىلىنغان. غەيرى ئەرەب ئالىملىرىدىن تۇنجى بولۇپ سىز تەكلىپ قىلىندىڭىز دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد سالىھ پۇختا تەييارلىق قىلىپ، بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، ئالىملارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. پادىشاھ ھەسەن2 مۇھەممەد سالىھقا تارتۇقلاش يۈزىسىدىن، ماراكەشنىڭ ئادىتى بويىچە شاھنامە كۇلالىق تون بىلەن يەتتە قەۋەت لىباس كىيگۈزدى
مۇھەممەد سالىھ 1936-يىلى ئاتۇشتىكى فازىل، تۇنۇلغان ئالىم سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سالىھ داموللا ھاجىم ئەينى زاماندا ئەرەب، پارىس ئەدەبىياتى بويىچە يېتىلگەن ئەدىب، ئىسلام دىنى ئىلمىدا توشقان كاتتا ئۆلىما، مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى. پەننى مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن مۇھەممەد سالىھ دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا ئەتراپلىق دىنى تەلىم ئېلىشقا باشلىدى 11 يېشىدىلا خەتمىدىن ئۆتۈپ، مۇرەتتەب قارى بولغاندىن كىيىن ئەرەب، ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى، كىيىنكى ئېغىر جاپالىق كۈنلەردىكى قىيىن شارائىت ۋە بېسىم ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە بۈيۈك غايە ئۈچۈن تىكىلىگەن ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمىدى. دادىسى سالىھ داموللا ھاجىم ئوغلىنىڭ يۇمران قەلبىدە ئۇنىڭ توغرا يۆلنىش بويىچە ئەتىراپلىق يېتىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئۇنتۇلغۇسىز، ئىلھامبەخىش ئىزلارنى قالدۇرغانىدى.
دادىسىنىڭ تەربىيسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى ئىلىم تۈرلىرىگە پۇختا ئاساس سېلىپ بولغان مۇھەممەد سالىھ كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگۇ ئىسلام ئېنىستىتوتىدا بەر يىل ئوقۇدى. ئەينى چاغلاردا مىسىردىن تەكلىپ قىلىنغان بەھىييۇددىن زەييانى، شەيىخ ئابدۇللەتىف ھامىد سۇلايمان قاتارلىق پىروفېسسرورلارنىڭ بىۋاستە يېتەكچىلىكىدە، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، ئەقىدە، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، ئىلمى بالاغەت، ئىلمى كالام، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سېستىملىق ئۆگەندى. 1960- يىلى كۈزدە مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا ئورۇنلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆڭلىگە پۈككەن پىلانلىرى بويىچە پۈتۈن زېھنى بىلەن دىن تەتقىقات خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى.  
قۇرئان كەرىم دۇنيادا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىۋاتقان شارائىتتا، ئۇنىڭ ھازىقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنىڭ يوقلىقى زور بىر بوشلۇق ئىدى. ئۇنى تەرجىمە قىلىش ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى قۇرئاننى بىۋاستە چۈشىنىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى جىددى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلىم-پەن خادىملىرىنى قۇرئاننى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلاتتى. ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ تەشنالىقىنى چۈشەنگەن مۇھەممەد سالىھ «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشنى نىيەت قىلىپ، خېلى بۇرۇندىن تارتىپ نۇپۇزلۇق قۇرئان تەفسىرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى توپلاشقا كىرىشكەن ئىدى.   yjhf  
«قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش مۇرەككەپ بىر تەتقىقات جەريانى بولدى. مۇھەممەد سالىھ ھەربىر ئايەتنى تەرجىمە قىلغاندا نۇپۇزلۇق تەپسىر كىتاپلىرىغا ۋە كىلاسسىك ئەرەپ تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئەرەپ تىلى سېلىشتۇرۇلغان لۇغەت-قامۇسلارغا مۇراجىئەت قىلدى. ئىپادىلەش جەھەتتىمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۈرۈپ، ھەربىر سۆز ئۈستىدە ئەتىراپلىق ئىزدەندى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەربىر ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئەينەن تەرجىمە قىلدى. كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق يارتىپ بېرىش ئۈچۈن، زۆرۈز تېپىلغاندا جايلارغا قىستۇرما سۆز ۋە قىسقىچە ئىزاھلارنى بەردى. بۇ ئىزاھلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشەنچىلىك قۇرئان تەپسىرلىرىدىن تاللاپ ئېلىندى. ?)`
ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر بىر مۆجىزە، ئۇلۇغ ئىشلار كىشىلەرنىڭ قان-تەر تۆكىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ كۆپ يىللىق جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىر مۇسۇلمانلارنىڭ دىننى دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەلەپكە لايىق رەۋىشتە تەرجىمە قىلىپ چىقتى. قۇرئاننىڭ قىسقىچە تەفسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تەرجىمە پۈتۈپ نەشىر قىلىنىش ئالدىدا، شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى بويىچە دىيارىمىزدا مۆتىۋەر ھېسابلانغان 15 نەپەر نوپۇرلۇق ئالىمنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئۆلىمالار تەرجىمىنى باشتىن-ئاخىر مۇتالىئە قىلىپ چىقىپ، بىر ئېغىزدىن ماقۇللاپ، ئالاھىدە تەھسىن ئوقۇپ، تەقرىز يېزىپ بەردى. بۇ تەرجىمە 1986-يىلى مەركىزى مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن 200 مىڭ پارچە بېسىپ تارقىتىلدى. شۇنداقلا قۇرئان كەرىم نىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فەھدىنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئەمرى بىلەن پادىشاھنىڭ قۇرئان بېسىش مەتبەسىدە بىر قانچە يۈزمىڭ پارچە بېسىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە تارقىتىلدى. سەئۇدىدا بېسىلغان بۇ نۇسخا جۇڭگۇ ئىسلام جەمئىيتى ئارقىلىق ئالدۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىمۇ خېلى نۇرغۇن تارقىتىلدى. )ئالىم ئىشلىگەن قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ سىلاۋىيان يېزىقىدىكى نۇسخىسى مۇسكىۋادا نەچچە مىڭ نۇسخا بېسىپ تارقىتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى.
مۇھەممەد سالىھ يەنە ھەدىس ئىلمىدىكى ئالتە ئىشەنچىلىك، نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان سەھىھۇلبۇخارىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى قاتارلىق كىتابلارنىمۇ ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى.   
مەيلى قۇرئان ياكى ھەدىس بولسۇن، ئالاھىدە ئىجتىمائىي مۇھىتتا ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە، تىلى بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى ئەرەب بەدىئىي تىلىنى ئاساس قىلغان، پاساھەت-بالاغىتى ۋە بەدىئىيلىكى يۇقرى بولغان، ئۇنى چۈشىنىش، ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا تەرجىمە قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ئ.ىستېداتلىق دىنى ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئۇزۇن يىل كىتابلار دېڭىزىدا ئۈزۈش، نۇرغۈن زېھنى قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئاخىر بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى
ئۇلاردىن باشقا، ئۇ يازغان  ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ 29-ۋە 30-پارىلىرىنىڭ تەپسىرى ئىسلام ئېتىكىسىغا ئائىت 30 نەچچە تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان « ‹قۇرئان كەرىم› ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما» ناملىق كىتاب ۋە ئوتتۇرا ھەجىملىك «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» نەشىردىن چىقىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ بۇ ئىستېداتلىق ئالىمنىڭ 20 يىللىق جاپالىق ئەجرى ۋە يۈرەك قېنىنىڭ مېۋىسى بولغان چوڭ ھەجىمدىكى «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت» 2002-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىپ، بۇ ساھەدىكى زور بوشلۇقنى تولدۇردى. يەنە «دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار» ناملىق كىتابىمۇ نەشرىدىن چىقىپ تارقىتىلدى. مۇھەممەد سالىھنىڭ تەتقىقاتى دىنىي تېمىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، تارىخ، تىل، مائارىپ ساھەلىرىگىمۇ چېتىلىدۇ. `

مۇھەممەد سالىھ 1961-يىلدىن تارتىپ تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىشىپ «دىۋان لۇغەتىتتۈرك» كىتابىنى ئەرەبچە فاكسىمىل نۇسخىسى بىلەن باسما نۇسخىغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەنىدى. 4 يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ نەشىرگە سۇنۇش ئالدىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ شۇ «ئىنقىلاب» قالايمىقانچىلىقىدا ئۇ تەرجىمە نۇسخا تالان-تاراج قىلىنىپ زايا بولۇپ كەتتى.
مۇھەممەد سالىھ يەنە ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا «جامىئۇتتەۋارىخ». «تەۋارىخ خەمسە»، «غازات دەر مۈلكى چىن»، «ئىھيا ئۇلۇمىددىن»، «مەكتۇبات»، «تەزكىرەئى ئەزىزان»، «سىررۇلمۇخلىس»، «زەپەرنامە»، «تەزكىرەئى ئۇۋەيسىييە»، «تەۋارىخ جەدىدە»، «جەھدۇلمۇقىل»، قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىنى مول ماتېرياللار بىلەن تەمىن ئەتتى.  
ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسىدە 27 يىل ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي، ئىلمى تەكشۈرۈشلەرگە ۋە ماترېيال توپلاشقا قاتناشتى. جاپالىق ئىزدىنىپ بىرىنچى قول ماتېرياللارنى ئېگەللەش ئۈچۈن، شىنجاڭدا ئۇنىڭ ئايىغى تەگمىگەن قەدىمى جايلار، يادىكارلىقلار، مازا-ماشايىخلار، مەسجىد-مەدرىسىلەر قالمىدى. ئەينى چاغدىكى نامدار ئۆلىمالار، پىشقەدەم ۋەقەشۇناسلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇ يەنە «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن»، «ئۇلۇغ ئەدىب تەجەللىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا»، «رۇقەئاتى نەۋائىي ھەققىدە»، «ئاپپاق غۇجا مازىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشى توغرىسىدا»، «مازارپەرەسلىك ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى خۇسۇسىيەتلىرى»، « ‹قۇتادغۇبلىك›تىكى ئۇدغۇرمىش ئوبرازى توغرىسىدا شىنجاڭنىڭ دىنى مائارىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئۆتمۈشى ئىسلام دىنى تارىخىدىكى خاۋارىجلار گۇروھى»،  شىئە ئىسمائىلىيە مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا»، «شىنجاڭدىكى مازارلار توغرىسىدا»، مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ نەسەبنامىسى  ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم پەن دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى» قاتارلىق ئىلمى ماقالىلەرنى يازدى. بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، مەملىكەتلىك يىغىنلاردا ئوقۇلدى ۋە مەركەز ۋە يەرلىكتە چىقىدىغان دۇنيا دىنلىرى تەتقىقاتى جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژورنىلى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. مۇھەممەد سالىھ يەنە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. «تەجدىد» ناملىق غەزەللەر دىۋانىنى، «تۇتنامە»نى، چوڭ ھەجىملىك داستان «مۇھەببەتنامە»، ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ۋە دادىسى سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى نەشرگە تەييارلىدى ۋە «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ بەزى سانلىرىدا ئېلان قىلدى. ]
مۇھەممەد سالىھ بىر تەرەپتىن جاپالىق ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1987-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ياراملىق دىنىي ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دېمەي تەر تۆكتى. ئىنىستۇتنىڭ ھەر قايسى تەرەپتىكى خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە ئوقۇ-ئوقۇتۇش تۈرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ، نازارەتچىلىك قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىۋاستە قول تىقىپ ئىشلىدى، دەرىسلىكلەرنى تۈزدى، دەرىسخانىغا كىتىپ بىۋاستە دەرىس ئۆتتى. 

 جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى 2003- يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-13 21:18 |
ansari
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 148
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 52
شۆھرەت: 467 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 509 سوم
تۆھپە: 248 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 251 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 177(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئالىم تەرجىمە قىلىپ تۇزۇپ چىققان (ياخشىلارباغچىسى)ناملىق كىتاپنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىڭ قەلبىڭىز ئاجايىپ ئىسىل دۇردانىلەر بىلەن نۇرلانغۇسى
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-16 20:39 |
yilpez
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2782
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 120 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 120 سوم
تۆھپە: 72 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 72 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

اللاھ كۆپ ئەجرىلە بەسۇن امىن،
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-10 01:34 |
oqmas.izlar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 232
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 69
شۆھرەت: 350 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 360 سوم
تۆھپە: 210 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 210 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەسىم:
مانا بۇ ئۇلۇغ  ئۇيغۇر دىنى ئالىم مۇھەممەت سالى داموللا ھاجىمنىڭ سۇرىتى.
istanbol
نىمە يىگەنتىڭ زىمىن، مۇنچە ئۇسساپ كەتكۈدەك؟
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-10 11:15 |
halep1112
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2974
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئالىمىمىز ھەقىقەتەن  مەشھۇر زات    ئۇنى تەرىپلەپ تەرىپلەپ بۇلالمايمىز    . ئاللاھ  ئۇنڭدىن رازى بۇلسۇن . بۇغرا خانىمىزمۇ شۇنداق  لىكىن 2-ئورۇندا ئابدۇقادىر دامۇللامنى   ئۇنتۇپ قالساق بۇلمايدۇ
simfoniya
غالىب مۇھەممەد
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-23 19:23 |
qinturk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2217
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
شۆھرەت: 530 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 530 سوم
تۆھپە: 318 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 318 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئابدۇقادىر دامۇللامنى   ئۇنتۇپ قالساق  بۇلمايدۇ   
lutun
مەن دوستانە،سەمىمي كىشلەرگە ئامراق.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-21 23:55 |
motiwarlar
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 243
شۆھرەت: 1627 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1647 سوم
تۆھپە: 918 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 921 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1270(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇھەممەت سالىھ داموللامغا جانابى ئاللاھدىن كۆپ رەھمەتلەر بولسۇن.

    ئالىمىمىز تۈزگەن «ياخشىلار باغچىسى » دىگەن كىتابنى قايتا نەشىر قىلغان بولسا سېتىۋالاتتىم.تۇنجى نەشىرنى ۋاقتىدا ئېلىۋالماپتىكەنمەن.ئەمدى تاپالمايۋاتىمەن.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-11-22 00:54 |
kuyax-1
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3712
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 151 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 153 سوم
تۆھپە: 90 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 92 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     بۇنىڭدىن ئوننەچچە يىللار ئىلگىرى دوستۇمنىڭ بىر ئىشنى ھاۋالە قىلىشى بىلەن مەن شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىغا بېرىپ، مۇھەممەد سالىھ ھاجىم بىلەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا دىدارلاشقانىدىم، مەن ئۇ زاتنى ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلار، دەپ قورۇنۇش ئىچىدە ئىشخانىسىغا كىرىۋىدىم، ئاجايىپ پەزىلەتلىك، جامالىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان، ئىللىق چىراي كىشى ئىكەن. ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قىلغان شۇنداق ئجرىلىرى ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللاھ سانسىز تۆھبىلەرنى بەرگەي.
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-13 18:43 |
abdulla350
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5212
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 113 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 114 سوم
تۆھپە: 68 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 69 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللاھ ئۇ زاتنىڭ ئومرىنى ئۇزۇن ئىلمىنى زىيادە قىلغاي(ئامىن).
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-29 10:07 |
muhsina
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6844
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
تۆھپە: 33 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 33 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

 ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن . ئامىن!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-15 22:38 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 955
شۆھرەت: 4861 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4868 سوم
تۆھپە: 2910 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2916 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 902(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ بۇئالىمدېن كىتاپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىرقانچەقېتىم كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەربولغان
ياخشىلارباغچىسى ،،دۇئالار دېگەن كىتاپلىرىنى زادى بىركۆرۈش كېرەك
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-16 13:56 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر