karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 1330 قېتىم كۆرۈلدى
yoqunadam
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2242
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 70 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 65 سوم
تۆھپە: 37 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 37 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 يــەجــۇجــى-مــەجــۇجــى(ساتىرالار توپلام)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kokturuk تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-06-11)
يەجۇجى - مەجۇجى
ساتىرا
يوچۇن ئادەم
****
بار دىدىڭ، بارماي دىسەم، باردىم تويغا يەڭ تۈرۈپ،
يات كېيىم، يات بىر قىلىق! مەيۈسلۈك  قاپاق تۈرۈپ،
پولو قېنى؟ سەي بىلەن مەي ئىچتۇق كەيىپ سۈرۈپ،
ئۆلمىدىم، يىقىلمىدىم، خوتۇنۇم پەيلىن كۆرۈپ،
سوغوق  قول تەگدى بىلىگە ئولتۇرۇپ قالدىم كۆنۈپ.
****
بىلمەپتىمەن يەجۇجىلار باغلاپ قويۇپ ھاراق تامان،
پىشانەمگە دەسسەپ تۇرۇپ چەيلەپتۇ مېنى سامان،
قۇتۇلماق كېرەك ئىدى ئۇيغۇرۇم پەيلىن يامان،
ئەر-ئايالغا چاپلاشتى بۇ شەيتان قايسى زامان؟
ئويلدىم شۇنداق دەۋىرنى ھەسىرەتتە قالدىم كۈلۈپ.
****
توي دېدۇق قولتۇقلۇشۇپ شەيتان بىلەن تىزدۇق ئۇۋا،
كەل قىزىم پەدىشەپ يوق تانسا دەپ مەيدە سۇۋا!
ئوينىۋال قېرى-ياش يوق كەيىپ سۈر ئاندىن <توۋا!>
بۇ ئويۇنلار جاڭگىلىڭدا بارمىتى ئېيتە بوۋا؟!
بۇ مىللەتكە يات قىلىق تۈزمىدۇق نەچچە ھۈرۈپ.
****
رېستۇراندا بۇز-چېچىپ، ئوتتۇق ھەي! ناننى غاجاپ،
بىر كۈننىڭ خۇشاللىقىدىن نەچچە ئاي ئاچقا چىداپ،
كۆز-كۆزنى قىلىۋېلىپ، ياتتۇق بىز قانچە بىتاپ،
ئول جاھان كۆرمەكلىك بار ئالىدۇ بۇندىن ھېساپ!
دوراشنى توختاتمىدۇق ھەر ۋاقىت قۇرئان كۆرۈپ.
****
قاپاق يېرىق، كىرپىك دىڭ، چاچنى كەستۇق پاقمىۋەش، 
يېرىم ئىشتان، كالتە يەڭ، پايپاق ئۇزۇن، ئاسما كەش،
تىرناق ئۇزۇن، ئاچ مەيدە، تۇرۇقىمىز  لەيلىۋەش،
مەدىنيەتتىن بەك يىراق، قېنى چېكىت؟ قېنى پەش؟
تەقدىرىمىز نە بولغاي ھەر يەردە مۇنداق يۈرۈپ؟!
****
سالتاڭ كىيىم كېيۋېلىپ قىزىمىز پەرىمىدۇ؟
ئۇ كىيىمنى لاھىلىگەن ئەجداتلار تەرىمىدۇ؟
<كەيمىسەڭ گەر ئالمايمەن!> دېگىنى ئەركەكمىدۇ؟
قىزلىرىمىز بۇ سورۇندا بارمىدۇ؟ سەگەكمىدۇ؟
ئۆز كېيىملەر ئۇز ئىدى كېيىڭلار ئۇنى سۆيۈپ.
****
بىر توپ قويغا ئوخشاتتىم ئۇل جوزا ئايالىنى،
شۇنچە چىڭ بىر نەغمە-ناۋا باسمىدى زۇۋانىنى،
مەسخىرىلىك كۆزلىرىمىز دەر: تارتىيسەن ئۇۋالىنى...
يەجۇجى دىدىم قىزنى، مەجۇجى-پەرۋانىنى،
ھىدايەتنى يەتكۈزگەيسىز قىزلارغا اللا كۆيۈپ.
****
ئىزلەيمەن ھەر ۋاقىت دەم ئۇيغۇرۇم  تويلارنى،
ئوخشىغان پولۇ ئۈچۈن سويۇلغان قويلارنى،
نەغمە-ناۋا پەرۋانىسى غۇلاچ ئۇسۇل، بويلارنى،
ئەيمىنىشلەر مۇجەسسەم قىز-يىگىت ئويلارنى،
تاپارمەن قاچان قەيەردە تەكتىماكان ياندا يۈرۈپ.
****
2011-ماي 20-ماي  
قەشقەر
****
كەسمەس باشلىق
ساتىرا
يوچۇن ئادەم
****
ئەمەل ئۈچۈن يول مېڭىپ تېشىلگەن بۇ تاپانلار،
ئەمەل ئۈچۈن گۆش يۈدۈپ ھەلەق-مەينەت چاپانلار،
ئاياللىرىغا <گىرىمخان> ئېچىپ بەرگەن ئاپاملار،
ھەر تەرەپتىن  پايپۇسلاپ ئوتۇن توشىغان ئاتاملار،
شۇ ئەمەلچۈن بوي سۇزۇپ ئۈزۈلۈپ كەتكەن پاتاڭلار.
****
يەتتە ياشلىق بالامچۈن <خەتمە> قىلاي ئۆيۈمدە،
بوغالتىرلا پۇل ساناپ قۇنۇپ قالسۇن كۆيۈمدە،
خىزمەتچىلەر پەرۋانە <قانداق ئىش بار؟> كۆتۈمدە،
پاسات،كالاباش،سانتانا...قاتىراپ ماڭسۇن يولۇمدە،
سەۋەبى شۇ يولۇمدا  تۈزۈلۈپ قالسۇن كاتاڭلار.
****
قىزنى سوراپ كەلگەنلەر چۇقۇم بولار پۇلدارلار،  
تۆتنىڭ ئىچىدە يۈزى بار تېگى-تېگىدىن ھۇلدارلار،
باللىرىمۇ <تۆت سالا> ئېچىپ-چىكەر شۇندالار،
ئۆي تۇتۇپمۇ كەتمەيدۇ ئەقىلسىز شۇ مۇندالار،
قايتا توينى باشلايمىز بېسىقمىسۇن خاپاڭلار.
****
قىزلىرىمىز  ئوينىسۇن، قېنىۋالسۇن ئويۇنغا،
يەنە ئەركەك چىققىچە كۈچنى يىغسۇن بويۇنغا،
بازغان بولۇپ ھاياتتا تېتىپ تۇرسۇن چۇيۇنغا،
ئالدانمىسۇن ئۇ ھەرگىز تەتۈر چىققان قۇيۇنغا،
ھەر تەرەپتىن ھەر قاپقان قۇرۇپ تۇرسۇن ئاتاڭلار.
****
<كۈتكۈچى> دەپ نام بىرىپ  ئاچقۇچ بىرىپ سەتەڭگە،
ئىشخانىنى تۇتقۇزۇپ پارە كىرسۇن ئەتەمگە،
<مۇپەتتىش>لەر كەلگەندە ئارتىپ قويمىز پاتەمگە،
ھاياتلىقتا يەۋېلىپ يىغلاپ قويمىز ماتەمگە،  
خەلىقنى دەپ ئىشلەيمىز بېسقىپ قالار تاپاڭلار.
****
قاپاق تۈرۈپ يوقسۇلغا، خۇشامەتچى بايغا بىز،
چۆل-جەزىرە شۇ پېتى، ئالا قويماي باغدا ئىز،
مەشىرەپ بولسۇن چىقىم قىل! ئوينىۋالسۇن ئوغول-قىز!
كېتىڭ ئەبگاھ دېھقانلار، بايغۇجاملار كېلىڭ تىز!
بۇ كۈتۈشكە قاتناشسۇن توۋلا ئوغلۇم ئاپاڭلار!
****
<مەرتىۋە> ئاشسا <كېسەللىك> چىرماپ تۇرسا ھەر ياندىن،
مېيىپ-چولاق بولمايلا ،چاتاق چىقسا قان-مايدىن!
يوقلاپ تۇرار <باشلىق> دەپ يىغىۋالساق بىز ئاندىن،
سەۋەبلەر كۆپ يىغىشقا ئايرىلمىساق بۇ جاندىن!
ئوغا قايناپ تاشمىسۇن بۇ مۇشۇنداق پاراڭلار.
****
تىرىك ئەپكەل قويلارنى سويساڭ يىسەم <پارە> بولۇر،
قان ئاققۇزۇپ مەھەلەمدە يىسەم يۈركۈڭ پارە بولۇر،
قان- ياشلىرىڭ ئېقىشسۇن راۋپىمغا تارە بولۇر،
مەغرۇر ياشاي مۇشۇنداق ئۆزگە دىلى يارە بولۇر،
گەپ تېپىشما ئارقىمدىن بىكار-تەلەت ساراڭلار.
****
قاغىغانغا ئۆلمەيمەن، تىللاپ ئىچىڭ كۈيۈشسۇن!
ھوقۇق تۇتماق ئاسانمۇ؟ ھەممە ئويلاپ بىلىشسۇن!
كېمنىڭ ئېتى چاپمايمىش؟ ھوقۇق ئاڭا ئېلنىشسۇن!
يول تېپىشسۇن ئاشۇنداق ئۇمۇ بىزدەك تىرىشسۇن!
نەدە نەپ بار؟ نەدە جان؟ خۇرجۇن ئېسىپ ماراڭلار.
****
ئېقىتىشما يېشىڭنى <كەسمەيدىغان باشلىق> دەپ،
بۇ جاھاندا ئۆتىشىسەن <ئەشمەيدىغان ئاشلىق> يەپ،
<سەن-پەن!> دىسەڭ خاراپتا ئۆتەر قىران ياشلىق زەپ،
بوي تالاشساڭ بىز بىلەن ساڭا تەگمەس قىلچە نەپ!
يوۋاش بولۇپ ئالدىمدا بولسا ساقال تاراڭلار.
****
گەپ تېپىشما ئارقىمدىن دوكلات قىلىپ يۇقۇرغا،
ھەممە نەرسەڭ تۈگەيدۇ شەيتان چىچار ئوقۇرغا،
شامال ئېلىپ قاچىدۇ دان قالمايدۇ چۇقۇرغا،
كىيەلمايسەن كىيىمنى يىپسىز قالىسەن تۇقۇرغا،
ئۇ چاغ ھالىڭ بەك خاراپ! ئېچىلىپ قالار ياراڭلار.
****
ماختاپ قويۇش ھەر ۋاقىت <ئۆمەك> كەلسە يۇقۇردىن،
<دىيانەتلىك!> دەپ تۇرۇش گەپنى تېپىپ كۇسۇردىن،  
<يۇقۇر شۇنداق ئەزەلدىن!> دەپ تۇرۇڭلار قۇسۇردىن،
قۇتور ئاتنى بوياڭلار! ئايرىماڭلار ئوقۇردىن!
يالغان-ياۋداق گەپ تېپىپ <ئۆمەك> نىمۇ تالاڭلار.
****
<سۇ كىتىدۇ تاش قالۇر!> بىلسەڭ بۇنى جىم تۇرۇش!
مۇشنى تۈگسە مەن ئۈچۈن قان قىلىش، شۇنى ئۇرۇش!
نەخ گېپىمنى ئېيتىيمەن يۇل دىسەم شۇنى يۇلۇش!
تاخ! دىسەم توخۇ بولۇش،ئوش! دىسەم كالا بولۇش!
<ھايات جانغا رىسىق> دەپ تاپىنىمنى يالاڭلار.
****
2011-يىل 29-ماي
قەشقەر
****
بۇ ئېنەكنى ئۆلتىرەي!
ساتىرا
شۇكران(يوچۇن ئادەم)
****
سۈيلەپ كەپسەن قەرىزنى بىرەي دىسەم پۇلۇم يوق،
ھالىم بەتتەر شۇ قەدەر كېمنى ئىزلەي؟ يولۇم يوق،
كۆنۈپ قالدىم دەشنامغا ئۆيدە باققان قويۇم يوق،
ئەسكى تامغا مەن ئاشنا قاچالمايمەن خۇيۇم يوق،
بىرەلمەيمەن قەرىزنى بەرمەسلىككە ئويۇم يوق.
****
<كېۋەز تېرا!> دىگەنتىڭ تېرىپ قويدۇم سۈيۈڭ يوق،  
<قوغۇن تېرا!> دىگەنتىڭ ساتالمىدىم يولۇڭ يوق،
بۇغداي تېرىسام بولمىدى كۈندە يامغۇر <كۈلۈڭ!> يوق،
ئاستا ماڭدىم ئارقىدا يىتەكلەشكە <بولۇڭ!> يوق،
قەرىز دىسەڭ ئىزلىدىم <دادام قويغان تۇلۇم> يوق.
****
<باي بول!> دىدىڭ <چىلان> نى ئېلىپ كەلدىڭ يىراقتىن،
ئويلاپتىمەن < تىكىۋەتسەم! قۇتىلامەنمۇ پىراقتىن؟!!>  
توكمۇ قاچتى ئۆيۈمدىن قۇتۇلماي <جىن چىراقتىن!>
<چىلان پۇلى> قۇشۇپتۇ ئەمدى بولسا قىناقتىن!
<بۇدا كىلىڭ!؟> دىيىشكە ھۆركۈتكىدەك ھۇلۇم يوق.
****
<يوق!> دىمەيمەن ئۆيۈمدە سېغىن بولغان ئېنەك بار،
كىچىك بالام سۈت ئېچەر <ئانىدا سۈت يوق> كېرەك بار،
بىلەكچىلە بولمىدى 10 يىل بولغان تېرەك بار،
<ئۆيۈم!> دەپلا پەرۋانە مەندەك گاداي زېرەك بار،
قاينايدىغان سۇ بولدۇم مانتا پىشار ھورۇم يوق.
****
سۈيلەپ كەپتۇ قەرىزنى تىزرەك چىقاي، تىز بولاي،
خۇشامىتىم بەك قىزىق تۈگۈلۈپ داستخان سالاي،
<قۇلاق خۇشى قىلارمۇ؟!> ناخشامغا سازىم چالاي،
<ئاچچىقلىنىپ قالارمۇ؟!> تەكىرارلىدىم مىڭ تالاي،
پۇل بولسىلا بىرەتتىم، يىگىت ئىدىم سورۇم يوق.
****
ھەق يىغىدىغان دەپتەرنى دىيەلمەيمەن <مەن كۆرەي!>
بىرىۋاتىمەن يىلمۇ-يىل تۈگىمەيدۇ <نىم بىلەي!>
تۈگىسىمۇ تۈگىگەندۇ < خۇدادىن ئېنساپ تىلەي!>
يالۋۇراي مەن داۋاملىق <بۇ ئېنەكنى ئۆلتىرەي!>
چاپۇ-چۇپپۇر يۇڭلىرىم قاراپ باقساڭ مۇيۇم يوق.
****
كىرىشسىلە ئۆيۈمگە! سافا تۈگۈل تۆرۈم يوق،
گۆشنى سالدىم قازانغا تۇز قىلارغا شورۇم يوق،
<يەپ تۇرۇڭلا پىشقىچە> دىيىشكە يا تۈرۈم توق،
<ئېنەك گۆشتى قاتتىقراق، زاكوسكىغا قورۇم يوق>
<بۇ بالىنى گوز قىلغىن! ئېنەك ئۆلدى سۈتۈم يوق>
****
ئېنەكتىنمۇ قۇتۇلدۇم ئوت ئىزلىمەي ياتىمەن،
ئاپتاپ بەلەن خىيالدا قۇش-قاناتنى ئاتىمەن،
يانچۇغۇمدا پۇلۇم يوق پو بولسىمۇ ئاتىمەن،
<غېمىم تۈگىدى كېلىڭلار ئەسكى تامنى ساتىمەن!
ئاچچىق دەستى سېسىپتۇ قارىسام مانا ئۆتۈم يوق.
****
ئاغرىق چىرماپ كۈن بويى تولغىشىمەن يېنىمغا،
<تىزدىن پۇل تاپ بولمىسا ئاغرىق ئۆتەر قېنىڭغا!،
بۆرەك سېسار سەۋەپ تاپ! ئايلانسا گەر يېرىڭغا،
ئۆز تېنىڭغۇ بولمىسا، ئەپ قويمايسەن قىرىڭغا،
ئالدىرمىساڭ كۈتىسەن ئۆلۈم يولى، ئۈنۈم يوق!>
****
دوختۇر دىگەن رەھىمسىز بىلمەس دېھقان ھالىنى،
قەرىز تۆلەپ تۈگەتتۇق ئۆيدە بارنىڭ بارىنى،
كىشى بىلمەس ئاغرىقنىڭ دەردى يامان، خارىنى،
راۋاپ سۇندى ئاشۇنداق قانداق قىلاي تارىنى،
ئاغرىق يامان پۇلۇم يوق، ئۆلەي دىسەم ئۆلۈم يوق.
****
2011-يىل 7-8-ماي
قەشقەر
****
بۇزۇق كاناي
ساتىرا
شۇكران(يوچۇن ئادەم)
****
تېخى بايام جىم ئىدى مەن مەسچىتكە كىرگەندە،
ياڭراق ناخشا باشلىدى بامدات ئوقاي دىگەندە،
مەزىن ئۇسۇل ئوينىدى ئىمام ئېزىپ كۈلگەندە،
ئىشلار شۇنداق داۋامكەن مەن ئىسىمگە كەلگەندە،
مەسچىت يوقمىش بۇ يەردە كاناي ئۆزى كەلگەندە.
****
دېھقان ئاكاڭ سىياسەت ئاڭلايدىغان كاناي بۇ،
دورا، ئوغۇت... سۇپۇننى داڭلايدىغان كاناي بۇ،
ئۇخلاپ قالما سەھەردە ھاڭرايدىغان كاناي بۇ،
مۇقام، ناخشا خۇش ناۋا ياڭىرايدىغان كاناي بۇ،
توختاپ قالار ئاشۇنداق كەچلىك تاماق يىگەندە.
****
باي بولۇشنىڭ يولىنى كۆرسىتەر ئۇ دېھقانغا،
لاتارىيە خەۋىرىنى يەتكۈزەر ئۇ  ئۇتقانغا.
<جازا> دەيدۇ ۋارقىراپ بىرنى ئارتۇق تۇققانغا،
<ئېغىر جازا> بىرىدۇ  بىسۇراق نان يۇتقانغا.
زەنلەپ قۇلاق سال دەيدۇ مەن خەۋەرنى دىگەندە.
****
ساختا، يالغان، كاززاپلىق... خەۋەر قىلار ھەممىنى،
ئانچە-مۇنچە ئېلانغا قىسىلىپ قالار تەلىمى،
يالغان سۆزلەپ بولسىمۇ ئاشار دېھقان كىرىمى،
ئاڭلىمايدۇ ھېچكىشى قوزغالمايدۇ ئەلىمى،
<ساق كاناي>نى مەن شۇڭا <بۇزۇق كاناي> دىگەندە.
****
ئۆلۈم بولسا يىغا-زارە...ئۇ باشلايدۇ ناخشىنى،
پارخورلارنى ماختايدۇ چەتكە قېقىپ ياخشىنى،
تۆھپىكارلار ئۈن-تۈنسىز، ئاشكارلايدۇ باخشىنى،
ھەتتا چىچىپ قۇتاندا ئۇخلاپ ياتقان قاشقىنى،
داڭلا شۇنداق كانىيىم كۆزۈمگە ياش كەلگەندە.
****
جۇت-شىۋرىغان...زىمىستان ئۆتكەللەردىن ئۆتتى ئۇ،
ھەقنى سۆزلەپ تېلۋۇزۇر بۇزۇلۇپ قالدى تۇردىغۇ؟
ئۈنئالغۇ ۋە رادىئو تۇرمۇشىمىزدىن قالدىغۇ،
ئۇ، بۇ سۆزلەپ چارچىدى ئېغىزلىرى تالدىغۇ،
مەنمۇ چوقۇم سۆزلەيمەن ھارام گۆشنى يىگەندە.
****
يېزا-قىشلاق تورلاشتى ھەممە يەردە كاناي بار،
ئىشلىرىمىز ئاسايىش دېھقان ھالى ماختاي بار،
<ھۆل قىش>دەسسەپ قۇرىدى ئەمدى دەسسەڭ تاختاي بار،
مەندىن سۆرساڭ ھالىمنى كۈلۈش ئەمەس قاخشاي بار،
ھالىڭ نىچۈك؟ سوراڭلار دادام ئۆيگە كىرگەندە.
****
زاڭلىق قىلىپ كۈلمەڭلار كاناي يالغان دەيدۇ دەپ،
سۆزلىمىسە يالغاننى دەپ بىرىڭلار نەدە نەپ!
قاغىلارمۇ ياشايدۇ تۈزۈپ قويماي ياخشى سەپ!
سەنمۇ شۇنداق ياشىغىن نېمە قىلسەن ۋايىم يەپ!
بۇزۇق كاناي دىمىگىن مەن زۇۋانغا كەگەندە.
****
2010-يىل 28-يانۋار
قەشقەر
****
باغ
( ساتىرا )
  شۇكران (يوچۇن ئادەم)
****
دەسلەپ كۈچۈم تۆكۈلدى، باغ قىلالماي بوزۇڭنى،
سۇ ھەققىنى كۆپەيتىپ يوق قىلالماي تۇزۇڭنى،
نەچچە مىڭنى خەجلىسەم ئاق باغلىدى يۈزۈڭنى،
كەتمەن سالسام زەيپانە ئويۇپ باقسام كۆزۈڭنى،
سىياسەتتە غەمخورلۇق ياتقۇزدۇم قىش مۇزۇڭنى.
****
ئوخشاپ قالدىڭ رەڭ تۈزۈپ باھار تىكتىم كۆچەتتىن،
ھاشارەتكە دورا بار چىقماي ئۆلدى ئۆچەكتىن،
ئېچىلىپ كەتسە گۈللۈرىم ھەرە كەلدى كۆنەكتىن،
‹ھەتتا ئېسىل باغ بوپتۇ› باشلاپ كەلدى ئۆمەكتىن،
ماختاپ كەتتى ھەر ياندىن چىقالمىدىم چۆنەكتىن.
****
نەچچە يىلنى ئۇزاتتىم مېۋىگە كىردى بېغىمىز،
ئىشلەپ شۇنداق يىمەمدۇق ياش ئالتۇندەك چېغىمىز،
قاراپ باقسام تەر تۆكمەي، تۆكۈلۈپتۇ يېغىمىز،  
باشقا خۇشال بولغاندا يىرتىق تېخى ئېغىمىز،
مېۋە ساتسام بەش تەڭگە يۇيىلارمۇ دېغىمىز.
****
ئەجەپ ياخشى پەرمان بار ساياھەتكە يۈرۈش بار،
قوش تەرەپتىن ھوسۇل بار، يىراقنىمۇ كۆرۈش بار،
باغنى ئاچتىم كىرە-كىر! مەندىمۇ بىر يۈرۈش بار،
ئاق تەڭگىنى تالىشىپ ئاخىرىدا كۆرەش بار،
بويلىمايدۇ چىقىمنى تىرناق تاتلاپ تۇرۇش بار.
****
يارىيارنى تاشلىتىپ ئېلىپ يۈردى ماشىنا،
يول مېڭىپتۇق ھەر يانغا ئۇپىراپ كەتتى پاشنا،
بەزىلەرگە يۈز قىلىپ ئاپىرىپ سۇندۇق ئاشنا،
ئوينىدۇق شۇ باھانە بىر ئاز بولسىمۇ ياشنا،
ئۆز بېغىمدىن ئايرىلدىم بۇ قانداق بىر كاشلا.
****
  چىدىر تىكتى رەتمۇ-رەت ئوتتۇرسىغا پومپايتىپ،
‹باغنى ئوبدان باشقۇر؟!› دەر قاپاقلارنى دومسايتىپ،
‹ھەر چارىنى ئويلاپ تاپ، خېرىدارنى كۆپەيتىپ،
ئوغۇت كۆمگىن تۈۋىگە قوللىرىڭنى قاپارتىپ،
قىشتا سۈنئىي گۈل بىلەن بېغىڭنى دەر كۆكەرتىپ.›
****
تېڭشاپ قالدىم بىر كۈنى چىدىردا بىر پاراڭ بار،
ئالا-جوقا توۋلىدى، دىدىم ‹چوقۇم ساراڭ بار،›
ياندىم ئاستا ئارقىمغا قاراپ تۇرغان قاراڭ بار،
سىيىپ-چىچىپ ھەر يەرگە بېغىم بولماس ئالاڭ بار،
ئاھ، تۆكەرمەن بۇ دەتنى سېلىپ قويغان ياراڭ بار.
****
ئۆيدە ئېتىم بار ئىدى، ئالا ئات قارا ئات ئەپكەلدى،
قۇش-قاناتنى نەلەردىن قەپەزلەرگە سەپكەلدى،
مايمۇن كۆردۈم بىر يەردە، بۆكەن،بۆرە...دەپ كەلدى،
قوتان،قەپەز ياساتتۇق بۇلۇڭلارغا بەك كەلدى،
پايدا بولسا ئۇستامغا پېقىر بېشىغا دەرت كەلدى.
****
قاشا سالدۇق چۆرگىلەپ، دەرۋازىنى ياساتتىم،
ۋىۋىسكىنى ئەپكەلسە ھەيۋەت بولدى ئاساتتىم،
دەسمى سالدىم مىڭ-مىڭلاپ باشقىلارغا قاساتتىم،
بۇيرۇقۇم بار ئاشۇنداق تەتۈر ئالتۇن قازاتتىم،
توۋا قىلدىم بۇرۇن مەن ئازساممۇ ئوڭ ئازاتتىم.
****
بېغىم بولدى بەك ھەيۋەت خالىساڭ دوست كىلىپ كەت!
مەئىشەتلەر... تەق قۇرال كەيىپىڭنى بىر سۈرۈپ كەت!
ھايۋان،قۇشلار، باغچا بۇ، ئۈچ تەرىپىنى كۆرۈپ كەت!
باغ قىلغاننىڭ ھالىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلىپ كەت!
قۇتقۇزۇشقا ساندۇق بار بەش تەڭگىنى سېلىپ كەت! 
ھالىم شۇنداق بىچارە نېمەئەلەم؟! نېمە دەرت؟!!
باغ ياسىدىم مۇشۇنداق مىنى ئەمدى ئېلىپ كەت!
****
2010- يىل 17- يانۋار 
< قەشقەر >
****
بوكۇسچى خوتۇن
ساتىرا 
شۇكران(يوچۇن ئادەم)
****
ئۆزگە كۈيۈپ توي قىلسا،كۈمۈچەككە يەپ ئالغان،
ئانام دىدى< يىغلىما،داداڭدىن ئۇدۇم قالغان!>
شۇنىڭ بىلەن خوتۇننىڭ چېيىغا ناۋات سالغان،
ئۇسۇل ئويناپ بەزىدە ئالدىدا راۋاپ چالغان،
ئۆيدە ئىشلەپ زۇۋان يوق مەنمۇ نەخ كۆنۈپ قالغان.
****
سەھەر تۇرغىن ئورنىڭدىن تاھارەتلىك سۈيىڭ بار،
ئورون-كۆرپە يىغىمەن ئەجەپ ياخشى خۇيۇم بار،
دەملەپ قويغان ئىچىۋال! ناۋات سالغان چېيىم بار،
ئۆتۈك،چاپان...كىيىۋال! خىزمەت تېخى ساڭا يار،
ئاپىرىپ قوياي خىزمەتكە ئۆيدە قاراي <بالام بار!>
****
يولغا سالدىم خوتۇننى ئۇھ! ئىچىۋالاي چېيىمنى،
بالام تىز قوپ ئورنىڭدىن،ئويغۇتۇپ قوي ئىنىڭنى،
ۋاخ قالدىڭسەن مەكتەپكە تەقلەپ ماڭغىن يېنىڭنى،
قوزام بالام يىغلىما! قورۇغدايمەن تېگىڭنى،
ئۆيدە راسخوت تۈگىسە ساناپ ئۆتەي ئېيىڭنى.
****
چۈشلۈك تاماق تەخ بولدى ئېچە بالام يىيە تىز،
<خوتۇن سىزمۇ خۈش كەپسىز!> قالتىس جۇمۇ شەپىسىز،
تۈتۈپ تۇرۇڭ! بالىنى بۇلماق چالاي شىكەرسىز،
يەپ-ئىچىڭلار، بولۇڭلار.. ۋاخ قالىسىلەر تىز، تىز، تىز...
مەنمۇ شۇنداق ئالدىردىم تىللىماڭلار ئورۇنسىز.
****
كىچىككىنە كىرىم بار بالام يىغلاپ كەتمىگىن،
ئۇ پەردىنى يويۋىتەي، ساجى مەينەت سەتمىكىن،
مىھمان كەلسە يۈزى يوق يەرگە قاراش لەتمىكىن،
خوتۇن كەلسە كۆرسىتەي چايدىن كەلگەن خەتمىكىن،
تارتاي يەنە يەلكەمدە خوتۇن ئارتقان دەرتمىكىن.
****
كەچلىك تاماق يىمىدىڭ چېيىڭ تەييار بېرىپ كەل،
تاپشۇرۇقنى ئىشلىتەي بالام باققاچ، قېنىپ كەل،
ئىشكاپ ئىچى كىيىم بار تەييارلىغان ساڭا تەل،
قايتاشىڭدا بالىغا سوسكا ئالغاچ بالدۇر كەل!
شۇنداق ئۆتەر كۈنلىرىم قانداق تـوشـار مەندە بەل.
****
بوكىسچى ئۇ خوتۇنۇم ھۆرمەت ساڭا ياشاپ كەت!
تاپالمايمەن بىر قۇسۇر قىلالمايمەن نەسىھەت،  
ئۆينىڭ غېمى بىز غېمى تارتىپ ئۆتەي مەن ئەبەت!
مۇشتۇڭ كۆتىرىپ سەتلەشمە خۇشال بولاي مەن قەۋەت،
ئۇرۇپ قويما جان خوتۇن مەنمۇ قىلاي كۆپ مەدەت!!!
****
2010-يىل 21-دىكابىر
قەشقەر
****
كۆمۈر
ساتىرا
يوچۇن ئادەم

 
تاغدا مۈكىنىپ ياتقىنىمدا قازمىدى ھېچكىم مېنى،
ئاخىرى چىقتىم سىرىتقا سەبرىمنىڭ توشتى چېنى،
دەسلىۋى ‹قارا› دىدى سۇۋاشماي ماڭدى يېنى،
ئوتۇنسىز قالغان قالاپ، بولدىمغۇ ئاندىن ‹قېنى؟›
سەنتۇرلۇپ كېلىپ مانا ئاتالدىم ‹بايلىق كېنى›
 
يازدا زاۋۇت-كارخانىدا تۇرخۇندىن چىقتى تۈتۈن،
قىش غېرىپ مىسكىن پېقىرنىڭ مېشىدە كۆيدۈم پۈتۈن،
قاپقارا كۆمۈرچىنى ئىزلىدى ھەممە بۈگۈن،
ئۇ دىدى ‹قىسكەن كۆمۈر! كېلىڭلار ئەتە-ئۆگۈن!›
قەدىر ئۆتۈلۈپ ھەممىگە يېشىلدى مانا تۈگۈن!
 
‹قارا ئالتۇن› دىۋاپتۇ  بەزىلەر ماختاپ مېنى،
تەپتىمدىن ئالتۇن ئېرەر تولغۇشۇپ ئۇنىڭ جېنى،
سانائەتتە ئىشلىمىدىم قەيەردە ئېيتە قېنى؟!
پايدىلانغاچ ھەممىسى تومپايدى ئۇنىڭ يېنى،
مەنسىز بېرىپ تاقشتى ناۋاينىڭ پىشماس نېنى.
 
مەن بولغاچ تونۇردا سامسىنىڭ مەڭزى قىزىل،
كاۋاپداندا خۇددى ئەسكەر كاۋاپلار رەتلىك تىزىل!
ئاستىڭدا كۆيۈپ بىرەي، بور پۈتەر تاشلار ئىزىل!
بور بىلەن پەيدا قەلەم داستانلار ئاندىن يېزىل،
‹ساڭقاڭ ئېشەك› بولدۇم بۈگۈن دۇئا يوق دەيدۇ ‹قېزىل!›
 
ئېيىتقىنە بۇ جاھاندا قانداق كان تۈگىمەيدىكەن،
سەن يىغغان خاماندىمۇ قۇچقاچ دان ئىزدەيدىكەن،
ھاياتلىقتا ھەممە خۇشال ۋەھمىنى سىزمەيدىكەن،
توڭغاندا قالاپ قويۇپ تۈگىسەم ئىزلەيدىكەن.
ئازغىنە مەنپەتنى دەپ كاننىمۇ تۈزلەيدىكەن.
****
قۇشلار
(ساتىرا)
يوچۇن ئادەم
 
باھار كەلدى ياپيېشىلدۇر يۇرتلىرىم،
چىقتى باشقا ئوقۇپ قويغان دۇرتلىرىم،
ھومۇيۇپ قويسام كۈلدى مانا بۇرتلىرىم،
يەمگە ئويغان ئۇخلاۋەرمەي قۇرتلىرىم،
كۈننى بويلاپ ئۈچۈپ تاراڭ قۇشلىرىم.
 
چۈرۈقلىشىپ ئۇچۇپ كەلدىڭ سەپ تۈزۈپ،
كۆللىرىمدە ئوينىۋالدىڭ زەپ ئۈزۈپ،
تۇتالمىساڭ بېلىق بىرەي مەن سۈزۈپ،
خۇشالدۇرمەن ئاسمىنىمدا سەن كۆرۈپ،
پەرۋاز قىلىپ يايراپ قاراڭ قۇشلىرىم.
 
يەپ كىتىپسەن ئۇخلاپ قالسام كاۋىنى،
چۈقۈپ كۆڭلۈڭ ئېلىشتىمۇ  چاۋىنى،
گۆش يىمەيدۇ دىسەم يەپسەن بارىنى،
قاراپ تۇرسام بۈركۈت يىدى سارىنى،
داننى بىرەي يىمە بالاڭ قۇشلىرىم.
 
پىشقان داننى بىرىنچى بوپ يىيىشتىڭ،
باغدا مېۋە پىشسا ئاۋال كىرىشتىڭ،
مەي باغلىسا قايسى شۇنى يىيىشتىڭ،
ئۈچۈپ كىلىپ باش-باغرىمغا سىيىشتىڭ،
ئېچىپ كىلىپ مېنى تالاڭ قۇشلىرىم.
 
قۇشلار ئەمدى چىگىتنىمۇ يەيدىكەن،
داننى بەرسەڭ <ئۇرۇق قېنى؟> دەيدىكەن،
قورساق تويسا كۆزى تويماس سەيدىكەن،
سۇ ئىچمەسمىش قۇيە ئەمدى مەيدىكەن،
مەستلىك تامان ئۈچە ساراڭ قۇشلىرىم.
 
تۇخۇم يۈتسە ئۇرۇپتىمەن بالامنى،
تاشلىۋەتتى بالام ئاندىن سالامنى،
ئاچچىغىمدا ئۇرۇپ كەتتىم كالامنى،
ئۆلىۋالاي دەپ ئېسىپ باقتىم تانامنى،
مىكيان تۇخۇم تۇغسا ماراڭ قۇشلىرىم.
 
ئىتنى باقسام قۇش بىلەن بىر تىل ئىكەن،
بىلمەپتىمەن قۇشلار ئەسلى پىل ئىكەن،
تۇرۇسلاردىن كىرىپ يىدى چىل ئىكەن،
پەيمان توشسا ئۆلسە بوغار قىل ئىكەن،
كۆندۈرگەنگە سالدى ياراڭ قۇشلىرىم.
 
ئوي ئىچىدە قالمىدى ئاشلىق-تۈلۈك،
تۆگە ئىدىم قۇش تالاپ سالدى شۈلۈك،
مېكيانمۇ تۇغۇپ-تۇغۇپ بولدى كۈرۈك،
مەن مۇشۇنداق قۇش بېقىپ ئۆتكەن تۈرۈك!
رازى بولغىن بولسا چالاڭ قۇشلىرىم.
 
زاڭلىق قىلما ئۆز رىسقىنى بەردى دەپ،
سېنىڭدىنمۇ تىگىپ قالار بىزگە نەپ!
بۇ دۇنيادا رىسىق تولا ئۆتسەك ئەپ،
قورقىتىسەن بەزى شۇ ئۈستىخان يەپ،
قورقۇپ كىتىپ بولدۇم ئالاڭ قۇشلىرىم.
 
2011-يىل 6-ئېيون
قەشقەر
 
ئىت
ساتىرا
يوچۇن ئادەم

 
ئىت ئۆزى مەخلۇق ئىمىش قوي بىلەن جاڭگالدا بار،
‹تالىشىش› كەسپى خۇيى ئۇنتۇلسا ئىچى پۇشار،
قاۋايدۇ ئۇ <ئاسماندا قۇش نېمە لەرزان ئۇچار؟>
<ئوۋچىلار كالتەكنى جىم!> ئادىتى ھەممە ئۇقار،
گەر يېقىنلاشسا ئاڭا غالجىرى ئۇندىن يۇقار.
 
قاۋاپ قويسا قوي ئۈركۈپ يول بىرەر ئۇ تۆھپىكار،
تاشلىسا ناننى پۇلاڭشار قۇيرىقى بايراق بىكار،
چاپىدۇ قۇيۇن كەبى كۈن-تۈنى بولۇپ چاكار،
ئاچ قورساق، ئىچمەس سۈيى ئىگىسى سۈيىدە ئاقار،
قوڭى مۇزدا قىش دىمەي تىل غېرىچ قاراپ ياتار.
 
كالا ئۇ دۆت بىر ھايۋان يوۋاش دەپ قاۋاپ باقار،
بىر سادادىن بىخەۋەر ئۇقۇشماي تالاپ باقار،
ئاچچىقلىنىپ كالىمۇ مۇڭگىزىنى شۇنداق ئاتار،
تەگمىسە كىتىپ قالار، تەگسە شۇ غىڭشىپ ياتار،
ئۆزدىن چوڭغا چەكچىيىپ ئۆزىچە ئالىيىپ باقار.
 
يولۋاس ئۇ قالتىس نېمە، ئىتتا ئۈن ئۆچۈك بۇ چاغ،
قاۋىسا  قوغلاپ كېتەر دەريا-چۆل ھەتتا گۈل باغ،
تۇتۇلسا يىرتىق تېرە، بولمىسا ياشار ھەر تاغ،
كۆرسىلا خۇشامەتتە پارقىرار كۆزلىرى ياغ،
تىترىكى پۇتتا شۇ دەم بەل ئىگىپ لەببەگ! بۇ چاغ.
 
شىرنى كۆرسە تىۋېش يوق پەمىلەپ ئاستا قاچار،
مۈكىنىپ لەختە قان-گۆش، يۇشۇرۇنۇپ لەخمە ياتار،
تىڭشىدى، كەلدى يېقىن، ماڭدىسا بىر قان چىچار،
قاۋاش نەدە؟ تالاشچۇ؟ ۋاقىتسىز كۈنمۇ پاتار،
بولما ئىتتەك ھەي نادان بىر كۈنى ئوقتا ئاتار.
 
2010-يىل 12-ئاي(قەشقەر)
 
ئارتىس خوتۇن بەك ياخشى
ساتىرا
شۈكران (يوچۇن ئادەم)

 
خەلق ئۈچۈن ئىشلەيدۇ،  ماڭا بەكمۇ  يارايدۇ،
تىلدا داستان  قىلىمەن  بۇلبۇل  كەبى  سايرايدۇ،  
ئۇسۇل،تانسا،ئاتلۇشكا...كۆڭلى ئۇندا يايرايدۇ،
چۈنكى  ئۇنىڭ  كەسىپىنى  بارچە خەلق ماختايدۇ،
ئۇ-بۇ دەيدۇ ھەممىسى <ئارتىس خوتۇن بەك ياخشى!>
 
ھەيۋەت سەھنە، گۈلدۇراس...تاس-تاس دەسسەپ چىقىدۇ،
مەن دىمەيمەن ھەممەيلەن ئۇسۇل ئوينار ئۇقىدۇ،  
مەن يېغلايمەن تۆۋەندە بەلنى بىراۋ تۇتىدۇ،
كۆرگەنلەرمۇ شۆلگەينى تامىقىغا يۈتىدۇ، 
ئاھۇي،پاھۇي،يائاللا! <ئارتىس خوتۇن بەك ياخشى!> 
 
ناخشا ئېيتار  ئۆزگىچە  تولغار  بەلنى  مەيلىچە،  
سوراپ قالساڭ مودا بۇ ئېيتار شۇنداق چەتئەلچە،
مۇقام  بولسا بولاتتى، ئېيىتماس  ئۇ سەن،مەنچە،  
سەنكىيو...دەيدۇ ئۆزگىلەر ئۆزرە-خالىق باشقىچە، 
كۆرگەنلەرمۇ مۇڭ بولار: <ئارتىس خوتۇن بەك ياخشى!>  
 
ئاتۇلۇشكا، كاتيۇشكا... غايەت  چىقار   بۇنىڭغا، 
تەييارلىقمۇ   كەتمەيدۇ،  يالىڭاچ  چىقار  شۇنىڭغا،  
بارچە  كۆزلەر  تىشىلەر،  شالۋاي  چىقار   بۇرنىڭغا،
كېلىپ  تېخى  سۆيىدۇ، سەن  ئولتۇرغان ئورنىڭغا،  
مەستخۇشلۇقتا ئۇنتۇيسەن: <ئارتىس خوتۇن بەك ياخشى!> 
 
ئويۇن  قويۇپ ماڭسا گەر شەمۇ-شەھەر  قاترايدۇ، 
بەزەن  تېلفۇن  تاقاقلىق  بىزنىڭ  ئۆينى   ياتلايدۇ، 
كۈلۈپ-ھىجاراپ تۇرساممۇ قەستەن گەپتە تاتىلايدۇ،
<كورىيەدە  ئوي  پەيزى! بۇ  ئۆيىڭنى  سات!>  دەيدۇ، 
رومانتىكقا بەك ئامراق <ئارتىس خوتۇن بەك ياخشى!>
 
ھېرىپ-چارچاپ  كەلگەندە  بەل-پۇتىنى  تۇتىمەن،  
تاماق ئەتسە قولۈم گۈل  شۇنداق  كۆڭۈل    ئۇتىمەن، 
يانچۇق قۇرۇق، پۇلۇم   يوق، سەل بېچارە... سوتىمەن،
تىللار  خوتۇن  <قەلەندەر!>  بۇنى ئوبدان ئۇقىمەن،  
ئانچە-مۇنچە ھەق بىرەر <ئارتىس خوتۇن بەك ياخشى!>
 
<خوتۇن ئالساڭ ئارتىس ئال> شۇنداق راھەت كۆرىسەن،  
پاراغىتى  ئۆزگىچە،   چىراي  ئاچماي   كۈلىسەن، 
ئۇسۇللىرى   كۆپ   ئۇنىڭ   تىرىك   تۇرۇپ  ئۆلىسەن،
خاپا  بولساڭ  بۇنىڭغا  ئېلىپ   بېقىپ   بىلىسەن،  
راھىتىمنى ئېيىتمايمەن <ئارتىس خوتۇن بەك ياخشى!>
 
2010- 11 -دىكابىر
قەشقەر
 
ئېشكىم مېنى چىشلىدى
ساتىرا
يوچۇن ئادەم
 
تەرىپى يوق ئۆزگىچە، قوتۇر ئازراق يۇۋاشتەك،  
ياللىسى سەل ئاقارغان، ماڭلايلىرى چاۋاشتەك،  
ھاڭرىشىنىڭ تايىنى يوق، خۇددىكى ئۇ قاۋاشتەك،  
قۇيرۇق چىلە ھەر دەمدە تىگەر يۇتىغا چاۋاكتەك،
قورساق چىپار ئازىراق  قارىماققا  ياماقتەك.
 
سۇغارغىلى ئەپچىقسام، مۈرە تارتىپ چىشلىدى،  
ئاچچىقىمدا ئاچ قويسام، سەت ئاۋازدا كىشنىدى.
ئوت بەرگەندە تارتىنماي، يېڭە تارتىپ چىشلىدى،
چېۋىن چاقسا يېغىرنى، مىنى تارتىپ چىشلىدى.
مايتاتىپ سەت قارايدۇ  قۇتان ئاڭا قاماقتەك.
 
قويۇپ بەرسەم ئويناقشىپ، چىلە قىلدى قوتاننى، 
باغلاپ قويسام ھويلىغا، ئۆرۈپ چاقتى شوتامنى،
سىرىت چىقسا ئېغناقشىپ چېچىۋەتتى توپامنى،
تېزەك پۇراپ تۇرۇپمۇ، چىشلىۋالدى يوتامنى،
بەدەنلىرىم چىش ئىز، بېشىم يارا قۇماقتەك.  
 
شۇنداق ئەسكى خۇيى بار، قۇتۇلمىدىم ئىشەكتىن،
سېتىۋىتەي دېسەم ئۇ، كەلمەيتىغۇ بىشكەكتىن؟!
قوتور ، ئۇرۇق بولغاچقا، نۇمۇس تېخى يىتىلەشتىن،  
شۇنچە باقسام ئۇ تېخى، سەمىرىمدى خەشەكتىن،
قىشتا تېخى سەتلىكى ئۆرۈپ قويغان تۇماقتەك.
 
ئىشقا سالماي شۇ ۋەج يۈدۈپ توشدۇم ئوتۇندىن،  
باشقا سوراپ ئارام يوق: < ئېشەك قېنى؟ > خوتۇندىن،  
تۈنگۈنلا  چۆپ ئۈچۈن، ئارقان ئىلدى پۇتۇمدىن، 
سەپ بىرەيمۇ ئەمدى مەن ئۆزۈم يېگەن چۆپۈمدىن!
شۇنداقتىمۇ زىرىكمەي پەپىلەيمەن بوۋاقتەك. 
 
نەچچە يىللىق ئەجرىمدىن، ئىت باقساممۇ كۆنەتتى،  
بۇغداي تېرىسام بىرمۇ- بىر ئالا قويماي ئۈنەتتى،  
بۇنىڭ بىلەن يانچۇغۇم پول يۈزىمۇ  كۆرەتتى،  
ئېشەك ئەمەس << موتو >> نى باللىرىممۇ مىنەتتى،
 سۇ قاينىماي قازاندا نەمسىز قالدىم تۇۋاقتەك.
 
بولدى ئەمدى باشقىنى بولمايدىكەن دىگىلى،
بىرىۋىتىپلا باشقىغا قۇتىلاي تېخى دىگىلى،
< ئېشكىم مېنى چىشلىدى > مەنمۇ چىشلەي دىگىلى، 
بولمايدىكەن كانايغا پىچاق ئۇرۇپ يىگىلى،
قاقشاپ قالدىم ئېشەكتىن نەپ يەتمىگەچ ئۇۋاقتەك.
 
ئېشەك دىگەن ئاشۇنداق ھايۋان ئىكەن بىلىڭلار!  
مەندەك دەرتنى تارتقان يەنە قايسى، قايسىڭلار؟!  
ئادەم دىگەن ئاڭلىقكەن بۇنى ئوبدان بىلىڭلار! 
بولسا نىئمەت ئالدىغا تارتىنمايلا تىزىڭلار!
جاپا دەستى مۈكچەيدىم قىران ئىدىم چوماقتەك.
 
2010-5-نۇيابىر
قەشقەر
 
ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىنسۇن!
[ بۇ يازمىنىyoqunadamدە2011-06-11 20:14قايتا تەھرىر ]
تېما تەستىقلىغۇچى : kokturuk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-11, 18:55
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-06-11 18:35 |
yoqunadam
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2242
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 70 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 65 سوم
تۆھپە: 37 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 37 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قايتا-قايتا تەھرىرلىسەممۇ كۆپلىتلار ئارىسىدىكى ئارلىق ئايرىلمىغانلىغىغا ھەيرانمەن! بولسا باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئايرىپ تەھرىرلەپ قويىشىنى ئۆمىت قىلىمەن! رەھمەت!
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-11 19:11 |
tohotur
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 687
شۆھرەت: 3742 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3743 سوم
تۆھپە: 2207 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2210 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1532(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەخمەتشا قارىقاشتەكلا يېىزىۋېتىپسىز جۇمۇ .  
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-11 20:40 |
hon~oghli
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1811
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 39
شۆھرەت: 344 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 339 سوم
تۆھپە: 197 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 203 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شىئىرغۇ ياخشى چىقىپتۇ ،ماۋزۇسى تازا ماس كەلمەپتۇ . يەجۈجى-مەجۈجى دىگەننىڭ مەنىسىنى
بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرى كۆرسىتىپ بولغان  ،
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-17 13:25 |
abdul-ahad
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1515
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 83
شۆھرەت: 435 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 435 سوم
تۆھپە: 258 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 258 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 217(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئېسىل شېئىرلاركەندۇق، ئىلگىرى ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا ئانچە ئېرەن قىلماپتىكەنمەن، بۈگۈن ئوقۇپ باقتىم.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-29 18:42 |
arkim
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 327
شۆھرەت: 1920 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1975 سوم
تۆھپە: 1106 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1106 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 415(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىسىل يازمىلىرىڭىزنى ھوزۇر بىلەن ئوقۇپ چىقتىم...
西部医院
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-30 20:17 |
izgu
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2425
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەھمەت ، قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن!
sarkar
تۈنۈگۈننى ئويلىما ، ئەتە ئۈچۈن بۈگۈن تىرىشقىن !
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-03 11:24 |
udunogli
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3629
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 47 سوم
تۆھپە: 27 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 27 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ساقلاپ قۇيۇش قىممىتى بار شىئرلار ئىكەن
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-17 00:47 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » شېئىر - نەسىرلەر