ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى qatakqiدە2011-06-30 11:33يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىسىل! ھەقىقەتەنمۇ نوچا يېزىلىپتۇ ! رەخمەت سىزگە ! ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ قانچىلىك مول قانچىلىك گۈزەل پاساھەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەل-جامائەتكە نامايان قىلدىڭىز بۈگۈن ! بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ئەخمىيەتلىك تېمىلار توغۇرسىدا ئىزدىنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن! ئاللا قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ قۇۋۋەت بەركەت ئاتا قىلغاغۇسى!
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى imannurدە2011-07-01 09:43يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
موشۇ بويىچە يېزىپ چوڭراق ھەجىمدىكى بىرەر ماقالە ياكى كىتابچە يازسىڭىزمۇ بولغۇدەك ، ئۇيغۇرتىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار مېنىڭچە ھەر قايسى تىللاردىكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ،، ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن
ئەسلىدە ئۆزۈم ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئانچە ئۇستا ئەمەس. ئەمما، ئۇشبۇ ئەسەرلىرىمنىڭ ئاشۇنداق ئېسىل ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۇيغۇر ئىبارىلىرىنىڭ ئاجايىپ ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ئاشكارا ئىپادىسىدۇر!
ئۇيغۇرچە ئوقۇشلۇقلاردا ئېيتىلىدىغان ئومۇمىي ئاتالغۇلار ئاساسلىقى ئوتتۇز ئىككى ئىبارىگە ئاساسلىنىدۇ. ئۇشبۇ ئوتتۇز ئىككى ئىبارە ئىجادىيەتلەردە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلىمەكتە. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئېلىيوف ئەپەندى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئەختەم ئۆمەر، ئابدۇقادىر ئاكاملاردەك ئېسىل ئىنسانلىرىمىز ئۇشبۇ ئوتتۇز ئىككى ئىبارىنى ئۆز ئەسەرلىرىگە ئىلغار ئۇسلۇبتا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئىبارىلىرىنىڭ ئاجايىپ ئۆزگىچىلىككە ئىكەنلىكىنى ئاممىغا ئۇقتۇردى. ئۇلار ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى ئۇشبۇ ئىبارىلەر ئارقىلىقلا ئاۋامغا ئاڭلىتالىدى. ئۇنىڭدىن ئۆزگە ئالىملارمۇ ئۆز ئىلىملىرىنى ئۇيغۇر ئۈممىتىگە ئاڭلىتىشتا ئۇشبۇ ئىبارىلەردىن ئايرىلالمىدى. ئۆزگە ئەللەرنىڭ ئەڭ ئۇستا ئىجادىيەتچىلىرىمۇ ئۆز ئىبارىلىرىنى ئۇيغۇرچىدەك ئۇنداق ئېسىل ئورۇنلاشتۇرالماسمىكىن؟
ئويلايمەنكى، ئۇيغۇرنىڭ ئوتتۇز ئىككى ئىبارىسى ئادەمنىڭ ئېغىزىدىكى ئوتتۇز ئىككى ئاق ئالتۇنغا ئوخشايدىكەن. ئەگەر ئادەم ئېغىزىدىكى ئوتتۇز ئىككى ئاق ئالتۇنىدىن ئايرىلسا، ئالمىغىغۇ ئەسلا ئېغىزى ئۆتمەيدۇ، ئۈزۈم، ئۈژمىلەردىن ئاران ئۇزۇقلىنالايدۇ. ئۇنداق ئادەم ئاشنى، ئۇماچنى ئاران ئىچەلەيدۇ. ئوتتۇز ئىككى ئىبارىمۇ ئاشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر ئۇشبۇ ئىبارىلەردىن ئايرىلسا، ئۆز ئويلىغانلىرىنى ئەتراپتىكىلەرگە ئۇقتۇرالمايدۇ. ئۆز ئىبارىلىرىنى ئۇقمىغان، ئەتراپىدىكىلەرگە ئىدىيىسىنى ئۇقتۇرالمىغان ئۇنداق ئادەم ئۆزگىلەرنىڭ ئەزىزلىشىگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. ئەگەر ئاغىزى ئۆتكۈر ئادەم ئالىي ئەمەلدارلارغا ئۇچرىسىمۇ، ئۆز ئەھۋالىنى ئالدىرىماي ئېيتالايدۇ. ئۇنداق ئادەملەر ئىشنى ئوبدان ئەپلەشتۈرەلەيدۇ، ئاسانلىقچە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىمايدۇ.
ئۇيغۇر ئىبارىلىرىدىكى ئىستىلىستىكىنى ئوبدان ئىگەللىگەن ئەدەبىياتچى 10000 ئادەمنىڭ ئالدىدا ئەسەر ئوقۇشتىنمۇ ئىككىلەنمەيدۇ. ئاڭلىغۇچىلارمۇ ئاسانلىقچە ئۇنىڭ ئەيبىنى ئاچالمايدۇ.
ئىبارىلىرى ئوبدان ئىشلىتىلگەن ئەسەر ئوقۇرمەنلەرنى ئىلھاملاندۇرالايدۇ.
ئۇيغۇر ئىبارىلىرىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ئېيتىپ ئاياغلاشتۇرالمايمەن. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭدىكى ئۆزگىچىلىك ئۆزگە ئەللەرنىڭكىدىن ئارتۇق.
ئۇيغۇرچە ئىبارىلەردىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ئەمدىغۇ ئۇققانسىلەر؟ ئۇنداقتا، ئۆز ئويلىغانلىرىڭلارنى ئاشۇ ئىبارىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ئەسەر ئاستىدىكى ئورۇنلارغا ئىنكاس ئورنىدا ئەۋەتىۋېتىڭلار! ئەسەرنى ئوقۇغاندىكىن، ئېرىشكەن ئىدىيەڭلارنى ئەكەلسەڭلار، ئاپتور ئىنكاسىڭلارنى ئوقۇپ ئۆزىنىڭ ئاداشقان ئورۇنلىرىنى ئېنىقلىۋالسا ئىنتايىن ئېسىل ئىش ئەمەسمۇ؟ ئىنكاسىڭلارنى ئاياپ ئەۋەتكىلى ئۇنىمىساڭلار، ئاپتورلارمۇ ئېسىل ئىجادىيەتلىرىنى ئەۋەتمەيدۇ. ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى ئۈچۈن، ئىنكاسڭلارنى ئايىماي ئەۋەتىڭلار!!!
ئۇشبۇ ئىنكاس « ئ » ئىبارىسى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئىنكاس ئاپتورى: ئويچان