بۆكۆخان ھەققىدە ئۇيغۇرچە ئىزدەش بىكەتلىرىدىن ماتىريال ئىزدىسەم ھىچنىمە چىقمىدى،بىر مىللەتنىڭ ئۇيغۇر ئاتىسى بولغان بۇ بۈيۈك شەخىس ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇرنىڭ بولماسلىغى يۇرۇگۇمنى يېرىم قىلدى،قەلبىمنى بىر ئاچچىق ھەسرەت قاپلىدى .ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ئۆز تارىخىنى ئۆزى سۆزلىسە چىن ۋە ھەققانى بولىدۇ .تارىخ بىز ئۇچۇن ئاتموسفىرادىنمۇ مۇھىم.
1.قەدىمقى ئۇيغۇر ئاقساقاللىرى بالىلىرىنى تۇۋەندىكىدەك تەربىيلىگەنلىگى ھەققىدە ئەپسانە-رىۋايەتلەر تارقالغان،ئۇيغۇر ئاقساقىلى تولىمۇ يىراقنى كۆرەر كىشى ئىدى ،ئۇ دائىم ئوۋغا چىقاتتى ،ئۇنىڭ بىر كۆك يايلىلىق بورە بىلەن بىللە كىتىپ بارغانلىغىنى نۇرغۇن كىشىلەر كۆرۇپ يېققىنلىشىشقا پېتىنالمايتتى،ئاقساقال كۆك بۆرىگە گۆش بىرەتتى ،بۆرىمۇ بۇ ئاقساقالنى قوغدايتتى،كەنە كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئاقساقال كۆك بۆرىنىڭ ئوۋىسىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ بەش ئوغلىنى ،بەشىنجىسى تېخى يېڭىلا تۇغۇلغان ئىدى،كۆك بۆرىگە تاپشۇرۇپ قايتىپ كەتتى ،ئاقساقال قان يۇقى كىيىملىرىنى كۆتىرىپ كەلگەندە ئايخان قاتتىق ۋاقىرغىنچە ھوشىدىن كەتتى ،پۇتكۇل قەۋم بىر كۇن مۇسبەت ئىچىدە ئۆتتى،ئايخان قاتتىق ئاغرىپ كىسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى ،پەقەت ئۇيغۇر ئاقساقىلىنىڭ باش دانىشمىنىلا بۇ سىردىن خەۋەردار ئىدى،ئاقساقال كۆز يۇمۇش ئالدىدا تەخىت ۋارىسىغا ئالدىدىكى بۇغرا تېغىدا تەڭرىدىن تەخىت ۋارىسى تەلەپ قىلىڭلار ،خەلقىم ،قۇللۇقتىكى خەلقىم ئۇچۇن تەخىت ۋارىسى تەلەپ قىلىڭلار دىگەن ئىدى،بۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارغا بەزىدە قىرغىزلار ،بەزىدە تۇركلەر،بەزىدە قارا قىتانلار ھۆكۇمران ئىدى،خەلىق قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن بولۇپ ئۇيغۇرلار ئىتنىڭ كۇنىنى كۆرىۋاتقان ئىدى،ئۇيغۇرلار بۇغرا تېغىغا بارغاندا بەش بالا بۆرىلەر بىلەن ئويناۋاتقان بولۇپ،ئادەملەرنى كۆرۇپ خرىس قىلغان ۋاقىتتا ئادەملەر بۇ بالىلارنى تەڭرى بەرگەن بالىلار دەپ ئالاھىدە تەربىلىدى ،بالىلار چوڭ بولغاندا بۇغرا تېغىدىكى بۇغرا دەرەخنى كۆرسىتىپ بۇ دەرەختىن تۇغۇلدۇڭلار دىدى،ئۇيغۇر قەبلىسى بۇ بەش بالىنى بەش خاقان دەپ تىز چۆكتۇردى،بەش خاقان ئەڭ ئۆتكۇر ،ھەم باتۇر بۆكۆخاننى بۇغراخان قىلىپ تىكلىدى،ئاكىسى شۇڭقار تىكىن پادىلارنىڭمۇ سەركىسى بار ،بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تەڭرى بەرگەن خاقانىمىز بار دەپ بۆكۆخاننى تەڭرى خان دەپ ئاتاشتى،قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر قەۋمى تەڭرى خاننىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتى....تەڭرىخاننىڭ ھەربى يۇرۇشلىرىدە كۆك بۆرە (بۆرىلەرنىڭ خاقانى،تەڭرى بۆرە دىگەن مەنىدە) يۇرۇشلەردە بىللە بولدى،ئۇيغۇرلارنىڭ سەپ تۇزەش،ئۇرۇش قىلىش شەكلى ئۆزگىچە بولۇپ دۇشمەن ھوجۇم قىلغاندا چىكىنگەن دۇشمەن باستۇرۇپ كەلگەندە كەينىگە بۇرۇلۇپلا ئۇلارغا خۇددى بۆرىدەك ھوجۇم قىلغان،دۇشمەن ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ قويغان،بەزىدە ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭ بۆرىلەرمۇ دۇشمەنگە تەڭ ھوجۇم قىلغان كۆك بايراق ئاستىدا قاۋۇل بۆرىلەر تۇرشاۋۇل بولۇپ دۇشمەنگە ۋەھىمە سېلىپ تۇرغان،چەتئەللىك بەزى ئۇيغۇرشۇناسلار بۆكۆخان ئوغۇزخان شۇ دىسە،بەزى تارىخچىلار ئالىپ ئەرتۇڭا شۇ دەيدۇ،مىنىڭچە ئۇغۇزنامە رىۋايىتىدىكى ئوغۇزخان دەل بۆكۆخاننىڭ دەل ئۆزى شۇ ،ئالىپ ئەرتۇڭا بۆكۆخان شۇ دىيىشتە تارىخى پاكىتلار يىتەرلىك ئەمەس،كىيىن ئۇيغۇر قەۋمى بۆكۆخاننى ئۇلۇغلاپ كاتتا يايلاق زىياپىتى ئۇيۇشتۇرۇپ ئالىپ ئەر دىگەن نامنى بەرگەن بولىشى مۇمكىن ،بۇ بىر پەرەز،مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ۋە يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ ئالىپ ئەرتۇڭا ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن بۆكۆخان دەل بۇغراخانلارنىڭ ئەجدادى ،ئالىپ ئەرتۇڭا شۇ ،تۇركى تىل لوغىتىدە قاراخانلار ئۆزلىرىنىڭ نەسەبىنى ئالىپ ئەرتۇڭاغا باغلايدۇ،مۇئەللىپمۇ ئۆزىنىڭ نەسەبىنى بۇ زاتقا باغلايدۇ،دىمەك ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۇ گىگانت شەخىس مىللى كىملىك ۋە ئۆزلۇك ھەققىدە ئويلىنۋاتقان بۇگۇنكى كۇندە تەتقىق قىلىشقا ،ئىزدىنىشكە تىگىشلىك چوڭ بوشلۇق.
2.قارا قۇرۇم تاغلىرىدىن ئېقىپ چىقىدىغان توغلا،سېلىنگا دەريالىرىنىڭ قويۇلدىغان جايىدا «قۇملانچۇ»دېگەن يەر بار ئىكەن.ئۇ،قارىغايغا ئوخشاپ كېتىدىكەن،ئارچىدەك كۆكىرىپ تۇرىدىكەن.يەنە بىرى ياۋا قارىغاي ئىكەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە مانا شۇ ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ ئارىسدا ئۇشتۇمتۇتلا بىر كىچىك دۆڭ پەيدا بولۇپ قاپتۇ.كۈن ئۆتكەنسېرى بۇ دۆڭ ئېگىزلەشكە باشلاپتۇ.دۆڭنىڭ ئۈستىدە تاڭ ئاتقۇچە شام يورۇپ تۇرىدىكەن ،ئۇيغۇرلار دۆڭنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈردىكەن. دۆڭنىڭ ئىچىدىن خۇددى ناخشا ئېيتقاندەك ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن.ھەر كېچە ئەھۋال شۇنداق بولىدىكەن. شام بارغانسېرى چاقناپ،ئوتتۇز قەدەم ئارلىقنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان بوپتۇ...دۆڭدىن ئۇشتۇمتۇت بىر ئىشىك ئېچىلىپتۇ،ئىچىدە خۇددى ئوتاۋغا ئوخشاپ كېتىدىغان بەش ئۆي بولۇپ،ھەر بىر ئۆيگە كۈمۈش سەگەنچۈكلەر ئېسىلغان،سەگەنچۈكنىڭ ئوتتۇرسىدا بىردىن ئوغۇل بوۋاق ئولتۇرغان،بوۋاقلارنىڭ ئاغزىدا سۈت ئېمىدىغان ئېمىزگۈ بار ئىكەن.قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ ئاجايىپ بوۋاقلارنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ،بوۋاقلارغا قاراپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشكەنىكەن،بۇ بەش بوۋاق ئوغۇل ھاۋا بىلەن ئۇچراشقان ھامان ھەرىكەتلىنىپ ئۆيدىن چىقىشىپتۇ. ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا ئانىلارنى تەيىنلەپ،بوۋاق بالىلارنى ئېمىتكۈزۈپتۇ.ئۇلارنىڭ تىلى چىققاندا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا ـ ئانىلىرىنى سۈرۈشتۈرگەنىكەن،كىشلەر ئىككى دەرەخنى كۆرسىتىپتۇ.بەش ئوغۇل دەرەخكە چوقۇنىشىپتۇ.دەرەخ ئادەمگە ئوخشاش تىلغا كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاق ـ پەزىلەتلىك بولۇپ ئۆسىشى توغرىسدا ۋەسىيەت قىلىپ،ئۇلارنىڭ مەڭگۈ ياشىشىنى قۇتلىغانىكەن،شۇ يەردىكى كىشلەر شۇ بەش ئوغۇلغا خۇددى خانلارغا ئىتائەت قىلغاندەك بويسۇنۇپتۇ،بەش ئوغۇلنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئىسمى شۇڭقار تېكىن،ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى قوتۇر تېكىن،ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمى بۇقا تېكىن،تۆتىنچىسىنىڭ ئىسمى ئور تېكىن، بەشىنچىسىنىڭ ئىسمى بۆكۆ تېكىن ھەم چىرايلىق،ھەم ئەقىللىق،ھەم تالانتلىق بولۇپ،نۇرغۇن ئەللەرنىڭ تىلىنى بىلدىكەن.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بۆكۆ تېكىننى خاقان قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانىكەن.مانا شۇ بۆكۆ تېكىن خاقانلىق تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلغان، ئاھالىسى كۆپەيگەن. تەڭرى بۆكۆخانغا ئۈچ قۇش ئىنئام قىلغانىكەن.بۇ قۇشلار نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تىللىرىنى مۇكەممەل بىلدىكەن.بۆكۆخاقان مانا شۇ قۇشلارنى ھەر دائىم دۇنيانىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىگە ئەۋەتىپ،ئالەمدىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىكەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە كېچىسى بۆكۆخان چېدىر ئىچىدە ئىلاھىي جاننى كۆرۈپتۇ.ئۇ ئىلاھىي جان ياش قىز قىياپىتىدە ئايان بوپتۇ.خاقان قورقۇپ يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇۋېلىپ،گەپ قىلىشقا پېتىنالماپتۇ.ئىككىنچى كېچىمۇ يەنە شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپتۇ. ئۈچىنچى كېچىسى بۆكۆخان بۇ ئەھۋالنى ۋەزىرگە ئېيتىپ قويۇپ، ئۆزى پەرى قىزغا ئەگىشىپ، «قۇت تاغ»دېگەن تاغنىڭ ئىچىگە بېرىپتۇ.تاڭ ئاتقۇچە قىز بىلەن مۇڭدىشىپتۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر كېچىسى شۇنداق سۆھپەت داۋاملىشىپ،ئومۇمەن يەتتە يىل ئالتە ئاي يىگىرمە كۈن ئۆتۈپ،پەرى قىز بىلەن ۋىدالىشىدىغان چاغدا قىز مۇنداق دەپتۇ:«كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە پۈتۈن جاھان ساڭا بويسۇنىدۇ. سەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداپ،ئەلنى ياخشى ئىدارە قىلغىن .»بۇ گەپنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن پەرى قىز غايىپ بوپتۇ.بۆكۆخان قوشۇن باشلاپ،چوڭ ئاكىسى شۇڭقار تېكىنگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇنى ئۈچ يۈز مىڭ قوشۇن بىلەن موڭغۇل ۋە قىرغىزلار ئېلىگە ماڭدۇرۇپتۇ.ئىككىنچى ئاكىسى قوتۇر تېكىننى يۈز مىڭ قوشۇن بىلەن تاڭغۇتلار ئۈستىگە ماڭدۇرۇپتۇ.ئۈچىنچى ئاكىسى بۇقا تېكىننى ئۆز ئېلىنى ساقلاشقا قالدۇرۇپتۇ.يۈرۈشكە ماڭغان قوشۇنلار نۇرغۇن ئەلنى بويسۇندۇرۇپ،كۆپلىگەن ئەسىرلەرنى ئېلىپ ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىغا قايتىپ كەپتۇ،شۇ يەردە «ئوردۇبالىق»ئاتلىق بىر شەھەر بىنا قىپتۇ.شۇ چاغدا كۈنچىقىش تەرەپتىكى بارلىق ئەللەرنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە ئەل قىلىپ بوپتۇ.شۇنداق قىلىپ بۆكۆخان بىر كېچىسى ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ،چۈشىدە ئاق چاپان كىيگەن،ئاق ھاسا تۇتقان بىر ئەر كىشى كۆرۈنۇپتۇ،ئۇ بىر دەستە گۈلنى بۆكۆخانغا بېرىپ «سەن مۇشۇ گۈللەرنى مەڭگۈ ساقلىساڭ ھەممە تەرەپ ساڭا باش ئېگىدۇ» دەپتۇ.بۆكۆخاننىڭ بەش ۋەزىرىمۇ خۇددى شۇنداق چۈش كۆرۈپتۇ. ئەتىسى بۆكۆخان ھەربىي ھازىرلىققا كىرىشىپ،كۈنپېتىش تەرەپكە قوشۇن ماڭدۇرۇپتۇ.قوشۇنلار تۈركۈستانغا يېتىپ كەلگەندە تۈزلەڭ،بۇلاق سۇلىرى شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان بىر يەرنى كۆرۈپتۇ.قوشۇنلار بۆلۈنۈپ جايلارغا بېرىپتۇ.ئون ئىككى يىل ئىچىدە كۆپ ئەللەرنى ئېلىپ،ياۋايى ئادەملەر ياشايدىغان جايغىچە بېرىپتۇ... نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ خانلىرى بۆكۆخان بىلەن كۆرۈشۈپتۇ.ئۇلار بۆكۆخانغا سوۋغىلارنى تەقدىم قىلىپ،ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ.پەقەت ھىندىستاننىڭ خانىلا ئىتائەت قىلىشنى رەت قىپتۇ.باشقا خانلارنى ئىتائەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆز ئېلىگە قايتۇرۇۋېتىپتۇ.زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن بۆكۆخان بالاساغۇندىن ئۆزى تۇغۇلغان ئېلىگە قايتىپ كەپتۇ .
[ بۇ يازمىنىkokturukدە2011-07-04 13:55قايتا تەھرىرل ]