خوتۇننىمۇ تاشلىۋېتىڭ
بىر كۈنى 3- قەۋەتتىكى بىر ئۆيدە ئەر- ئايال ئىككىسى ئۇرشۇپ قاپتۇ-دە، ئېرىنىڭ ئاچچىقى راسا كىلىپ ياستۇقنى ئالغانچە دەرىزىدىن پەسكە تاشلىۋېتىپتۇ.
پەستە بىر تىلەمچى تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرۈپتىكەن، ياستۇق تىلەمچىنىڭ كاللىسىغا چۈشۈپتۇ، تىلەمچى ياستۇققا ئىرىشتىم دەپ خوشال بولۇپ تۇرسا، 3-قەۋەتتىكى ئايالىنىڭمۇ ئاچچىقى يامانكەن، مانا ئەمسە دەپ يوتقاننى تاشلىۋېتىپتۇ. ئۇ يوتقانمۇ تىلەمچىنىڭ كاللىسىغا چۈشۈپتۇ. تىلەمچى خوشاللىقىدىن ئۈستىگە قاراپ ۋاقىرغۇدەك: ـــــــ ۋاي، ۋاي، ئەمدى خوتۇننىمۇ تاشلىۋېتىڭ بولامدۇ!!!؟؟؟ ئۆستەڭدە ماي ئاقتى
ئىككى پوچى ئۆزئارا پو ئېتىشىپتۇ.
ــــ ئۆتكەندە مېھمان چاقىرىپ، تىزىۋەتكەن مەزەلىرىمنىڭ كۆپلىكىدىن داستىخاننىڭ ئىككى تەرىپىدە ئولتۇرغان مېھمانلار بىر -بىرىنى كۆرەلمەي قالدى، ـــــ دەپتۇ بىرى. ـــــ شۇنچىلىك ئىشقىمۇ ماختىنامسەن؟ ــــــ دەپتۇ يەنە بىرى، ـــــــ مەن بىر قېتىم مېھمان چاقىرغاندىم، خوتۇن شۇنداق مايلىق پولۇ ئەتتىكى، پولۇنى يىگەن مېھمانلار ئىشىك ئالدىدىكى ئۆستىڭدە قولىنى يۇيىۋىدى، ئۆستىڭدە نەچچە كۈنگىچە ماي ئاقتى. ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ
ــــ ﻛﺎﭘﺘﺎﻥ، ﻣﯘﺷﯘ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﯖﯩﺰﺗﺎﺯﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯗ؟ p//">l=Ps
ــــ ﮬﻪﻱ، ﻧﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺯﯦﮭﯩﻦﺳﯩﻨﺎﺵ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. }tv-
ـــــ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻧﻐﯘ، ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺴﯩﺰ؟ qI;k2sQR
ـــــ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﻧﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ، ـــــ ﺩﯦﺪﻯﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻥ، ــــــ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﺟﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﻘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﻥﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯘﺭﺳﺎ . كالابىلەن توخۇ
بىر كۈنى كالا بىلەن توخۇ بىللە ئولتۇرۇشۇپ ، ئادەملەر توغرىلىق غۇدۇرىشىپتۇ؛ ~~-
توخۇ؛ ئادەملەر تازىمۇ ئادالەتسىز ئىكەن،ئۇلار ئۆزلىرى پىلانلىق تۇغۇت دەپ ھەدەپ
جار سالىدۇ،بىزنى بولسا بار ئاماللارنى ئىشلىتىپ جىق تۇخۇم تۇققۇزىدۇ.
كالا؛ بۇنى دىسەڭ ،مەنچۇ ؟ دۇنيادىكى ھەممە ئادەملەر مىنىڭ سۈتۈمنى ئىچىدۇ،
بىراق مىنى ئاپا!دەپ باققىنىدىن بىرەرىمۇ يوق!! ئۈرۈك پىششىقى
بىر ئادەم ئۈرۈك پىششىقىدا چوڭ بىر باققا بېرىپ راسا تويغۇچە ئۈرۈك يەپ ئويگە قايتىپتۇ ،يولدا كىلىۋېتىپ ئۇنىڭ قۇرسىقى كۈپۈپ ‹‹ كورتلا ›› قىلىپ يەل قۇيۇپ بىرىپتۇ – دە ، خۇدۇكسىنىپ ئۈزىچە ،
-ئۈرۈك پىششىقى ، - دەپ قۇيۇپتۇ ، يەنە بىر ئاز مېڭىپ بايىقى ئىشنى تەكرارلاپتۇ ۋە يەنە خۇدۇكسىنىپ
-ئۈرۈك پىششىقى ، دەپ قۇيۇپ ئىتتىك ئارقىسىغا قارىسا تۇنۇش بىرى كىلىۋاتقۇدەك ،ئۇ چاندۇرماستىن ،
- قاچان كەلدىڭىزۇي ؟ - دەپ سوراپتىكەن ، ئارقىسىدا كىلىۋاتقان ئادەممۇ چاندۇرمايلا.
- بىرىنچى ئۈرۈك پىششىقىدا دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ، مەنبە:ئۇ يەر-بۇ يەردىن،گىزىت -ژۇرناللاردىن.