karamat oztil xj 50
بۇ تېما 244 قېتىم كۆرۈلدى
tashtar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 689
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
شۆھرەت: 332 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 332 سوم
تۆھپە: 178 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 181 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 شۇڭقار بىلەن كەپتەر



شۇڭقار بىلەن كەپتەر


ۋارگاس ليوسا (پىرۇ) 


مەن 16 – ئەسىر نورماندىيە ئۇسلۇبىدىكى بىر مۇناستىردا
خىزمەت قىلاتتىم. ۋاشىنگىتوندىكى بۇ مۇناستىر 19 – ئەسىردە سېلىنغانىدى. يېزىقچىلىق
ئۆيۈم تارىخىي ئەھمىيىتى بار بىر قوڭغۇراق مۇنارىدا ئىدى. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە
ئابراھام لېنكولىن بۇ يەردە تۇرۇپ مانساس ئۇرۇشىغا قاتناشقان فىدىراتسىيە
ئارمىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئىكەن.



بۇ يەردە يۈرىۋاتقىنىمغا ئالتە ئاي بولدى.
تېخى بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى بۇ جايدا بىر توپ كەپتەر بار ئىدى. ئۇلار
ئەتراپىمدىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە ئاپتاپسىناتتى، لەمپىلەرنىڭ ئاستىلىرىدا يامغۇردىن
پاناھلىناتتى، سىرتتىن ئۇلارنىڭ ئۈنلەشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن ئۇلارنىڭ پەي –
قاناتلىرىنى تازلاشلىرىنى، ئۇششاق ھەرىكەتلىرىنى، ماڭا ئوغۇرلۇقچە قاراشلىرىنى كۆرەتتىم.
بىراق ھازىر ئۇ كەپتەرلەر نەگىدۇر غايىب بولغان ئىدى. كۆز ئالدىمدىكىسى پەقەت
توزۇپ كەتكەن پەي، قۇرۇق ئۇستىخان ۋە سېسىپ كەتكەن ئىچ ئەزالىرى دېگەندەك كىشىنى
سەسكەندۈرىدىغان نەرسىلەر ئىدى.



بۇ دۆلەتتىكى شۇڭقارلارنىڭ سانى ئازلاپ
كېتىۋاتقانلىقى تۈپەيلى، بۇ مۇناستىر ۋە ۋاشىنگىتوندىكى كۆپلىگەن مۇزىيلارنى
باشقۇرىدىغان ئورگان ــــــ ئامرىكا دۆلەتلىك مۇزىيى بۇ يىرتقۇچ قۇشنىڭ نەسلىنىڭ
قۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر تۈرلۈك پىلان تۈزگەن. پىلاندا كىشىلەر
قورغان دەپ ئاتايدىغان بۇ موناستىرنىڭ ئۆگزە ۋە راۋاقلىرى ئۇلارنىڭ ياشىشىغا ئەڭ
مۇۋاپىق جاي دەپ قارالغان.



بۇ ئىشنى مەن بىر قانچە قېتىملىق ئىش
ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن بىلدىم. بىر كۈنى ئەتىگىنى، مەن بىلەن بىر مەزھەپتىكى بىر
قانچە ئىشچى ياندىكى قوڭغۇراق راۋىقىنىڭ ئۆگزىسىگە پەنەركە بىلەن كىچىك بىر
قوڭغۇراق راۋىقى ياساشتى. ئۇلار ئۇنى سىرلاپ ئاستىدىكى چوڭ راۋاقنىڭ بىر قىسمىغا
ئايلاندۇرىۋېتىشتى. بىر قارىماققا دېكوراتسىيەگە ئوخشايدىغان بۇ كىچىك راۋاق
شۇڭقارغا ياساپ بېرىلگەن ئۇۋا ئىكەن. بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ئۇلار يېڭىلا
تۇخۇمدىن چىققان شۇڭقار چۈجىسىدىن ئۈچنى ئەكىلىشتى. ئۇلار ئۆزى ئۇزۇقلىنالايدىغان
بولغانغا قەدەر ئۇلارنى بېقىش ئۈچۈن بىر يىگىت ئۇۋا يېنىغا ماكانلاشتى. مەن بىر
قانچە ئوپىراتورنىڭ راۋاق ئۈستىگە چىقىپ، شۇڭقار بالىلىرىغا يىمەكلىك بېرىلىۋاتقان
كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن بىر كۈنى ساددا خىيالىم بويىچە
ھېلىقى يىگىتنىڭ ئۇلارغا سۈت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن راۋاققا چىقتىم.
كۆرگىنىم ئۇ يىگىتنىڭ شۇڭقار بالىلىرىنىڭ ئاغزىغا تىرىك باچكىلارنى سېلىۋاتقىنى
بولدى.



ھازىر ئۇ يىگىت يۆتكەپ كېتىلىپ، شۇڭقارلار
ئۆزىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئېلىشقا قالدۇرۇلدى. دەسلەپتە ئۇلار بۇ يەردىكى
كەپتەرلەرنى ئوۋلىدى، شۇڭىمۇ كەپتەرلەر ئۈركۈپ قېچىپ كەتكەشكە مەن ئۇلارنى قايتا
كۆرەلمىدىم. مەن شۇڭقارلارنىڭ قورسىقى تويغاندا، ئولجىسىنى چىشلەپ ياندۇرۇپ
كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدىم. شۇڭقار قوڭۇر رەڭلىك يىرتقۇچ قۇش بولۇپ، بەدىنىدە
قارا چېكىملەر بار، قاناتلىرىنىڭ رەڭگى پوكىنىنىڭ رەڭگىدىن قېنىق، قاراشلىرى
سۈرلۈك، قىياپىتى ھەيۋەتلىك. ئۇنى چىرايلىق دېگىلى بولمايدۇ، مۇلايىم ۋە ئۇماق دەپ
تەرىپلىگىلىمۇ بولمايدۇ، بىراق ئۇلاردا قەتئىي، سالماق، كەسكىن بولۇشتەك كىشىنى
تەسىرلەندۈرىدىغان سۈپەتلەرمۇ بار.



ھازىر ئۇلار ماڭا خوشنا. ئېسىمگە يەنە بىر
ۋاشىنگىتون(ئامرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بىر شىتات)دىكى بىر قىز ئوقۇغۇچى كېلىپ
قالدى. ئۇنىڭ قارچىغا كۆندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئالتۇن دەۋرى
توغرىسىدىكى تەتقىقاتى تولىمۇ چوڭقۇر ئىدى. ئۇ يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ تەسۋىرى ئارقىلىق
شېئىر ۋە درامىلارنى يادقا ئالغان ئىكەن. ئالايلۇق «سېلېستىنا»،



ئۇ
پەقەت بۇ درامىنىڭ مۇقەددىمسىگىلا قىزىققان. چۈنكى دىرامىدا تەسۋىرلەنگەن ئاشۇ
قارچىغا كالىستونى مېلبىيانىڭ باغچىسىغا باشلاپ كېلىدۇ. ئۇ قىز ھويلىسىدا شۇڭقار
باققان، بۇنى تېما قىلىپ دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى يازغان. يەكشەنبە كۈنى ئۇ
ئەنئەنىۋىيلىكى ئەڭ كۈچلۈك بولغان تەنتەربىيە پائالىيىتى ــــــ ئوقيا ئېتىشنى
مەشىق قىلغان.



مېنىڭ ئامرىكا دۆلەتلىك مۇزىيىدىكى شۇڭقار
بىلەن كەپتەرنىڭ ھېكايىسىنى بايان ئەيلىشىمدە چوڭقۇر بىر مەنە بار. بۇ يەنە بۇ
دۆلەتنىڭ قۇرۇلىشىدىكى كەسكىن پوزىتسىيەنى چۈشىنىۋىلىشىمىزغىمۇ تەربىيىۋىي
ئەھمىيىتى بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۈگۈنكى ۋە تارىختىكى ئامرىكىغا
نىسبەتەنمۇ بىر خىل سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە. خۇددى قوڭغۇراق راۋىقىدا يۈز بەرگەن
ئاشۇ ئىشقا ئوخشاش، يەنى كەپتەرنىڭ ئورنىنى بۈركۈت ئالغاندەك، دىموكراتلارنىڭ
ئورنىنى كونسىرۋاتىپلار ئېلىۋاتىدۇ. بۇ ئالاھىدە سىياسىي ھادىسە ئەمەس، بەلكى بىر
خىل ئومومىيۈزلۈك ئەھۋال، بىر خىل دىن ۋە ئېتىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان روھى ھالەت.
بۇ خىل ئەھۋالغا «ئەكسىيەتچىلىك» دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىش ئارتۇق كەتمەيدۇ، چۈنكى
بۇ بىر خىل چېكىنىش، بىر خىل ھىسسىيات جەھەتتىكى ئۆتمۈشكە قايتىش، گەرچە ئۆتمۈش
رىئاللىققا قارىغاندا تېخىمۇ بەك سىرلىق بولسىمۇ.



بىر قانچە ئاي بۇرۇن، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى
جايلىرىدىن كەلگەن 500 مىڭ كىشى مۇتەئەسسىپ خىرىستىيان دىنىي جەمئىيىتىنىڭ
چاقىرىقى بىلەن ۋاشىنگىتوندا بىر قېتىملىك زور كۆلەمدىكى نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار
كېننىدى تەنتەربىيە مەيدانىدا تۈنىدى، پۈتۈن كۈن چېركاۋ بىلەن ۋاشىنگىتون ئابىدىسى
ئارىسىدىكى تۈزلەڭدە تىلاۋەت قىلدى، مۇناجات ئوقىدى، نەچچە ئون روھانىينىڭ ۋەز – نەسىھىتىنى
ئاڭلىدى. رەئىس سەھنىسى مېنىڭ دېرىزەمنىڭ ئاستىغىلا قۇرۇلغان ئىدى. بۇنىڭغا ئىلاج
قانچە، كىم مېنى مۇقەددەس جايدا تۇرسۇن دەپتۇ. ئاشۇ ھامىلە چۈشۈرۈشكە، سېرىق
بويۇملارغا، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدىكى نۇتۇقلار، كىشىلەرنى
ۋەتەنپەرۋەرلىككە، ئاددىي ساددا ياشاشقا، مېھىر شەپقەت پائالىيەتلىرىگە
قاتنىشىشقا، ئەخلاققا قاتتىق ئەمەل قىلىشقا ئۈندەيدىغان مۇراجىئەتلەر قۇلاق
تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇردى. مىنى بەكرەك مەپتۇن قىلغىنى ئۇلارنىڭ تەسىرلىك ۋەز –
نەسىھىتى ئەمەس، بەلكى ئۇلار نۇرغۇن ئاق كۆڭۈل ئائىلىلەردىن بۇلاپ كېتىۋاتقان نەرسىلەرنى
كۆرۈش بولدى. نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ شۇنچە يىراق يەردىن بۇ يەرگە كېلىشى «تەڭرىنىڭ
ئىسپاتىغا ئېرىشىپ»، ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويىۋاتقان، ئوخشىمىغان مەزھەپلەرنى بىر
بىرىدىن پەرىقلەندۈرىۋىلىش ئىدى. بەزى مەزھەپلەرنىڭ ئىسمىنى كۆرۈشلا  كىشىنى ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ مۇدھىش كەيپىياتىغا
غەرىق قىلاتتى.



بۇنداق دىنىي مۇتەئەسسىپلىكنىڭ ئاشكارا
ئىپادىلىنىشى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ ئۈمىد قىلغىنىدەك كىشىلەرنى ئۇنداق
ئىتتىپاقلاشتۇرالمايدۇ. ئەتىگەندىن كەچكىچە ئوتتۇرىغا چىققىنى ئوخشىمىغان پىكىر،
تەنقىد، قارشىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى دىننىڭ ئىچكى
قىسمىدا پەيدا بولغان. بۇ يەردە يەنە ئەڭ زور غۇلغۇلا قوزغىغان بىر مەيدان ئىپىزود
ئوينالدى. يەنى ھەمجىنىسلار توپلىشىپ خىرىستوسقا ئاتاپ مەدھىيە ناخشىلىرىنى
ئېيىتتى. ئۇلارنىڭ پەيدا بولىشى پۇرىتانلارنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن
تالاش تارتىشلار باشلىنىپ كەتتى، ھەتتا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى پەيدا بولدى. بىراق
ئۇلارمۇ ئاخىرى بۇ مۇقەددەس جايدا تۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشپ، كىچىك ۋەرەقىلەرنى
تارقىتىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ياقلىدى. ياش قىز يىگىتلەردىن تەشكىللەنگەن
«ئىبرانىيچىلار» مەزھىپىنىڭ تەلۋىلەشكەن ياش مۇرتلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشى جىددىي
كەيپىيات پەيدا قىلمىسىمۇ، كىشىنىڭ دىققىتىنى بەكرەك ئۆزىگە تارتاتتى. يېشىل
رەڭلىك ئۇزۇن يەكتەك كىيگەن، يالاڭ ئاياغ تۇرغان ئاۋۇلار ۋەجىتىرىيانلار(گۆش
يىمەيدىغانلار)، ئۇلار ھەممىلا يەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرىدۇ. ئەگەر، ئۇلارغا
ئىشەنسىڭىز قۇتقازغۇچى خۇدا كالىفورنىيەلىك ـــــ قايتا تۆرەلگەن خىرىستوس. ئەگەر،
ئۇلارغا ئىشەنسىڭىز كۆن – خۇرۇمدىن ئىشلەنگەن كىيىملەرنى كىيمەڭ، ئۇنداق قىلسىڭىز
مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىسىز.



نۆۋەتتە ئامرىكا جەمئىيىتىكى مۇتەئەسسىپلىك
خاھىشى دۆلەت ئىچىدە خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلماقتا. كىشىلەرنىڭ قارىشىچە مۇبادا
رىگان نويابىردىكى سايلامدا غەلبە قىلسا (خەلق رايىننى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا
بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار)، بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا قايتىش، كالتەك
سىياسىتىغا، ھەتتا ماكئارتورىزمغا قاراپ چېكىنىشتىن دېرەك بېرىدىكەن. راستىمنى
ئېيىتسام مەن بۇنداق خەۋىپ بار دەپ قارىمايمەن. سەۋەبى بۇ قەدىمكى نەرسىلەرنى يەنە
ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىغاندەكلا ئىش، مېنىڭچە تارىخ ھېچقاچان كەينىگە قاراپ
سەكرىمەيدۇ. رىگاننىڭ ئۈمىد قىلغىنىدەك ئۇنداق ساغلام ئادەت، مۇكەممەل ئائىلە،
سودا ھەر زامان گۈللىنىپ تۇرىدىغان، غۇبارسىز ھېسسىياتقا ئىگە دۆلەت ئەزەلدىن
بولۇپ باقمىغان. بۇنداق دۆلەت كىنولاردىلا بار، ئۇنىڭدىن ئېرىشىدىغىنىمىز پەقەت
بىر ساختا كۆرۈنۈش خالاس. شۇڭا بۇ دۆلەت ئۆتمۈشكە قايتمايدۇ، چۈنكى ئۆتمۈشنىڭ
تارتۇشقىدەك يېرى يوق. يەنە بىر جەھەتتىن رىگاننىڭ قىياسىدىكى ھۆكۈمەت مەڭگۈ
بىردەكلىككە ئىگە بولمايدۇ، بۇ دۆلەتكە يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان تۈزۈم ئاغمىچىلىقنى
قوللىماسلىق، ئەكسىچە كۆز قاراشنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئاساسىدا تىكلەنگەن. شۇڭا
رىگانمۇ نامايىشچى خىرىستىيان مۇرتلىرىغا ئوخشاش ئۆزى بىلەن ئوخشىمىغان پىكىردىكى
ئۆكتىچىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇشقا مەجبۇر. بىراق، رىگاننىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ
پۇل پاخاللىقى ۋە يۇقىرى ئىشسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان بۇ دۆلەتكە پايدا ئېلىپ
كېلىش ئىمكانىيىتى زور. مېنىڭچە رىگاننىڭ سايلامدا غەلبە قىلىشى ئۇرۇشتىن دېرەك
بەرمەيدۇ. بىراق مۇئەييەن خاۋاتىرسىزلىنىشلەردىن دېرەك بېرىشى تۇرغانلا گەپ.
چۈنكى، بۇ ئارتىستا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەبەسسۇم بولغان بىلەن تۈزۈك بىلىم
يوق، سىياسىي كاللىسى ئاددىي، نەزەر دائىرىسى تىيىز ۋە تار. بۇ يەردىكى مەسىلە
شۇكى، ئۇنداقتا كاتنىڭ غەلبە قىلىشى نىمىدىن دېرەك بېرە؟ ئامرىكىدا دىموكراتلار
بىلەن كونسىرۋاتىپلارنىڭ نۆۋەتلىشىپ ھۆكۈمەت تەشكىللىشى ئاساسەن تەڭپۇڭ. كىشىنى
تەشۋىشلەندۈرىدىغىنى ئۇنىڭدىكى سىياسىي پائالىيەتلەر تىپىنىڭ ئاددىيلىشىپ
كېتىۋاتقانلىقى. ھېلىمۇ ياخشى ئامرىكىنىڭ سىياسىتى ھەرقانداق بىر باشقا ئىجدىمائىي
پائالىيەتنى كونترول قىلمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بەرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بار. يەنە كېلىپ، بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي سەھنىسى بارا - بارا
كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋاتىدۇ. كىشىنى بىئارام
قىلىدىغىنى ئامرىكىنىڭ سىرتقا قاراتقان سىياسىتى كۈچلۈك ئەكس تەسىر پەيدا
قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ سىياسىئونلىرىنىڭ سەۋەنلىكى ۋە ئاجىزلىقى ئۇ جايلاردا زور
زىيانكەشلىكلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىۋاتىدۇ
.
تاھىرجان ئەركىن تەرجىمىسى



تېما تەستىقلىغۇچى : kokturuk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-15, 19:37
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-07-15 19:18 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر