تۇركىيەئاناتولىيىدىكى ئۇيغۇر رايۇنى ئۇستىىدە تەكشۇرۇش ۋە كورىيە ئۇيغۇرلىرى
2007 -يىل- 9ئاينىڭ -10كۇندىن15 -كۇنىگىچەتۈركىيەجۇمھۇريىتنىڭ پايتەجتى ئەنقەرە شەھىرىدە89دۆلەتتىن كەلگەن.
1500دىن كۆپىرەك ئادەم-مۇتەجەسىسلەر قاتناشقان جەلقئارا ئىلمى كۇنفرىنسيېسى ئېچىلىدى. بۇقېتىمقى كۇنفرىنسيېگە نىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن مەملىكىتىمىزدىن8نەپەر ئىلمى خادىم قاتناشقان.
مەن نىڭ مۇدىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيتى <<ئاتا تۇرك كۇلتۇر.تىل ۋە تارىخ يۇكسەك قۇرۇمى>>نىڭ باشقانى)رەئىسى(پىروفىسور .دوكتۇر سادىق تۇرال ۋە كۇرىيدىن كەلگەن پىروفىسور .دوكتۇر جاڭ يۇڭخۇن بىلەن يىغىن ئارلىقىدىكى بىر قېتىملىق سۆھپىتىمدە قىزىقارلىق بىر ئىلمى ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇم. -رەھمان نېگ سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار تارىختا ئۆزبېشىدىن ئاجايىپ قىسمەتلەرنى كەچۈرگەن بىر جەڭگىۋار خەلىق ئىكەن-دەپ سۆزباشلىدى.سادىق تۇرل خوخا.
-قانداق دەيسز؟-دېدىم.سۇئال نەزەرى بىلەن .مەن90-يىللارنىڭ ئاخىردا تارىخ قۇرۇمى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان <ئەرتنالىلار نامىلىق بىر تارىخى كىتابنى ئۇقىغان ئىدىم. بۇكىتاپتا بۇنىڭدىن 700يىللار ئىلگىرى ئاناتولىيەدە بەگلىك قۇرغان ئەرتنا ئىسملىك ئۇيغۇر!ئەمىرنىڭ يېرىم ئەسىرلىك تارىخىي پائالىيتىگە بىغىشلانغان.ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ھازىرمۇ ئۇيغۇر ئېتونىمى بىلەن ئاناتولىدا ياشاۋېتىپتۇ.
-بىز نىڭ كۇرىيىدىمۇ ئاشۇ دەۋرلەردە يەرلىكلەشكەن ئۇيغۇرلاربار.ئۇلار ئەڭ دەسلەپ چىڭگىزخانىڭ نەۋرىسى قۇبۇلاخانىڭ شەرىققە يۇرۇش قىلغان قوشۇنلىرى تەركىبىدە كۇرىينىڭ خەنۇبىىي قىسمىدا ئۇلتۇراقلىشىپ قالپتىكەن ھازىر1000دىن كۆپرەك ئۇيغۇر بىر يىزىدا توپلىشىپ ياشايدۇ. مەن ئۇلارنى تەكشۇرۇپ ئىككى پارچە مۇنوگراپىيە ئېلان قىلغان ئىدىم. لازىم تېپىلساسىزگە ئەۋەتىپ بېرەي. ناۋادا قىزىقسىڭىز كورىيىگەكىلىپ بۇ ئەجدادلىرىڭىزنى زىيارەت قىلىڭ .مەن سىزگە ياردەمدە بولىمەن -دېدى. كورىيەلىك تىلشۇناس دوستۇمىز جاڭ يۇڭجۇن ئەپەندى.
بۇ ئىككى ئۇچۇر مىنى بەكمۇ جەلىپ قىلدى. تۈركىيدە ئولتۇراقلىشپ قالغان بىرقىسىم ۋەتەنداشلاردىن بۇھەقتە سورسام بۇ ئۇچۇردىن ھېچقايسىنىڭ خەۋىرى يوق ئىكەن. >> توۋا.بىرزېمىنداياشاپ تۇرۇقلۇق ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىنىڭ تارىخىي سەرگۇزەشتلىرىدىن خەۋەرسىز ياشاپتۇدە، ئۇلار<<دەپ پىچىرلىدىم ئىچىمدە.
يۇقىرقى ئىككەيلەننىڭ پارىڭى مەندە كۇچلۇك قىزىقش قوزغىدى. نەتىجىدە چۇقۇم پۇرسەت چىقىرىپ ئۇلارنى زىيارەت قىلىش قارارىغا كەلدىم. بۇ ئارزۇيۇم يەنى -2007 يىلى11-ئاينىڭ10-كۇنىدىن16-كۇنىگىچەتۈركىيە جۇمھۇرىتى<ئاتاتۇرك كۇلتور.تىلۋەتارىخ يۇكسەك قۇرۇمى> ،<<رىياساتچىلىكىدە ئېچىلغان>>-6نۇۋەتلىك خەلىقئارا ئاتا تۇرك ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى>> غا قاتنىشىش جەريانىدا ئەملگە ئاشۇردۇم. بۇ قېتىمقى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن. تۇركىيە پەنلەر ئاكادىمىسىيى يىنىدىكى <تارىخى قۇرۇمى>غا بېرىپ. ئۇلار تەمىنلىگەن يىپ ئۇچى بۇيىچە مۇ ئەللىپ كامال گودە نىڭ 1994-يىلى تۇرك تارىخى قۇرۇمى باسمىخانسى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئەرتنالىلار(ناملىق بىر تارىخى كىتاپنى تاپتىم.ھەمدە تۇركىيدىكى بىر قىسىم ئالاقىدار خادىملار ماڭا ئانا تولىينىڭ غەربىي شىمالى قىسمىدىكى ئاماسىيا ۋىلايىتىدە بىر<<ئۇيغۇر بەلېدېىيسى>>ئۇيغۇر رايۇنى بار ئىكەنلىكى. ھازىرغىچە ئۇيغۇرنامى بىلەن بۇ رايۇندا ياشاۋاتقان خەلىقلەر ئۇيغۇر بىگى ئەرتنانىڭ جەمەتىدىن بۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى تۇنوشتۇردى. مۇشۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن پىرافېسسۇر.دوكتۇر سادىق تورال خوجىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەنقەرەدىن 700كىلومىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قارادېڭىز بۇيىغا جايلاشقان تاغلىق شەھەر ئاماسياغا يۇرۇپ كەتتىم.
بىز ئاماسيا شەھىرىنى بىركۇن زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئەتىسى سەھەردە ۋالى ئىشخانا مۇدىرىنىڭ ھەمراھلىقدا>>ئۇيغۇر رايۇنى<<غا قاراپ يولغا چىقتۇق. ماشىنا بىلەن يېرىم سائەت يۇل يۇرگەندىن كېيىن، تۆمۇر بىلەن ياسالغان ئەگمنىڭ ئۇستىدىكى<>دەپ خەت يېزلغان تاختىغا كۆزۇم چۇشتى. >>ئۇيغۇر رايۇنى<<مانا مۇشۇ چېگرادىن باشلىدىكەن. ئۇيەردىن بىر كىلومىتر ئىچكىرىدە ئاسفالىت يولغا يانداپ سېلىنغان بىرماي قچلاش پونكتىى بارىكەن. بۇنكىتنىڭ ئۇستىدىكى قىزىل تاختىغا يېزىلغان <>(ئۇيغۇر ماي قاچىلاش ئورنى)ۋېۋسكا ئېسلىپتۇ. ھەتتا پونكىت ئالىدىكى ھەربىر ماي تۇڭىنىڭ ئۈستىگىمۇ ئەشۇ ماركا ئېنىق يېزىلىپتۇ. XIV-XIII ئەسىرلەردە تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدىن ئاينىلىپ. 20نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئانا تولىيەزېمننىڭ بۇ خىلۋەت تاغ قاپتلىدا ماكانكلاشىپ ياشاپ كېلۋاتقان قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۆز ئېتنونمىنى ئۇنۇتماي ئۇيغۇر ماركىسىنى ۋىۋسكا ئورنىدا ئىشىلتىۋاتقانلىقدىن چوڭقۇر تەسرلىنپ، ۋىۋسكا ئالدىدا بىر پارچەخاتىرە سۇرەتكە چۇشتۇم. شۇ ئەسنادا قارشى تەرەپتىن بىر كۇلرەڭ پىكاپ ئالدىمىزغا كېلىپ توختىدى. ماشىندىن سالاپەتلىك ئىككى ئەر چۇشۇپ ئىززەت-ئېكرام بىلەن<>(خۇش كەپسىز) دەپ. مەن بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۇشتى. ئارقىدىن مېنىڭ يولباشلىغۇچىم ئۇلارنى تونۇشتۇردى. ئۇلارنىڭ بىرى مۇشۇ(ئۇيغۇر بەلېدىيسىي) نىڭ پېشقەدەم باشقانى ھەسەن ئەر يەنە بىرى توكات ئونىۋېرستېتېنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچسى دوتېنىت ھۇسەيىن ئەپەندى ئىكەن. ھەر ئىككىەيلەن مۇشۇ رايۇندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇرلاردىن ئىكەن.
بىز تەكشۇرۇش ئوبىكىتى قىلغان بۇ <ئۇيغۇر بەلېدىيە> سىنىڭ باشقانى ھەسەن ئەرنىڭ تونۇشىغا ئاساسلانغاندا. ھازىر بۇ رايوندا 5200كشى بولۇپ، ئۇلار ئۆزنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ ھېساپلايدىكەن شۇڭلاشقا ھۆكۇمەت تەرەپمۇ ئۇلار ئولتۇراقلاشقان بۇ رايۇننىڭ نامىنى >>ئۇيغۇر بەلېدىيىسى<<دەپ ئېتراپ قىلغان، ئۇلارنىڭ قولىدا ساقلىنىپ كېلۋاتقان بىر پارچە پارىسچە يېزىلغان شەجەرە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوسمانلار سۇلتانلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا بۇرايونغا ئۇلارنىڭ ماكانلاشقانىقى خاتىرىلەنگەن بۇشەجەرىنى ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كىلىۋاتقان مۇشۇ يۇرتنىڭ ئاقساقىلى ۋەلىيوللا ئىمام بىزگە ئۆزلىرىنىڭ نەسەبىنى تونۇشتۇرۇپ، ئاتا-بوۋىمىز دائىم<بۇ تۇپراق بىزنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىمىز. ئەسلىي زاتىڭلاتنى ئۇنۇتماڭلار. ئانا ۋەتەننى قايتا كۆرۈش بىزگە نىسىپ بولمىدى. ئۆمۈرلۈك ئارزۇ-ئۇمىدلىرىمىزسىلەرگە ئامانەت قالدى.......> ۋەسىيەت قىلاتتى.
خاتىمە چىڭگىز ئىستېلاسى دەۋرىدە. مۇڭغۇل قوشونلىرى تەركىبىدەمەملىكەت ئېچى ۋە سرتىدا ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، شۇ جايلاردا يەرلىكلشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ھەقىدە بىزدە تىخى ئەتراپلىق ۋە يېتەرلىك تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلمىدى. بۇ بىر پۇتۇن ئۇيغۇر مەدەنىيەتشۇناسلىق تارىخىدا تەتقىق قىلىشقا ئەرزىدىغان ئەھمىىيەتلىك بىر تېما ھېسابلىندۇ. مەن بۇ تېمىغا قىزىقانلىقىم ئۇچۈن. دەسلەپكى قەدەمدە قوبۇلايخانغا ئەگىشىپ ئوتتۇراۋە جەنوبىي جوڭگونى بىرلىككە كەلتۇرۇش ئۇرۇشىلىرىدا ئاجايىپ جەڭگىۋارلىق كۆرسەتكەن>>جىيەن<<فامىلىك ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تاۋيۈەن ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە بىر پارچە تەكشۇرۇش دوكىلاتى يېزىپ. شىنجاڭ ئۇنۋىستىتى ئىلمى ژۇرنلىنىڭ 2007-يىللىق2-سانىدا ئېلان قىلغان ئىدىم. ئۆتكەن يىلى تۇركىيدە ئېچىلغان خەلقئارا ئىلمى يىغىنىغا قاتنىشىش جەريانىدا ئېرىشكەن ئۇچۇر غا ئاساسەن تاۋيۇەن ئۇيغۇرلىرى بىلەن زامانداش بولغان ئاناتولىيىدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر رايۇننى تەكشۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشپ. ئۆگىنىش نەتىجىسى سۇپۇتىدە مەزكۇر ماقالىنى يېزىپ چىقتىم. بەزى تارىخىي ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا XIIIئەسىردىكى مۇڭغۇل ئېمپىرىيسى دەۋرىدە ئىلىمىزنىڭ شەرىقى جەنوبىي دېڭىز بويى رايونلىرىدا جۇملىدىن كۇرىيە،ھىرات،كەشمىر........قاتارلىق چەتئەل رايونلېرىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى مەلۇم. شارائېت ياربەرسە. ئۇلار ئۇستىدە بىۋاستە تەكشۇرۇش ئىلىپ بېرىپ. بۇ قېرىنداشلارنىڭ تەكتى ۋە تارىخىي سەرگۈزەشتىلىرىنى ئۇگىنىش ۋە ئېنىقلاشنى ئارزۇ قىلىمەن.
يازمايوللىغۇچىدىن؛ شىنجاڭ ئۇنۋرستتى ژورنلىنىڭ 2008يىللىق 2 ساننغا بىسىلغان ئابدۇكېرىم راخمان ئاكىنىڭ ‹‹ئاناتوليىدىكى ئۇيغۇرلار رايۇننى ئۇستىدە تەكشۇرۇش›› دېگەن ماقالدىن قىسقارتىپ ئىلىندى.
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-07-23 12:51قايتا تەھرىرلىدى ]