ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 13قەۋەتتىكى arzuyumدە2011-08-22 18:08يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
توۋا ، يوقۇرقى ئىنكاسلارنى ئوقۇپ ھەيران قالدىم. تېما ھەقىقەتەن ياخشى يوللانغان تېما ئىكەن.
ھەقىقەتەن سەجدە قىلغۇدەك، پايپىقىنى يۇيۇپ بەرگۈدەك ئەرلەر يوق ئەمەس بار. لېكىن ئاياللارنىڭ ئىچىدىمۇ ئەرلىرىگە سادىق بولۇپ، ئۆينى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، قولىنى كۆسەي، چېچىنى سۈپۈرگە قىلىپ ئۆتىۋاتقان ئاياللار ھەم بار. كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ، ئەرلەرنىڭ ئىچىدىمۇ ئەرلىك مەسئولىيىتىنى ئادا قىلمايۋاتقان، تېپىپ قويغان بالىسىغىمۇ بىر دادىلىق مەسئولىيىتىنى ئادا قىلالمايۋاتقان، قىمارخانىلاردىن پاھىشخانىلاردىن كىلەلمەيۋاتقان، ئايالىنىڭ قولىغا قاراپ ئۆيدە بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن دەپ يېتىۋاتقان ئەرلەرمۇ يوق ئەمەس. ئاياللارنىڭ ئىچىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئاياللىق ،ئانىلى بۇرچىنى ئادا قىلماي يامان يولغا كىرىپ كىتىۋاتقان ئاياللار يوق ئەمەس. شۇڭا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىۋەتسەك ھەرگىز بولمايدۇ. مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق نەزەر سېلىپ پىكىر قىلايلى.
پىكرىڭىزنى قوللايمەن .
ئۆزتۇرك ئەپەندىمنىڭ تىرىشچانلىقىنى قوللايمەن ، بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ئەتراپلىق ئىزدىنىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن .
مېنىڭچە بىز "قۇرئان كەرىم"دىكى دۇردانىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۈشىنەيلى، بارلىق ئاياللار قەلبىمىزنى ئەرلىرىمىزگە بولغان يۇكسەك ھۆرمەت ،مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇرۇپ ، مۇلايىم ، رايىش خۇلقىمىز بىلەن ئۇلارغا ئۇلۇق ئانىلارغا خاس كەڭ قوساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدىغان بولايلى.
بارلىق ئەرلىرىمىز بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدىكى پەزىلىتىمىزدىن ئۆزلىرىنىڭ ئەرلىك ئورنىنى ، ئەرلىك سالاھىيىتىنى ، ئەرلىك مەسئولىيىتىنى ھېس قىلالايدىغان بولسۇن ! ئۆزلىرىنىڭ ئالدىمىزدا ، ئائىلىدە سادىر قىلغان سەۋەنلىكلىرىنى ئىختىيارسىز ئېسىگە ئېلىپ ، ئاللاھ ئالدىدا ، ئائىلىسى ئالدىدا خىجىللىقتىن يۇزلىرى قىزارسۇن !
ئىسلام دىنىمىزنىڭ ھەقىقى نۇرىنى كۆرەلىگەن ئاياللىرىمىز ھەرگىزمۇ ئەرلىرىمىزدىن ئۈستۇنلۇك تالاشمايدۇ . بەلكى ئەرلىرىمىزنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىنى ئاشۇ "كەرىم"دىكى بىشارەتلەر بويىچە پاكلاپ ، بۇ " ئۈستۇنلۇك" نىڭ زادى قانداق ئىپادىلىندىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشىنى ئۇلۇق ئاللاھدىن تىلەيدۇ ...