300-70 -1 oztil xj 50
بۇ تېما 2357 قېتىم كۆرۈلدى
miras
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 109
شۆھرەت: 769 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 756 سوم
تۆھپە: 405 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 413 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 شىنجاڭدىكى يېشىلمىگەن سىرلار

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-01-06)
رەڭلىك كوزىنىڭ سىرى
ئۈرۈمچى ئۇلانباي سۇ ئامبىرى ئەتراپىدا بايقالغان بىر قەدىمىي قەبرىدىن ئېگىزلىكى 14.8 سانتىمېتىر، ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 9.5 سانتىمېتىر، تېگىنىڭ دىئامېتىرى 5.5 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر كوزا قېزىۋېلىنغان. ئۇنىڭ سىرتقى قىسمىغا قىزغۇچ رەڭ بېرىلگەن، ئۈستىگە قارامتۇل قىزىل رەڭدە سىزىقلار چۈشۈرۈلگەن. كوزىنىڭ بويۇن قىسمى بىلەن قورساق قىسمىغا ئاستى – ئۈستىگە قارىتىلغان ئىككى قاتار ئۈچ بۇلۇڭلۇق شەكىل، يالغۇز قۇلىقىغا كاتەكچە شەكىلدە سىزىقلار چۈشۈرۈلگەن. بۇكوزا نەپىس ياسالغان بولۇپ، ئىنتايىن گۈزەل ئىپتىدائىي سەنئەت بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ. قۇمۇلنىڭ قارادۆۋە رايونى ۋە ئۈرۈمچى نەنسەن تېغى ئالغۇي جىلغىسىدىن تېپىلغان قەدىمىي قەبرىلەردىنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش كوزىلار قېزىۋېلىنغان. بۇ ساپال قاچىلار قايسى مىللەتكە تەۋە؟ بۇلارغا چۈشۈرۈلگەن ئۈچ بۇلۇڭلۇق رەڭلىك شەكىللەر ۋە سىزىقلىق شەكىللەر نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ بۇلار ھازىرغىچە يېشىلمىگەن سىر.
بالبالنىڭ سىرى
شىنجاڭنىڭ كەڭ يايلاقلىرىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان نۇرغۇن بالبال (تاش ئادەم ھەيكىلى) نى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئارىشاڭ ناھىيىسىنىڭ ئاراچات يايلىقىدا بايقالغان گرانىت تاشتىن ياسالغان پۈتۈن گەۋدىلىك بالبالنىڭ يۈز قىسمى كەڭ ھەم يۇمىلاق، كۆزلىرى ھەم يۈز سۆڭىكى پولتىيىپ چىققان، شاپ بۇرۇتى ئىگىلگەن؛ ئۆرۈمە ياقىلىق چاپان كىيدۈرۈلگەن، كەڭ بەلباغ باغلانغان، قەدەھ تۇتقان ئوڭ قولى كۆكسىگە قويۇلغان، سول قولىدا بېلىگە ئېسىلغان شەمشىرىنى تۇتقان شەكىلدە ياسالغان. قەدىمكى ھەيكەلتىراشلار بالبالنىڭ بېلىگە ئېسىلغان كىچىك خالتا بىلەن بىر كىچىك پىچاقنىمۇ ئويۇپ قويغان. بالبالنىڭ قىياپىتى ناھايىتى سۈرلۈك بولۇپ، يايلاقلاردىكى جەسۇر سەركەردىلەرگە ئوخشايدۇ. بۇ بالبالنى كىم ياسىغان؟ ئۇ قايسى مىللەت، قايسى قەبىلىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا تەۋە؟ ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرى بىردەك ئەمەس، بۇ، ھازىرغىچە يېشىلمەي كەلگەن سىر.
چۈ بىن تاش ئابىدىسىنىڭ سىرى
چۈ بىن ئىدىقۇت خان جەمەتى ئەزاسى بولۇپ، ئۇنىڭغا نىڭشو سانغۇنى ئەمىلى بېرىلگەن. چۈ بىن تاش ئابىدىسى ئىدىقۇت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال. لېكىن ھازىرغىچە يېتىپ كەلگىنى ئۇنىڭ چاپى نۇسخىسى. تاش ئابىدە 1911 – يىلى تۇرپان ئاستانىدىن قېزىۋېلىنغان، كېيىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنىپ، نىلۇپەر كۆلىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن سانغۇن مەھكىمىسىگە يۆتكەپ كېلىنگەن ھەم ئابىدە سۇپىسى تىكلەنگەن. ھازىر بۇ ئابىدە زادى قەيەردە؟ بۇمۇ كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان سىر.
زور قىياتاش سىزمىلىرىنىڭ سىرى
1987–، 1988– يىللىرى قۇتۇبى ناھىيىسىنىڭ شىمىڭزا كەنتىدىكى تاغدىن زور قىياتاش سىزمىلىرى بايقالدى. بۇ تاغ ئارىسىدىكى تىك قىيا تاشلارغا سىزىلغان زور قىيا تاش سىزمىسىنىڭ كەڭلىكى 14 مېتىر، ئېگىزلىكى توققۇز مېتىر، كۆلىمى 120 نەچچە كۋادرات مېتىر، يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئون مېتىر كېلىدۇ؛ 200 – 300 شەخسنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن قىيا تاش سىزمىسىدا ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ، ئۆرە تۇرغانلارمۇ، ياتقانلارمۇ، كىيىم كىيگەنلەر، يالىڭاچلارمۇ بار. بۇ قىيا تاش سىزمىلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ. لېكىن ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەر بۇ زور قىيا تاش سىزمىسىنىڭ قايسى قەدىمىي قەۋمگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ سىزمىنى بۇنداق ئېگىز قىيا تاشقا قانداق سىزغانلىقىنى بىلەلمەي كەلدى. بۇمۇ ئاپتونوم رايونىمزنىڭ ئىپتىدائىي مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىكى يېشىلمەي كېلىۋاتقان سىردۇر.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-12-28 15:49 |
atilla
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 205
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 65 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 65 سوم
تۆھپە: 39 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 39 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-01-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تارىختا يېشىلمىگەن سىرلار كۆپ؟
music bagdax
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-17 22:45 |
toram
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 257
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 195 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 195 سوم
تۆھپە: 113 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 113 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزنىڭ رايۇنىمىزدىمۇ بۇنداق سىرلار مەۋجۈتكەن ئەمەسمۇ؟
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-23 17:38 |
kumologli
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 357
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-02-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قەدىمقى دەۋىردىكى ھۇنەرۋەنلەرنىڭ ھۇنىرى ئادەمنى بەك ھەيران قالدۇرىدۇ،كاربون ماددىلىرى بىلەنمۇ بىلمىگىنگە قارىغاندا تەكشۇرەشتە چاتاق بارمۇ نىمە؟    
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-25 19:05 |
يولۋاس
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 518
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 24 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 24 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چىقىپ ئىچىنى تەكشۈرۈپ باقسا بولمامدىكى.......................   
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-04 17:55 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار