karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 1134 قېتىم كۆرۈلدى
hawar
دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 87
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 86
شۆھرەت: 897 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 885 سوم
تۆھپە: 455 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 475 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1041(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 11-سېنتەبىر: قوش مۇنارغا سۈيقەست

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن قۇلۇپلاندى(2011-09-12)
11-سېنتەبىر: قوش مۇنارغا سۈيقەست
ئاپتورى: لاۋرېنس ۋرايت (Lawrence Wright)
قارلۇق تەرجىمىسى
بىرىنچى بۆلۈم:مىسىر تۈرمىسىدە يانغان قىساس ئۇچقۇنى

مىسىردىن نيورۇكقا قاراپ ماڭغان يولۇچىلار پارخوتىدا،ئوقۇش ئۈچۈن مەكتەپكە قايتقان42ياشلىق يازغۇچى،مائارىپچى سەئىد قۇتۇب(Sayid Qutb)بىر قېتىملىق ئېتىقاد كىرزىسىغا دۇچ كەلدى:«ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىسلام يولىدا مېڭىپ،ئازدۇرۇشلاردىن يىراق تۇرۇشۇم كېرەكمۇ ياكى ئۆزەمنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ ئازغۇنلۇق يولىدا مېڭىشىم كېرەكمۇ؟». ئۇ ئاخىرى قەتئىي قارارغا كەلدى: مەن ھەقىقىي مۇسۇلمان بولىمەن! بۇ 1948-يىلى بولۇپ،ئالدىدا بايلىق،غەلبە،ئەركىنلىككە تولغان يېڭى دۇنيا قۇچاق ئېچىپ تۇراتتى،كەينىدە بولسا قالايمىقانچىلىق خارابىلىققا تولغان،قاتمۇ قات قىيىنچىلىققا چۈشۈپ قالغان مىسىر قالغان ئىدى.قۇتۇب ئۆتكۈر پىكىرلىك تەنقىدلىرى ئىستىبات شاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويغاچقا، دوستلىرى ئۇنى مىسىردىن كەتكۈزىۋەتكەن ئىدى.
قۇتۇب ئامېرىكىدا مەنىۋى قەھەتچىلىكنى، مەنپەئەتپەرەسلىكنىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىنى كۆردى، كىرزىسنىڭ ھەممە يەردە تولۇپ ياتقانلىقىنى،روھىي غېرىپلىق قاپلىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ئامېرىكىغا بولغان سەلبىي تەسىراتلىرى گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى دۇنياغا بولغان قارىشىغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. ئۇ ئېتىبار بەرگەن يادرولۇق مەسىلە زامانىۋىيلىق بولۇپ، ھازىرقى زامان قىممەت قارىشىنى غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئىسلام ئەللىرىگە تارقاتتى، ئامېرىكا پەقەت غەربنىڭ ۋەكىلى ئىدى.
1949-يىلى2-ئايدا، قۇتۇب ئامېرىكىدا تۇرۇپ مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى ھەسەن.بانا (Hasan Bana) نىڭ قاھىردە قەستكە ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ئىككىسى گەرچە ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان بولسىمۇ بىر-بىرىنىڭ نامىنى ئاڭلاشقان ئىدى. بانا 1928-يىلى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى al—Ikhwan al—Muslimun)) نى قۇرغان بولۇپ،مىسىرنى ئىسلام دۆلىتىگە ئۆزگەرتمەكچى بولدى. نەچچە يىل ئىچىدە، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسىغا كېڭىيىپ، كېيىنكى ئىسيانلارنىڭ ئۇرۇقىنى چاچقان ئىدى.
1950-يىلى 8-ئايدا، قۇتۇب قاھىرەگە قايتىپ كەلگەندە چىرىكلىك ۋە سۈيقەست بىلەن تولغانلىقىنى كۆردى ،جاھانگىرلار ھۆكۈمەتنى قاتتىق كونترول قىلىۋالغان ئىدى.ئاممىنىڭ ھېچقانداق قەدىر-قىممىتى يوق ئىدى.بۇ چاغدا،قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ئۆزلىرىنىڭ دوختۇرخانا، مەكتەپ، زاۋۇت ۋە پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ بولغان ئىدى، ھەتتا ئارمىيىسىمۇ بار بولۇپ، ھەيۋەتلىك ئۆكتىچىلەر جەمئىيتىنى تەشكىل قىلغان ئىدى. قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ئەنگىلىيە جاھانگېرلىكىگە ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇش كۈچى بولغان بىردىنبىر تەشكىلات ئىدى. بۇ ئۇيۇشما مۇناسىۋىتى قۇيۇق ئۆز ئارا ھەمكارلاشقان «ئائىلە» بولۇپ، جانلىق ھەم سىرلىق ئىدى،ئەلۋەتتە زورلۇق ۋاستىسى قوللىنىدىغان تەرىپىمۇ بار ئىدى.
1952-يىلى7-ئايدا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنرالى جامال ئابدۇل ناسىر(Gamal Abdel Nasser ) ئەنگىلىيە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان قالايمىقانچىلىقتىن پايدىنلىنىپ پادىشاھنى مىسىردىن قوغلىۋەتتى ھەمدە ھۆكۈمەتنى كونترول قىلدى. قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ئىنقىلابنى ئۆزىمىز كونترول قىلىشىمىز كېرەك دەپ قارايتتى،ئ ەمما قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ۋە ناسىر تەرەپدارلىرىنىڭ مىسىر ئاممىسى ئىچىدە يېتەرلىك دۆلەتنى ئىدارە قىلىش نوپۇزى يوق ئىدى.
1954-يىلى، ناسىر قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرىنى (قۇتۇبمۇ بار) تۈرمىگە تاشلىدى. قۇتۇبنىڭ تۈرمىدە نۇرغۇن قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان قىسمەتلىرى ئىسلام دۇنياسىغا تارقالغاندىن كېيىن، كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى . قۇتۇپ يازغان«يول بۇ يەردى»ن املىق ختابنامە تۈرمىدىن ئاز-ئازدىن چىقىرىلىپ، مەخپىي ھالدا ئەل ئارىسىدا كەڭ تارقالدى. :«بۈگۈنكى ئىنسانلار ھالاكەت گېردابىدا تۇرماقتا، مۇسۇلمانلارغا پۇرسەت كەلدى، ئەمما ئىسلام دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى بولىدىكەن، قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىشى كېرەك. بۇ يولغا ئۆزىنى ئاتىغانلارنى باشلاپ ماڭىدىغان بىر ئاۋانگارت قوشۇن بولۇش كېرەك ھەمدە بۇ يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشى كېرەك» دېگەن سۆزلىرى بىر دەۋر مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭراپ تۇردى، ئۇلار ئۆزىنىڭ مەلۇم تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلىشنى ئۈمۈد قىلىپ كەلدى.
ئاۋانگارتلار قوشۇنىنىڭ باشلامچىسى غازاتچىلار تەشكىلاتى
قۇتۇب ئاۋانگارتلار قوشۇنىنىڭ داھىيسى ئەيمان ئەل زاۋاھىرى (Ayman Al-Zawahiri) قاھىرەنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىتى تىنچ ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار رايونىدا چوڭ بولغان. زاۋاھىرى 1951-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىن كىتاب ئوقۇشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى. ئېتىقادىغا سادىقلىقى بىلەن نام چىقارغان، ئاتا-ئانىسى مىسىردىكى ئەڭ ئابرويلۇق ئىككى جەمەتتىن ئىدى.
زاۋاھىرىنىڭ تاغىسى مەھبۇز 15 يېشىدا ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشنى پىلانلىغانلىق جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى. قۇتۇب 1936-يىلىلا زاۋاھىرىنىڭ ئەرەب تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان بولۇپ، ئىككىسى ئۆمۈرلۈك دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئىدى. ياش زاۋاھىرى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنى، ئۇنى15يېشىدىلا ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يەر ئاستى تەشكىلاتىنى قۇرۇشقا تۈرتكە قىلدى.
1967-يىلى، مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش پارتىلدى ،بۇ ئۇرۇش ھازىرقى زامان ئوتتۇرا شەرق تارىخىدىكى مۇسۇلمانلار روھىيىتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ئىسرائىلىيەنىڭ شۇنچە تېز، تەلتۆكۈس غەلبىگە ئېرىشىشى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئەڭ ئېغىر ئارا-نومۇسلۇق ئىش ئىدى.ئۇلار ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى تاشلىۋەتتى دەپ قاراشتى. 1970-يىلى ناسىر يۈرەك كېسىلى بىلەن قازا قىلدى، ۋارىسى مۇھەممەد ئەنۋەر سادات (Muhammad Anwar Al Sadat) تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئالاھىدە سىياسىي قانۇن تۇرغۇزۇپ، ئىسلام مۇرىتلىرى بىلەن كېڭىشىپ قاماقتىكى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرىنى قويۇپ بەردى،لېكىن ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ خەتەرلىكلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمىگەن ئىدى.
زاۋاھىرىنىڭ يەر ئاستى تەشكىلاتى 1974-يىلى زورىيىپ ئەزاسى40قا يەتتى. ئۇ چاغدا زاۋاھىرى قاھىرە ئۇنۋېرسىتىتى تىببىي فاكولتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئىسلام رادىكال تەشكىلاتلىرى بۇ مەكتەپتە قاينام-تاشقىنلىققا تولغان بولۇپ، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن غازاتچىلار تەشكىلاتى بولۇپ بىرلەشتى. زاۋاھىرى 1980-يىلدىن باشلاپ ئافغانىستانلىقلار بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلىدى، ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ،زاۋاھىرى دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن پاكىستانغا بېرىپ،ئافغانىستان چېگرىسى ئىچىدىن قېچىپ چىققان ئافغانىستان مۇساپىرلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى،داۋالىدى. زاۋاھىرى ئۇزۇندىن بۇيان غازاتچىلار ئۈچۈن بىخەتەر بىر بازا قۇرۇپ،ئاخىرىدا مىسىرگە قايتىپ ھوقۇقنى ئۆز قولىغا ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. بۇ مەزگىلدە،زاۋاھىرى چېگرىدىن مەخپىي ئۆتۈپ ئافغانىستانغا نەچچە قېتىم بېرىپ كەلدى ھەم ئافغانلارنىڭ قەيسەرلىكىنى ئەڭ بالدۇر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئافغانىستان ئۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئادەم ئىدى.
زاۋاھىرى مىسىر دۆلتىنىڭ رەھبەرلىرىنى يوقىتىشنىلا ئەمەس، ھازىرقى تەرتىپنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىشنى نىيەت قىلدى. ئۇ يوشۇرۇن ھالدا ئوفېتسېرلارنى قوبۇل قىلىپ، غازاتچىلار تەشكىلاتىنىڭ كېيىنكى ھەركەتلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك ئادەم ۋە قورال-ياراغ توپلاشقا تەييارلىق قىلدى. بىر قېتىملىق مەخپىي پىلانلىغان ھەركىتى مەغلۇب بولىشى بىلەن تۈرمىگە كىرىپ ھەددى-ھېساپسىز دەھشەتلىك قىيىن-قىستاقلارغا دۇچار بولدى.
«9.11»تىراگىدىيىسىنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق قىساس ئېلىش ئۇچقۇنى ئېھتىمال مىسىر تۈرمىسىدە يانغان بولىشى مۇمكىن. دەھشەتلىك قىين-قىستاقلار قىساس ئېلىش ئىستىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن، دەسلەپتە قۇتۇبتا، كېيىن زاۋاھىرى قاتارلىق مۇرىتلىرىدا قىساس ئوتى يانغان. جىنايەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك غەزىپى دەھرىي مىسىر ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئىدى،تېخىمۇ كۈچلۈك نەپرىتى غەرپ دۇنياسىغا، قەبىھ مىسىر ھاكىمىيىتىنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچلەرگە ئىدى.زاۋاھىرىنىڭ تۈرمىدىكى قىسمەتلىرى ئۇنى نىسبەتەن مۆتىدىل بولغان غازاتنى قوللىغۇچىدىن شەپقەتسىز رادىكال ئۇنسۇرغا ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى. 1984-يىلى زاۋاھىرى تۈرمىدىن چقتى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىتىقادى تاۋلىنىپ قەتئىي تەۋرەنمەس دەرىجىگە يەتكەن ئىدى.

ئىككىنچى بۆلۈم:بىن لادېن ۋە غازاتتا يېتىشىپ چىققان ئەل قائىد تەشكىلاتى

ئاخىرى ئوساما بىن لادېن (Osama bin Laden ) ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ تۇغۇلىشتىن ئىلگىرى،ئ اتىسى مۇھەممەد ئاۋاد بىن لادېن(Mohammed Awad Bin Laden) داڭدار كىشى ئىدى. ئەگەر ئاتىسى توغۇرلۇق مەلۇماتقا ئىگە بولماي تۇرۇپ، بىن لادېننىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ قارا نىيەتكە كەلگەنلىكىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. مۇھەممەد يەمەننىڭ بىر چەت يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدە، يۇرتىدىن ئايرىلىپ باشقا جايلاردا تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ 23 يېشىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىگە كەلدى. دەسلەپتە ئىش ھەققى تۆۋەن قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولدى، كېيىن تېزلىكتە كۆتۈرۈلۈپ، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش بىناكارلىق شېركىتىگە ئىگە بولغان چوڭ سودىگەرگە ئايلاندى. 1958-يىلى ۋەلىئەھد فايسال (Faisal bin Abdelaziz Al Saud) ھوقۇقنى تارتىۋېلىپ ھۆكۈمەتنى كونترول قىلدى. بىراق شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغاندا،دۆلەت خەزىنىسىدە قالغان بايلىق 100 ئامېرىكىغا دوللىلىرىغىمۇ يەتمەيتتى. فايسال شاھ ھەر تەرەپتىن قىينچىلىقنى ھەل قىلىش ئامالىنى ئىزدەۋاتقاندا، مۇھەممەد ھېچقانداق دارۋاڭ سالماي نۇرغۇن پۇل چىقاردى. ئۇنىڭ بۇسېخىلىقى بىن لادېن جەمەتى بىلەن خان ئوردىسىدا ئارىسىدا قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا يول ئېچىپ بەردى.
مۇھەممەدنىڭ 22 خوتۇنى بولۇپ، جەمئىي 54 پەرزەنتلىك بولغان، ئوساما بىن لادېن ئۇنىڭ 17-ئوغلى ئىدى. كېيىن، مۇھەممەد ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلدى،ب ۇ چاغدائۇ 59ياشقا كىرەي دېگەن بولۇپ، ئىگىلىكى گۈللىنىپ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئىدى.
ئوساما بىن لادېن كىچىك ۋاقتىدا جىمغۇر، تارتىنچاق، ئازراق قىزبالا مىجەز بالا ئىدى، لېكىن ئاچچىقى كەلگەندە ھەرقانداق ئادەم قورقاتتى. ئاتىسى قازا قىلغان كېيىن ، كۆپ قىسىم قېرىنداشلىرى ئوقۇش ئۈچۈن لىۋانغا كەتتى، پەقەت بىن لادېنلا قېلىپ قالدى. ئۇ ئوقۇۋاتقان مەكتەپ جىددىدىن مەككەگىچە بولغان جايلاردىكى ئەڭ ياخشى بولغان ساگار مەكتىپى ئىدى. بىن لادېن 14 يېشىدا مەكتىپىتىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دىننىي ۋە سىياسىي ئويغىنىشنى باشتىن كەچۈردى. بىن لادېن بارغانسېرى غەمكىن، چۈشكۈن بولۇپ كەتتى، ئاساسلىق سەۋەبى ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىختىلاپلار، بولۇپمۇ پەلەستىن ۋەزىيىتى ئىدى. بىن لادېن پەيغەمبەرلەرنى دوراپ كۈن بويى دۇئا تىلاۋەت قىلدى، ئېتىقادىمۇ بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى. جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ئوسامادەك قىلچە مۇرەسسە قىلمايدىغان تەقۋادار كىشىلەر كۆپ ئۇچىرىمايتتى. ئۇنىڭ تەبىئىتىدە قۇملۇق روھىغا خاس ئاددىي-ساددىلىقنى قوغلىشىدىغان، ئۈن-تىنسىز جەڭدە قۇربان بېرىدىغان روھى بار ئىدى.
1974-يىلى،تولۇق ئوتتۇرىغا چىققان بىن لادىن بىرىنچى قېتىم توي قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىغا قاتناشتى. بۇ تەشكىلات 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئاساسىي جەھەتتىن يەرئاستى تەشكىلاتى ھالىتىدە ئىدى، ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دىنغا چىن ئېتىقادى بىلەن ئېتىقاد قىلىدىغان ئون نەچچە ياشلىق ئۆسمۈرلەر ئىدى. گەرچە ئۇلار ئەمەلىي ھەركەت قوللانمىسىمۇ، ئەمما بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى ئۈمۈد قىلاتتى، مۇنداق دومىنو ھادىسىسىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تارىخىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
1976-يىلى بىن لادىن ئىمتىھان بېرىپ ئابدۇل ئەزىز خانلىق ئۇنۋېرسىتىتى (King Abdul Aziz University) كىرىپ ئىقتىساد ئۆگەندى. ئۇ مەكتەپتە بىر دىننىي خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتى قۇردى ھەم كۆپچىلىكنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى چىقىرىپ «قۇرئان كەرىم» ۋە غازاتنى ئىزاھلاشقا تەشكىللىدى. ئەمەلىيەتتە،بىن لادىننىڭ روھىيىتى گاڭگىراش بىلەن تولغان ئىدى. ئۇ قۇتۇبنىڭ كىتابىنى ئوقۇغان بولۇپ، قۇتۇبنى ئۆزىگە ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن شەخس دەپ قارايتتى.قۇتۇبنىڭ ئىنىسى موھەممەد قۇتۇب (Mohammed Qutb) مۇ بۇ مەكتەپتە ئوقۇيتتى، ئۇلار بىن لادىننى قاتتىق جەلپ قىلغان ئىدى، نۇقتىئىنەزەرلىرى مۇپەسسەل، ھەقىقىي ئىسلام ئىدىيىلىرىدىن قۇتۇبنىڭ تار، تەنقىد بىلەن تولغان نۇقتىئىنەزەرلىرىگە بۇرۇلۇپ، بارا-بارا تېرورىزم يولىغا قاراپ ماڭدى.
ئۇنۋېرستىتتىكى مەزگىلدە، بىن لادېننىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىشى ئانچە ئۇتۇقلۇق بولمىدى، ئۆزىمۇ ئوقۇشقائانچە قىزىقمايتتى. ئۇ قانۇن، ئېنژىنېر ياكى دوختۇرلۇق دېگەندەك ئابروي تاپقىلى بولىدىغان كەسپلەربىلەن شوغۇللىنىشنى ياقتۇرمايتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە قارا قورساق ئاتىسى ئەڭ مۇھىم ئۈلگە ئىدى. بىن لادىن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانغا يەنە بىر يىل قالغاندا مەكتەپتىن چېكىنىپ، جەمەتىنىڭ شېركىتىدە ئىشلەشكە باشلىدى.
20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەل قىلغۇچ پەيتتە تۇرىۋاتاتتى. نېفىت كىرىمى بۇ قۇملۇق دۆلتىگە زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. بايلىق يوقسۇللارنىڭ بېشىغا يېغىشقا باشلىدى. لېكىن تەرەققىيات ئەرەب مىللىتىنىڭ مۇقەددەس ئەخلاق مىزانلىرىنى نابۇت قىلىۋاتاتتى.
1979-يىلى بىر قېتىملىق توپىلاڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئېغىر زەربە بولدى. خانلىق ھوقۇق ئاشكارىلا خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىسلام دۇنياسى يەنە بىر قېتىملىق زەربىگە ئۇچرىدى، سوۋېت ئىتتىپاقى1979-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان ئىدى.
بىن لادىن ۋە ئافغانىستان غازاتچىلىرىغا تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان شەخس ئابدۇللاھ يۇسۇف ئەزەم (Abdullah Yusuf Azzam ) ئىدى.ئەزەم پەلەستىنلىك ئۆلىما ۋە ئىلمىي تەسەۋۇپچى، ھازىرقى دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ ۋەكىلى ئىدى، ئۇ ساداقەتمەنلىكنى، بىلىمنى ھەم تەمكىن، قۇربان بېرىشتىن يانمايدىغان قەيسەرلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىدى. ئۇنىڭ:«پەقەت غازات ۋە مىلتىقلا بار، سۆھبەتلىشىشكە، كېڭىشىشكە، مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدۇ»دېگەن چاقىرىقلىرى ئەگەشكۈچىلىرىنى قاتتىق جەلىپ قىلاتتى.
ئەزەم كۈچلۈك ئىستەك بىلەن يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئافغانىستان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىگە قاتناشتى. ئۇ ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقى تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش باش شىتابى پىشاۋۇردا ئۆتكۈزەتتى. سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قايتقاندا، دائىم بىن لادېننىڭ ئائىلىسىدە تۇراتتى ھەمدە دائىم سەئۇدى ئەرەبىستان ياشلىرىنى غازاتقا چاقىرىق قىلاتتى.
1984-يىلى9-ئايدا، بىن لادىن ئەزەم بىلەن قول تۇتۇشۇپ غازاتقا رەسىمىي قاتناشتى. بىن لادىن ئەزەمگە ئەرەب غازاتچىلىرىنى قاتتىق مەشىقلەندۈرۈش، مۇنتىزم شەكىلدە ئافغانىستاندا رولىنى جارى قىلدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. بىن لادىن غازاتقا قاتناشماقچى بولغان ھەربىر كىشىنى ئايروپىلان بېلىتى، تۇرالغۇ ۋە تۇرمۇش خىراجىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئەزەمنىڭ ئافغانىستان غازات ئۇرىشى تېنى بېجىرىم ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن چوقۇم ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچ دېگەن مۇقەددەس پەرمانى ھەر قايسى جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنى قوزغاپ تاشلىدى. بىن لادىن بىلەن ئەزەم پاكىستاندا «مۇلازىمەت ئورگىنى» نى قۇرۇپ، غازاتچىلارنى تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەش، ژورنال چىقىرىش ۋە كىتاب بېسىش باش ئورگىنى ۋە مەبلەغ توپلاش مەركىزى قىلدى.
نۇرغۇن ئەرەب ياشلىرىنى پىشاۋۇرغا كېلىشىكە چاقىرىق قىلىشى ئافغانىستان ئۇرۇشىدا غەلبە قىلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆلۈم ئۈچۈن ئىدى. شېھىدلىق مۇقامىغا يېتىش ئەزەمنىڭ كۈچەپ تەرغىپ قىلىدىغىنى ئىدى. شەرەپلىك ھەم مەنىلىك ئۆلۈش كىشىلەرنى ئۆزىگە قاتتىق جەلىپ قىلاتتى. بولۇپمۇ تۇرمۇشتا خوشاللىق تاپالمىغان، ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا تىرىكچىلىك يولى تاپالمىغانلارنى تېخىمۇ ئۆزىگە تارتاتتى.
1986-يىلى بىن لادىن ئۆي-ۋاقى، بالا-چاقىلىرىنى پىشاۋۇرغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، مۇقەددەس پەرمانغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن ئەرەبلەر توپىغا قوشۇلدى. شۇ يىلى ئامېرىكىنىڭ «زەھەرلىك تىكەن» ناملىق باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرى كەلتۈرۈلۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەجەللىك قاتىلى بولۇپ قالدى. ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە غازاتچىلارغا پايدىلىق بۇرۇلۇش كۆرىلدى.
1986-يىلنىڭ ئاخىرىدا، بىن لادىن ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ تۇنجى ئەرب بارىگاھىنى قۇردى ھەم «شىر ئۇۋىسى» دەپ نەم بەردى، بىن لادىننىڭ بۇ ھەركىتى ئەزەم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئىختىلاپ تۇرغۇزدى. ئەزەم مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا توسالغۇ بولىۋاتقان دۆلەت چېگرىسىنى يوقىتىشنى ئۈمۈد قىلاتتى، ئەرەب پىدائىيلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش نىيىتىدە بولدى ھەمدە ئافغانىستانلىقلارنىڭ ئۇرۇشىنى ئازراق تۇتۇشۇپلا تىكىۋېتىدىغان پارتىزانلىق ئۇرىشى دەپ قارايتتى. ئەمما بىن لادىننىڭ نەزىرىدىكى بارىگاھ بولسا مۇقىم نىشانى بار ئىدى. بىن لادىن ئەينى چاغدا كەلگۈسىدە غازات قىلىشنى ئويلىشىپ بولغان ئىدى.ئۇنىڭ بىرىنچى ئىشى ھەرقايسى تەرەپتىن ئۇرۇش قوزغىيالايدىغان ئەرب قوشۇنى قۇرۇش ئىدى.
كېيىن شىر ئۇۋىسى مۆجىزە ياراتتى، غازاتچىلار دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ ئاۋانگارت قىسىم ئۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا خاراكتېرلىك گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ دەل ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ دەسلەپكى ھالىتى بولۇپ،ئۆزىگە: ئىتىقاد قورالدىن ھەم ھاكىمىيەتتىنمۇ كۈچلۈك بولۇش كېرەك، بۇ مۇقەددەس ساھەگە كىرمەكچى بولىدىكەن، چوقۇم ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان بولىشى كېرەك دېگەن ئىدىيىنى مۇجەسسەملىگەن ئىدى.
1986-يىلى، ئەيمان زاۋاھىرى پىشاۋۇردىكى ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان ئەرەب تەشكىلاتىغا قوشۇلدى. بىن لادىن پات-پات زاۋاھىرى خىزمەت قىلىۋاتقان دوختۇرخانىغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلەيتتى. ئىككىسى ئارىسىدىكى تەۋرەنمەس دىننىي ئەقىدە، ئوخشاش دەرىجىدە مائارىپ تەربىيىسى كۆرىشى، ئەرەب دۇنياسىدىكى ئابرويلۇق جەمەتتە تۇغۇلۇش،ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىي بېسىمىغا ئۇچراش قاتارلىق ئورتاقلىقلار ئۇلانى بىر يەرگە جەم قىلدى. زاۋاھىرى پۇل ۋە ھەمكارلىققا موھتاج ئىدى، بۇ دەل بىن لادىندا بار ئىدى. بىن لادىنغا لازىملىقى تەدبىر كۆرسەتكۈچى بولۇپ، زاۋھىرىدەك پىشقان تەشۋىقاتچى بۇ تەلىپىدىن چىقالايتتى. ئۇلار دوستلا بولۇپ قالماي يەنە ئىتتىپاقداش ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت،ئۇلار قۇرماقچى بولغان ئاپپارات_بازا تەشكىلاتىنى مىسىرلىقلار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلاردىن ئىبارەت ئىككى غوللۇق كۈچ ئىلگىرى سۈرۈپ،يەرشارى خاركتېرلىك غازات ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۆزگىچە يولىغا ماڭدى.
ئۈچۈنچى بۆلۈم: تېرورلۇق-تېگى يوق ھاڭ
1989-يىلى كۈزدە، بىن لادىن يۇرتى جىددىگە قايتىپ كېلىپ، قەلبى ئىسلاھاتقا تەلپۈنگەن سەئۇدى ئەرەبىستان ياشلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدى. ئۇ ئەرەب دۇنياسىنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالغا قېلىشىغا باھا بېرىپ: ئەرەب مىللىتىنىڭ دائىم مەغلۇپ بولىشىدەك ھاقارەتكە قالدۇغان باش جىنايەتچى غەرپ دۇنياسى، بولۇپمۇ ئامېرىكا دېدى.
دەسلەپتە كىشىلەر بۇ ئەيىپلەشنى چۈشىنەلمىدى. ئامېرىكا مۇستەملىكىچى دۆلەت ئەمەس، سەئۇدى ئەرەبىستانىمۇ مۇستەملىكىگە ئايلىنىپ قالغىنى يوق. بىن لادىن ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى 1982-يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا تاجاۋۇز قىلىشىنى مەيلىگە قويۇپ بېرىشىدىن باشلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئەينى چاغدىكى قانلىق مەنزىرىنى ئەسلىسە، زوراۋانلىق كۈرەشكە ھەمدە قىساس ئېلىشقا بولغان ئىستىكى قوزغاپ قوياتتى. كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلار بىن لادىنغا باھانە بولۇپ، ئامېرىكىلىقلارنى ئۇنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
1990-يىلى،ئىراقنىڭ ياۋۇز ، زالىم پادىشاھى سادام ھۈسەيىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا تەھدىد سالدى. 1990-يىلى8-ئاينىڭ2-كۈنى زور كۆلەملىك ئىراق ئارمىيىسى قوشنىسى قاتارنى بويسۇندۇردى. بۇ پەيتتە، سادامنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىتلىكىگە ھۇجۇم قىلىدىغان توسالغۇدىن نەچچە كىلومېتىرلا كېلىدىغان تار قۇملۇق ۋە نەچچە توك-توك سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيىسى ئىدى.سەئۇدى خان جەمەتىدە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئامېرىكىلىقلارنىڭ قوغدىشىنى تەلەپ قىلىش قىلماسلىق توغرىسىدا ئىختىلاپ تۇغۇلغان ئىدى.
بىراق، ئامېرىكىلىقلار قارار چىقىرىپ بولغان ئىدى. ئەگەر سادام كۇۋەيتنى بېسىۋالغاندىن كېيىن داۋاملىق سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شەرقىي قىسىم ئۆلكىلىرىنى بېسىۋالسا، دۇنيا نېفىتىنىڭ كۆپ قىسىمىنى كونترول قىلىۋالاتتى. بۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىغىلا زىيان سېلىپ قالماي، ئامېرىكىغىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان تەھدىد ئېلىپ كېلەتتى. ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى شاھىغا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قوغدىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغاندا،پادىشاھ ماقۇل بولدى.
بىن لادىن بۇ ئىشقا نارازى بولدى. ئۇ ئۆزەم بىر تارماق كۇۋەيتنى ئازاد قىلالايدىغان قوشۇن توپلىيالايمەن ھەم قوماندانلىق قىلىمەن دەپ قارايتتى.لېكىن سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئىپادىلەش پۇرسىتى بەرمىدى. ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشىدا تېز سۈرئەتتە غەلبە قىلىشىدىن، بىن لادىن ئامېرىكىنىڭ شەكسىز ھۆكۈمرانلىق ئورنى بارلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. ئۇ يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى يەنى مۇسۇلمانلار ئىدارە قىلىدىغان، ئامېرىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېسىم قىلالمايدىغان تەرتىپ ئورنىتىشنى نىيەت قىلدى. ئۇنىڭ قارا نىيتى ئايان بولۇشقا باشلىدى.
1989-يىلى 6-ئايدا، ئىسلام رادىكال ئۇنسۇرى ھەسەن ئەل تۇرابى (Hassan al Turabi ) سۇداندا ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىدى، ئۇ خەلقئارالىق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى قۇرۇپ، سۇداننى باش شىتاب قىلىپ، ئاندىن ئىسلام ئىنقىلابىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتمەكچى بولدى. تۇرابى 1990-يىلىلا بىن لادېننى ئۆزىگە تارتىشقا باشلىغان ئىدى، ھەركەتنى ئەركىن قانات يايدۇرۇش بازىسى قىلىش ئۈچۈن،پ ۈتكۈل دۆلەتنى ئۇنىڭغا بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
1992-يىلى، بىن لادىن 4 خوتۇنى ۋە 17 بالىسىنى ئېلىپ ئايروپىلان بىلەن ئافغانىستاندىن سۇدانغا كەلدى ھەمدە خارتوم (Khartoum) دا ئولتۇراقلاشتى. بىن لادىننىڭ كۆز قارشلىرى تۇرابى بىلەن پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن رادىكال ئىسلام دۆلتىدە بىر قىسىم ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چۈشىنىۋېلىشنى ئۈمۈد قىلدى. بۇ مەزگىللەر بىن لادىن ئۆي ئوچاقلىق بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ بەختلىك چاغلار ئىدى. ئۇ تىنىچ ئائىلە تۇرمىشىدىن ھوزۇر ئالدى، دادىسىغا ئوخشاش يول ياساش، سودىگەر بولۇشتەك پۇرسەتلەر كەلدى. لېكىن ھاقارەتلىك بىر رېئاللىق ئۇنى بۇ ئىشلارغا پۈتۈن ئىشقى بىلەن كىرىشىپ كېتىشىگە توسالغۇ بولدى،ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يەنىلا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرىشى ئىدى. بىن لادىن قاتتىق نەپرەتلىنىۋاتاتتى، ئۇ چوقۇم ئازراق بىر ئىش قىلىشى كېرەك ئىدى.
بۇ مەزگىلدە بازا تەشكىلاتى بىن لادىننىڭ كۆرسەتمىسى شۇنداقلا يېقىن دوستى ئەبۇ خەيرنىڭ نوپۇزى بىلەن،بىن لادىننىڭ دەسلەپكى قىياسىدىكى سوۋېت كوممىنىزىمىغا قارشى ئىسلام قوشۇنىدىن ئۆزگىرىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئامېرىكىغا زەربە بېرىدىغان تېرورلۇق تەشكىلاتىغا ئايلاندى. بازا تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىساد مۇتەخەسسىسلىرى ئامېرىكا ئىسلامغا ئەڭ چوڭ تەھدىد، دەل «بىزنىڭ نېفىتلىرىمىز» ئامېرىكىنىڭ غالجىرلارچە زورىيىشىغا ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلىدى دەپ كۆرسەتتى. ئۇلار ئۆزلىرىمىزنىڭ نەرسىسى باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلاپ كېتىلدى دەپ ھېس قىلىشتى. نېفىتلا ئەمەس نېفىت سودىسىنىڭ تەسىرىدىكى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ غەرىپلىشىپ كېتىشى ئىدى. بازا تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ئىدىيىسى شۇنداق قىلىپ بارلىققا كەلدى. ئەبۇ خەير ئامېرىكا ئارمىيسىگە ھۇجۇم قىلىشقا ۋە بىگۇناھلارنى ئۆلتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇقەددەس يارلىقنى جاكارلىدى.ب ۇ ئارقىلىق بازا تەشكىلاتىنى يەرشارى خاراكتېرلىك تېرورلۇق تەشكىلات قىلىپ چىقىش ئىدى.
1993-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى، رامىز ئەھمەد يۇسۇف (Ramzi Ahmed Yousef) ئىسىملىك بىر كىشى ئامېرىكا سودا مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى، كىشىلەرگە ئۇنى بىن لادىننىڭ ئەۋەتكەن ئەۋەتمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىدى. يۇسۇف بازا تەشكىلاتنىڭ ئافغانىستاندىكى بارگاھىدىن كېىپ چىققان ئىدى. ئۇ پارتلاتقان بومبا 6 قەۋەتلىك بىناغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى.بۇ قېتىمقى بومبا ھۇجۇمىدا 6 ئادەم ئۆلۈپ 1042 ئادەم يارىلاندى، دوختۇرخانىدىكى يارىدارلار سانى ئامېرىكا تارىخىدا ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى رېكوت ياراتتى. ئەينى چاغدا ئامېرىكىغا ۋەيران قىلغۇچ زەربە بېرىشتە، غازاتچى تېرورچى ئۇنسۇرلارنىڭ تەشكىللەش ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ئىقتىدارى كەمچىل ئىدى.
نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ياشلار خارتۇمنىڭ جەنۇبىدىكى خىلۋەت جايغا كېلىپ، بازا تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ئەسكەرلەر سېپىگە قوشۇلدى،ئ اندىن تېرورلۇق بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئورتاق بىر ئىتىقادى بولۇپ، ئۆزلىرىنى تېرورچى دەپ قارىمايتتى بەلكى ھەقىقەت ئۈچۈن ئاتلانغان ئىنقىلابچى دەپ قارايتتى. بىن لادىن ئۇلارغا ئامېرىكا قارىماققا تەڭداشسىز كۆرىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاجىز ھەم قورقۇنچاق، گەرچە ھەددى ھېساپسىز بايلىقى بولسىمۇ لېكىن ئېتىقادى بولمىغاچقا، بىزدەك ئېتىقادى مۇستەھكەم، قۇربان بېرىشتىن يانمايدىغان جەڭچىلەرنى يېڭەلمەيدۇ دېگەن ئىدى.
1994-يىلى بىن لادىننىڭ ھاياتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى، ئائىلىسىدىكىلەر بىر يەرگە جەم بولدى، بازا تەشكىلاتىنىڭ كۈچى زورايدى.بىراق ئازراقمۇ بوش ۋاقتى قالمىدى.20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا، ئافرىقىدا قان ھىدى پۇراپ تۇراتتى، ھەرقايسى جايلاردىكى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ۋە ئىچكى توقۇنۇشلار نەچچە مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. 1995-يىلى بىن لادىن ئۆزىنىڭ تۇرمىشىدىن زېرىكىشكە، كەلگۈسىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى، بۇرۇنقى جايىنى سېغىندى.
1996-يىلى5-ئايدا،بىن لادىن ئايروپىلان بىلەن ئافغانىستان پايتەختى كابۇلغا كەلگەندە، تالىباننىڭ بۇ شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ بولغانلىقىنى بايقىدى. تالىبانلار 1994-يىلى قۇرۇلغاندا كىچىك بىر توپ تالىپلار بولۇپ، كۆپ قىسىمى مۇساپىرلار لاگىرىدا چوڭ بولغان يېتىم بالىلار ئىدى. سوۋېتقا قارشى ئۇرۇشتا غەلبە قىلغۇچىلار ھوقۇقنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن،دۈشمەندىنمۇ ئارتۇق قەبىھ ، ۋەھشىي بولۇپ كېتىشى تالىباننىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، بىر توپ تالىپلاردىن كىشىنى قورقىتىدىغان، ھەركەتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك پارتىزانلار قوشۇنىغا ئايلاندى ھەمدە ئافغانىستانلىقلارنىڭ تەرتىپلىك جەمئىيەتكە بولغان سادالىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاخىرى پايتەخت كابۇلنى ئىشغال قىلدى، ھاكىمىيەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.
بىن لادىن ئافغانىستاننىڭ جالال ئابادقا كەلدى، بۇ چاغدا بىرمۇنچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، بىن لادىننىڭ دوستى ھەربىي ئىشلار قوماندانى ئەبۇ زۇبەيدەھ ئۆلچەمدىن ئارتۇق يۈك باسقان پاراخوتقا ئولتۇرغاندا ھادىسىگە ئۇچرىدى، ئەبۇ خەير قاتارلىك كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگەشمەسلىكنى قارار قىلدى. نۇرغۇن بايلىقىنى باشقىلار تارتىۋالدى. لېكىن،ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەنسىرەيدىغىنى تالىبان ئىدى.ت الىبانلارنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيتتى. لېكىن ئۇ ھالاك بولمىدى، ئۇنىڭ روھىي قاتلىمىدا مۇھەممد پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم پەيت«ھىجرەت» پەيدا بولغاندك بولدى.
بىن لادىننىڭ «ھىجرەت» نىڭ سىمۋولى تاغ ئۆڭكۈرى ئىدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن، تاغ ئۆڭكۈرلىرى دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە پاكىز زېمىن ئىدى. ئۇ پەقەت جەمئىيەتتىن، ۋاقىت،تارىخ، ھازىرقى مەۋجۇداتلار، چۈشكۈنلۈك ۋە كىشىنى بۇرۇقتۇرما قىلىدىغان غەرپ دۇنياسىدىن يىراقلاشسا، ئاندىن ھەقىقىي دىننىڭ ۋەكىلى بولالايتتى. بىن لادىن تۇرابۇرادىكى قورال ساقلايدىغان تاغ ئۆڭكۈرلىرىدىن پايدىنلىنىپ، ئىسلام جەمئىيتىنى تازىلاشنى، بۇرۇنقى ئورنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلدى. ئۇ يەنە ئۆزىنى بارلىق زىيانكەشلىككە ۋە خورلۇققا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئويدۇرۇپ چىقاردى. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان تۆلەم ئامېرىكىغا ئۇرۇش ئېلان قىلىش ئىدى.ئافغانىستان تاغ ئۆڭكۈرىدىكى بىن لادىن چىرىتىشكە ئۇچرىمىغان، ئېگىلمەس سۇنماس ئىپتىدائىي ئادەمگە ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئامېرىكىدەك دەھرىي، پەن تېخنىكىسى ئىلغار بولغان كۈچ بىلەن قارشىلىش ئۈچۈن ھازىرقى ئۆزى بىلەن تىركىشىشى كېرەك ئىدى.
بىن لادىن يەنە تالىباننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى موللاھ مۇھەممەد ئۆمەر (MullahMohammad Omar) بىلەن ئالاقىلاشتى، نەتىجىدە تېزلا يېقىنلىشىپ كەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ بىن لادىننىڭ يېڭى بازا تەشكىلاتى تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قوغدىشى بىلەن، دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ھۇجۇم قوزغىيالايدىغان تېرورلۇق تەشكىلاتىغا ئاتلاندى.
ئۇزۇن ئۆتمەي بىن لادىن خالىد شەيخ مۇھەممەد (Khalid Sheikh Mohammed) ئىسىملىك بىر مېھماننى كۈتىۋالدى.بۇ كىشى1993 -يىلى ئامېرىكا دۇنيا سودا مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغان يۇسۇفنىڭ تاغىسى ئىدى. ئۇ ئۆزگىچە بىر پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى:تىنىچ ئوكيان ھاۋا بوشلىقىدا ئامېرىكىنىڭ12 دانەرېئاكتىپ ئايروپىلانىنى پارتىلتىش،ۋە يەنە بىر يۈرۈش كەلگۈسىدە ئامېرىكىغا ھۇجۇم قوزغاش لاھىيەسىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇچقۇچىلارغا ئايروپىلاننى قۇرۇلۇشلارغا سوقۇشنى مەشىق قىلدۇرۇش تۈرىمۇ بار ئىدى. بىن لادىن ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدى، بىراق ئۇنى بازا تەشكىلاتىغا رەسىمىي تەكلىپ قىلدى.مۇھەممەد سىپايىلىق بىلەن رەت قىلدى. لېكىن«9.11»نىڭ ئۇرۇقى بىخلانغان ئىدى.
تۆتىنچى بۆلۈم: ساقايماس جاراھەت

زاۋاھىرى خېلى بىر مەزگىللەرگىچە ئەرۋاھلاردەك كۈن ئۆتكۈزدى، ئۇنىڭ غازاتچىلار تەشكىلاتى ئىقتىسادتا قاتتىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، تەشكىلات ئىچىدە يۈز ئۆرۈپ قېچىپ كېتىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى، ئۇ بىن لادىن بىلەن بىرلىشىشتىن باشقا تاللاشنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلىپ،ئافغانىستانغا قايتىپ كەلدى.
1998-يىلى1-ئايدا، زاۋاھىرى غازاتچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئوخشاش بىر تۇغ ئاستىغا جەم قىلىدىغان خىتابنامىنى جاكارلىدى. بۇ خىتابنامە ھەركەت نىشانىنى رايونلۇق توقۇنۇشتىن،ئامېرىكىغا قارىتىلغان يەر شارى خاراكتېرلىك ئىسلام غازات ئۇرىشىغا بۇرىدى، ھەم زاۋاھىرىنىڭ يېڭى بازا تەشكىلاتىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق شەخس بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. زاۋاھىرى ئامېرىكىنىڭ ئۈچ چوڭ جىنايىتىنى ئەيىبلىدى: بىرىنچى،پارس قولتۇقى ئۇرۇشى ئاخىرلاشقىنىغا 7 يىل بولغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئارمىيىسى يەنىلا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن چىقىپ كەتمىدى. ئىككىنچى، ئامېرىكا مىليوندىن ئارتۇق پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى ھەمدە ئىراقنى ۋەيران قىلىش غەرىزىدە بولدى. ئۈچۈنچى: ئامېرىكا ئەرەب دۆلەتلىرىنى قىرغىن قىلىش ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنى يۆلىدى، چۈنكى ئەرەب دۆلەتلىرىنى پارچىلاش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇش ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ بىردىنبىر كاپالىتى.
بازا تەشكىلاتىنىڭ قىلغانلىقىغا تولۇق ئىسپات بار بىرىنچى قېتىملىق تېرورلۇق ھۇجۇمى 1998-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى ئامېرىكىنىڭ كېنىيە ۋە تانزانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئوخشاش دېگۈدەك ۋاقىتتا پارتىلتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھۇجۇم قوزغىغۇچى زاۋاھىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەم ئىدى. بۇ تېرورلۇق ھۇجۇمىدا 224ئادەم ئۆلۈپ 6400 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.بۇ ھۇجۇمدا كەلگۈسىدە يەنە بېرىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئالامەتلىرى بار ئىدى، كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېخىمۇ ئىلگىرلەپ قىساس ئېلىش ھەقىقىي نىشانى ئىدى.
پارتىلاش يۈز بېرىپ 13 كۈندىن كېيىن، ئامېرىكا قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ،73 دانە چارلىغۇچى باشقۇرىلىدىغان بومبىنى ئافغانىستاننىڭ شەرقىي تاغلىق رايونىدىكى بىن لادىننىڭ 6 مەشىق بازىسىغا قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىن لادىن ئامېرىكىغا قارشى كۈچلەرنىڭ سىمۋوللۇق شەخس بولۇپ قالدى. گىژىلداپ چىقىۋاتقان رادىئودا بىن لادىننىڭ ھاياجان بىلەن:«ئاللاھ نىڭ شاپائىتىگە شۈكرى، مەن تېخى ھايات!» دېگەن ئاۋازى چىققاندا،ئىسلام دۇنياسىلا ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ شەخسىيەچىلىك مەدەنىيتى ۋە ھەيۋەتلىك ھەربىي كۈچىدىن نەپرەتلىنىدىغان ئامېرىكىغا قارشى كۈچلەر ئۆزىنىڭ مەبۇدىسىنى تېپىۋالدى.
بۇ مەزگىلدىكى بازا تەشكىلاتىدا مەشىقلەنگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتتىكى مەغلوبىيەتچىلەردىن ئەمەس ئىدى.ئ ۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ۋە يۇقىرى قاتلامدىن كەلگەن. تەبىئىي پەن ۋە قۇرۇلۇش ئىلمىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئىدى. بىر مۇنچىلىرى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن. ئۇلارنىڭ بىر ئورتاقلىقى ياقا يۇرتلاردىن كەلگەنلەر ئىدى. گەرچە ئۇلار مۇۋاپپىقىيەت قازانغان بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ يۇرتىدا ئورنى يوق ئىدى، پەقەت مەسچىتكە بارغاندىلا ئاندىن ئۈلپەتلىرىنى تاپالايتتى يەنە دىننىڭ تەسەللىيسىگە ئېرىشەلەيتتى. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتەك ئورتاقلىق،ئۇلارنى بىر بىرىگە يېقىنلاشتۇردى.
بازا تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىش يۈتۇرانە ئىمتىھانىدا،ئەسكەرلەردىن كېلىپ چىقىشىنى ۋە قانداق ئالاھىدە ماھارىتى بارلىقىنى سورايتتى، ئۇلار توغۇرلۇق تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارغا قانداق ۋەزىپىگە تەيىنلەشكە ياردىمى بولاتتى. مەسىلەن، بىر ھانى ھاجىر ئىسىملىك سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ياش ئامېرىكىدا ئۇچقۇچىلىقنى ئۆگەنگەنلىكىنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ «9.11» پىلانىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالغان.
جاپالىق جىسمانىي مەشىقتىن كېيىن،ئ ەسكەرلەر يەنە بازا تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا قارىشىنى سىڭدۈرىشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئۆلۈمنى شەخسىي نىشانى قىلىش، يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى ئىدى. ئۇلار بۇرۇنقى ھەركەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، بىر پارچە 180 بەتلىك «زالىملىققا قارشى غازاتتىكى ھەربىي ئىشلار تەتقىقاتى» ناملىق قوللانمىنى دەرسلىك قىلغان، ساختا قىياپەتكە كىرىۋېلىش، قورال مەشىقى، بىخەتەرلىك ۋە جاسۇسلۇق مەلۇماتى قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىدى.
1998-يىلدىن 2001-يىلغىچە، بازا تەشكىلاتى ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىشنى تەتقىق قىلدى. 1999-يىلى بىن لادىن ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلاردىن خالىد شەيخ، ئەبۇ خافسلار قەندىھاردا ئۇچرىشىپ، ھۇجۇم نىشانلىرىدىن ئاقساراي، پارلامېنت بىناسى،بەش بۇرجەكلىك، بىنا پىرىزدېنت قاتارلىق نىشانلارنى تاللىدى. ئۇلار ئالاھىدە سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ سىياسىي گەۋدىنى گۇمران قىلماقچى بولدى.
2000-يىلى 10-ئاينىڭ12-كۈنى، يەمەننىڭ ئادىن پورتىغا توختىتىپ ئامېرىكىنىڭ «Cole» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتىنى پارتىلتىشى بىر چوڭ غەلبە ئىدى. بازا تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى بارىگاھى يېڭى كەلگەن غازاتچىلار بىلەن پېتىشماي قالدى. دېڭىز قولتۇقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلىرىنىڭ ئىئانە بەرگۈچىلىرى نېفىتتىن كىرىم قىلغان ئامېرىكا دوللىرىنى چامادانلارغا لىق قاچىلاپ، ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى، خۇددى ئافغانىستاننىڭ سوۋېتقا قارشى ئۇرۇش مەزگىلدىكى شانلىق مەزگىلىدىكىدەك مەنزىرە بارلىققا كەلدى. بىراق ئامېرىكا ھېچقانداق ئۆچ ئېلىش ھەركىتى قوللانمىدى، ئەينى چاغدا ئامېرىكا زوڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە تۇرىۋاتقاچقا، كىلىنتون ئىسرائىلىيە پەلەستىن ئوتتۇرسىدا تىنىچلىق كېلىشىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ پات ئارىدا ئاخىرلىشىدىغان پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىگە شەرەپ قوشماقچى بولغان ئىدى.
بىن لادىن ھەم غەزەپلەندى ھەم ئۈمۈدسىزلەندى. ئۇ ئەسلىدە ئامېرىكىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ئافغانىستاندىن ئىبارەت بۇ تۇزاققا دەسسەتمەكچى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ تەدبىرى بولسا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قوزغاش ئارقىلىق، ئامېرىكىنى تاجاۋۇز قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ، ئاخىرىدا غازاتچىلار بىرلىشىپ ھۇجۇم قوزغاپ ئامېرىكا جاھانگېرلىكىنى ئۇرۇش چقىمى ئارقىلىق غۇلىتىش ئىدى. ئەمما ئۇرۇش ئېلان قىلىش ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ھەم چارلىغۇچى پاراخوتىنى پارتىلتىشلار نىڭ ھەممىسى كەڭ كۆلەملىك ئۆچ ئېلىش ھەركىتىنى قوزغىيالمىدى. ئۇ چوقۇم ئامېرىكا چىداپ بولالمايدىغان ۋەھشىيلىكتىن بىرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى كېرەك.
2001-يىلى 9-ئاينىڭ11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن،نيورك شەھەر ئاھالىسى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ شىمالىي مۇنارىنىڭ 92-قەۋىتىگە بىر ئايروپىلان سوقۇپ كىرىپ، ئاندىن ئوت كۆتىرىلگەنلىكىنى كۆردى. لېكىن كىشىلەر ساراسىمىگە چۈشۈپ قالمىدى، چۈنكى ئۇلار قايمۇقۇپ قالغان ئىدى.پارتىلاشمۇ ياكى يەر تەۋرەشمۇ؟بەك غەلىتە ئىشلار بولىۋاتاتتى. دەسلەپتە مۇناردىن سەكرىگەنلەرنىڭ بەدىنى يەرگە چۈشكەندىن كېيىن گراناتقا ئوخشاش پارچىلىنىپ كەتتى.مۇنارنىڭ يېنىدىكى مەيداندا ئەسلىدە چۈشلۈك مۇزىكا يىغىلىشى ئۆتكۈزۈش ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ھازىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۋاتقىنى جەسەت پارچىلىرى ئىدى. ئون نەچچىلىگەن ئاياقلار مەيدانغا ئۇچۇپ چۈشتى.
ئافغانىستاندا،بازا تەشكىلاتى خادىملىرى ھەرقانچە قىلىپمۇ سۈنئىي ھەمراھ سىگنالىنى تاپشۇرۇپ ئالالمىدى. ئاخىرىدا رادىئونى ئېچىپ BBC نىڭ چاستوتىسىغا تەڭشىۋىدى، تۇيۇقسىز دېكتورنىڭ:«ھېلىلا تاپشۇرىۋالغان ئالاھىدە چوڭ خەۋەر،ب ىر ئايروپىلان نيورك دۇنيا سودا مەركىزى مۇنارىغا ئۈستى!» دېگەن ئاۋازى چىقىشى بىلەن،بازا تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرى خوشاللىقىدىن ۋارقىرىشىپ كەتتى. ئەمما بىن لادىن:«توختاپ تۇرۇڭلار،توختاپ تۇرۇڭلار»دېدى.
ئىككىنچى ئايروپىلاننىڭ جەنۇبىي مۇنارغا سوقۇلغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىن لادىن يىغلىدى،دۇئا قىلدى. بىن لادىن ئىشىنەلمەي تۇرغان بۇرادەرلىرىگە قولىنىڭ ئۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ قويدى.
چۈشتىن بۇرۇن 9دىن 38مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈچۈنچى ئايروپىلان ئامېرىكا ھەربىي باش قوماندانلىق ئورنى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قۇدرىتىنىڭ سىمۋولى بەش بۇرجەكلىك بىناغا سوقۇلدى. خەۋەر يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىن لادىن ھاڭۋېقىپ تۇرغان ئەگەشكۈچىلىرىگە تۆت بارمىقىنى كۆرسىتىپ قويدى. ئەمما ئامېرىكا پارلامنت بىناسىغا بولغان ھۇجۇم مەغلۇپ بولدى.
ئىسلام دۇنياسىدىكى غازاتچىلار تۇغ كۆتۈرۈپ، تۇشمۇ-تۇشتىن ئافغانىستانغا ئاتلىنىشقا باشلىغاندا، بىن لادىن بىلەن زاۋاھىرى ھەركەتنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىدىن ئالاھىدە خوش بولۇپ كېتىشتى.ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى تالىبانغا تۇنجى قېتىملىق زەربىسىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئالدىن ئېلىۋالغان سىن ئالغۇ لېنتىسىدا:«مانا بۇ ئامېرىكا،ئۇلۇغ ئاللاھ ئەڭ ئاجىز يېرىدىن زەربە بەردى» دېگەن.

11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن يوللاندى
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-09-10 20:26قايتا تەھرىرلىدى ]
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-10 20:08 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » دۇنياغا نەزەر