بۇ مەزمۇن 20قەۋەتتىكى tohoturدە2011-09-15 15:49يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ساغلام ئىدىيىنىڭ جامائەت قەلبىگە سىڭىشى، تەسىر قىلىشى ناھايىتى ئاستا جەريان. بۇ جەريان مېدىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىنسان قەلبىنى ئوۋ نىشانىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىغا ئوخشىمايدۇ. سەگەك پىكىر ئىگىلىرى ئاشۇ ئىدىيىلەرنى ئۇچرىشىشلار، ئىجتىمائىي ئالاقىلەر داۋامىدا يەنە بىر تۈركۈم سەگەك كىشىگە يەتكۈزىدۇ. شۇڭا مۇنەۋۋەر بىر زىيالىي ھايات ۋاقتىدا تەتقىق قىلىنىشى، ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن مىللەتنىڭ ئومۇمىي پىكىرىي قۇۋۋىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆزىتىلىشى لازىم. يامان يېرى، بىزدە بۇ ئۆلچەمگە چۈشىدىغان مۇنەۋۋەر زىيالىيلار ئاز قېلىۋاتىدۇ. قېنى، مېڭىپ باقايلى، يول تاپىنىمىزنىڭ ئاستىدا !
ئىدىيە دىمەك مېنىڭچە كۇچ دىمەكتۇر ، بىر مۇنەۋۋەر يازغۇچىنىڭ ئىديىسىنىڭ خەلق ئىچدە ئومۇملىشىشى خەلىققە ئىنرىگىيە مەنبەسى بىلەن تەمىنلەنگەن ھىساپلىنىدىكەن ،گەرچە بىز ئالىم ئابدۇشكۇر مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئەسەرلىرىنى تاتىلاشتۇرۇپ ،زوقلۇنۇپ ، ئۇقۇغىنىيمىز بىلەن ، ئالىمنىڭ ئۆزى بىلەن خەلىقنىڭ كەڭ دائىرلىك دىئالۇگلىىشىىشى ئاساسەن مۇمكىن بولماي قالدى، تېخى ئالىم يازغان نۇرغۇن كىتاپلارنى قانداق چۇشۇنۇش قانداق شەرھىلەش نى بىلمەي يۇرۇيمىز ،ياكى بىز كۆرگىنىمىز پەقەت بىرتۇپ يشىىل دەرەخ ،ئۇنۇڭ ئاستىىدىكى يىلتىزنىڭ قانداق ۋە قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش مۇمكىن بولماي قالدى، مانا ئەمدى بۇ ئىمكان تور ئارقىلىق ئەمىلىلىشىۋاتىدۇ.