karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 490 قېتىم كۆرۈلدى
ئارمان03
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1555
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 13 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 13 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ئاللاھ توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

 مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ئاللاھ توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

1.كوپىرنىك-پولشالىق ئاسترونومىيە ئالىمى
بىز ئاللاھنىڭ كېرەكسىز نەرسىلەرنى ياراتمايدىغانلىقىدىن بەلكى، نۇرغۇن ھالەتلەرنى بىرخىل ئەمەل،سەۋەپكە يىغىنچاقلايدىغان ئىقتىدارىدىن ئۈلگە ئېلىشىمىز كېرەك. مۇقەددەس ئاللاھنىڭ ئىجاد قىلغان نەرسىلىرى نېمىدىگەن ئۇلۇغ_ھە!
2.دارۋىن-ئەنگىلىيەلىك« تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىچىسى». مەۋجۇتلۇقنىڭ يەنە بىر مەنبەسى سەزگۈ ئەزا دېگەندىن كۆرە ئەقىل-پاراسەت دېگەن ياخشىراق. بۇ ئۇلۇغ، كارامەت دۇنيا بىز بىلىملىك ئادەملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھەرگىزمۇ تاساددىپي پەيدا بولۇپ قالمىغان. بىز ئۆزگۈرۈش قانۇنىيىتىگە نىسپەتەن % 100 بىلىمسىز، بىز بۇ قىسىم ياكى ئۇ قىسىمدا نېمىشقا ئۆزگۈرۈش بولىدىغانلىقىنىڭ ھەرقانداق سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيمىز ۋە100مىسال ئىچىدە بىرىنى قايتۇرالمايمىز. ئېرسىيەت دېگىنىمىز ~ ئاتىدىن بالىغا مىراس قېلىش؛{پۇرچاق تېرىساڭ پۇرچاق، قوغۇن تېرىساڭ قوغۇن ئالىسەن}،ئۆزگۈرۈش دېگىنىمىز ~ بىر ئانا 100بالا تۇغسا،[بۇ پەقەت مىسال] 100بالا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. مېنىڭ پىكىرىم دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. پىكىرىم ئۆزگۈرۈپ ئەڭ توغرا بولغان ۋاقىتتا مەنمۇ ئاللاھنى ئىنكار قىلغۇچى خۇداسىز ئەمەس.
3.گىيوتى-گىرمانىيەلىك شائىر، تەبىئي پەن ئالىمى
<< قۇرئان-كەرىم >>نى قانچە ئوقۇسا زېرىكمەيدۇ. ھەرقېتىم ئوقۇغاندا دەسلەپتىكىدەك ناھايىتى يېڭى تۇيۇلىدۇ، ئاندىن كېيىن كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ،قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ، ئاخىرىدا كىشىدە ئالىي ئېھتىرام پەيدا قىلىدۇ، بۇ كىتاپ مەڭگۈ ئەڭ چەكسىز بولغان بىر خىل كۈچكە ئىگە.
4.نىيوتۇن-ئەنگىلىيەلىك فىزىكا ئالىمى
«بارلىق شەيئىلەردە تارتىش كۈچى بار» دېگەن نەزىرىيىگە ئاساسەن، يەرشارى بىلەن قۇياش ئوتتۇرىسىدا تارتىش كۈچى بار. مۇشۇنداق تارتىش كۈچى ئاستىدا، قۇياش يەرشارىنى ئۆزىگە تارتىپ كېتىپ،يەرشارى ھازىرقى ئوربىتا بويىچە ھەرىكەتلىنەلمەيدۇ. شۇڭا قۇياشقا قارىتىلغان تارتىشقا قارشى ئېغىرلىق كۈچىدىن باشقا،يەنە چوڭ-كىچىكلىكى زەررىچە نازۇكلۇق دەرىجىسىدە مۇۋاپىق، توغرا سىزىق يۆنىلىش بىلەن مېڭىشقا ئىمكان بېرىدىغان كەسمە لىنىيىلىك ئىتتىرىش كۈچى بولۇشى كېرەك، مۇشۇ ئېغىرلىق كۈچى بىلەن ئىتتىرىش كۈچى بىرلەشكەندىلا، يەرشارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەتلىنەلەيدۇ، يەرشارىلا ئەمەس، ھەرقايسى پلانېتلارنىڭ قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەتلىنىشى ئېغىرلىق كۈچىدىن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئىلاھىي كۈچنىڭ ياردىمى بولمىسا، تەبىئەت دۇنياسىدا يەنە قانداق كۈچنىڭ مۇنداق توغرا لىنىيىلىك ھەرىكەتكە تۈرتكە بولالايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بۇ مىسلىسىز گۈزەل سەييارىلەر قۇياش ۋە پلانىتلار سېستىمىسى پەقەت ھەممىگە قادىر،چەكسىز بىلىملىك ھەم قۇدرەتلىك زاتنىڭ پىلانى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ زات مەڭگۈ يوقالماستۇر ۋە كۆرۈنمەستۇر. بۇ زاتمىڭ يوقالماسلىقى ۋە كۆرۈنمەسلىكى_زامان ۋە ماكاننى ھاسىل قىلغان.
5.ئېدىسون-ئامىرىكىلىق كەشپىياتچى
مىڭلىغان شەيئىلەرنىڭ ئىپادىسىدىن قارىغاندا،ئالەم ھەممىگە قادىر بىر ئىلاھنىڭ ئىپادىسىنىڭ بۈيۈك مەھسۇلى. دۇنيانىڭ تەقدىرى ئاشۇ ئىلاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا بولىدۇ.
6.باكون-ئەنگىلىيەلىك پەيلاسوپ
مەن ئىنجىل،تەۋرات ھەم قۇرئانلاردىكى بارلىق خەۋەرلەرگە ئىشىنىمەن،ئالەم قۇرۇلمىسىنىڭ بىر ياراتقۇچى كۈچنىڭ ئىرادىسىدىن تاشقىرى مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن،ئاللاھ مۆجىزە كەلتۈرۈپ دىنسىزلىقنى مات قىلمىدى،چۈنكى ئاللا ھ ياراتقان بارلىق شەيئىلەر دىنسىزلىقنى مەغلۇب قىلىپ تۇرىدۇ. !
7.گالىلېي-ئىتالىيەلىك فىزىكا ئالىمى،ئاسترونوم
ماتىماتىكا ئاللاھنىڭ دۇنيانى يېزىشتىكى يېزىقى.
8.ئېينىشتىيىن-گىرمانىيەدە تۇغۇلغان يەھۇدى فىزىكا ئالىمى
ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر قانۇنىيەتكە بويسۇنىدۇ.قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئايلىنىشى نەقەدەر سەلتەنەتلىك، ئاتوم مولىكۇلالىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىشى نەقەدەر تەرتىپلىك،ۋە ھالانكى بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر كۈچ تېئورمىسىنىڭ قانۇنىيىتىگە بويسۇنىدۇ.يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەر سېكۇنتىغا 30كىلومېتىر سەير قىلىدۇ، قۇياش سامان يولىنى ئايلىنىپ سېكۇنتىغا 200كىلومېتىر يول يۈرىدۇ. سامان يولى توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىنى ئايلىنىپ سېكۇنتىغا 500كىلومېتىر يول باسىدۇ، بۇ كۈچ نەدىن كەلگەن؟بۇنىڭغا قارىغاندا ئاللاھنىڭ بارلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس.ئالەمنىڭ تۈرلۈك قانۇنلىرى ئىچىدە كۆرۈنەرلىك،ئوچۇق ھالدا روھ مەۋجۈت بولۇپ،بۇ خىل روھ ئىنسانىيەتنىڭ روھىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن،ئىقتىدارى چەكلىك بولغان ئىنسانىيەت بۇ روھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئىنتايىن كىچىك ھېس قىلىدۇ.بۇ خىل پەننى تەتقىقات كىشىلەردە بىر خىل ئالاھىدە دىنى ھېسسىياتنى قوزغايدۇ. بۇ خىل روھ بىزدەك ئەقلىمىز ئاجىز كىشىلەر ئىگەللىيەلەيدىغان ئىنتايىن كىچىك بىر تەرەپنىڭ ئاشكارىلىنىشىدۇر. ئېينىشتىيىن قېينىئانىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا بېغىشلىغان مەرسىيەسىنىڭ ئاخىرىغا مۇنداق دەپ يازغان:
«ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىغا رەھمەتكى،ئۇ ئۆزى ياراتقان نەرسىنى ئۆزى ئېلىپ كېتىدۇ».
9.كۇڭزى-جۇڭگو تارىخىدىكى مەشھۇر تەرىقەتچى
مېنىڭ تەشەببۇسۇم قوبۇل قىلىشقا ئېرىشسە بۇ تەڭرىنىڭ ئىرادىسى،ئەگەر قوبۇل قىلىنمىسا بۇمۇ تەڭرىنىڭ ئىرادىسى.
10.جۇگېلياڭ-جۇڭگو تارىخىدىكى مەشھۇر ھەربىي ئالىم
بىر ئىشنى پىلانلاش ئادەمدىن،ئەمەلگە ئېشىشى تەڭرىدىن. ....
11.مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام(ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلغاي)-ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي ۋە دىنىي ئالىم، سىياسىي داھىي،پۈتكۈل دۇنياغا(بارلىق ئىنسانلارۋەجىنلارغا)كەلگەن بىردىنبىر(دەرىجەجەھەتتە)ۋەئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر.
ئاللاھ ناھايىتى بايدۇر،ئۇنىڭ بايلىقى بەرگەنگە خوراپ قالمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئاتالىرى كېچە-كۈندۈز تۈكۈلۈپ تۇرىدۇ، ئاسمان-زېمىن يارالغاندىن بۇيان ئاللاھنىڭ بەرگەنلىرىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى نەرسىلەر خوراپ قالغىنى يوق. ئاسمان-زېمىننىڭ ۋە كۆركەم ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. '
يوللىغۇچىدن:ئۆز قەھرى-غەزىپى بىلەن ياراتقان دوزاختىن ،ئاجىز ئاسىي بەندىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن، ئۇلۇغ ساماۋىي كىتابلارنى مۇقەددەس دەرگاھىدىن زېمىنغا چۈشۈرگەن يېڭىلمەس ئاللاھ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە، ئۆلۈك ۋە تىرىك ھالەتتە پەقەت سېنىڭلا ئىلكىڭدىمىز، بىزلەرنى مەغپىرەت قىلغىن، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن!

مەنبە : ئالمىزار مۇنبىرى
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-15, 11:30
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-14 18:45 |
arik
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3264
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 65 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 65 سوم
تۆھپە: 39 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 39 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 95(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇنداق ياخشى تېمىنى بىزلەردەك قەلبى تاشتەك قېتىپ يەتكەنلارگە يوللاپ بەرگىنىڭىزلەرگە كۆپ رەھمەت،ئۇلۇغ  ئاللا سىزلەرگە رەھمەت ئاتا قىلسۇن!!!!
ئۇلۇغ ئاللا ناھايىتى مېھرىباندۇر ھەم شەپقەتلىكتۇر!
  ھازىر جەمىيتىمىزدە مۇسۇلمان دەيدىغان نامىلا بار لېكىن ئىش -ھەركەتتە ھىچبىر كاپىردىن پەرقى يوق كىشىلىرىمىز خېلىلا بار پەقەت چوشقا گۆشىنى يىمەسلىكلا مۇمۇلمانلىقنىڭ ئۆلچىمىمۇ!
ھاراملىقى جەھەتتە چۆشقا گۆشىىدىن پەرقى بولمىغان ھاراقچۇ! ھاراق بىزدە ئومۇملىشىپ كەتكەنلىگى ئۈچۈنلا ھاراق ئىچىشنى بەك چوڭ ئەيىپ ساناپ كەتمەيمىز!مېنىڭ مۇشۇنداق بىرئاقكۆڭۇل مىللتىم بولغان ئۇيغۇرلانىڭ جاپا تارتىپ تاپقان  پۇلىنى ھاراق ئۈچۈن خەجلەۋاتقىنىغا بەك ئىچىم سېرىلدۇ،شۇ پۇللىرىمىز ئاللا يولىدا خەجلەنگەن بولسا ئىدى،بىزنىڭ كۈنىمىز ھازىرقىدەك بولماستى!!!!ھىچ بولمىغاندا كەلگۇسدىكى ئەۋلادلىرىمىز نىڭ تەربىيلىنىشى ئۈچۈن بولسىمۇ!!!!!ئۇلۇغ ئاللادىن ھەممىمىزنى ھىدايەتكە ئېلىشىنى تىلەيمەن!!!
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-16 14:08 |
8181
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3231
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 50 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 30 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 30 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇنداق ياخشى تېمىنى بىزلەردەك قەلبى تاشتەك قېتىپ يەتكەنلارگە يوللاپ بەرگىنىڭىزلەرگە كۆپ رەھمەت،ئۇلۇغ  ئاللا سىزلەرگە رەھمەت ئاتا قىلسۇن!!!!
ئۇلۇغ ئاللا ناھايىتى مېھرىباندۇر ھەم شەپقەتلىكتۇر!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-16 18:02 |
sahra
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2843
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 50 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 30 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 30 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  بۇ مەشھۇرلارنىڭ تۇلىسى مۇسۇلمان ئەمەسكەنغۇ ؟؟؟ 
بۇلارنىڭ دىگنى ئاللاھمۇ تەڭرىمۇ؟؟؟
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-17 19:38 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تارىخ بەتلىرى