ئازگال مېيى دىگەن نىمە؟ ئۇ قانداق ئىشلىنىدۇ؟
ئازگال مېيى دىگىنىمىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچراتقان بارلىق ناچار، ساختا مايلارنىڭ ئومومىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئازگال مېيى تۆۋەندىكىدەك 3 تۈرگە ئايرىلىدۇ، 1-خىلى: ئازگال(ئەۋرەز يوللىرى)دىن چىققان ماي بولۇپ، مەملىكەتنىڭ چوڭ –كىچىك بازارلىرىغا جايلاشقان ئاشخانىلاردىن چىققان ،تاماق قالدۇقلىرى، ھەرخىل قورۇما قالدۇقلىرى دائىم ئەۋرەز كۆلچەكلىرىگە تۆكۈلۈش ئارقىلىق ئەۋرەز يوللىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، ئەۋرەز يوللىرىدىكى سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرگەن مايلار ۋە چوڭ رېستۇران، قاۋاقخانىلاردا ئاشقان-تاشقان تاماق قالدۇقلىرى، ھەرخىل قورۇما قالدۇقلىرىنى (مەخسۇس ماشىنا بىلەن يىغىدىغان مەخسۇس بىر تۈركۈم كىشىلەر بار، بەلكىم سىزمۇ ئۇچراتقان بولىشىڭىز مۇمكىن) يىغىپ ئاددى ئۇسۇلدا قايتا پىششىقلاپ، چېككىلەپ ئىشلەنگەن مايلار، 2-خىلى:بۇزۇلغان چوشقا گۆشى، چوشقىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، چوشقا تېرىسى قاتارلىقلارنى پىششىقلاپ، چېككىلەپ چىقارغان مايلار. 3-خىلى: ياغدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق پۇشۇرۇلىدىغان يىمەكلىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان مايلار. بۇنداق مايلارنىڭ قانچىلىك مايدا قانچىلىك يىمەكلىك پۇشۇرۇشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆلچىمى بولىدۇ، بىراق بەزىلەر بىر قازان مايغا نەچچە ئون ھەسسە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ يىمەكلىك پۇشۇرىۋالىدۇ، بىر قازان ماينى نەچچە كۈنلەپ ئىشلىتىدۇ، بۇنداق ماي قارىداپ كەتكەندىن كېيىن يەنە ئازراق يېڭى ماي قويۇپلا داۋاملىق ئىشلىتىدۇ، ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا كېلىپ قالغاندا ئاندىن تۆكىۋېتىدۇ،ياكى كېرەكسىز ماي يىغىدىغانلارغا بېرىۋېتىدۇ. مۇشۇنداق ماينى ئازگال مېيى ئىشلەپچىقارغۇچىلار يىغىۋېلىپ قايتىدىن چېككىلەپ، خىمىيىۋىي دورىلارنى سېلىپ سۈزۈكلىتىپ قايتىدىن بازارغا ئاپىرىپ ئەرزان باھادا ساتىدۇ.
"گۇئاڭجۇ گېزىتى"نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇيجۇدا بىر باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقاننىڭ ئاشكارىلىشىچە نۇرغۇن چوشقا باقىدىغانلار رېستۇرانلاردىن ئاشقان-تاشقان تاماق قالدۇقلىرىنى يىغىپ ئەكىلىپ ئۈستىدىكى ماينى سۈزۈپ ئېلىپ ئازگال مېيى ئىشلەيدىغانلارغا ساتىدىكەن، ئاستىدىكى قېلىپ قالغىنلىرى بىلەن چوشقا باقىدىكەن، ئۇ دېھقاننىڭ دىيىشىچە ئۇ ئۆزىلا مۇشۇنداق سۈزۈپ ئالغان ماينى بىر ئايدا ئاز دىگەندىمۇ 250كىلوغا يېقىن سېتىپ بولىدىكەن، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئازگال مېيى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ تاپقان پايدىسى چوشقا باققاندىنمۇ ياخشى ئىكەن، ئازگال مېيى پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ ئىش پىرىنسىپى ئاددى بولۇپ يىغىپ ئەكەلگەن ماينى چوڭ قازانغا قويۇپ قاينىتىپ مەلۇم بىر خىل خىمىيىۋىي دورىنى تۆككەندىن كېيىن ماي ئىچىدىكى قالدۇق ماددىلارنىڭ ھەممىسى قازاننىڭ ئاستىغا چۆكۈپ كېتىدىكەن، ئاندىن بۇنى ماي چېككىلىگۈچى يەنە بىر تۈركۈملەرگە ئۆتكۈزىدىكەن ،يەنە بىر تۈركۈمدىكىلەر بولسا پۇراق يوقىتىش، رەڭ قوشۇش، يەنىمۇ بىر قەدەم سۈزۈكلەشتۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلاردىن كېيىن ئاندىن سېتىشقا باشلايدىكەن.
گۇڭدوڭنىڭ فوشەندە نۇرغۇنلىغان تاماقخانىلاردا ئاشپەز بولۇپ ئىشلىگەن جاۋ ئۇستىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئاشخانىلارنىڭ ئازگال مېيىنى ئىشلىتىشى ھازىر يېڭىلىق ئەمەس ئىكەن، بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ پايدا قوغلىشىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ ئازگال مېيىنى ساتقۇچىلار ئاشخانىلارغا كىلوسىنى 3يۇەندىن ئۆتكۈزىدىكەن، بەزى چاغلاردا بۇنىڭدىنمۇ ئەرزان ساتىدىكەن، ئادەتتىكى مايلارنى ئىشلىتىمەن دىسە كىلوسى 9يۈەن تۇرسا ، مۇشۇنداق ئەرزان بولغان ئازگال مېيىنى ئىشلەتكەندە تەننەرخ تۆۋەنلەپ پايدىنى كۆپ ئالغىلى بولىدىكەن، جاۋ ئۇستىنىڭ دىيىشىچە بىر توننا ئازگال مېيىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈچۈن 300يۈئەن كېتىدىغان بولۇپ ، مۇشۇنداق سودىنى قىلىۋاتقانلاردىن بىر ئايدا 10مىڭ پايدا ئالغانلارمۇ بار.
جاۋ ئۇستىنىڭ دىيىشىچە: سىچۇئەن قورۇمىلىرى ئاشخانىلىرى ۋە كىچىك ئاشخانىلار مۇشۇنداق ئازگال مېيىنى ئىشلىتىدىكەن، ئويلاپ بېقىڭ ، بۇنداق ئاشخانىلاردا ئاساسەن ئوت قازان شورپىسى(火锅)، مالاچۇئەر(麻辣串)، بېلىق قورۇمىلىرى،تۈرلۈك قورۇمىلار بولۇپ، بېلىق قورۇمىلىرى ئارانلا ئوننەچچە يۈئەن بولمىغاندا 20 يۈەنگىلا سېتىلىدىغان تۇرسا ئويلاپ بېقىڭ بىر تال بېلىق قانچە پۇل، ئىش ھەققى قانچە؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى مايلارنى ئىشلىتىپ پايدا ئالغىلى بولامدۇ؟ يەنە بىر تەرىپى بۇنداق ئاشخانىلاردىكى قورۇمىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاچچىق بولغاچقا ئازگال مېيىنىڭ غەيرى پۇرىقى ۋە تەمىنى ئاچچىق تەم بېسىپ كېتىدۇ-دە ھېچكىم بىلەلمەي قالىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئازراق گېلىڭىزنى قىزىتىدۇ-شۇ.....
جوڭگو رادىئو تورىنىڭ خەۋىرىدە ۋوخەن سانائەت ئىنىستىتۇتى يىمەكلىك ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروففىسسورى خې دوڭ پىڭ يەنە بىر سالاھىتى مەملىكەتلىك ئاشلىق-ماي ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتېتى ماي ماتېرياللىرى خىزمەت گۈرۈپپىسىنىڭ باشلىقى، ئۇ جوڭگو ياشلار گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دىگەن:- مېنىڭ پەرىزىمدە نۆۋەتتە ھەر يىلى مەملىكىتىمىزدە تاماق ئۈستەللىرىدە ئىستىمال قىلىنىپ بولىدىغان ئازگال مېيى 300~200 توننىغا يېتىشى مۇمكىن، جوڭگو خەلقى بىر يىلدا ئىستىمال قىلىپ بولىدىغان ماينىڭ (ئۆسۈملۈك مېيى ھايۋانات مېيى قوشۇلۇپ)ئومومى مىقدارى22مىليون5يۈزمىڭ توننا بولۇپ مۇشۇ بويىچە ھىساپلىغاندا ئەگەر سىز دائىم سىرتتا تاماق يىسىڭىز، يىگەن 10 ۋاقلىق تامىقىڭىزنىڭ بىر ۋاقلىقىدا چوقۇم يىگىنىڭىز ئازگال مېيى بولىشى مۇمكىن.
ئازگال مېيىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى:
ئەمىلىيەتتە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئازگال مېيىنى ئېنىق ئايرىش ، ۋە پەرقلەندۈرۈش توغرىسىدا ئاددى ۋە توغرا بولغان ئۇسۇلىنى تېخى ئېلان قىلمىدى، شۇنداقتىمۇ توردا تورداشلارنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە بۇ يەرگە قوشۇمچە قىلىپ قويدۇم.
كۈزىتىش،تېتىپ بېقىش، پۇراش،ئاڭلاش،سوراش
1. كۈزىتىش:سېتىۋالغان ماينىڭ سۈزۈكلىكىگە قاراش، ساپ مايلار ئىنتايىن سۈزۈك بولىدۇ.
2. پۇراش، ئازگال مايلىرىدىن ئازراق بولسىمۇ غەلىتە پۇراق چىقىدۇ.
3. تېتىپ بېقىش، گەرچە ماينى بىر تېمىم بولسىمۇ خام پېتى تىلغا تەگكۈزۈپ تېتىپ باققاندا غەلىتە تەملىك بولغانلىرى ئازگال مېيى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.
4. ئاڭلاش، مايدىن بىرنەچچە تېمىم ئېلىپ قەغەزگە تېمىتقاندىن كېيىن ئوت يېقىپ كۆيىشىنى ئاڭلاپ بېقىش، چىرىس-چىرىس ئاۋاز چىققان بولسا ئازگال مېيى بولىشى مۇمكىن، چۈنكى ئازگال مېيىنىڭ ئىچىدە دائىم سۇ تەركىبى بولىدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىقراق چاراسلاپ كۆيگەن بولسا ماي ئىچىگە ساختا نەرسىلەر قوشۇلغان بولىشى مۇمكىن.
5. پارچە ماي سېتىۋالغاندا ماي ساتقۇچىدىن ماينى نەدىن ئەكىرگەنلىكىنى سوراش، قاچىلاقلىق تەييار مايلارنى سېتىۋالغاندا ماركىسىغا، ئىشلەنگەن زاۋۇت ئورنىغا، ھەرخىل ئۆلچەم ، ئىجازەت نومۇرلىرىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
دىمەك ئاسان ئەمىلىيەتتە ئازگال مېيى بىلەن پارچە سېتىلىدىغان مايلارنىڭ رەڭگى، پۇرىقى جەھەتلەردە پەرقلەندۈرۈش تەس.
ئازگال مېيىنى ئىستىمال قىلغاندا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
ئازگال مېيىنىڭ تەركىبىدە خىمىيىلىك ماددا بولۇپ ئۇنىڭ كىسلاتالىقى يوقۇرى، تەركىبىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بار، دائىم ئازگال مېيىنى ئىستىمال قىلغاندا كىشىلەردە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىش، يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراش، ئاسانلا ئىچى سۈرۈش، ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش، جىگەر، يۈرەك ۋە بۆرەك ئىششىپ قېلىش، ياكى يوغىناپ قېلىش، جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش، ھەتتا جىگەر راكى، ئۆسمە راكى، ئاشقازان راكى، بۆرەك راكى، ئۈچەي راكى، ئەمچەك راكى قاتارلىق ئەجەللىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
مالاچۈئەر، خوگونى ئەمدى يىمەيلى!ئازگال مېيىنى ئىشلەش نەقمەيدانىنى كۆرۈپ قويۇڭ مەنبە: يەر شارى تورىئەۋرەز يولىدىن ئازگال مېيى ئىزدەش
رېستۇران ئەخلەتلىرىدىن ئازگال مېيى ئىزدەش
JfVGs; _,
رېستۇراندا ئاشقان – تاشقان قورۇمىلار
ئازگال مېيى ئىشلەپچىقىرىش نەقمەيدانى
چوشقىنىڭ ئۆپكە-ھېسىپلىرىمۇ ئازگال مېيى ئىشلەيدىغان ياخشى ماتىرىيال
چوشقىغا بېرىلىدىغان ئاشقا-تاشقان تاماقلار
ئازگال مېيى ئىشلەپچىقىرىش نەقمەيدانى
مەنبە:بارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى ..سوخۇش ،شىنلاڭ ..يەرشارى ۋاقىت گىزىتى تورى ..........
[ بۇ يازمىنىilimدە2011-09-15 12:12قايتا تەھرىرلىدى ]