karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 471 قېتىم كۆرۈلدى
tarim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2064
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 160 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 85 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 85 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 101(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 «باشقىچە پىكىر»لەرگە كەڭ قورساق بولايلى

«باشقىچە پىكىر»لەرگە كەڭ قورساق بولايلى
 

ئىدىيە-نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ قىممىتى رىقابەت ئارقىلىق نامايان بولىدۇ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق سىناقتىن ئۆتىدۇ. «سىزنىڭ پىكرىڭىزگە قوشۇلمايمەن، لېكىن سىزنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىڭىزنى جان تىكىپ قوغدايمەن»، كۆكسى-قارنى كەڭ بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش دېگەن مانا مۇنداق بولىدۇ. قالپاق كىيدۈرۈش، كوكۇلىسىنى تۇتۇۋېلىش، باشقىچە پىكىر قىلغاننى دۈشمەن دەپ بىلىش، ماھىيەتتە كالتە پەملىك ۋە زەئىپلىكتۇر. بۇنداق قىلىشنىڭ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشقا، ساغلام پسىخىك ھالەت يېتىلدۈرۈشكە پايدىسى تەگمەيدۇ.

 

ئوخشاش بىر مالنى سېتىۋېلىشتا، بەزىلەر ساتقۇچىنىڭ دېگىنىگە سېتىۋالسا، بەزىلەر بەك قىممەتكەن دەپ قاقشايدۇ. ئوخشاش بىر دېلوغا نىسبەتەن، بەزىلەر ھەققانىي ھۆكۈم چىقىرىلىشىغا ئالدىرىسا، بەزىلەر تەرتىپ جەھەتتىكى نوقساننى ئىزدەيدۇ. ئوخشاش بىر ئىسلاھات تەدبىرىنى بەزىلەر قوش قوللاپ قۇۋەتلىسە، بەزىلەر شۈبھىلىنىدۇ. ھازىرقى جۇڭگو جەمئىيىتى ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت كۆپ مەنبەلىك، كۆپ خىللاشقان، ئۆزگۈرۈشچان دەۋردە تۇرماقتا.

 

 شۈبھىسىزكى، بۇ بىر تارىخىي ئۆزگۈرۈشتۇر. بىرلا خىل سادا بولۇشتىن بارچە گۈللەرنىڭ تەكشى ئېچىلىشى، ھەممە بىردەك شاتۇتلارچە سايراشتىن ھەر خىل پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىدىيەدە زور دەرىجىدە ئازاد بولغانلىقنى، جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرلەش نىشانىنى نامايان قىلىدۇ. ئىسلاھات چوڭقۇرلاشقان ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ھەرقايسى تەرەپنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە رىقابەت-ئېلىشىش نەتىجىسىدە، ئوخشاش بولمىغان تەلەپلەرنىڭ پەيدا بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. ئېچىۋېتىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە يەرشارىلىشىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىيلىق، چەتئەل ۋە ئۆزلۈك، ئوخشاش بولمىغان قىممەت قاراشلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇقەررەر ھالدا توقۇنۇش-تىركىشىش بولىدۇ.

 

ئىپادىلەش كۆپ مەنبەلەشكەندە، «باشقىچە پىكىر»لەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ساقلىنىش تەس. بەزىدە ھەتتا ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەستەكمۇ تۇيىلىدۇ. سوغوققانلىق ۋە تەمكىنلىك بىلەن مۇنازىرە قىلغان، قۇلاققا ياقمايدىغان گەپلەرنىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلىغانلارغا ھەۋىسىمىز كېلىدۇ. ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە شۇنىمۇ كۆردۇقكى، بەزىلەر باشقىچە پىكىرلەرنى قوبۇل قىلالماي، بىر-بىرىنى تىللاشقا، شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىشقا چۈشۈپ كەتتى، ھە دېگەندە قالپاق كىيدۈرۈشكە، ھېسسىياتىنى ھەقىقەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىكە  ئۇرۇندى. بەزىلەر تەنقىت-تەكلىپلەرنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، تۆھمەت قىلىشقا، ئەدىبىنى بېرىشكە ئۆتتى، ھەتتا ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ، باشقىچە سادا چىقارغانلارنى باستى.

 

لۇشۇن ئەپەندى: تىللاش ۋە تەھدىت سېلىش جەڭ ھىسابلانمايدۇ، دېگەن ئىكەن. ئىدىيە-نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ قىممىتى رىقابەت ئارقىلىق نامايان بولىدۇ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق سىناقتىن ئۆتىدۇ. «سىزنىڭ پىكرىڭىزگە قوشۇلمايمەن، لېكىن سىزنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىڭىزنى جان تىكىپ قوغدايمەن»، كۆكسى-قارنى كەڭ بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش دېگەن مانا مۇنداق بولىدۇ. قالپاق كىيدۈرۈش، كوكۇلىسىنى تۇتۇۋېلىش، باشقىچە پىكىر قىلغاننى دۈشمەن دەپ بىلىش، ماھىيەتتە كالتە پەملىك ۋە زەئىپلىكتۇر. بۇنداق قىلىشنىڭ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشقا، ساغلام پسىخىك ھالەت يېتىلدۈرۈشكە پايدىسى تەگمەيدۇ.

 

«باشقىچە پىكىر»لەرگە كەڭ قورساق بولۇپ، سۆزلىشىش ئارقىلىق ماشلاشتۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق زىددىيەتنى پەسەيتكەندىلا، ئەڭ زور دەرىجىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالايمىز، ئىدىيە-نۇقتىئئىنەزىرىمىز توغرىلىنىدۇ. ئاۋام-پۇقرالاردىن كۆرە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ھۆكۈمدارلار تېخىمۇ بەك كەڭ قورساق بولمىقى دەركاردۇر. ئاۋام-پۇقرا كەڭ قورساق بولمىسا، گەپ-سۆزدە زوراۋان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، ھۆكۈمدارلار كەڭ قورساق بولمىسا، ھەقىقىي زىيان-زەخمەت پەيدا قىلالايدۇ. مەسىلەن: پېڭشۇيدىكى نەزمە دېلوسى، لىڭباۋدىكى يازما دېلوسىغا ئوخشاش. (تەرجىماندىن ئىزاھات: پېڭشۇيدىكى نەزمە دېلوسى 2006-يىلى چوڭچىڭ شەھىرىنىڭ پېڭشۇي ناھىيىسىدە يۈزبەرگەن. چىن جوڭفېي ئىسىملىك بىر دۆلەت مەمۇرى زامان ئىللەتلىرىنى قامچىلايدىغان بىر پارچە نەزمە يېزىپ، يانفۇن قىسقا ئۇچۇرى شەكلىدە تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنىپ، كېيىن گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن. لىڭباۋدىكى يازما دېلوسى2009-يىلى خېنەننىڭ لىڭباۋ شەھىرىدە يۈز بەرگەن. ۋاڭ شۇەي ئىسىملىك بىر تورداش يۇرتىدىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ دېھقانلارنىڭ يېرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئېلىۋالغانلىق ئەھۋالىنى يېزىپ توردا يازما يوللىغانلىقى سەۋەبىدىن قاماققا ئېلىنىپ، كېيىن گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن. بۇ ئىككى دېلونى بەزىلەر پۇقرانڭ سۆز قىلىش ئەركىنلىكىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسى دەپ قاراشقان.) ئاۋام-پۇقرانىڭ كەڭ قورساق بولۇشى ئۇنىڭ ساپاسىغا باغلىق بولسا،  ھۆكۈمدارلارنىڭ كەڭ قورساق بولۇشى ئالىيجانابلىق بولۇپلا قالماستىن، ئەل ئۈچۈن ھاكىمىيەت تۇتۇشنىڭ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنىڭ تەلىپىدۇر.

 

«خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلارمىز. كەمچىلىك-نوقسانىمىزنى كۆرسىتىپ تەنقىت قىلىشىدىن ئەندىشىمىز يوق». تەنقىت توغرا بولىشىمۇ، خاتا بولۇشىمۇ مۇمكىن، چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن پىكىرلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ياخشى نىيەتتە بولغان بولسىلا، قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلمىغان بولسىلا، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان سالمىغان بولسىلا، چوقۇم كەڭ قورساق بولماق زۆرۈردۇر. سوبيېكتىپ قىياسى بويىچە «قارشى مۇقام توۋلىدى» دەۋېلىشقا بولمايدۇ. بىلىش كېرەككى، كۆپ مەنبەلەشكەن بىر جەمئىيەتتە ئوخشاش بولمىغان سادا ۋە پىكىرلەرگە ھۆرمەت قىلىش ھەم ئاۋامنىڭ سۆز ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلغانلىق ھەم جەمئىيەتتىكى تەشۋىشلەرنى ئازايتىش، زىددىيەت-توقۇنۇشنى پەسەيتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ھىسابلىنىدۇ.

 

دانالار ئەلنى گۈللەندۈرۈشتە كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىدۇ. ئوخشاش بولمىغا سادا ۋە قارشى پىكىرلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم بايلىق ھېسابلىنىدۇ. تەدبىر بەلگىلەشتە ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئاڭلاش زۆرۈر. ئوخشاش بولمىغان سادالارنىڭ چىقىشىغا يول قويغاندىلا، ھەر تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، توغرا ھۆكۈم چىقارغىلى، توغرا تەدبىر بەلگىلىگىلى بولىدۇ. ماۋزېدوڭ: «خەقنى گەپ قىلغىنى قويغانغا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ» دېگەن بولسا، دېڭ شياپىڭ: «بەس-بەستە سۆزلەش قورقۇنچلىق ئەمەس، قورقۇنچلىقى سۈكۈتتە تۇرىۋېلىشتۇر»، دېگەن. مەركەز رەھبەرلىرىمۇ «خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنى تەنقىت ۋە نازارەت قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك» دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىگەن.

 

گۈللىنىشنىڭ سىرى كۆپ مەنبەلىشىشتە. بىر جەمئىيەت تەرەققىي قىلغانسىرى، كۆپلىگەن خاسلىقنىڭ ئىپادىلىنىشىگە شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ھەرخىل پىكىرلەرنى بېرىكتۈرۈپ ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان سادالارغا كەڭ قورساق بولۇپ، پەرقنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا ئوخشاشلىقنى ئىزدىگەندە، جەمئىيەتتىكى قۇمدەك چېچىلاڭغۇلۇق تۈگەپ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇش ۋە توقۇنۇش جەريانىدا تېخىمۇ ئۇيۇشۇش ۋە يۈكسىلىش بولىدۇ.

 

(بۇ ماقالە «خەلق گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 28- ئاپرېلدىكى سانىغا بېسىلغان.

نوشىرۋان تەرجىمە قىلدى)

تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-20, 12:18
ئەلبەھرە تورى  www.elbehre.com
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-19 21:38 |
ilim
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 419
شۆھرەت: 2819 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2845 سوم
تۆھپە: 1559 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1584 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 666(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قۇرۇق گەپ دەپ قارايتتۇق ئىلگىرى .ھازىر ئامالسىز مەجبورى مېڭىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز .
ئەگەر ماڭمىغىنىمىزدا قولۋاققا سۇ كىرىپ كېتىشى ئېغىر بولغاندا ئۆرۈلىپ كېتىشى مۇمكىن
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-20 12:25 |
tugluk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 98
شۆھرەت: 722 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 712 سوم
تۆھپە: 391 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 394 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 129(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىدىيە-نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ قىممىتى رىقابەت ئارقىلىق نامايان بولىدۇ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق سىناقتىن ئۆتىدۇ. «سىزنىڭ پىكرىڭىزگە قوشۇلمايمەن، لېكىن سىزنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىڭىزنى جان تىكىپ قوغدايمەن»، كۆكسى-قارنى كەڭ بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش دېگەن مانا مۇنداق بولىدۇ. قالپاق كىيدۈرۈش، كوكۇلىسىنى تۇتۇۋېلىش، باشقىچە پىكىر قىلغاننى دۈشمەن دەپ بىلىش، ماھىيەتتە كالتە پەملىك ۋە زەئىپلىكتۇر.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-20 14:39 |
ablajan5
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1557
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ببىر ھىلە بولىشى مۈمكىن ئېھتىيات قىلغان تۈزۈك...........................................................................
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-20 17:48 |
ilim
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 419
شۆھرەت: 2819 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2845 سوم
تۆھپە: 1559 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1584 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 666(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راس گەپ قىلىپ ئۆلۈپ كېتىش نىمىدىگەن شەرەپلىك ئۆلۈم ھە ..
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-20 17:58 |
tohotur
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 611
شۆھرەت: 3362 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3362 سوم
تۆھپە: 1979 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1982 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1430(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھازىر شۇنداق بىر دەۋىرگە قەدەم قويدۇقكى باشقىلارنى گەپ قىلدۇرماسلىق  بەك تەس بەك تەس
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-21 13:33 |
edirhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2666
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 66
شۆھرەت: 372 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 372 سوم
تۆھپە: 214 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 217 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    ھەقىقەتەن ئۆتكۈر ئادەملىرى بار بۇ دۆلەت شۇ ئۆتكۈرلۈلىرىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى قانچىلىك قىلغىنىنى بىلگىلى بولغان بولسا...
     مەن بەزى خەنزۇچە گېزىت-ژورنال، تور بېكەتلىرىدە ھەقىقەتەن توغرا نۇقتىنەزەر، توغرا مەيداندا تۇرۇپ ئەتىراپلىق تەھلىل ئارقىلىق روياپقا چىقىرىلغان بىر قىسىم ياخشى ئىلمىي ماقالىلارنى ئۇچىرىتىپ قالىمەن. شۇ ماقالىلەرنىڭ مۇئەللىپلىرى خەلق قۇرۇلتىيى ئەزالىقىغا سايلىنالمىدىمىكىنە؟
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-21 17:07 |
anwarkapak
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 98
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 280
شۆھرەت: 1420 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1440 سوم
تۆھپە: 850 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 850 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 160(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەر  كاللىدا ھەر خىيال،  دىگەن شۇدە .
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-21 19:29 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەرمىلەر