ئاياللار ئەۋرىتى ئېچىلغان كۈنى
دۇنيا بىر سەسكەندى ،دۇنيا بىر توزدى ،
ئىمان ھەرتەرەپكە چېچىلغان كۈنى
ھۆسىن-خۇلق دەپ ھەريان قول سوزدى
ئاياللار ئەۋرىتى ئېچىلغان كۈنى
قەھرىدىن تۇغۇلغان بۇ ياۋۇز دىللار ،
پەقەت مەئسىيەتكە سۇزۇشمىش قوللار
ھەممە گۇناھلارغا ئېچىلدى يوللار
ئاياللار ئەۋرىتى ئېچىلغان كۈنى
ئاللاھقا ھەرقانچە تۆكۈلسۇن كۆز ئەشك ،
ئەرلەرنىڭ قەلبىدىن كۆتۈرۈلدى رەشك
كۇفىر ،شىرىك يۇلىدا باشلاندى كۆرەش ،
ئاياللار ئەۋرىتى ئېچىلغان كۈنى.
قۇشلار پەرۋازىدىن ھالاۋەت قالدى
بېلىقلار ئاۋازسىز پەريادلار سالدى
كۆزىمىز ئىلكىدە غورۇر توختالدى ،
ئاياللار ئەۋرىتى ئېچىلغان كۈنى
سىلكىندى ئاغرىقتىن گۆدەك بۆشۈكى ،
يېپىلدى مېھىرنىڭ سۆيگۈ -تۆشىگى
يېپىلدى ئىماننىڭ سۆيگۈ -ئىشىگى ،
ئاياللار ئەۋرىتى ئېچىلغان كۈنى
بۈگۈن، فىسىق ماڭمايدۇ ئۇندا بار قانات ،
بىھايا پاھىشەگە بېرىلدى ھايات
!مىڭ يىللىق قانۇنغا دەز كەتتى ،ھەيھات
ئاياللار ئەۋرىتى ئېچىلغان كۈنى
باشقا ئەمەللەرنى قىلساقمۇ، تىنماي.
بىراق گۇناھلاردىن قىلچە ئاغرىنماي
ئەڭ يامان فىتنىنڭ ئالدى ئېلىنماي ،
ئاياللار ئەۋرىتى ئېچىلغان كۈنى
ئۆزبېكچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى : فانىي [ بۇ يازمىنىsebirدە2011-09-24 19:57قايتا تەھرىرلىدى ]