بۇ مەزمۇن 16قەۋەتتىكى attilaدە2011-11-23 17:18يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
1926-يىلى سىتالىن بىر پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي قەبىلىلىرىنى بىرقانچە مىللەت گەۋدىسىگە بۆلۈپ، ئۇلارنى ئۇزۇنغا سوزۇلغان مىللىي مەدەنىيەت تالىشىش قاينىمىغا تىقىپ قويدى. نەتىجىدە بۇ كۈرەشتە نوپۇسى نەچچە مىليۇنغا يېتىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستان ئۇيغۇرلىرى يوقۇلۇپ كەتتى. ئاتۇ پاجىئەسىدە 25 مىڭ ئۇيغۇر قىرغىن قىلىنسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق قېرىنداشلىرى ياكى ئىگىسى چىقمىدى.
كېيىن بەزى تارىخچىلار قارىسىغىلا ئۇيغۇر تارىخىي رىۋايەتلىرىدىكى ئاياللىق ئوبىراز ئۇماينى غەرىبىي جۇ خانى جۇمۇۋاڭغا زورلاپ «خوتۇنلۇق» قا تۇتۇپ بەردى.
ئاندىن ئۇيغۇرنىڭ ئانا ماكانىنى زورلاپ تارايتىپ، موڭغۇليىگە قىستاپ ئاپىرىپ، تارىم-جۇڭغار-تەڭرى تاغ ۋادىسىدا ياشىغانلىقىمىزنى ئىنكار قىلدى ھەمدە موڭغۇليىدىكى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنى ۋە غەربتىكى ماكانىنى پانا تارتىپ كەلگەنلىكىنى باشقىلارنىڭ يۇرتىغا كۆچكەنگە چىقاردى.
نەچچە ئەسىرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلىغا ھاقارەت قىلىپ، تارىخىي پاكىتلارنىڭ ئەكسىچە، پۈتۈنسۈرۈك بىر مىللەتنىڭ ياراتقان تىل ۋە مەدەنىيىتىنى بىر شەخسنىڭ نامىغا تاشلاپ بېرىپ، نومۇسسىزلارچە «چاغاتاي تىلى» ۋە «چاغاتاي مەدەانىيىتى» دەپ ئاتىدى.
ئەمدى بۇ گەپ چىقىپتۇ. بىز يەنە بىر مەزگىل مۇشۇ يالغان-ياۋىداقلار بىلەن قايمۇقۇپ، پىكىرىمىزنى بىھۇدە چېچىپ يۈرسەك، ئالدىمىزدىكى نىشان-مەنزىللىرىمىزنى قايسى ۋاقىتتا ئىشقا ئاشۇرالايمىز؟!
.......