ئۇۋۇلۇپ كەتمىگىن گۇناھ تۈگمەنلىرىدە
پۈتۈن خەلىقنڭ دەردى ئالدىدا،
شەخسى دەردىڭنى دەرت دەمسەن.
ئاۋامنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلار،
بىر يۇتۇم پىۋا ئىچىدۇ دەمسەن.
ئۇۋۇلۇپ كەتمىگىن گۈناھ تۈگمەنلىرىدە.
ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈردۈم دەمسەن،
ھۇزۇر دەپ بىلىپ شۇنى چىكەمسەن.
ئادىميلىك بابىدا ئېغىر پەسكەشلىك،
ھاياتنى دەپسەندە قىلغانلىق شۇنى بىلەمسەن.
ئۇۋۇلۇپ كەتمىگىن گۈناھ تۈگمەنلىرىدە.
يۇرت خەلقىڭ ئالدىدا <ھو> دىمىگىن،
ياش قەلبىڭنى ئىسپىرىتتا كۆيدۈرمىگىن.
خوش كەتتى دىگەن ئاشۇ دەقىقىدە،
قېنى سېنىڭ يىگىتتەك مەردانىلىقىڭ.
ئۇۋۇلۇپ كەتمىگىن گۈناھ تۈگمەنلىرىدە.
قاپلاپ كەتمىسۇن يۈرەكلەرنى كىر،
شەيتان قاقاقلاپ كۈلمىسۇن ئېغىر.
تىكەنگە ۋايجانلىغان ئاجىز تەنلىرىڭ،
گىگانىت دوزاختا تىتىرمىگەي دىر-دىر.
ئۇۋۇلۇپ كەتمىگىن گۈناھ تۈگمەنلىرىدە.
مەنبە...... قەلبىم.