ئايال مەخمۇت ئېلى
چىن گۈزەللىك بېرىپ ئالەمگە،
مېھرى بىلەن مۇھەببەت تاراتقان.
تولغىقىدا، كۆز ياشلىرىدا،
ئاق سۈتىدە بىزنى ياراتقان.
ئۇ كىم؟
ئايالدۇر-ئايال.
تۈن نىسبىدە بۆشۈك تەۋرىتىپ،
«ئەللەي» ئېيتىپ تاڭنى ئاتقۇزغان.
داق يەرلەردە ئۆزلىرى يېتىپ،
كۆرپىسىدە بىزنى ياتقۇزغان.
ئۇ كىم؟
ئايالدۇر-ئايال.
زاغرا چايناپ سوغوق سۇ بىلەن،
قۇيرۇق ماينى بىزگە يېگۈزگەن.
چاڭقىسىمۇ توموز ئىسسىقتا،
قايماق چاينى بىزگە ئىچكۈزگەن.
ئۇ كىم؟
ئايالدۇر-ئايال.
مامۇق پەينى بىزگە كىيگۈزۈپ،
قىش-سوغوقتا دىر-دىر تىترىگەن.
«توڭلىمىسۇن ئوماق قوزام» دەپ،
ئىسسىق يەرگە بىزنى ئىتتىرگەن.
ئۇ كىم؟
ئايالدۇر-ئايال.
«چوڭ بولغاندا ئالىم بولسۇن» دەپ،
«ئا، ب، س»نى بىزگە ئۆگەتكەن.
تەقدىر، ئىقبال، بەختىمىز ئۈچۈن،
ياشلىقىنى تامام تۆگەتكەن.
ئۇ كىم؟
ئايالدۇر-ئايال.
بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرىتىپ،
بالىلارنى قاتارغا قوشقان.
بىر قولىدا تەۋرىتىپ دۇنيا،
مەرىپەتنىڭ نۇرىنى ياققان.
ئۇ كىم؟
ئايالدۇر-ئايال.
قاۋاقلاردا، قاتار چايلاردا،
شاراپ ئىچىپ ئويناپ يۈرگەنلەر.
چاقماق چاپان، تار يوپكا ئۈچۈن،
ھارام يولدا دەۋران سۈرگەنلەر.
كۈلۈڭلاردا ياتسا بالىلار،
بەڭ چېكىشىپ يايراپ يۈرگەنلەر.
«كىتاب» دېسە يۈرەك پارىسى،
قار ياغدۇرۇپ قاپاق تۈرگەنلەر.
غەيۋەت قىلىپ پىتنە تېرىشتا،
دوكتۇرلۇققا بېرىپ يەتكەنلەر.
ھايۋان كەبى تۇغۇشنى بىلىپ،
تەربىيىنى تەرك ئەتكەنلەر.
«ئانا» دېگەن بۇ ئۇلۇغ نامدىن،
بارغانسېرى يىراق كەتكەنلەر.
ئۇ كىم؟
ئۇ يەنىلا ئايالدۇر-ئايال.
تارالغاچقا ئايالدىن مۇھەببەت،
چىن گۈزەللىك، ۋاپا، دىيانەت.
«ئانا» دېگەن بۈيۈك نام بىلەن،
ياغدۇرۇلدى ئاڭا سائادەت.
بىراق ئانا دېگەن شەرەپكە،
كىملەر يەتتى، كىملەر ھەم يىراق؟
ھايۋانلارمۇ تۇغۇدۇ بىزدەك،
پەرىق نەدە؟ ئويلايلى تېزرەك! مەنبە:ئۆز ئىجادىيىتىم
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-09-30 19:58قايتا تەھرىرلىدى ]