بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى rabbaniدە2011-10-05 16:21يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
جانابى نىمىشقا ئەپەندىم .مەقسىتىڭىز پىتنە چىقىرىش ياكى ئىسلامنى مەسخىرە قىلىشلا بولمىسا ،كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاب بىرىشنى باشلىدىم.ئالدى بىلەن سىز يۈرەكلىك بىلەن خاتا دەپ ھۆكۈم چىقارغان كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش مەسلىسىدە توختىلاي:
« ئىسلام، ئەر كىشىنى كۆپ خۇتۇنلۇق بولۇش، ھەتتا تۆتكە قەدەر ئايالغا ئۆيلىنىشكە تەشەببۇس قىلىدۇ»، دېگەن سەپسەتىگە قىسقىچە رەددىيە
كۆپ خۇتۇنلۇقنى مۇباھ قىلغان، ۋە بۇ ئىشنى يولغا قويغان ئەۋۋەلقى دىن، ئىسلام دىنى بولماستىن بەلكى، ئائىلە ئىشلىرىنى نىزامغا سالدى ۋە كۆپ خۇتۇنلۇق بولۇشقا ناھايىتى چىڭ شەرتلەرنى بىكىتتى.[1] ئىسلامدىن ئىلگىرىكى كۆپلىگەن دىن ۋە مىللەتلەر ھېچبىر چەكلىمىگە باغلانماستىن نۇرغۇنلىغان ھەتتا ئونلىغان ۋە يۈزلىگەن ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشكە رۇخسەت قىلاتتى، ئىسلام كىلىپ كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمىگە چەكلىمە ۋە شەرت قويدى. ئىسلام قويغان چەكلىمە بولسا: بىر كىشى نىكاھىغا ئالغان ئاياللارنىڭ ئەڭ يوقىرى سانى تۆتتىن ئاشماسلىقتۇر.
.......