جاھالەتنى چەيلىسەم دەيمەن!
قەبىھلىك ۋە مۇشتۇم زورلۇقنى،
رەھىمدىللىكتىن ئەلا بىلگەننى.
كىچىككىنە ئاچچىق نەپرەتنى،
مۇھەببەتتىن ئەلا بىلگەننى.
ئۇنتۇپ مەنمۇ رەھىم شەپقەتنى،
رەھىمسىزنى چەيلىسەم دەيمەن.
ئادالەت ۋە ھەقىقەتتىن،
جاھالەتنى ئۈستۈن بىلگەننى.
مىھرى-ۋاپا ساداقەتتىن،
يۈزسىزلىكنى ئەقىل بىلگەننى.
قىلماي مەنمۇ ئۇنىڭ يۈزىنى،
جاھالەتنى چەيلىسەم دەيمەن
كىچىك پىئېل كەمتەرلىكتىن،
ھاكاۋۇرلۇقنى ئىسىل بىلگەننى.
سەمىمىيەت ،راسچىللىقتىن،
يالغانچىلىقنى دانا دىگەننى،
ئۇنتۇپ مەنمۇ رەھىم شەپقەتنى،
جاھالەتنى چەيلىسەم دەيمەن.
شۇنچە يەپمۇ تويماي نەپسىگە،
ئاجىز قولدىن ناننى تارىتقاننى.
كەڭ ياشاپمۇ تويماي زىمىنغا،
تاجاۋۇز قىلىپ قانلار كەچكەننى.
ئاياق ئاستىمدا ئىزىپ دەششەت،
جاھالەتنى چەيلىسەم دەيمەن.
پۈتۈن سۈرەت ئەركەك تۇرۇپ،
ئايالىغا قىلسا رەھىمسىز زۇلۇم.
يىتىم قالمىسۇن بالام دەپ تۇرۇپ،
تايىقىغائىلاجىسىز چىدايدۇ مەزلۇم.
ئۇنتۇپ مەنمۇ رەھىم شەپقەتنى،
جاھالەتنى قاتتىق چەيلىسەم دەيمەن.
مەنبە : ئۇيغۇر. يولۋىسى