karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 192 قېتىم كۆرۈلدى
attila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 40
شۆھرەت: 300 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 381 سوم
تۆھپە: 164 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 164 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئەرلەر  (مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا)

خەنجەر ئېلىپ قولىغا يۇرىتىنى قوغدىغان،
تاغۇ-تاشنى تىترىتىپ ئۈنلۈك شوئار توۋلىغان.
كەلسە بېسىپ مەھەللىگە قىشتا ئوزۇق تاپالماي،
ئېيىق، يولۋاس، تۈلكە ھەم چىل بۆرىنى قوغلىغان.
ئۇ كىم؟
ئەرلەردۇر-ئەرلەر!

تۈگۈپ بەلگە تالقاننى، ئېلىپ قولغا كەتمەننى،
ئېرىق چېپىپ، بوز ئېچىپ يەر قوينىنى تاۋلىغان.
ئۇرۇق چېچىپ ئېتىزغا، قۇناق تېرىپ ئېڭىزغا،
ئېلىپ ھوسۇل ئاشلىقتىن قىيامەتنى قوغلىغان.
ئۇ كىم؟
ئەرلەردۇر-ئەرلەر!

تۆگە مىنىپ، ئات مىنىپ توختىماستىن ئەل كېزىپ،
سودا بىلەن پۇل تېپېپ نامراتلىقنى تاشلىغان.
تۈگمەن قۇرۇپ ئۇن تارتىپ، جۇۋاز بىلەن ياغ تارتىپ،
زاۋۇت قۇرۇپ يۇرتىغا كۆن-خۇرۇمنى ئاشلىغان.
ئۇ كىم؟
ئەرلەردۇر-ئەرلەر!

چىقىپ يولغا ئۆيىدىن، كېچىپ كالا-قويىدىن،
كۆرۈپ شىركەت-كارخانا باشلىرىنى قاشلىغان.
قالسا خەلقى ساۋاتسىز، مەكتەپلىرى ئاۋاتسىز،
يۈرەكلىرى ئېچىشىپ كۆزلىرىنى ياشلىغان.
ئۇ كىم؟
ئەرلەردۇر-ئەرلەر!

غەرق بولماي ئۇيقىغا، مەكتەپ ئېچىپ يۇرتىغا،
«كاپىر»، «جەدىت» دېسىمۇ قايتماي ئارتقا ئوقۇغان.
كىتابلارغا بۆلۈنۈپ، ئىلىم-ئىرپان ئۆگۈنۈپ،
پەن-بىلىمدىن خەلقىگە گۈل دەستىلەر توقۇغان.
ئۇ كىم؟
ئەرلەردۇر-ئەرلەر!

كۆرسە نەدە ئىشاننى، ھەمدە روھىي كىشەننى،
دەسسەپ چېقىپ، پاچاقلاپ، جاھالەتكە مۇشت ئاتقان.
يۈرىكىنى چوغ قىلىپ، ئەركىنلىكنى تۇغ قىلىپ،
كىرىپ جەڭگە-جەڭگاھقا ئەرك ئۈچۈن ئۈن قاتقان.
ئۇ كىم؟
ئەرلەردۇر-ئەرلەر!

ئوشۇق ئويناپ بۇلۇڭدا، نەشە چېكىپ كۇلۇڭدا،
ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ، تەتۈر دەسسەپ يۈرگەنلەر.
خوتۇن ئېلىپ توختىماي، ئۆيدە تۈزۈك ئۇخلىماي،
ھەر بىر ئىشى نەس بولۇپ، شوپاڭ قوغلاپ يۈرگەنلەر.
ئۆزى تۈزۈك ئوقۇماي، ئىلىم-ھېكىمەت توقۇماي،
«كىتاب» دېسە بالىسى قاپىقىنى تۈرگەنلەر.
ئورا كولاپ چوڭىغا، پىششىقى ھەپ توڭىغا،
يامانلىقنى مىزان قىپ يايراپ دەۋران سۈرگەنلەر.
داڭلاپ، ماختاپ ياماننى، دان كۆرسىتىپ ساماننى،
چۈشسە قەۋمى قىلتاققا، ئۇندىن پايدا كۆرگەنلەر.
جاھاندا مەن «نوچى» دەپ، باشقىسىنى «پوچى» دەپ،
كەلسە يېغى يۇرتىغا ئاڭا بويۇن ئەگكەنلەر.
ياخشى ئىشنى سېسىتىپ، قالدۇقىنى ئېچىتىپ،
كەلسە ئەگەر يامانلىق قۇچىقىنى كەرگەنلەر.
قۇيۇن كەبى پىرقىراپ، دىۋە ئوخشاش چىرقىراپ،
توسسا كىمكى ياماندىن، ئەدىپىنى بەرگەنلەر.
بىرنى باشلاپ قاۋاققا، بىرلىرىنى قىلتاققا،
قىزلىرىنى ئازدۇرۇپ ئالتۇن-يامبۇ تەرگەنلەر.
ئادالەتنى ئۆلتۈرۈپ، دۈشمەنلەرنى كۈلدۈرۈپ،
قىيامەتنى-ئاپەتنى باشلاپ ئېلىپ كەلگەنلەر.
ئۇ كىم؟
ئۇلارمۇ يەنە ئەرلەردۇر-ئەرلەر!

مەنبە: ئىجادىيىتىم
تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-03, 03:01
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئىجادىيىتىڭ ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-02 17:21 |
    attila
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3477
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 40
    شۆھرەت: 300 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 381 سوم
    تۆھپە: 164 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 164 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ شېئېر شېئېر بولمىغانمىدۇ؟ ھېچقانداق ئىنكاس يوق.
    西部医院
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 14:19 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » شېئىر - نەسىرلەر