karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 317 قېتىم كۆرۈلدى
attila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 39
شۆھرەت: 295 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 366 سوم
تۆھپە: 161 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 161 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئاشىقلار بايرىمىدىكى ھەسىرەتلىك خىياللار (مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا   ئونسۇ)

ئاشىقلار بايرىمىدىكى ھەسىرەتلىك خىياللار
 
(مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا   ئونسۇ)
 

ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ھېيت-بايرام، مەركىلىرى بولىدۇ. ئۇ شۇ مىللەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى جەريانىدا تەدرىجى شەكىللىنىپ، شەكىل، مەزمۇن ۋە كەڭلىك جەھەتتىن بېيىپ بارىدۇ ھەم شۇ مىللەتنىڭ شات-خوراملىقى بىلەن قايغۇسىنى، قان-ياشلىق تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولىدۇ. ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ تەقدىرى ۋە ھايات مۇساپىسى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ياكى شۇ مىللەتنىڭ تارىخى، ئىجتىمائى، سىياسى ۋە يوسۇن-ئادەتلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن بىرەر تارىخىي، ئىجتىمائىي، دىنىي ياكى سىياسىي ۋەقەلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپراقلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىسى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز تارىخىدا تۈرلۈك تارىخىي، ئىجتىمائىي، دىنىي ۋە سىياسىي ئۆزگۈرىشلەر ئېتىبارى بىلەن ئۆزىگە خاس بولغان ياكى رايون ئورتاقلىقىغا ئىگە بىرقىسىم ھېيت-بايرام، مەرىكىلەرنى ياراتقان ياكى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنى ئۆزىگە خاس ئېدىلوگىيە بىلەن يۇغۇرۇپ، ئۇيغۇرلاشتۇرۇپ، شاتلىقىنى ياكى قايغۇسىنى ئىپادىلەپ كەلگەن.

ئۇيغۇرلانىڭ تارىخىن بۇيان يارىتىپ ياكى قوبۇل قىلىپ، ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ھېيت-بايرام، مەرىكلىرىدىن ئەنئەنىۋىي تۈس ئالغان نەۋرۇز بايرىمى، ھوسۇل بايرىمى، دىنىي تۈس ئالغان قۇربان ھېيت، رۇزى ھېيت، مەۋلۇت، رامىزان، ئىجتىمائىي تۈس ئالغان يېڭى يىل بايرىم، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، ئاياللار بايرىمى، سىياسىي تۈس ئالغان دۆلەت بايرىمى قاتارلىقلار بار.

خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي بولغان ياكى تۈرلۈك سەۋەبلەر ئېتىبارى بىلەن قوبۇل قىلغان يۇقارقىدەك بىرقاتار ھېيت-بايرام، مەرىكىلىرى ئۇزاق تارىختىن بۇيان خەلقىمىزگە ھەمراھ بولۇپ، بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنىڭ شاتلىقى ۋە غەم-قايغۇسىغا ئورتاقلىشىپ كەلسە يەنە بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى، ئەنئەنىسىنى، تۇرمۇش ئۇسۇلۇنى ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىنى بېيىتىپ ھەم رەڭدارلاشتۇرۇپ كەلدى. ئومومەن قىلغاندا، يۇقارقى بىرقاتا ھېيت-بايرام، مەرىكىلەرنىڭ خەلقىمىزنىڭ مەدەنىي ھايتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئىجابىي جەھەتتىن گەۋدىلىك بولدى.

بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىرىت بىلەن بولغان تۈرلۈك ئالاقىلارنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىشى ۋە ئالماشتۇرۇشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خەلقىمىز ئىچىگە كىرىپ كەلگەن بىر قىسم يېڭى بايرام-مەرىكىلەر خەلقىمىز ئىچىدىكى بىر تۈركۈم ئەقلى زەئىپ، ۋۇجۇدى ئەيشى-ئىشىرەت، ھوزۇر-ھالاۋەت سۈيى بىلەن يۇغۇرۇلغان، قەلبىنى جاھالەت تۇمانلىرى توسىۋالغان كىشىلىرىمىز تەرىپىدىن بىنورمال رەۋىشتە قوبۇل قىلىنىپ، خەلقىمىز ئىچىگە تارقالغان يۇقىرىقىدەك بىرقاتار ھېيت-بايرام، مەرىكىلەرنىڭ ئىجابىي رولىنىڭ ئەكسىچە غايەت زور دەرىجىدە سەلبىي كەيپىيات ۋە شالغۇت مەدەنىيەت تەسىرلىرىنى، ئېغىر بولغان ئەخلاقىي بۇزۇلۇشلارنى ئېلىپ كەلدى.  90-يىللاردىن باشلاپ قوبۇل قىلىنىپ، 2000-يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتلىشىپ ئومومىيلاشقان روژدوستىۋو بايرىمى ۋە ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى شۇ جۈملىدىندۇر.

روژدوستىۋو بايرىمى خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي يېڭى يىل بايرىمى بولغان نەۋرۇز بايرىمىنىڭ ئۈستىگە، خەنزۇلارنڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىل بايرىمى بولغان چاغان بايرىمىدىن كېيىن كىرىپ كەلگەن، خىرىستىيان مەدەنىيەت چەمبىرىكىنىڭ ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بەلگە قىلغان ئەنئەنىۋىي يېڭى يىل بايرىمى بولغان مىلادىيە يېڭى يىل بايرىمىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تولوقلىمسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان يېڭى بىر ھادىسىدۇر.

روژدوستىۋو بايرىمى خەلقىمىزگە نىسبەتەن يېڭى شەيئى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياشلار، بولۇپمۇ ئەنئەنە قارىشىنىڭ تايىنى يوق بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن ناھايتى تېز سۈرئەتتە قوبۇل قىلىنىپ، ئومومىلاشتى ھەم ئۇنىڭ بەزىبىر ماددىي ۋە مەنىۋىي بەلگىلىرى ياشلىرىمىز ئارىسىدا مەبۇدقا ئايلىنىپ، زور ئىخلاس بىلەن تەنتەنە قىلىش ۋە قەدىرلەش ئوبيېكتىغا ئايلاندى. جۈملىدىن، نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېشى 50-60- لەرگە بېرىپ قالغان ئاتا-ئانىسى مىڭ ئۆلۈپ-مىڭ تىرىلىپ، بىر تۈپ كېۋەزنىڭ تۈۋىدە نەچچە مىڭ قېتىملاپ ئۆمىلەپ، كۈچ-مادارىنى ۋە ماڭلاي تېرىنى سەرپ قىلىپ تاپقان پۇلىنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن بۇلاپ-تالاپ، نەچچە مىڭ يۈەن يىغىش قىلپ روژدوستىۋو بوۋاي ۋە روژدوستىۋو ئارچىسى سېتىۋېلپ، ئۇنى تۈرلۈك رەڭ-بۇياقلار ۋە قىممەت باھالىق رەڭدار چىراقلار بىلەن بېزەپ چىقتى ھەم بىلىم ئېلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىشتىن ئاياپ كەلگەن قىممەتلىك كېچىلىرىنى ئاشۇ مەبۇدلىرىغا تەلمۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، كېچىنى تاڭغا ئۇلاپ چىقتى.

 ئۇ ئاز كەلگەندەك مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا زىيالىلىرىمىز ئىچىدىكى بىر قىسىم ئەقلى تۇنجۇققان كىشىلىرىمىز تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاشىقلار بايرىمى، 14-15 ياشلاردىكى ياش-ئۆسمۈرلەرىن تارتىپ 50-60 ياشلاردىكى قېرى بوۋايلارغىچە ئومومىيلىشىپ، ناھايتى تېز سۈرئەتتە جەمىئىيەتلىشىش ھالىتىگە بېرىپ يەتتى ھەم ئۇ پەيدا قىلغان تۈرلۈك ئىجتىمائىي، ئىدىيىۋىي ۋە ئەخلاقىي ئىللەتلەر ئادەمنڭ ئەقلىنى گاڭگىرىتىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى.

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى غەرب مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ مەسىئۇلى بولۇپ، ئۇ غەربچە مۇھەببەت قارىشى ۋە غەربچە مۇھەببەت ئەخلاقى چۈشەنىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن، غەرب ئەخلاق ئەنئەنىسى بىلەن تويۇنغان، ھېسسىياتنى ئەقلىيلىك ۋە ئەخلاقىيلىق ئۈستىگە دەسسەتكەن، ئەقلىيلىكىدىن رومانتىكىلىق ۋە خىيالىيىلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان، خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك مىللىي ۋە دىنىي چۈشەنچىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئەنئەنىۋىي ئەخلاق ئادىتى بىلەن سىغىشالمايدىغان غەيرى مەدەنىيەت ھادىسىسىدىن ئىبارەت.

 مۇھەببەت ۋە ئۇنىڭ ئاساسى بولغان ئاشىقلىق ئىنسانىيەت پەيدا بولۇشى بىلەن تەڭ پەيدا بولغان ۋە شۇنىڭدىن بۇيان ئىنسانلارغا ئىزچل ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسىمى، روھى ھەم نەسىللىنىش جەريانىغا سىڭىپ كەتكەن، بارلىق مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان، قۇرامىغا يەتكەن ھەرقانداق بىر ئەر ياكى ئايال بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك بولغان ئەڭ ئالىي نېمەت ھەم مەڭگۈلۈك ھەقىقەت، شۇنداقلا، ھەرقانداق كۈچ تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئورتاق ئېتىراپ قىلغان ئەڭ ئالىي ھوقۇق. ئۇ قەلب گۈزەللىكى ئارقىلق چاقناپ، يات جىنىستىكىلەرنىڭ ھېسسىيات تارىنى چەكسە، سېھرىيلىكى ئارقىلىق مۇھەببەتنى چەكسىز گۈزەللىككە ۋە سېھرىي كۈچكە، ئوتتەك قىزغىنلىقى ئارقىلىق يۈكسەك كۈچ-قۇدىرەتكە ئىگە قىلىدۇ.

بىراق مۇھەببەت ھەرقانچە ئۇلۇغ، ھەرقانچە سېھرىي كۈچكە، يۈكسەك كۈچ-قۇدىرەتكە ئىگە بولسۇن، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مۇھەببەت چۈشەنچىسى ۋە مۇھەببەتلىشىش ھەرىكەت شەكلى بولىدۇ ھەم ئۇ شۇ مىللەتنىڭ مىللىي ئەخلاقى، ئېتىقادى، ئۆرۈپ ئادىتى، تۇرمۇش قارىشى ۋە ياشاش مەنتىقىسى، مىللىي ئىززەت نەپسى، ئىدىيىۋى ئاڭ چۈشەنچىسى...قاتارلىقلار بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.

بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا بىر مىللەتكە توغرا بولغان مۇھەببەت چۈشەنچىسى ۋە ئۇ ئاساستا شەكىللەنگەن مۇھەببەت ھەرىكەت شەكلى ھەرقانداق مىللەت ئۈچۈن توغرا بولۇشى، ھەرقانداق مىللەتكە ماس كېلىشى ناتايىن.

شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ قىممەت قارىشىدا توغرا دەپ قارالغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك ئەخلاقىي مەدەنىيەت ئامىلى ۋە مىللىي ئېتىقادى بىلەن چەمبەرچاس يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدىن ئىبارەت بۇ ئەخلەت مەدەنىيەتنى «پوش» دېمەي قوبۇل قىلىش ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىك، روھىي بۇزۇلۇش ۋە ئەخلاقىي كىرىزىستىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بىز سەگەكلىك بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى ئاتالمىش «ئاشىقلار بايرىمى»دا شەھەر كوچىلىرىغا گۈل كۆتىرىۋالغان ئادەملەرنىڭ يېغىپ كەتكەنلىكى، 50-60 ياشلىق «پۇلدار بوۋايلار» نىڭ 18-19 ياشلىق «ھاجەتمەن» قىزلارغا گۈل سوۋغات قىلىپ يېتىلەپ يۈرگەنلىكى، يىگىت-قىزلارنىڭ مىللىي ئەخلاق تۇيغۇسىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئېچىۋېتىلگەن دۇنياسى»دا مەس بولۇشۇپ، ئەتىراپتىكىلەر بىلەن كارى يوق قۇچاقلىشىۋاتقانلىقى، سۆيۈشۋاتقانلىقى، ئىسلام يوسۇن ئادەتلىرىنىڭ قانۇن يول قويغان دائىرىسىدە كىيىنگەن مۇسۇلمان قىزلارنىڭ بىر دانە گۈل ئۈچۈن يىگىتلەرنىڭ بوينىغا ئەركىلەپ تۇرۇپ گىرە سېلىشلىرى (بۇ گەرچە ئايرىمىلىق بولسىمۇ)، قىزلارنىڭ ئوغۇللار بىلەن بىر تەۋكادا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشلىرى، ياتاق ئىجارە ئېلىپ بىرگە يېتىشلىرى ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلماي قويمايدۇ.

بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاچچىق ھەقىقەت شۇكى، ھازىر چوڭ بولىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خېلىلا سالماقنى ئىگىلەيدىغان قىسىمى تولوقسىز ياكى تولوق ئوتتۇرا باسقۇچىدىلا ئاشۇ نىجىس بايرامنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ، قىزلىق ئىپپىتىدىن ۋاز كېچىۋاتىدۇ؛ ئۆزى خالاپ بىردەملىك ھېسسىيات ئۈچۈن، بىر دانە گۈل ئۈچۈن، «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن بىر ئېغىز ياغلىما سۆز ئۈچۈن، بىردەملىك مېھماندارچىلىق ئۈچۈن، ئازغىنا پۇل ئۈچۈن،  بىرەر يېرىم ياقا كىيىم ئۈچۈن، كىچىك ماشىنىدا بىردەم ئولتۇرۋېلىش ئۈچۈن، ھەتتا بىر تەخسە تاماق ئۈچۈن قىزلىق ئىپپىتىنى، ياق، قىزلىق غورورىنى، كەلگۈسىدىكى ئانىلىق ئەخلاقىنى، مىللەتنىڭ بەخت يۇلتۇزىنى، ئەجدادلاردىن قالغان ئەللەي ناخشىسىنى تەرك ئېتىۋاتىدۇ.

ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2010-يىلدىكى ئاشىقلار بايرىمىدا مەلۇم ۋىلايەتنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدە ئىككى سائەتلىك ياتاق ئىجارە ئېلىشقا ياتاق يېتىشمەي بەزى يىگىت-قىزلار مەخسۇس كىچىك ماشىنا كىرا قىلىپ، 240 كىلومېتىر يولنى بېسىپ ۋىلايەت مەركىزى شەھىرىگە ياتاق ئىزدەپ كەلگەن. 2011-يىلى ئۇنداق ئىككى سائەتلىك ياتاق ئىجارە ئالغۇچىلار تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، چوڭ شەھەرلەردە ئۇيغۇر پاھىشىۋازلىرى ۋە پاھىشىلىرى ئۈچۈن ياتاق يېتىشمىگەن. ئەگەر بىز يۇقىرقى مەلۇماتلارغا ئاساسەن پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىنىڭ «ئاشىقلار بايرىمى»دىكى بۇزۇقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار سانىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە سىتاستىكا قىلىپ كۆرىدىغان بولساق ، كېلىپ چىققان سانلىق مەلۇمات ھەرقانداق ئادەمنى چۆچۈتمەي قالمايدۇ. يەنى، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەت-شەھەردىن خوتەن، قەشقەر، ئاتۇش، ئاقسۇ، بايىنغولىن، تۇرپان، قۇمۇل، ئۈرۈمچى، ئىلىدىن ئىبارەت توققۇز ۋىلايەت-شەھەر بار دەپ قاراپ، سانجى، بۆرتال، قاراماي، مايتاغ، چۆچەكلەرنى يۇقىرىقى ۋىلايەت-شەھەرلەرگە قېتىۋەتسەك، ھەر بىر ۋىلايەت-شەھەردە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئەڭ ئاز ھېسابلاپ 50 دىن مېھمانخانا، ھەر بىر مېھمانخانىدا بەش قەۋەت، ھەر بىر قەۋەتتە 10 دىن ھوجرا بار دېسەك جەمىئىي 22500 ھوجرا بولىدۇ. سائەت 12 دىن ئالتىگىچە ئىككى سائەتلىك، ئاندىن تولوق بىركېچىلىك ئىجارىگە بېرىلدى دېسەك جەمىئىي 90 مىڭ جۈپ، يەنى 90 مىڭ پاھىشىۋاز ۋە 90 مىڭ پاھىشە بولۇپ، جەمىئىي 180 مىڭ ئادەم بولىدۇ. شەخسىي ياتاقلاردا، قاۋاقخانىلاردا ۋە باشقا نامەلۇم ئورۇنلاردا بۇزۇقچىلىق قىلغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. ئەجىبا مۇشۇنچىۋالا كۆپ قىزلار ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپ ئاشىقلار بايرىمى ئۆتكۈزسە، نىكاھلانماي تۇرۇپ يات جىنىستىكىلەر بىلەن بارغان-تۇرغان يېرىنىڭ تايىنى يوق يوقاپ كەتسە، بەزىلىرى بىر كېچە سىرتتا قونۇپ قالسا، نۇرغۇنلىغان قىزلار ئەشۇ نىجىس بايرام سەۋەبلىك قىزلىقىدىن ئايرىلسا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى نېمىش قىلىدىغاندۇ!؟ ئۇلاردا ئاتا-ئانىلىق تۇيغۇ، ئاتا-ئانىلىق مەسىئۇلىيەت، ئاتا-ئانىلىق غورۇر يوقمىدۇ!؟ ئەشۇ قىزلار كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمەمدىغاندۇ؟ ۋىجدانىي ئازاب چەكمەمدىغاندۇ؟ ئۇلاردىكى كىشىلىك قەدىر-قىممەت تۇيغۇسى پۈتۈنلەي ئۆلگەنمىدۇ!؟ ئەگەر ئۇلار كەلگۈسىدە ئانا بولۇپ قالسا پەرزەنتلىرىنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالماسمۇ!؟ باشقىلار ئۇلارغا «سېنىڭ ئاناڭ بىر پاھىشە ئىدى» دېسە يۈرىكى پۇچلانماسمۇ!؟

بەزىلەر ھە دېسە «چەتئەلدە ئۇنداقكەن»، «چەتئەلدە مۇنداقكەن» دەپ، غەربچە قىممەت ئەندىزىسى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەخلاق مۇھىتىنى جەمىئىيەت ئېكىلوگىيىسىنىڭ تۈپلۈك ئاساسى قىلغان دۆلەتلەردىكى يىگىت-قىزلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن مۇھەببەتلىشىش، تويدىن بۇرۇنقى بىرگە تۇرۇشلارنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىي بۇزۇقچىلىقلىرى ئۈچۈن باھانە-سەۋەب كۆرسىتىدۇ ھەم ئۇنىڭغا يول ئېچىشقا ئۇرىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە چەتئەلنىڭ ھەممىسىدە شۇنداقمۇ؟ «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 17-فېۋرالدىكى سانىدىكى تۆۋەندىكى خەۋەرگە قاراپ باقايلى: «چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 15-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مالايسىيا ئىسلام ئەخلاق ساقچى ئىدارىسى تويدىن بۇرۇنقى قانۇنسىز بىللە تۇرۇش قىلمىشلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن ‹ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى›دا ھەرىكەت قوزغاپ، مېھمانخانىدىن 40 جۈپ توي قىلمىغان قىز-يىگىتنى توختىتىپ قويغان. مالايسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بىر ئوفېتسېرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار 14-فېۋرال كۈنى كەچتە نۇرغۇنلىغان مېھمانخانىلارنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ، ياتاق ئاچقۇزغان ‹ئاشىق-مەشۇق›لارنى تۇتقان، ئۇلار ‹ھەددىدىن زىيادە يېقىنلىشىپ كېتىش› جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىشى مۈمكىنكەن».

دېمەك، يۇقارقى خەۋەردىن مەلۇمكى، چەتئەلنىڭ ھەممىسىدە يىگىت-قىزلارنىڭ تويدىن بۇرۇن بىرگە تۇرىشىغا يول قويىۋەرمەيدۇ، شۇنداقلا، چەتئەل دېگەنلىك يالغۇز غەربنىلا كۆرسەتمەيدۇ. چەتئەل جۇڭگونىڭ سىرىتىدىكى بارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر بىر دۆلەت، رايون ۋە مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس تۇتقان يولى ھەم ياشاش ئەخلاقى بولىدۇ. «چەتئەلدىن ئۆگەندۇق» دەپ، ئۆز كىملىكىمىز بىلەن زادىلا سىغىشالمايدىغان نەرسىلەرنى شەخسىي مەئىشەتلىرىمىز ئۈچۈن ئومومىيلىق دەرىجىسىگە  دەسسىتىپ كۆتىرىپ كېلىش ئۇچىغا چىققان تۇزكورلۇقتۇر. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن سېستىمىسىدىمۇ يىگىت-قىزلارنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىشىنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغىرىسىدا ئېنىق قانۇن ماددىلىرى بولۇپ، بۇ ئۇنداق بۇزۇقچىلىقلارغا دۆلىتىمىز ھۆكىمىتىنىڭمۇ ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر پۇل ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن سېستىمىسىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنى ئاياق-ئاستى قىلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن ياتاق ئېچىپ، شارائىت كاپالىتى بىلەن تەمىنلىسە، يەنە بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ شەھۋانىي نەپسى، بىردەملىك ھېسسىياتى ئۈچۈن قانۇننى كۆزگە ئىلماي بۇزۇقچىلىقلىرىنى پەللىمۇ پەللە يۇقىرى كۆتىرىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بۇ بۇزۇقچىلىقلاردا ئۇيغۇر قىزلىرى ھېچنېمە بىلەن ھېسابلاشماي ئۆلىرىنىڭ ئىپپەت-نومۇسىنى، ئاياللىق ئەخلاقىنى ئاياغ ئاستى قىلىپ، قۇربانلىق قويغا ئايلىنىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر قىزلىرىدىكى ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنىڭ سەۋەبىلىرى توغرىسىدا بىز ھازىرغىچە كۆپ تەرەپتىن باش قاتۇردۇق ھەم ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى بايان قىلىپ باقتۇق، تۈرلۈك تەرەپلەردىن سەۋەب كۆرسەتتۇق. بىراق، نېمىلا دەيلى يەنىلا تۈپكى سەۋەب ئۆزىمىزدە.

بەزىبىر سىتاستىكا ماتېرياللىرىغا ئاساسلانغاندا ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىلەردە «ناخشىچى» نامىدا يالىڭاچ ئۇسۇل ئويناش ۋە تېنىنى سېتىش بىلەن جان بېقىۋاتقان ئۇيغۇر پاھىشىلىرى 100مىڭدىن كۆپ بولۇپ، بۇلارنى ئۇ يەرگە يەنىلا ئۆزىمىزدىن چىققان بىر تۈركۈم مۇناپىقلار ئالداپ ئاپارغان. يەنى بىرەيلەننىڭ ئېيتىشىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئۈرۈمچىگە ئېقىپ چىققان ئۈچ ئايال ئۆز ئالدىغا گۇرۇھ تەشكىللەپ، ئۈچ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر قىزلىرىدىن 700 نى ئىچكىرىگە ئالداپ ئاپىرىپ پاھىشىلىككە سالغان. مەن 2005-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچىدىن كەلگۈچە ئاقسۇنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ياشانغان ئايال بىلەن ئاپتوۋۇزدا يانداش ئولتۇرۇپ قالدىم. ئۇ ئايال ئەھۋاللىشىش جەريانىدا بىر قىزىنىڭ چوڭچىڭ شەھىرىدىكى دۇنيا بانكىسىدا كۈتكۈچىلىك قىلىدىغانلىقىنى، شۇ يىلى 28 ياشقا كىرگەنلىكىنى، ئۇ قىزىنىڭ ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، ئۇسۇلنى ياخشى ئوينايدىغانلىقىنى، چەتئەلدىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتىۋېلىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى، ئىش ھەققىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى سۆزلەپ بەردى. مەن بىر تەرەپتىن ئۇ ئانىنىڭ ساددىلىقىغا ئېچىنسام يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ قىزنىڭ توغرا كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىدىن گۇمانلاندىم. مەن تونۇيدىغان يەنە بىر قىز بولۇپ، 1993-يىلىغۇ دەيمەن، شەرقىي شىمالدىكى مەلۇم بىر شىركەت شىنجاڭدىن ئۆزى چىرايلىق، يېشى 25 تىن ئاشمىغان قىزلاردىن شەرقىي شىمالدىكى رۇسلار كارخانىسىدا ئىشلەيدىغانغا 40 نەپەر «خىزمەتچى» قوبۇل قىلىش ئېلانى چىققاندا، دوستلىرىنىڭ بۇ ئىشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى، ئۇ يەرگە بارغان قىزلارنى پاھىشىلىككە سالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بارماسلىققا نەسىھەت قىلسىمۇ ئۇنىماي بېرىپ ئالتە ئاي پاھىشە بولۇپ كەلدى.

يۇقىرىقى ماتېرياللاردىكى 100 مىڭ نەپەر پاھىشىلەر نېمە سەۋەبتىن ئۆزلىرىنىڭ پاھىشىلىك يولىغا قەدەم قويغانلىقىنى بىلگەن ھامان قايتىپ كېتىشنى ئويلىماي داۋاملىق شۇ يولدا ئۆزلىرى خالاپ ماڭىدۇ؟! ئادەم بىر قېتىم بىلمەستىن نىجاسەت يەپ سالغان بولسا بىر ئۆمۈر داۋاملىق نىجاسەت يەپ ياشىشى كېرەكمىكەن!؟ مېنىڭ ھېلىقى تونۇشۇمچۇ؟ ئۇمۇ ئۆزى خالاپ كەتتىغۇ. بۇنىڭغا بىز نېمە دەيمىز.

يەنە ئالساق، بىزدە ھازىر باش كۆتىرىۋاتقان بىر ئىجتىمائىي كېسەللىك، پاھىشە ھەم پاھىشىۋازلارغا ھەمدە ئۈچۈنچى شەخسكە ھېسداشلىق قىلىشتىن ئىبارەت.

2008-يىلى مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى» ناملىق ئاۋازلىق ئەسەرنى ئاڭلاپ يۈرگەنلىكى ۋە مەزكۇر ئەسەردىكى پاھىشە قىزغا ئىجابىيلىق نۇقتىسىدىن ھېسداشلىق قىلمىغان ئەر-ئايال بىرمۇ ئادەمنىڭ يوقلىقىغا قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولغان ئىدى. ئۇ ئەسەردىكى پاھىشە قىز بىز ھېسداشلىق قىلغۇدەك ھەقىقىي بىر پاك ۋە ۋاپادار قىزمۇ ياكى ئەخلاقى بۇزۇق سېپى ئۆزىدىن جالاپمۇ؟ ھېسسىياتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئەتىراپلىق قارايدىغان بولساق، ئۇ سېپى ئۆزىدىن بىر بۇزۇق جالاپتىن ئىبارەت خالاس. چۈنكى ئۇ ئەسلى كىچىككىنە ئازابقا چىدىماي (ئەتىراپىمىزدا ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئازابنى يۈدۈپ يۈرىۋاتقانلار كۈرمىڭ. ھەتتا خوتۇن-قىزلىرىمىز ئاشلىق ئۆتكىلى دەۋرىدىمۇ پاھىشىلىك يولىنى تۇتمىغان. ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىنىڭ ئىپتىخارى نۇزۇگۇم ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ئىپپىتىنى ساقلاپ مەردانە شېھىت بولغان.) جالاپ بولۇپ كېتىدۇ ھەم بۇ جەرياندا ئۆزىگە ئەيدىز ۋىروسىنى يۇقتۇرۋالىدۇ. كېيىن «مەن»نىڭ تەسىرىدە جالاپلىق يولىدىن قايتقان بولسىمۇ ئەمما ئاخىرىدا ئۇ يەنىلا «مېنىڭ مۇھەببىتىم ئەيدىز» ناملىق ئاۋازلىق ئەسەردىكى قىزغا ئوخشاش ئەيدىزنى چەكلەش پىدائىسى بولماستىن ، بەلكى كونا ھۈنىرىنى تاشلىغۇسى كەلمەي، داۋاملىق جالاپلىق قىلىپ ئۆزىدىكى ئەيدىزنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇش ئۈچۈن نامەلۇم شەھەرگە كېتىپ قالىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا «مېنىڭ مۇھەببىتىم ئەيدىز» ناملىق ئەسەر پاھىشە بولۇپ كەتكەنلەرنى يامان يولدىن قايتىشقا دالالەت قىلىدىغان ئۈمىدۋارلىق كەيپىياتىدىكى ئەسەر بولسا، «پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى» ناملىق ئەسەر جالاپلارنىڭ ئاقلاشنامىسىدىن ئىبارەت، خالاس.

ئۈچىنچى شەخسكە ھېسداشلىق قىلىشمۇ بىزدە، بولۇپمۇ ئاياللاردا خېلىلا ئومۇمىيلاشقان بولۇپ، بىز دائىم كىنولاردا ئېرى بار ئاياللار ئاشنا ئوينىغان ۋاقىتلاردا، قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئەشۇ ئەخلاقىي رەسۋالىقلىرىنى ئېرىنىڭ بىلىپ قالماسلىقىنى تىلەۋاتقانلىقىنى، ئېرى بىلىپ قېلىش خەۋپى تۇغۇلغاندا قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ئولتۇرالماي قالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. بىلىش كېرەككى، ھېسسىياتتىن تولا ھاللاردا ئىدىيە ۋە ھەرىكەت تۇغۇلىدۇ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنىڭ بۇزۇلىشى ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قازاندا نېمە بولسا چۈمۈچكە شۇ چىقىدۇ، ياكى قازاندا نېمە قايناتساق شۇ پىشىدۇ. سىزنىڭ قازىنىڭىزدا ئەخلاقسىزلىقنىڭ خۇرچلىرى قايناپ تۇرسا سىزنىڭ ئەخلاقىي ساغلاملىقىڭىزدىن يەنە سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟!

خۇلاسە قىلغاندا، ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنىڭ ئاساسى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ روھىي ئاجىزلىقىدا. بىز قاچانكى يېڭىچە مەدەنىيەت مۇھىتىغا توغرا قاراشنى ۋە ئۆز  روھىيىتىمىزنى قوغداشنى ئۆگىنىۋالالىساق، مۇستەھكەم ئەخلاق ئادەتلىرىمىز ۋە ۋىجدانىي تۇيغۇمىز، ئاتا-ئانا بولۇشتىن ئىبارەت مۇقەرەرلىكىمىز ۋە رېئاللىقىمىز ئارقىلىق مۇستەھكەم روھىي قورغان بەرپا قىلالىساق ئەخلاقىي بۇزۇلۇشتىن خالىي بولالايمىز.

مەنبە: ئىجادىيىتىم

تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-04, 11:29
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئىجادىيەت
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-04 09:50 |
    oguzhan
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 59
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 526
    شۆھرەت: 2695 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2696 سوم
    تۆھپە: 1605 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1605 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1108(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

      
        < بەزىبىر سىتاستىكا ماتېرياللىرىغا ئاساسلانغاندا ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىلەردە «ناخشىچى» نامىدا يالىڭاچ ئۇسۇل ئويناش ۋە تېنىنى سېتىش بىلەن جان بېقىۋاتقان ئۇيغۇر پاھىشىلىرى 100مىڭدىن كۆپ بولۇپ، >

        نىمانداق  قورقۇنۇچلۇق  سان  بۇ  ؟    
    西部医院
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-04 12:17 |
    bahdaxohli
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3149
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 126
    شۆھرەت: 683 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 687 سوم
    تۆھپە: 401 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 405 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مېنىڭچە 100 مىڭ بەك چېكىدىن ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق ؟
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-04 12:51 |
    attila
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3477
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 39
    شۆھرەت: 295 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 366 سوم
    تۆھپە: 161 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 161 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ئاشىقلار بايرىمىدىكى ھەسىرەتلىك خىياللار (مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا   ئونسۇ)

    يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە خۇسۇسىي "ئۇسۇل مەكتىپى" نامىدا قىزلارنى تەربىيلەپ، يىلىغا 100 لەپ ئېچىقىپ كېتىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇششاق قىزلارنىڭ ئالداپ ئېچىقىلىپ ئاۋال يانچۇقچىلىققا، چوڭ بولغاندا پاھىشىلىككە سېلىنىۋاتقانلىقى، يەنە كۆپلىگەن قىزلارنىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن ئىچكىرىدىكى ئاتالمىش "شىركەت" لەرگە ئىشلىگىلى كېتىۋاتقانلىقى، ۋە يەنە ئىشلەپ ھالال ياشاشقا چىدىمايدىغان قىزلارنىڭ بىر-بىرىنى دوست تارتىشىپ تۈركۈملەپ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئىچكىرى دېگەن دائىرىسى چوڭ، ئادەملەر كۆپ يەر. شۇڭا بىزنىڭ بۇنچىلىك قىزلىرىمىز ئادەتتە ئانچە كۆزگە چېلىقىپ كەتمەيدۇ. ئەمما، يىلدا چىقىپ كېتىۋاتقىنىنى ھېسابلاپكۆرسەك ئۇنچە ئازمۇ ئەمەس. ئاددىيسى بىر قىسىم رايونلاردا ئۆز قىزلىرىنى ئىچكىرىدىكى يانچۇقچىلارغا، ئاقچىلارغا ھەتتا پاھىشىخانا ئاچقان دەللالارغا ئىجارىگە بېرىۋاتقان ئاتا-ئانىلارمۇ كۆپ. بىزنىڭ ئاقسۇدا تۆت ئورۇندا پائىشىلەر مەركىزى بار. شۇ ئورۇندىكى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يۈرگىنىلا ئۆز ئالدىغا بىر توپ شەكىللەندۈرەلەيدۇ. مەن سانجىدەك ئۇيغۇر ئاز يەردە بەلكىم يوقتۇ، دەپ ئويلىغان. بىراق، 2007-يىلى مىچۈەنگە ئەخلاق تەربىيە كۇرسىغا بارغاندا ئۇ يەردە ئۇيغۇر پاھىشىلىرنىڭ بۇ يەردىنمۇ كۆپلىگىنى، يەنە كېلىپ ئەڭ چىرايلىقلىرىنىڭ شۇ يەردىلىكىنى، ئۇلارنى باشقا مىللەت ئەرلىرى كەچلىكى ئىجارىگە ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. يەنە قاتناش ئىنىستىتۇتىنىڭ قىزلىرىچۇ تېخى!
    hawar
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-04 14:13 |
    katman
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3425
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 10
    شۆھرەت: 55 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 65 سوم
    تۆھپە: 32 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 32 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

      ئادەمئاتا  بىلەن ھەۋۋا ئانا  ئۆز يالىڭاچلىقىدىن ئۇيالغاندا  شەيتانناڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كىتىپتىكەن ... قەرنىلەر ئۆتتى  ... ئەر -ئاياللار ئۆز يالىڭاچلىقىدىن ئۇيالمىغاندا  شەيتان قاقاھلاپ كۈلدى ...  ئازااپلىق سۈكۈت ئازاپلىق داۋام ئەتتى ... قۇرام تاش بۇقۇلداپ يىغلىدى  . سۇ ئۇسساپ  ھالىدىن كەتتى ...
    قېنى ئادەملەر ؟ ! ...
    ئادەملەر يوق .
    قىيامەتنىڭ قەدىمى ئادەملەرنىڭ ئىشىگى ئالدىغا كىلىپ بىزنى چاقىرىۋاتىدۇ ...
    قارلىغاچ  بۇلالمىساممۇ  يىلان بولمايمەن .
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-04 22:42 |
    dilnaz
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2771
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 161
    شۆھرەت: 810 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 839 سوم
    تۆھپە: 485 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 485 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 142(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاتا-ئانا بولغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەخلاقىنى ئالدى بىلەن ئويلاپ بېقىشى كېرەك ، نۇرغۇن دادىلار ئىچى پۇشۇپ قالسا ئويدە ئولتۇرۇشنى ھەرگىز خالىمايدۇ . ئۇلار كېچىلەپ نەلەردە يۇرىيدۇ . سورىسىڭىز ئۇلاردىن راست جاۋاپ ئالالمايسىز ،مەيلىگە قويۇۋەتمەي ئامال يوق ، ھامان ئاخىرى بىر يەردىن چىقىدىغانلىغىغا ،خۇداغا قويۇپ، بىغەم ،مۇرىمەس بولىۋالماي ئامالى يوق، چۈنكى ئۇلارنى توسىسىڭىز جىدەل چىقىدۇ ،پەرزەنتلىرىڭىز روھى ئازابى ئاشىدۇ . پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەش ئالدى بىلەن دادىلارنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى ھېساپلىناتتى ،لېكىن بۇنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كەيپىلىرى، خۇشاللىقلىرى ئۈچۈن ئاياللىرىغا يۈكلىۋەتكەن . ئانىلار بەزىدە ئەرلىرىنىڭ ئويدە ئولتۇرماسلىقىدىن بولسىمۇ دىققىتى چېچىلىپ ، پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشكە يېتەرلىك زېھىن قويالمايدۇ. ئاخىرى كېچىلىرى ئۆيدە ئولتۇرماسلىقنىڭ ئاقىۋىتى بەرىبىر ياخشى بولمىغاندا ئاندىن يولدىن توختىغاندا بولسا كېچىككەن بولىدۇ . پەرزەنتلەرنىڭ مۇشۇنداق ئاتا-ئانىلاردىن قانداق ئۈلگە ئالىدۇ ؟ئۇلار چوڭ بولۇپ چوڭلارنىڭ قىلىمىشىنى دوراپ كۆرسەتكەندە ئامال يوق ،ساقالغا تۇكۇرۇپ ،قاغاشتىن باشقىنى قىلالمايدۇ ،نەتىجىنىڭ سەۋەبىنى ھەرگىزمۇ ئۆزىدىن ئىزدىمەيدۇ . ئاخىرىدا پۇتكۇل جەمئيەت مانا مۇشۇنداق ھالەتكە چۇشۇپ قېلىشى مۇقەررەر . شۇڭا ئەي ئاتىلار، ئەي ئانىلار ئويغىنىڭلار !ئۆزەڭلارنىڭ ھەربىر قىلىمىش -ئەتمىشلىرىڭلار پەرزەنتلىرىڭلارغا ئۈلگە . ئۇلارغا گۈزەل ، يارقىن ئۈلگىلەر تىكلەپ كۆرسۇتۇڭلار !
    西部医院
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-06 21:44 |
    attila
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3477
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 39
    شۆھرەت: 295 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 366 سوم
    تۆھپە: 161 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 161 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاشىقلار بايرىمىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقان دوستلارنىڭ بۇ تېمىنى ئوقۇپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!
    sarkar
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 14:24 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى