karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 231 قېتىم كۆرۈلدى
naxput
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3569
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ياچىبەگ ھەققىدە قوشاقلار

ياچىبەگ ـــــــــــــ 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇمۇلدا ياشاپ ئۆتكەن خەلق قەھرىمانى.‹‹ياچىبەگ ھەققىدە قوشاقلار››قۇمۇل خەلقى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان داستان ۋە قوشاقلار نىڭ بىرى بولۇپ،ھازىرغا قەدەر خەلق ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۇپ يۇرگەن تارىخى قوشاقلارنىڭ نەمۇنىسى سۇپىتىدە دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن.
1668 ـــــــــ 1690ـ يىللار ئارىسىدا،ئەبەيدۇللا دارخانبەگ زامانىدا جۇڭغارغالدانھۆكۈمرانلىرى قۇمۇل بەگلىكىنى بوي سۇندۇرۇش غەرىزىدە،قۇمۇلغاداۋاملىق ھۇجۇم قىلىپ،كەڭ ئەمگەكچى خەلىقنى بۇلاپ –تالاپ،قىرغىنچىلىق يۇرگۈزۈپ،خەلققە بالايى ئاپەت ئېلىپ كەللگەن ئىدى.بۇيېغىلىق ،ئۇرۇشلار تۇپەيلىدىن قۇمۇلدا بىرمەزگىل قۇرغاقچىلىق،ئاچارچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ،جەمىيەت ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالغا چۇشۇپ قالدى.مۇشۇنداق شارائىتتا،ياچىبەگ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ،قولىغا قورال ئېلىپ،يارۇ دوست،بۇرادەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەكسىيەتچى ھۆكۈملارلارغا قارشى جەڭنى قانات يايدۇرۇپ،زور نەتىجىلەرنى
قولغا كەلتۇرىدۇ.ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ئۇنى‹‹كۆزگە قادالغان مىخ››
دەپ قاراپ،تىرىك تۇتۇش ھەققىدە پەرمان چۇشۇرىدۇ.بۇچاغدا مال-دۇنيا.مەنسەپ ئۈچۈن سېتىلغان سامانچىدەك بەزى كىشىلەرسالما تاشلاپ ياچىبەگنى دۇشمەنگە تۇتۇپ بېرىدۇ.ياچىبەگ دۇشمەن قولىغا چۈشۈپ قالسىمۇ،ئۇلارغا باش ئەگمەي،زۇلۇمغا قارشى قوزغالغان خەلقنى جەڭنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلىدۇۋەقەھرىمانلارچە قۇربان بولىدۇ.ساتقىن سامانچىمۇ خەلق ئاممىسڭ تەرپىدىن تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدۇ.
 
   ‹‹ياچىبەگ ھەققىدە قوشاقلار›› ــــ ئەنە شۇ تارىخى ۋەقەلەرنىئارقا كۆرنۈش قىلىپ،ياچىبەگنىڭ باتۇرلۇق ئىش ئىزلىرنى ئاممىباپ تىل بىلەن ئەكىس ئەتتۇرگەن.بۇقوشاقلار ئەينى دەۋىردىكى قۇمۇلنىڭ سىياسى،تارىخىي،ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى بىلىش ۋە تەتقىق قىلىشتا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە.
 
ئۆتكەنىدى ياچىبەگ،
بۇلاڭ-تالاڭ زاماندا.
دۇشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ،
كەتتى ئاخىر ئارماندا.
 
ياچىبەگنى كورگەنلەر،
سۇمباتلىكقەن دەر ئىدى.
گۇرزە- بازغان قوللىرى،
يولۋاس كەبى ئەر ئىدى.
 
ياچى دىگەن بىركىشى،
ئارقىسىدا  مىڭ كىشى.
ئېگىلمىسە ئۇنىڭغا،
قۇتۇلالماس ھىچ كىشى.
 
يىمەك-ئىچمەك نەرسە يوق،
قاپلاپ كەتتى قۇرۇقلۇق.
ھالسىزلاندى خالايىق
تېپىلمىغاچ ئۇزۇقلۇق.
 
شۇڭا چىقتى ياچىبەگ،
ئوڭ قولىغا نەيزە ئېلىپ.
تاغلار ئارا جەڭ قىلدى،
ئەلنى كەينىگە سېلىپ.
 
قالماق خاننىڭ خېتىدە،
‹‹تۇتسۇن!›› دەپتۇ ياچىنى.
توغام ـــ توغام يول ياساپ،
چېرىك قويدى بارچىنى.
 
‹‹كىمكى تۇتسا ياچىنى،
مالدار قىلاي مەن ئۇنى.
ئۆزۈم بىلەن تەڭ قىلىپ ،
ھاكىم قىلاي مەن ئۇنى.››
 
ئەھدى قىلدى ئوسمان بەگ،
شۇ بۇ ئىشقا ‹‹مەن بار ››دەپ.
ۋەششەت چۇشتى بېشىغا،
‹‹تۇتماق تېرىك جاپا››دەپ.
 
قالماق خانى چىللىدى،
ئوسمان بەگنى يېنىغا.
ئوسمان بەگمۇ سېتىلدى،
سەككىزمىسقال ئالتۇنغا.
 
ئۇيان ئويلاپ ئوسمان بەگ،
بۇيان ئويلاپ ئوسمان بەگ.
سامانچىنى گوللاشقا،
تۇتۇش قىلدى ئوسمان بەگ.
 
سامانچىمۇ سېتىلدى،
ئوسمان بەگكە قېتىلدى.
كەينىگە چۈشۈپ ياچىنىڭ،
تۇتماق بولۈپ ئېتىلدى...
 
‹‹بىزنىڭ ئويلەر بۇيەردە،
چۇشۇپ ئۆتۈڭ ياچىبەگ.
ھېرىپ-ئېچىپ قالغانسىز،
سىنچاي ئىچىڭ ياچىبەگ.››
 
شۇل مەھەلدە چاقىردى،
‹‹چاققان چىقىڭ ياچىبەگ!››
چىقىپ دەرھال ئېتىنى
مىنمەك بولدى ياچىبەگ
 
ئۆزەڭگىگە پۇت سېلىپ،
يىقىلىپ قالدى ياچىبەگ.
مىكىر بىلەن بىلەن قىلتاققا،
ئىلىنىپ قالدى ياچىبەگ.
 
‹‹يولۋاس يانماس ئىزىدىن،
ئەر يانمايدۇ سۆزىدىن.
شېھىت كەتسەم ئەلرازى››،
دېدى ياچى كۆڭلىدىن.
 
ھەسرەت بىلەن خالايىق،
دۇئا قىلدى دوستىغا.
سامانچىنى تۇتۇۋېلىپ،
سامان تىقتى پوستىغا.
 
ياچىبەگ ئاپئاق ئىكەن،②
بىلىدە چاقماق ئىكەن.
ياچىبەگنى ئۆلتۇرگەن،
جالالىق قالماق ئىكەن.
ئىزاھات:①قۇرۇقلۇق-قۇرغاقچىلىق مەنىسىدە
        ②ئاپئاق-پاكىز،ئېتىقاتلىق،ۋىجدانلىق مەنىسىدە
 مەنبە:ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلرىدىن نەمۇنىلەر ناملىق كىتاپ(1-قىسىم)
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-05, 19:33
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-05 19:22 |
    sebir
    بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
    دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3266
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 101
    شۆھرەت: 599 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 594 سوم
    تۆھپە: 342 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 347 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 202(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىبراھىم گاڭنىڭ غىجاك بىلەن ئورۇنلىغىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئەجرىڭىزگە رەھمەت!
    西部医院
    گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-05 20:11 |
    aiturk
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2522
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 35
    شۆھرەت: 185 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 195 سوم
    تۆھپە: 109 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 109 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەجرىڭىزگە رەھمەت....قۇمۇلدىن نۇرغۇن ئادەملەر چىققان...ئا.ئۆتكۈر دىن باشلاپ...ئوسمانجان زاھىر غىچە......
    كىتابخانا-ئۆزىڭىزنى ئىزدەپ بارىدىغان جاي!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-06 01:38 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » شېئىر - نەسىرلەر