كىچىكلىكتە جان ئىدىم،
گاڭ ئىدىم،
ئاتا-ئانامنىڭ ئەزىزى،يۈرەك پارىسى ئىدىم.
پەپىلەيىتتى، ئەڭ ياخشىنى يىگۇزەتتى ،كىيگۇزەتتى.
نىمە دىسەم شۇتەل ئىدى ئالدىمدا،
ھېچ ئىشنى ئۆزەم قىلماي ،
قىلغۇزۇپ ئاتا ئانامغا.
ئاچىقلانسام ھۆمىيەتتىم ،
سەت گەپ بىلەن تىل سالاتتىم ،
يەنە شۇلارغا.
ئەنەشۇنداق ،
چوڭ بولدۇم مانا .
قاراڭ ماڭا
،يەنىلا تامتىلەپ قارايمەن جاھانغا،
ئەزىز ئاتا-ئانامغا .
ھېچ ئىشنى قىلالمايمەن ،كۆزۇم يەتمەيدۇ قىلىشقا>
ئاتا_ئانام قېرىدى،
ياشىنىپ قالدى،
ئۇھسىنىپ قارايدۇ ماڭا،
يەنىلا ؟ۇلارنىڭ جان پارىسى يۇرىكى ئىدىم.
بىر ئۆمۈر بېقىپ زارلانماي يەنىلا ،
قارايدۇ ماڭا.
ئۇلار بولغاچ مەن يەنىلا غەمسىز،
ئەتەمنى ،كەلگۇسۇمنى كۆرۇشكە ئامالسىز.
مەنبە: قەلىمىم
[ بۇ يازمىنىeverollدە2011-10-07 20:53قايتا تەھرىرلى ]