karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 164 قېتىم كۆرۈلدى
دىلكەش
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2792
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 54
شۆھرەت: 433 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 477 سوم
تۆھپە: 232 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 233 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 333(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئەركەكلەرگە (ھەمزە)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن سۈرەتلىك فىلىم بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-10-18)
ئەركەكلەرگە (ھەمزە)
 

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇرادەرلەر. تۇۋەندە ھەممە ئەركەكلەر، جۇملىدىن ھەقىقى مۇسۇلمانلار دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان بىر مەسىلىنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن.

     زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھەممە ئىشلار ئاسانلاشتى، يىراق يوللار يېقىنلاشتى. بۇ ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرى نۆۋەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزغا نۇرغۇنلىغان قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭ پايدىسى بىلەن بىرگە زىينىمۇ ناھايتى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئەڭ خەتەرلىكراق بولغىنى يالغانچىلىق قىلىش. بۇ توغرىدا ئالدىنقى قېتىمىلىق تىمىدا توختالغان ئىدۇق. ئۇ چاغدىكىسى يانفۇندىكى ئىدى. ھازىرقىسى بولسا ئىنتېرنىتتىكىسى. بۇ يانفۇندىكىدىنمۇ يامانراق. ئىنتېرنىتتىكى يالغانچىلىق بولسا، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئالداپ ئۆزىگە قارىتىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى ئېلىۋالىدىغان، ئۆزى ھېچقانداق ئىش قىلمايدىغان ئىشسىز بولسىمۇ، ئۆزىنى «مەن ئۇنداق سودىگەر، مۇنداق باي، مۇنداق خىزمىتىم بار، مائاشىم مۇنچىلىك. بالىلار ئىشلەۋاتىدۇ، مەن يوقنى تېپىپ بىرىپ ئوينايمەن. تور ئىشخانامدىلا، مەن تېخى توي قىلمىغان، ئايالىم يوق» دەپ، قەغەز ئايروپىلاندا ئۇچۇپ، يالغاننى بۇلىشىغا سېلىپ، باشقىلارنى ئالداپ كىتىۋاتقانلار بەكمۇ كۆپ.
      بۇ يالغانچىلىقلارنىڭ ئەڭ يامىنى، ئايالى بار تۇرۇپ، ئايالىم يوق دىيشى. چۈنكى ئەرلەرنىڭ بۇنداق دىيشى ئارىلىقتىكى نىكاھقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. توردىكى ئەخلاقسىز نايناق بىر نىمىلەر ئۈچۈن، ئايالىم يوق دەپ يالغان ئېيتىشىڭىز بۇ تۇلىمۇ خەتەرلىك ئىشتۇر. سىزدىن ئايالىڭىزنىڭ بار يوقلىقىنى سورىغان يەردە، ئەلۋەتتە باشقىلاردىنمۇ سۇرايدۇ. سىزدىن باشقا يەنە قانچىلىغان ئەرلەرگە ئايالىڭىز بارمۇ دىگەندۇ؟ قانچىلىغان ئەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندۇ؟ قانچىلىغان ئەرلەر بىلەن...؟؟؟ ھەقىقى ئەخلاقلىق قىزلار توردا بۇنداق بىمەنە گەپ- سۆزلەرگە ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ يۇرمەيدۇ.
     
 قېرىندىشىم، ئۆزىڭىزنى ھەقىقى ۋىجدانىڭىز بىلەن تەكشۇرۇپ بېقىڭ! ئايالىڭىز ئۆيىڭىزدە بالىلىرىڭىزنى بېقىپ، كىرلىرىڭىزنى يۇيۇپ، ئۆيلەرنى تازىلاپ يۇرسە، سىز سىرتلاردا، تورلاردا قانداقتۇر بىر يولدىن چىققان بىر نىمىلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ يۇرسىڭىز، سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز قانداق ۋىجدان؟! سىزنىڭ ئىمانىڭىز قانداق ئىمان؟! كاللىڭىزنى سىلكىۋېتىڭ!...
 رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىگەن: « ئۈچ ئىش بار، راستىمۇ راست، چاقچىقىمۇ، يالغىنىمۇ راست. ئۇلار بولسا- نىكاھ، قەسەم، تالاقتىن ئىبارەتتۇر »، دىگەن. شۇنداق بولغانىكەن، سىز يالغاندىن ئايالىم يوق دەپ قويسىڭىزمۇ تالاق بۇلىۋېرىدۇ. سىز بۇنى بىلمەي ئايالىڭىز بىلەن بىرگە تۇرىۋېرىسىز. شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىڭىز ھارام. ئايالىڭىزغا قارىشىڭىز، ئۇنى تۇتىشىڭىز....... ھەممىسى ھارام. چۈنكى، تالاق ھالال ئايالنى ھارامغا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ. بالىڭىز بولسا ھارامدىن بولغان بۇلىدۇ. ھارامدىن بولغان بالا جەمىيەتكە بىر بالايى ئاپەت بۇلىدۇ. شۇڭا ھەممىڭلارغا دەيدىغىنىم، مەيلى توردا ياكى ئىجتمائىي جەمىيەتتە بولسۇن ھەرگىز يالغان سۆزلىمەڭلار. سىلەر ھەممىڭلار باشلانغۇچنىڭ 1-يىللىقىدا يالغانچى بالىنىڭ ھېكايىسىنى ئۇقۇغانغۇ دەيمەن. رەسۇلۇللاھ «يالغانچى مىنىڭ ئۈممىتىم ئەمەس»، دىگەن . رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتىدىن چىقىپ كىتىش بىر ئادەم ئۈچۈن يىتەرلىك زىيان. اللە ھەممىمىزنى يالغانچىلىقتىن ساقلىسۇن، ئامىن!
تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-18, 13:46
مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۇك تەندىن ئىبارەتتۇر.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-18 13:17 |
kawimmol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2920
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 142
شۆھرەت: 809 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 840 سوم
تۆھپە: 465 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 471 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راست دەيسىز ، ھازىرقى جەمىيەتتە ئازراق پۇل تېپىپلا ۋىجدانىنى ئۇنتىۋاتقان كىشلىرىمىز ئاز ئەمەس ، ئۇلار ئاشۇ ئېزىتقۇ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆز قىزلىرىمىزنى ، سىڭىللىرىمىز ، ھەدىلىرىمىزنى ئالداپ ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئىپلاس ھېسياتىنى قاندۇرۇۋاتىدۇ ،يالغان دىگەن ئۇلار ئۇچۇن ئېغىزنىڭ ئۇچچىدىكىلا ئىش ، ئۇيىدە ئايالى بىلەن بالىسىنى ئالدىسا ، ئىدارىدە باشلىقىنى ، ئاشۇ ئايرىمخانىلاردا پەسكەش نايناقلىرىغا يالغان ئېيتىپ ھېرىمايدۇ ، ئاشۇلار ئاشۇنداق يالغان سۆزلەپ ھارمامدىغاندۇ ؟ ياكى ئۇلارنىڭ يالغان سۆزلەرنى قاچىلايدىغان ئايرىم خالتىسى بارمىدۇ ؟ ئايالى ۋە بالىسىنىڭ ئالدىدا قانداقمۇ بېشىنى كۆتۇرۇپ يۇرۇيدىغاندۇ ؟ ياكى ئاشۇنداق يالغانچى دوسلىرى بىلەن رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىلىرىدا يالغانچىلىق ئۇچۇن يىغىن ئېچىپ خالتىسىنى تولدۇرۇپ چىقارمۇ؟ ئاشۇنداق يالغانچى دادىدىن قانداق پەرزەنىتلەر يىتىشىپ چىقار. ئاشۇ ئىنسان بۇ دۇنيادا ئىنسانلارنى ئالدىغان بىلەن ئاللانىڭ ئالدىغان بارغاندا قانداق قىلار؟
西部医院
ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچى !!!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-18 15:29 |
razigul.sali
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2962
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 80 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 47 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 47 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راس بذ ظصسلام دصنص شذنچصلصك ظذلذغ،هةم نازذك دصنكص--بصز ظاللاهنصث هةر قاچان بصشصمصزدا قاراپ تذرغانلصغصنص ظصسصمصزدة تذتقان ظاساستا گةپ-سأز،يذرذش-تذرذشصمصزغا دصققةت قصلصشصمصز،كصرةك،چذنكص،بصز ظذيغذرلاردا مذنداق بصر سأز بار----ظويناپ سأزلصسةثمذ،-ظويلاپ سأزلة
دېھقان شائىر
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-19 02:14 |
katman
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3425
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 65 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 75 سوم
تۆھپە: 38 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 38 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راس بذ ظصسلام دصنص شذنچصلصك ظذلذغ،هةم نازذك دصنكص--بصز ظاللاهنصث هةر قاچان بصشصمصزدا قاراپ تذرغانلصغصنص ظصسصمصزدة تذتقان ظاساستا گةپ-سأز،يذرذش-تذرذشصمصزغا دصققةت قصلصشصمصز،كصرةك،چذنكص،بصز ظذيغذرلاردا مذنداق بصر سأز بار----ظويناپ سأزلصسةثمذ،-ظويلاپ سأزلة
 
 رازىگۈل  توغرا  دەيدۇ  .   بۇ  بەكمۇ  ئەھمىيەتلىك  تىما  ئىكەن .
hawar
قارلىغاچ  بۇلالمىساممۇ  يىلان بولمايمەن .
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-19 11:51 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر