karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 290 قېتىم كۆرۈلدى
ozturuk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 860
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 43
شۆھرەت: 328 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 314 سوم
تۆھپە: 183 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 184 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 رىكورت ياراتماقچى بولغان ئۇيغۇرلار !


    ئىزاھات : بۇ يازما كەڭساي مۇنبىرىدىكى مەسلەكداش ناملىق تورداشنىڭ يازمىسىغا ئاساسەن بىرلەشتۈرۈپ يېزىلدى .

      بۇ يىل دىيارىمىزدا خىلمۇ-خىل ئۆزگىرىشلەر بولدى ، نۇرغۇن چوڭ -كىچىك كارخانىلار ،ھەرخىل پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى بازارغا سېلىنىپ دىيارىمىز ھەر-قايسى جەھەتتىن تەرەققى قىلدى ، مۇشنىڭغا ئەگىشىپ دىيارىمىزدا بىر قىسىم قەھرىمانلار چىقىشقا باشلىدى ، ئۆتكەندە غۇلجىدىن بىر يىگىت پوتبول تېپىپ شىنجاڭنى ئايلاندى ، يەنە ئابلەت بوۋاي ياشنىپ قالغىنىغا قارىماي دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 يىللىقىنى تەبرىكلەپ شىنجاڭنى ۋېلىسپىتلىك ئايلىنىش سەپىرىنى باشلىدى ، 
     بۇندىن بۇرۇن يەنى 2002-يىلى جۇڭگونى ۋېلىسپىتلىك ئايلىنىش سەپىرىنى باشلىغان بىر يىگىت بىلەن قومۇلدا كۆرۈشكەن ئىدىم ، كېيىن ھېچقانداق بىر ئورۇندا بۇ يىگىت توغۇرلۇق خەۋەر ياكى جېنىس رىكورتى ئالغانلىق خەۋىرىنى كۆرمىدىم ، يەنە كېيىن بىر يىگىت موتوتسىكىلىتلىق خۇنەنگە چۈشۈپ خۇنەن ئۇيغۇرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ چىقتى . يەنە 10 يىل ئىلگىرى قۇملۇق بۆرىسى جۈرئەت ئوبۇلقاسىم  جۇڭگونى موتوتسىكىلتلىق ئايلىنىپ دۇنيا جىنىس رىكورتى ياراتتى، ئۇندىن كېيىن يەنە بىر باتۇر قىز تەكلىماكاننى يۈگۈرەپ كېسىپ ئۆتتى . 
 نەچچە كۈن ئالدىدا غۇلجىدا يەنە ئىككى يىگىت بىرسى ئېگىز ئاياغ بىلەن يەنە بىرى پوتبول تېپىپ شىنجاڭنى ئايلىنىش سەپىرىنى باشلىدى.
نۇرغۇنلىغان باتۇرلار چىقىۋاتىدۇ ،بۇ چېنىقىش روھى ھەقىقەتەن ئۆگۈنۈشكە ئەرزىيدۇ . لېكىن بۇ باتۇرلار شاڭخەي دۇنيا جېنىس دۇنيا رىكورتى باشقۇرۇش مەركىزىگە تىزىملاتقانمۇ يوق  ؟ بۇ بىر مەسىلە ؟ 
   تۆۋەندە كەڭساي مۇنبىرىدە مەسلەكداش نامىدىكى تورداشنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر مىسالىنى قوشۇپ قوياي :

            بىرى  پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزگىچە كارامىتىم بار،كۆرۈپ باققايلا-دەپتۇ.پادىشاھ رۈخسەت بېرىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ "باتۇر "
يەرگە بىر تال يىڭنىنى تاشلاپ ئاندىن ئۆگزىدە تۇرۇپ بىر تال يىپنى ئاستا-ئاستا ساڭگىلىتىپ  ئەپچىللىك بىلەن يەردىكى يىڭنىنىڭ تۆشۈگىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ. خېلى كوپ كىشى قايىل بولۇپ ئالقىشلاپتۇ.پادىشاھ خېلى ئەقىللىق ئىكەن.ھېلىقى كارامەتچىگە ئاۋۋال 100تىللا ئىنئام بېرىپتۇ.ئاندىن 100 كالتەك ئۇرۇش جازاسىغا تارتىپتۇ.ھەيرانلىقتا قالغانلارغا مۇنداق چۈشەنچە بېرىپتۇ.
       -ئۆگزىدە تۇرۇپ يەردىكى يىڭنىنىڭ كۆزىگە يىپ ئۆتكۈزمەك ھەقىقەتەن تەس.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ نەچچە يىل ئەجىر سەرپ قىلىپ ئاخرى مۇشۇ سەۋىيەگە يېتىپتۇ.100تىللا  شۇ ئەجرىگە بەرگەن مۇكاپاتىم.جازانىڭ سەۋەبى بىر قولدا يىڭنىنى يەنە بىر قولدا يىپنى تۇتۇپ مۇشۇنداقلا ئۆتكۈزسە بولىدىغان ئىشنىمۇ تەسلەشتۇرۇپ ئۆگزىدە تۇرۇپ ئۆتكۈزۈشنى مەشىق قىلىمەن دەپ نۇرغۇن ۋاقىتنى ئەرزىمەس ئىشقا زايا قىلىپتۇ.بىھۇدە ئۆتكۈزگەن ۋاقتى ئۈچۈن جازاغا لايىق.

   ئەپسۇس.ئەقىل ئەينىگىنى جاھالەت تۇمانلىرى توسۇۋالغان  ماكان ۋە زاماندا  ھاماقەتلەرنىڭ  ئەمەل كۇرسىدا كېرىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.شۇل سەۋەپتىن  ساددا ئاۋامنىڭ توغرا-خاتانى ئايرىش مىزانى  ئاشۇ ھاماقەتلەر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەچ توغرىغا قارىغاندا خاتاغا ئەگىشىدىغانلار كۆپ. ياراتقۇچىدىن ئىنسانغا بېرىلگەن ئالى نېمەتلەرنىڭ بىرى بولمىش ئەقىل جايىدا ئىشلىتىلمىسە،كاللىنىڭ قاپاقتىن ،ئىككى پۇتلۇقنىڭ تۆت پۇتلۇقتىن پەرقى بولماس..ئۇيغۇر قېنىدىكى باتۇرلۇق ۋە جەسۇرلۇقنى نامايەن قىلىشنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن تۈرلۈك يوللىرى بار. باتۇرلۇق تۇغىنى جەۋلان قىلدۇرغۇسى كەلگەن ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كۈچىنىلا ئەمەس ئەقلىنىمۇ تەڭ ئىشقا سېلىشىنى  ئۈمىت قىلىمەن.زېھىن ۋە كۈچنى بىھۇدە خورىتىدىغان ھەر قانداق  قىلمىش ھاماقەتلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس.يۇقارقى ھىكايەتتكى مۇكاپات بىلەن جازانى ئېنىق ئايرىيدىغان  ئەقىل  ساھىبى  تۇتىيا بولغان  مۇشۇ  زاماندا  ئۇشبۇ يازمام ئارتۇقلۇق قىلماس دەپ ئويلايمەن.

  شۇڭا بۇ خىل رىكورت يارىتىش ئويىدا بولغان باتۇرلارغا  شاڭخەي جېنىس دۇنيا رىكورتى باشقۇرۇش ئورنىغا تىزىملىتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى
تەۋسىيە  قىلىمەن ،ئىلتىماس قىلىش بەك تەس ئەمەس ، باتۇرلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەرمۇ بۇ مەسلىھەتنى ئېغىر كۆرمەي يەتكۈزۈپ قويۇڭلار !
 ئىلتىماس قىلىش ئادىرىسى : http://www.shijiejilu.org.cn/_d270067169.htm
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-18, 13:28
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-18 13:20 |
kawimmol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2920
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 142
شۆھرەت: 809 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 840 سوم
تۆھپە: 465 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 471 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ناھايىتى ياخشى پىكىر بولۇپتۇ ، زور ئىشەنچ ۋە غەيرەتتە باشلىغان ئىشلىرىڭلارغا چوقۇم گۇۋاھلىق بېرىش كېرەك ، سىز بەلكى ئۇنى ئويلىمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن ، لېكىن سىز موشۇ روھىڭىز بىلەن نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنى ئۇيقۇدىن ئويغۇتالايسىز . غەيرەت قىلىڭلار باتۇرلار ، لېكىن ئىلتىماس قىلىش ئىشىنى چوقوم ئويلىشىڭلار ...
西部医院
ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچى !!!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-18 13:31 |
elkelem
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3512
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 80 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 48 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يۇقارقى پىكىرىڭىزگە ئانچە قوشۇلالمايمەن. سىز قاغىلىققا بىرىپ نۆل كىلومىتىردىن ئالى ۋىلايىتىگە سەپەر قىلىپ بېقىڭ.شۇ چاغدا نۇرغۇنلىغان، چەتئەللىكلەر ۋە خەنزۇلارنىڭ ئاشۇ تاغلىق چوقا،ئادەمسىز تاغ يولىدا پىيادە ياكى ۋەلىسپىتلىك كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز،ئۇلارنى بىرەر تەشۋىقات ۋاستىسى خەۋەر قىلىپمۇ يۈرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىدى سىز دېگەندەك باتۇرلۇقىنى نامايەن قىلىش ئەمەس،بەلكى ئىرادىنى تاۋلاش،ئۆز غايىسى ئۈچۈن جاپالىق شارائىتتا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرىش روھىنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈش،قىينچىلىق ئىچىدە ئۆزىنى تاۋلاش. سىزنىڭچە باتۇرلار  ئۆز غايىسى ئۈچۈن باسقان قەدەملىرىنى دۇنيا جىنىس رىكورتىغا تىزىملىتىپ قويۇپ ئاندىن چامدىشى كىرەكمۇ؟
زېھىن ۋە كۈچنى بىھۇدە خورىتىدىغان ھەر قانداق  قىلمىش ھاماقەتلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس دەپسىز، بۇنى ئادەتتىكى ئىشلارغا قاراتسىڭىز قانداق بولاركىن، باتۇرلۇق ئەنە شۇنداق چىنىقىش توختاۋسىز تىرىشىشتىن كېلىدۇ. سېنىپىمىزدا بىر قىز بولىدىغان يۈگۈرۈپ چىنىقىۋاتقانلارنى كۆرسە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ كۈچىنى زايا كەتكۈزىدىغان ئەخمەقلار دەپ ئۇلارنى ئۆزىچە مازاق قىلىپ باقىدىغان. ئەگەر ماڭماسلىق بىلەن كۈچى خورىمايدىغان ئىش بولسا نۇرغۇن ئادەملەر ئۇخلاپ يۈرۈپ كۈچىنى تىجەپ كۈچتۈڭگۈر باتۇرلاردىن بولۇپ كېتەتتى.
مېنىڭچە ئاشۇ قەدەمنى باسقانلارنىڭ مەقسىدىمۇ سىز ئويلىغاندەك دۇنيا جىنىس قامۇسىغا كىرىش بولماسلىقى مۇمكىن.ئەگەر شۇنداق نىيىتى بولسا  بۇنى بىز ئۇلارغا ئۈگەتمىسەكمۇ  ئۆزلىرى شۇنىڭ يولىنى ماڭغان بولاتتى.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-18 16:21 |
be42late
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 190
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 877 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 872 سوم
تۆھپە: 510 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 513 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 474(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەر كاللىدا ھەر خىيال.......... بۇمۇ باشقا بىر نۇقتىدىن تۇرۇپ كۆزىتىش بوپتۇ......
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-18 16:27 |
rawiya
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2959
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 148 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 149 سوم
تۆھپە: 89 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 90 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 75(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنچە بولسا ئىككىڭ لارنىڭ ئاساسى بار يەنە دىسەك شۇ،   ھەركاللىدا بىرخىيال.
ھەقىقەت ئىگىلىدۇ،سۇنمايدۇ.........
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-18 21:54 |
sarsan88
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 230
شۆھرەت: 1165 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1175 سوم
تۆھپە: 696 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 696 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىكار ئولتۇرۇپ بەڭگىنىڭ خىيالىنى قىلىپ  ئولتۇرغاندىن ھەرھالدا ياخشى ،
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-19 01:54 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 934
شۆھرەت: 5201 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5173 سوم
تۆھپە: 3056 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3038 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2819(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قومۇل شەھىرىدىن  تاراتىغا ۋىلىسپىتلىك چىقىپ باقسام دەيدىغان بوپ قالدىم.
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-20 08:23 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز