karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 104 قېتىم كۆرۈلدى
ئېقىن
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2271
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 33
شۆھرەت: 213 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 214 سوم
تۆھپە: 120 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 121 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 100% لىك سۆيگۈ مەكتۇبى

     قېنى يىگىتلەر سانلىق رەقەم 1دىن 100گىچە پايدىلىنىپ ، سۆيگۈنۈڭلارغا سۆيگۈ خېتى يېزىپ باققانمۇ ؟ قىزلار سىلەرمۇ مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش 1دىن 100 گىچە سانلىق رەقەمدىن پايدىلىنىپ يېزىلغان سۆيگۈ مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ باققانمۇ؟ ئەگەر يېزىپ باقمىغان ياكى تاپشۇرۇپ ئالمىغان بولسىڭىز ، نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى بىر يىگىتنىڭ جانانىغا يازغان 100 % لىك سۆيگۈ مەكتۇبىدا بولسۇن..........
  
      سۆيۈملۇك جانان! سىزنى بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قالدىم . ئىشىنىڭكى ئىككىنچى بىرسىگە قارىمايمەن . بۇ مېنىڭ ئۈچ كېچە-كۈندۇز ئويلۇنۇپ بەرگەن ۋەدەم . چۈنكى سىزنىڭ كەينىڭىزدىن تۆت قېتىم ئوغۇرلىقچە مېڭىپ ، كىشىنى رام قىلدىغان بەش ئەزايىڭىزغا مەپتۇن بولۇپ ، ئالتە قېتىم ھوشۇمدىن كەتتىم . يۈرىكىم ھەر دەقىقىدە يەتتىدىن سەككىزگىچە سوقىدۇ . ئارىلاپ -ئارىلاپ نەپسىم توققۇز سىكونىت توختاپ قالىدۇ . ئەگەر مەن ئون نۇمۇرغا لايىق بولسام ، سىزنىڭ ئون بىردىن كۆپكە ئېرىشىشڭىزدە گەپ يوق . ئاز بولغاندىمۇ ئون ئىككىگە لايىقسىز . مەن ئون ئۈچ رەقىمىگە ئۆچ ، ئون تۆتنى بىرەي دېدىميۇ ، ئەقىللىق كاللىڭىز ۋە لاتاپىتىڭىزنى ئويلاپ ئون بەش ، ئون ئالتىگىمۇ رايىم بارماي ئون يەتتىنى بېرىشنى قارار قىلدىم. مەن بۇ يىل ئون سەككىز ياش، نەچچە كۈندىن كېيىن ئون توققۇزغا كىرىمەن . دېمەك تېخى يىگىرمىگە تولمىدىم . يەنە نەچچە يىل ئۆتسە يىگىرمە بىرگە كىرىشىم شەكسىز . يىگىرمە ئىككى مىليون پۇلۇم بار ، بۇنىڭ بىلەن باشقىلاردىن ئەلۋەتتە يىگىرمە ئۈچ ھەسسە ئارتۇق تۇرىمەن ، گەرچە يىگىرمە تۆت سائەت ئۇخلىساممۇ... پەرىزىمچە سىز 25ياش . 26گە كىرگەن بولسىڭىزمۇ مەيلى .27نىمۇ كۆڭلۇمگە ئالمايمەن . 28 بولسىمۇ ناھايىتى مەندىن ئون ياشلا چوڭ بولىدىكەن . ئاڭلىشىمچە 29ياشلىق ئاياللار تولىمۇ جەلىپكار بولارمىش . ئەگەر30ياش بولسىڭىز مەن ئويلىشىمەن .31 بولسا سەل ھەسرەت چېكىشىم مومكىن . 32ياشقا ئۇلاشقان بولسىڭىز كۆڭلۇم يېرىم بولىدۇ . 33كە كىرىپ بولغان بولسىڭىز بولدى تەنھالا ئۆتەي .34 كە كىرىپمۇ مېنى كەلتۈرەي دەپ ئويلىماڭ ، چۈنكى ئاپام بۇ يىل35 ياش . لېكىن سىزگە 36تال ئەتتىرگۈل سوۋغا قىلىشتا چاتاق يوق . ئەمما يانچۇقۇمغا قارىسام ، پەقەت37يۇەنلا باركەن . پارچىلىرىنى قوشساممۇ38 يۈەنچە چىقارمىكىن . چۈنكى بۇرۇنقى سۆيگۈنۈم بىلەن ئايرىلىپ كېتىشتىن 39 كۈن بۇرۇن ، ئۇنىڭ بىلەن تېلىفۇندا سۆزلىشىپ40يۇەن قەرىز بوپ قالغان. 41كۈن بۇرۇن ئۇنىڭغا 42پارچە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ ، قەلبىمدىكى43خىل<<مەڭگۈ>>نى سۆزلەپ بەرگىنىم ، ئۇ مەن بەرگەن 44قېتىملىق تېلىفۇننى 45 قېتىم قويىۋەتكەنكەندە ، 46گىرادۇسلۇق كۆز يېشىم بىلەن يۈزۈمنى47قېتىم يۇيۇپ ، بېشىمنى48 قېتىم چايقىغىمچە ،49 قېتىم ئاھ چىكىپ،50قېتىم<<ئىسىت!!!...>> دېگىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە.... سىزگە51قېتىم سىزنى سېغىندىم ،52 قېتىم سىزنى سۆيىمەن دېگۈم بار .53 -قېتىمدا نىمە دېيىشنى ئويلاشمىغاچقا ، 54تىن ئاتلاپ55 كەلدىم . تۇيۇقسىز 56مىنۇتنىڭ ئالدىدا سىزنى كۆرگىنىم يادىمغا كەلدى . بىلمىدىم ،57مىنۇتتىن كىيىن سىز ئۇچۇرشىشقا چىقارلارسىزمۇ؟ 58 مىنۇت 59سىكونىتلۇق بۇ سېغىنىشتىن 60خىل تۇيغۇنى ھېس قىلغانلىقىمنى چۈشىنەرسىزمۇ ؟ سىزنى سۆيۈشكە61خىل سەۋەپ، ئىككىمىزگىلا لايىق 62خىل سۆيگۈ ئىبارىسى ، يەنە ئىككىمىزنىڭ ئۇچۇرشۇپ قىلىشىغا ئوخشايدىغان63 مۇھەببەت كېنوسى..... ئويلاپ باقسام ، سىزنىڭ 64ئارتۇقچىلىقىڭىز بولمىغاندەك ، 65كەمچىلىكىڭىزمۇ يوق ئىكەن . پەقەت 66سانتىمېتىر كېلىدىغان بېلىڭىزلا مېنى 67يىل سۈكۈتكە چۈمدۇرگىدەك . شۇنداقتىمۇ <<بوپتۇلا ھېچبولمىسا بىر مېتىر68 كېلىدىغان بويى بولسىمۇ بار!>> دەپ ئۆزۈمگە 69 قېتىم تەسەللى بېرىپ70-قېتىمدا ئۇھ دېدىم ۋە ئاخىرى سىزگە71بەتلىك سۆيگۈ خېتى يېزىش قارارىغا كەلدىم . كالامپايلىقىمدىن<<سىزنى سۆيىمەن>>نى72قېتىم خاتا يېزىپ ،73 -قېتىمىدا مۇۋاپىقىيەت قازاندىم . سىزنىڭمۇ مېنى 74قېتىم ئەيىپلەپ يۈرمەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچم كامىل . 75باھار ، 76ياز ، 77كۈز ۋە 78قىش بىزنىڭ قەدىمىمىزگە تەشنا . سىز بىلەن79 ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈش مېنىڭ ئارزۇيۇم. مېنىڭ 80جۈملە چىن سۆز بىلەن تولغان بۇ مەكتۇبىمنى كۆرگەن ھەرقانداق قىزنىڭ ، مېنىڭ تەلىپىمنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىغا %81ئىشىنىمەن . بەلكىم سىزمۇ مېنىڭ ئادەمنى قايىل قىلىدىغان 82خىل ئارتۇقچىلىقىمنى ھېس قىلغانسىز . ئەگەر مېنى رەت قىلىشقا83 باھانىڭىز بولسىمۇ ،مەن 84سەۋەب بىلەن سىزنى يەنىلا تۇتۇپ قالالايمەن . ئەڭ چىن ، ئەڭ سەمىمى قەلبىم بىلەن ماڭا 85 يىل ھەمرا بولىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن . يۈزىڭىزدىكى قورۇقلارھازىرقىدىن 86 ھەسسە كۆپەيگەن تەقدىردىمۇ ،87قېتىم ئىگىلىپ تۇرۇپ ،88 قېتىم سىزنى سۆيىمەن دىيەلەيمەن . شۇنداقلا 89-سىنى سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن چىقىدۇ دەپ بىلىمەن. بۇ خەتنى يېزىۋاتقىنى 90مىنۇت بوپتۇ . بۇ جەريانداسىزنى 91 قېتىم كۆز ئالدىمغا كەلتۇردۇم . كۆيۈك ئازابىدا92 قېتىم قاتتىق چاڭقىدىم ۋە 93بوتۇلكا مىنرال سۇنى سىزنىڭ ۋىسالىڭىزغا قىياس قىلىپ گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتىم .94 -قېتىمقى ئۇسسۇزلىقىمنى لىۋىڭىزدە بەرگەن 95بوتۇلكا شەربەتمۇ باسالماسمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن . بەلكى 96ياشقا كىرەلمەسلىكىم مومكىن ، لېكىن سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنىڭ 97يىلدىن كېيىنمۇ 98 گىرادۇس ھارارەت بىلەن يالقۇنجاپ كۆيۈشىگە ئىشىنىڭ . ئاخىردا سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە99 تال ئەتتىرگۈل بىلەن ئۇشبۇ مەكتۇبىمنى سىزگە ئەۋەتتىم. قەلبىڭىزدىكى%100لىك ئەر بولۇش مېنىڭ مەڭگۈلۈك نىشانىم. --سىزنى سۆيۈپ: ئاشىقىڭىزدىن



مەنبە : مەختۇمنىسا تور بىكىتى
تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-19, 11:31
ھاياتىڭ كۆل سۈيىدەك ئەمەس، ئېقىندەك جۇش ئۇرۇپ تۇرسۇن!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-19 01:19 |
rawiya
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2959
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 148 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 149 سوم
تۆھپە: 89 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 90 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 75(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     ئاجايىپ سۆيگۈ خېتى ئىكەن ھە  
西部医院
ھەقىقەت ئىگىلىدۇ،سۇنمايدۇ.........
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-19 13:39 |
bahdaxohli
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 143
شۆھرەت: 773 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 777 سوم
تۆھپە: 454 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 458 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بولدىغان چارىكەن ، كۈزۇمگە بىرەر قىزچاق ئىللىق كۈرۇنۇپ قالسا يېزىپ سىناپ باقايچۇ ، بويتاقچىلىققا خاتىمە بېرىپ تاشلامدىمەن تېغى  
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-19 23:19 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار