ئۇيغۇر سەھرالىرى
ئوسمان زاھىر
گۈل پۇرار، رەيھان پۇرار ، شادىمان سەھرالىرىم،
ھەمنەپەس، يولداش ماڭا، ناتىۋان سەھرالىرىم،
بۇ قەلب رىشتىمنى چىڭ، باغلىغان سەھرالىرىم،
پەنجىگاھ، نەۋرۇز كۈيى، ياڭرىغان سەھرالىرىم،
قۇش بولۇپ ئۇچتۇم سېنىڭدە ، بىپايان سەھرالىرىم.
كۆز ئېچىپ كۆرگەن ئىدىم، ئۇشبۇ زىمىننى تۇنجى رەت،
ئۈگىنىپ ئۇندا دىيانەت،ياشىدىم ئىنسان سۈرەت،
بالىلىق چۇقانلىرىم ، سەندىن تارالغان ئاقىۋەت،
بال شۇڭا ئىچكەن سۇلارمۇ، كارىزلىرىڭدا بىر نۆۋەت،
ئانىدۇر، پەرزەنت ئۈچۈن ، مېھرىبان سەھرالىرىم.
يەر تېرىپ قاقاس زىمىننى گۈل قىلار دېھقىنى بار،
داستىخان كەڭدۇر ھامان، تۆرىدە مېھمىنى بار،
باغ قىلار چۆلنى ئۈنۈمسىز، ئۇپرىماس كەتمىنى بار،
ياخشىغا ياغدەك ياراشقان سۈپسۈزۈك ئاسمىنى بار،
مېھنىتى ئالەمگە رەڭ،داستىخان سەھرالىرىم.
يادلىنار پەسىللىرىڭدە شادلىقىم، كەچمىشلىرىم،
تۇپرىقىڭ نېئىمەت ماڭا، سەندىدۇر كەلمىشلىرىم،
باغرىدەك سەينادا كەڭ توي سالۇر تەڭتۇشلىرىم،
باغ ئۆزى، تەكتە پەۋەس، دۇر كەبى كىشمىشلىرىم،
تۈگىمەس ناخشا ئەمەسمۇ، ياشنىغان، سەھرالىرىم.
ئۈجمىلەر تەققاس ئەنە بوۋىلار سىماسىغا،
يىلىكى تولغان باتۇرنىڭ، دىلى نۇر- زىياسىغا،
كۆزۈڭنى سۈرتكۈڭ كېلۇر، تاشلىرى، گىياھسىغا،
مۇساپىر بولغان چېغىڭدا ئۆزگە ئەل دالاسىغا،
ئاھ، قارا ھىجراندا قالسام، ئاسرىغان سەھرالىرىم.
ئالما ھەم ئەنجۈرلىرى، تەمدە يىگانە، يەر گۇۋاھ ،
قوغۇنى مېھنەت سۈيىدە ئەي بولۇر، دەردكە داۋا،
ئۇشبۇ خۇشبۇي ماكاندا قىلىدۇ بۇلبۇل ناۋا،
مەن قاچان كەچتىم ئۇنىڭدىن، قالدىم خازاندەك بى داۋا،
ھەر قېتىم كوچاڭدا ماڭسام، قانمىغان سەھرالىرىم.
توزۇدى ئۇندا ئانامنىڭ باغ كەبى- ھۆسنى، تېنى،
تاغ سۈپەت مەزمۇت ئاتامنىڭ مۇزلىدى، ئاتەش قېنى،
ۋە لېكىن ئىزلار بېسىپ كەلمەكتە ئەۋلاد ھەركۈنى،
تۈگىمەس ئارمان بىلەن كۆكلىگەي ئەرنىڭ جېنى.
ياشىدى بوراندا تىك، قەھرىمان سەھرالىرىم.
بىر گۈزەل دېدى ماڭا: سەھرادا قىلما جاننى خار،
توپىدۇر يېگەن ئېشىڭ، سەھرادا سەن بىئېتىبار،
مەن دېدىم: قانداق كېچەي؟ پۇرايدۇ سەھرا گۈل، ئىپار،
يۇرتىدىن كەچكەن كىشىنىڭ بولمىقى ھەق شەرمىسار،
قەرز ماڭا سەھرانى سۆيمەك، جانىجان سەھرالىرىم.
چۈنچىدە سۆھبەت قۇرار ، ئاققان كۈمۈش تەرلەر بىلەن،
ناخشىسى ياڭرار دېھقاننىڭ، ئۇ خۇشال يەرلەر بىلەن،
قىزلىرى غەيرەت، چىدامدا تەڭ كېلۇر ئەرلەر بىلەن،
توزۇماس ئىللىق ئۇۋام ، بېزىگەن زەرلەر بىلەن،
ھەرقاچان قوينۇڭدىمەن، نەۋقىران سەھرالىرىم.
تونۇرى ئوخشار قۇياشقا، نانلىرى قۇۋۋەت ، دورا،
نان بىلەن بولغان ئۆرە نى قەسىر،مەزمۇت تۇرا،
شۆھرىتى جەۋلان قىلار دارۋازلىرىڭنىڭ تاغ ئارا،
سەن ئەگەر ھېكمەت دېسەڭ، ھېكمەتنى سەھرادىن سورا،
ساقىماس چولپانغا ئوخشاش، چاقنىغان سەھرالىرىم.
بىباھا كەشپۇ- كارامەت، باغرىڭدا خوتەن قەغىزى،
ھەرزامان قۇۋۋەت ماڭا، سەندىكى روھ يىلتىزى،
مېھرى ئوت ئايۋانلىرىڭدا، گۈلدەك ھۈنەرنىڭ مېغىزى،
سەندە تارىم، سەندە باغراش، چېھرىڭدىكى قۇتنىڭ ئىزى،
سۈپسۈزۈك چەشمە ئەمەسمۇ، قاينىغان سەھرالىرىم.
نەدە بار ئۇيغۇر، دېمەك، شۇندا يېزا سەھراسى بار،
مەن كەبى تاھىر يىگىتنىڭ يېزىدىن زوھراسى بار،
نۇرلىنار ئەتلەسلىرى، دوپپىدەك يەكتاسى بار،
شۇڭا ھەر دىل قېتىدا بىر كۆرۈش سەۋداسى بار،
قوينى ياز ئاپتىپىدەك ، خانىدان سەھرالىرىم.