300-70 -1 oztil xj 50
«12345»Pages: 1/5     Go
بۇ تېما 3115 قېتىم كۆرۈلدى
alnur

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 62
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 358
شۆھرەت: 2013 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2004 سوم
تۆھپە: 1168 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1169 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 87(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مائاشلىقلار قانداق ياشاۋاتىدۇ؟

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-04-06)
مائاشلىقلار قانداق ياشاۋاتىدۇ؟

(ئابدۇرېھىم دۆلەت)

ئادەم ياشاشتا ۋاستىگە موھتاج. بۇ يەردە ۋاستە ماددىي ۋاستىمۇ، مەنىۋى ۋاستىمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ ئۆلۈپلا قالماي تىرىك يۈرۈش مەخسەت قىلىنسا ، ئۇ ھالدا ماددى ۋاستە ئەڭ موھىم، شۇنداقلا بىردىنبىر ۋاستىگە ئايلىنىپ، مەنىۋى ۋاستىنىڭ ھىچقانداق قىممىتى قالمايدۇ. ئەمما ئادەم ماددىي ۋاستىنى بىردىنبىر تىرىكچىلىك ئاساسى قىلۋالسا، ئادەمنىڭ باشقا نەرسىدىن پەرقى نىمە؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ تېپىشتا كىشى قىينىلىپ قالىدۇ.
ھازىر مائاشلىقلارنىڭ تىرىك يۈرشى ئۇلارنىڭ ماددىي مەۋجۇتلىقدىن ۋە قۇرال خاراكتىردىن باشقا ھىچنىمدىن دىرەك بەرمىگەچكە، ئۇلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى ھەققىدە ئويلۇنۇپ بېقىشقا توغرا كىلدۇ.
راسىت، مائاشلىقلار قانداق كىشلەر؟ بۇنىڭغا جاۋاپ ھاجەت ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇلار كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، تىرىشچان، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەملەر، ئىنتىزامچان، يۇمشاق قۇلاق، مەدەنىيەتلىك، ئۈلگىلىك ئادەملەر، باشقىلار شۇلاردەك بولۇشنى ئارزۇلايدىغان ئادەملەر. ئۇلارئوقۇغاندا تىرىشىپ، ئاكتىپ ئوقۇغاچقا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلىگەن. ھازىرقىدەك ھەممە كۆز قىزارتىدىغان خىزمەتكە ئېرىشەلىگەن. دىمەك، مائاشلىقلار باشقىلارغا قارىغاندا، باياشاد، پاراۋان، بەخىتلىك كىشلەر، ئۇلار جەمئيتىمىزنىڭ يۇقۇرى قاتلىمى. ئۇلار ئۆزدىن تۆۋەن قاتلامدىكلەرگە ئۇستازلىق قىلىپ، مەدەنىيەت، يىڭىلىق يارىتىپ ۋە تارقىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاكتىپلىك فونكىسيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ يۈرىدۇ، بىزنىڭ جەمىيتىمىز دەل مۇشۇ ئاكتىپلارنىڭ قولدا، ئاكىمىز باريەردە بىز يەنە نىمدىن غەم قىلاتتۇق؟
پاجىئە دەل مۇشۇ يەردە! ھەممىگە ئايانكى، مائاشلىقلار كادىرلاردۇر. كادىرلارنىڭ تۇرمۇشى قىلىپلاشقان تۇرمۇش، ئۇلار ئۆزنىڭ خىزمىتگە مىخلانغان، ئۇلار خۇددى كۆزنى تېڭىۋەتكەن كالا خامان يۇمشاتقاندەك بىر ئۆزگەرمەس لىنىيدە توختىماي ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمەت مۇھىتى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش موھىتىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇلار بىر خىل ئۆلۈك، ئۇچۇرسىز، تۇرغۇن مۇھىتتا ياشايدۇ. ئۇلار ئۆزنى ئەركىن سانايدۇ، ئەمما روھىغا سېلىنغان ئارغامچىنى ھېس قىلالالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئارغامچا سوزۇلىدىغان رىزىنكىدىن ياسالغان. زەيداننىڭ تۇرغۇن زەي سۇلىرى بىلەن دەريانىڭ دولقۇنلۇق، ئىقىن سۇلىرنى سىلىشتۇرغىلى بولامدۇ؟ زەي سۇ نىمىشقا سېسىق؟ دەريا سۈيى نىمىشقا سۈزۈك؟
ئادەم ئۆز بېغىغا سۇنى ئۆزى باشلاپ ئەكىرەلىسە، ئۇ بۇ سۇنىڭ تەشەببۇسكار ئىگىسگە ئايلىندۇ. ئۇنداق بولماي باشقىلار باشلاپ بەرگەن غۇنى ئىچىپ كۆنۈپ قالسا، ئۆزى ئىرىقتا سۇ بولسىمۇ باشلىيالماي قالدۇ. كۈنلەرنىڭ بىردە سۇ باشلاپ بىردىغان ئادەم يۈز ئۆرۈسە، ئۇنىڭ بىغنى دەرھال ياۋا ئوت – چۆپ باسدۇ. بىزنىڭ مائاشلىقلىرمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى يۇقۇرقىدىن پەرىقلەنمەيدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇلارنىڭ ئۆزنىڭ ھايات پىلانى بولمايدۇ، ئەكسىچە ئۆزى باشقىلارنىڭ پىلانىنىڭ مەزمۇنىغا ئايلىنىپ قالدۇ. كىشلەر ئۇلارنى مائاشى بولغاچقا، كۆڭلى خاتىرجەم، تۇرمۇشى باياشاد، دەپ قارايدۇ، ئەمىليەتتە ئەھۋال دەل ئەكسىچە، ئۇلار دەل مائاشى بولغاچقىلا، كۆڭلىنى ۋەھىمە قاپلىغان، نىملەردىندۇر مەھرۇم قىلىش قورقۇنچىسى ئۇلارنى خۇددى تۈگمەن تىشدەك بىر ئۆمۈر يەنجىپلا تۇردۇ. خىزمەتتىن ئايرىلىپ قىلىش ئۇلارغا نىسبەتەن ئادەم ئەلەيھىسسالامنى جەننەتتىن قوغلىغاندىنمۇ بەكرەك قورقۇنۇشلۇق، ناۋادا ھەقىيقەتەن بىر كۈنلەردە ئىشتىن بوشتىلىپ مائاشىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇلارنى قۇتقۇزۋالغىلى بولمايدۇ. ئۇلارغا ھەتتاكى ئەڭ بۈيۈك نىشان، گۈزەل مەنزىرلەرنى كۆرسەتسىڭىزمۇ، ئۇلار باشلىرنى ئۈمۈدسىزلىك بىلەن ئىچنىشلىق چايقايدۇ. ئويلاپ بىقىڭ، رايۇنىمىزدىكى نەچچە مىڭ خەلق ئوقۇتقۇچىسنىڭ بىر پۇڭ مائاش ئالماي، نەچچە يىل ئىشلىشى ئۇلارنىڭ مائارىپنى سۆيگىنى، ئەۋلاتلارغا كۆڭۈل كۆينگىنمۇ؟ گەرچ ئۇلار بىر ئۆمۈر مائاش ئۈچۈن كۆرەش قىلسىمۇ، مائاش ئۇلارنىڭ قىيىنچىلقىنى ھەل قىلىپ، ۋەھىمىسى يوقۇتالمايلا قالماستىن، بەلكى تىخمۇ كۈچەيتىۋىتدۇ. مائاش ھەرقانچە ئاشسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىھتىياجى تەڭلا ئىشىپ، ئىلگىركىدىن ھىچقانداق پەرىق قالمايدۇ. ئىھتىياج ئاشقاندىن كىيىن ۋەھىمىمۇ تەڭلا ئىشىپ تۇردۇ. مائاشنىڭ كۆپيىشى ئۇلارنى يىڭى – يىڭى ئىھتىياجلارغا مۇپتىلا قىلىپ تۇردۇ. مائاشنى تولۇق ئىلىش، ئىشقا كىچىكمەسلىك، ھەرخىل مۇكاپات، ئۈنۋان، دەرجە ۋەسۋەسلىرى...ئۇلارنى بەك قىينىۋىتدۇ. ئۇلار ئۆزدىكى قورقۇنچاقلىقنى پاراسەت، پىشىپ يىتىلگەنلىك دەپ چۈشەندۈردۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئىچىملىك ئۈزۈلمەيدۇ، ئەمما بىر ئۆمۈ تەشنالىقى بىسىقماي ئۆتدۇ. ئەڭ ئىچنىشلىقى شۇكى، ئۇلار ئۆزنىڭ نىمگە تەشنالىقنى، ئۇنى قانداق قاندۇرۇشنى بىلمەيدۇ.
ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىڭ بەزى بىر تەرەپلىردىن باشقا ھەممىسى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلدۇ. ھەتتا ئۇلار بەزىدە توي – تۆكۈنگە بىرىش، كىيىم – كىچەك ئىلىش، ساقال – بۇرۇت ئىلىش، چاچ ياستىشقىمۇ ئۆز ئالدىغا قارار چىقرالمايدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن تۇرمۇش بىر تۈگمەن، ئۆزلىرى ئۈگۈت.
بەزىدە ئۇلار ئۆي جاھازىللىرغا ئوخشاپ قالدۇ، ناۋادا بۇ ئۆي جاھازىللىرى مودىدىن قالسا ياكى كونىرسا، ئىگسى بۇ ئۆي جاھازىللىرنى خالىغانچە يۆتكەيدۇ ياكى تاشلىۋىتدۇ. ئۆي جاھازىللىرى ئۆزنىڭ قايسى ئۆيدە تۇرۇشىنى ئۆزى بەلگىليەلمەيدۇ. ئىگسى ئۇنى قەيەرگە قويۇشنى خالىسا، شۇ يەرگە قويدۇ، نىمە قىلغۇسى كەلسە شۇنداق قىلدۇ.
مائاشلىقلارنىڭ ھاياتىنى بىر سەپەرگە ئوخشاتساق، ئۇلار بۇ سەپەردە تۆۋەندىكدەك بىكەتلەرگە چۈشۈپ ئۆتدۇ. بۇ بىكەتلەر ئڭنىڭ ھاياتىنىڭ ئوخشىمغان باسقۇچلىردىكى نىشانلىرغا ۋەكىللىك قىلدۇ.


1.ئالىي مەكتەپ، بۇ بىرىنچى بىكەت. بۇنى ئۇلارنىڭ 15 – 18 يىللىق ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈشى بەلگىلەيدۇ. ئۇ تۇغۇلغاندىن تا شۇ چاغقىچە ئالىي مەكتەپ ئۈچۈن ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى بۇ بىكەتنى ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارايدۇ ھەم ئۇنى ئۆزنىڭ 18 يىللىق ھاياتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن – ئۆتكۈزمىگەنلىكنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلدۇ.

2.بۇ باسقۇچتا ئۇ ئۆزنىڭ مەخسىتگە يىتىشتىكى ئەڭ يىقىن، ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ ئەملى يولغا كىرگەن بولدۇ. بۇ بىكەت خىزمەتتۇر. بۇ مەخسىتگە يەتسە ھاياتىمنى بىكار ئۆتكۈزمەپتىمەن، ئەھمىيەتلىك ياشاپتىمەن، دەپ ئۆزدىن رازى بولدۇ، بۇ چاغدا ئۇ ئاللا قاچان 20 – 25 لەرگە يىقىن كىرگەن بولدۇ. پاجىئە شۇكى، بۇ بىكەت ئۇنىڭ ئىلگىركى ھاياتىنىڭ چىكتى بولۇپ قالدۇ، شۇ چاغقىچە ئىرىشكەنلىرنى ئۆمىرنىڭ ئاخىرغىچە كۆشەيدۇ.


3.جورا. ئارزۇلىغان خىزمەتكە ئىرىشكەندىن كىيىن، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدا ئائىلە قۇرۇش ئىستىكى تۇغۇلدۇ. ئۇ جورىسنى مائاشلىقتىن تاللايدۇ. ئۇ پەقەت ئۆرپى – ئادەت، فىزلوگىيەلىك غىدىقلاشلار تۈپەيلىدىن توي قىلغاچقا، ئۇنىڭغا ئائىلنىڭ بۈيۈكلۈكنى ھىس قىلىش نىسىپ بولمايدۇ. بۇ ئائىلنىڭ زاۋۇتتىن كۆپ پەرقى يوق. بۇ ئائىلمۇ نەچچە كۆرۈشۈپ يۈرۈپ نەچچە كىچىكلەرگە كىرىپ بىقىپ ئاندىن قۇرۇلدۇ. بۇ ئائىلدىكى ئەڭ خۇشاللىق ئىش پەقەت فىزلوگىيەلىك ئاچارچىلىقنى قاندۇرۇش. ئۇلار توي قىلىشقاندىن كىيىن بىر – بىرنىڭ مۇھەببەتلەشكەن چاغدىكدەك ئەمەسلىكنى، ئائىلنىڭمۇ ئۇنچىۋالا ئارزۇلىغدەك نەرسە ئەمەسلىكنى ھىس قىلىپ، تۇرمۇشتىن، بىر – بىردىن كۆڭلى سوۋۇيدۇ. ئەلۋەتتە، كۆڭلى سوۋۇدى دەپلا ئاجرىشىپ كەتكىلى بولمايدۇ. نۇرغۇن ئىچكى – تاشقى بىسىملار تىشى ساق، ئىچى چۇۋۇق بۇ ئائىلنى تۇتۇپ تۇردۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ئۆمۈر مايسىراپ كەتكەن زەنجىر بىلەن چاقتەك بىر – بىرنىڭ جىننى قىيماپ، غىچىرلىشىپ ياشايدۇ.


4.ئۆي. بۇ تۇرمۇشتا بولمىسا بولمايدىغان موھىم ۋاستە. بۇنى ئادەملەرنىڭ ئادەملىكى بەلگىلگەن. ئۆي ئۇلارنىڭ پۇل ۋەھىمىسدىن قۇتۇلالماسلىقدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، نەچچە يىللىق تاپقان تەرگىننى ئۆيگە دەسمايە سالدۇ. بولۇپمۇ شەھەرلەردە بۇ ئادەمنى قىينايدىغان بىر ئىش. ئۇلار ئۆي ئۈچۈن نەچچە يىل قەرىزگە بوغۇلۇپ ياشايدۇ. بۇ چاغلاردا بەلكىم 35 – 40 لەرگە، 50 لەرگە ككىرىپ قالغان بولۇشى مومكىن.


5.پەرزەنىت. ئۇلار 40 ياشقا كىرىپ بولغۇچە باللىرى 15 – 20 ياشلارغا كىرىپ قالدۇ. ئۇلار ئۆينىڭ قەرزىدىن قۇتۇلۇپ ئەمدى بىلنى رۇسلۇشغا بالنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشتەك بۈيۈك ۋەزىپىگە دۇچ كىلدۇ – دە، يەنە چىمداپ تۇرۇپ پۇل يىغىش سەپىرنى باشلايدۇ. پەرزەنىت ئۇلارنىڭ كىيىنكى ھاياتىدىكى ئەڭ زور مەخسەتكە، بەزىدە باھانىگە (بەزىدە ئاجراشماسلىقنىڭ، بەزىدە يۈكسەك ئىشلارنى قىلالماسلىقنىڭ، بەزىدە نۇرغۇن پەسكەشلىكلەرنىڭ) ئايلىندۇ. بارلىقنى شۇلارغا ئاتايدۇ(گەرچە باللىرى شۇنداق قىلمىسمۇ). ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن باللىرغا خىزمەت تاپمىسا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ باللىرمۇ ئۆز ئاتا – ئانىللىرغا ئوخشاش كادىر بولمىسا، باشقا ئىش قىلىپ جىننى باقالمايدۇ. باللىرغا خىزمەت تىپىش ئۈچۈن، نۇرغۇن كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كىلدۇ. بالا ئۈچۈن چىداش، ھەممىگە چىداش كىرەك. خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپلا ئىش تۈگمەيدۇ، يەنە ئۇلارغا جۈپ ئىزلەش، بىشنى ئوڭلاپ قويۇش كىرەك. ئۇنىڭغا پۇل، يەنە پۇل كىتدۇ... بۇ چاغلاردا چاچلار ئاقرىپ، چىرايلارنى قورۇق باسدۇ. ئۇ چاغدىمۇ بىكار تورماي نەۋرە باقدىغان گەپ... بۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرنى باللىرى تەكرارلايدۇ. چۈنكى باللىرمۇ شۇلاردەك يىتشىپ چىققان. دىمەك، يۇقارقىلار مائاشلىقلار تۇرمۇشنىڭ ئومۇمى كارتىنسى. يۇقارقى بەش بىكەت ئولارنىڭ ھايات باسقۇچلىردىكى پەلەمپەي ئەمەس، ئاللاقاچان مۇقەددەس مەقسەتكە ئايلىنىپ قالغان.
توغرا، بىر ئادەمنىڭ خىزمەت قىلىپ، ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولۇپ، موقۇم بىر كىرىمگە ئىرشىپ ياششى تەبئى تەلەپ، ئەقەللى مەسلە. بۇنى ئەيىبلىگلى بولمايدۇ. ئەمما، جاھاندا ئۇنىڭدىن باشقا ئىش يوقمۇ؟ نۇرغۇن ئۇلۇغ مەسىللەر ھەل قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغاندا، ھەممەيلەنننىڭ ئائىلسىگە، خىزمىتگە بىشنى تىقۋىلشى ھەقىيقى ۋىژدانسىزلىق ئەمەسمۇ؟ ھاياتىدا ئۆزنى بىغىشلىشدەك نىشانى يوق ئادەم ئادەم ئەمەس.
مۇقەررەركى، تۇرمۇش قىلپى شۇ قىلىپ ئىچدىكلەرنىڭ ئىدىيە قىلپىنىمۇ يىتىشتۈرۈپ چىقدۇ. ئۇلارنىڭ ھايات قارشى، تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى، غايىسى دىگەنلەرگە موھىم تەسىر كۆرسىتدۇ. دىھقان، كادىر، سۆدىگەرنىڭ تۇرمۇش قىلپى ئوخشىمغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىدىيە – تەپەككۇرلىرمۇ ئوخشىمايدۇ.
يىغىنچاقلىغاندا،يۇقۇرقىلار تۆۋەندىكدەكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ:
1.ئۇلار تۇرمۇشنى مەلۇم بىر نىشانغا يىتىشتىكى جەريان دەپ قارماستىن، نىشاننىڭ ئۆزى، دەپ قارايدىغان بولغان.
2.يۇقۇرقى بەش ئامىل ئۇلارنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك پائالىيتىنى بەلگىلەپ، ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈنلا ياشاشقا مەجبۇر قىلغاچقا، ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قارشى تەرەپنىڭ پايدىلنىش قىممىتگە ئاساسەن بەلگىلەنگەن. چىن ئىنسانى مىھرى – مۇھەببەتلىك مۇناسىۋەتنى تىپىش ئاساسەن مومكىن ئەمەس. شۇ سەۋەپتىن يۇقۇرقىدەك كىشلەردىن تۈزۈلگەن بۇ جەميەتتە ئىجدىمائى مۇھەببەت يوقالغان.
3.ئۇلار موقۇم، مىخلانغان تۇرمۇشنى بىردىنبىر تۇرمۇش ھەم بەخەتنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدۇ. دولقۇنلۇق، ئۆزگۈرۈشچان تەۋەككۇلچىلىككە تولغان ھاياتنى ئەخمىقانىلىق، دەپ قارايدۇ. ئەمىليەتتە ئۇلاردا تەۋەككۇلچىلىك، قاراملىق دىگەندەك ئەركەكلەرگە خاس ئالامەتلەر ئۆچكەن، ئۇلار تۇرمۇش بىلەن قارشىلشالمايدۇ.
4.ئۇلار بىر ئۆمۈر بىرىلگەن ناننى يەپ چوڭ بولغاچقا، ئۇلاردىن غالىپلارچە خوجايىنلىق تۇيغۇسى تىپىلمايدۇ، ئەكسىچە بىقىندىلىق تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ تومىرى، ھۈجەيرىللىرىگە قەدەر سىڭىپ كەتكەن. ئۇلاردا ئەركەكلەرچە مەغرۇرلۇق يو، ئەمما ھاكاۋۇرلۇق يىتەرلىك بار. ئۇلار ئۆز تۇرمۇشنىڭ ئاپتورى بولالماي قالغان. ھايات ئەسىردىكى مەجبۇرى جۈملىلەرگە ئايلىنىپ قالغان.

5.ئۇلار مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ خىزمەتكە ئىرشىشتىن ئىبارەت زەنجىرسىمان جەرياننى مۇقەددەس ھايات لوگىكىسغا ئايلاندۇرۋالغان ھەم بۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھاياتنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلپ، ھاياتنىڭ ئەھمىيەتلىك ياكى بىكار ئۆتكەنلىكنى شۇنىڭ بىلەن ئۆلچەيدىغان بولغان ھەم ئۇنى قىممەتلىك مىراس سۈپتىدە پەرزەنىتلىرگە مىراس قالدۇرۇشقان.

6.ئۇلار ئۆزگە ئالاقىدار ئىشلارغىلا چۈكۈپ كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ ئىڭدا ئىجدىمائى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۆلگەن، ئۇ ئائىلە، ئىدارىنىڭلا پۇقراسى بولۇپ قىلىپ، ئۆز قەۋىمىنىڭ پۇقراسى بولالمىغان



ئابدۇرېھم دۆلەتنىڭ "مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز" دىگەن كىتابىدىن  ئېلىندى

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-26 21:58 |
turan
تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنۇم ھاياتىمنىڭ ئاخىرلا ..

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 329
شۆھرەت: 1839 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1839 سوم
تۆھپە: 1074 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1080 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 216(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ماقالىنى كورۇپ چىقتىم ،ئاپتور ئابدۇرەىھم دۆلەت بۇ يازمىغا خېلى كۇچەپتۇ،جۇملىدىن مائاشلىقلارنىڭ بىر قىسىم تۇرمۇشى،ئىدىيسىنى،دۇنيا قاراشلېرىنى كۇۋجەپ تۇرغان جەسسۇرانە ھىسياتتا ئىپادىلەپتۇ،جۇملىدىن مەزكور ئەسەرنىڭ سۆزلىرى تۇلىمۇ پاساھەتلىك ،مەردانە چىقىپتۇ،دەرھەقىقەت ئاپتور ئۇتتۇرغا قويغان مەسللەر  جەميىتىمىزدە مەۋجۇت،بۇنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ،لىكىن ئاپتور ئەسەردە ئۇتتۇرغا قويغاندەك مۇئاشلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنچىلىك دەرىجىدە لاۋزا،غۇرورسىز ئەمەس،ئارىمىزدا مائاشلىقلار ئىچىدە ئائىلە،نىكاھ،جەميەت،مىللەت ئۇچۇن ئۇن -تېىنسىز توھپە قۇشۋاتقان تۆھپىكارلار،ئوت يۇرەك ئەركەكلەر كۇرمىڭ!كىم دەيدۇ ،مۇئاشلىقلاردا تەۋەككۇلچىلىك ئىدىيسى يوق دەپ،قىيداش پىسخىكىسى بىر قىسىم كىشلەردە جەميەتتىن نارازى بۇلۇش،قۇسۇر ئىزدەشتەك بىنورمال ھالەتلەرنى شەكىللەندۇردۇ،مۇئاشلىقلار ئارسىدا ھەقىقەتەن ئادىمىلىكىنى يۇقاتقان بىر قىسىم لامزەللەر  مەۋجۇت،ئۇلار پەسكەشلىكتە شۇنداق ۋايىغا يەتكەنكى  كىچىككىنە ھوقوق ،مەنسەپ-مەنپەت ئۇچۇن خۇتۇننىڭ ئىپىىپتىدىن كىچىشكە رازى،بىز  ھەر ۋاقىت ئۇنداقلارغا لەنەتلەر ئۇقۇيمىز!،گەرچە مەندە بۇ ئەسەرگە باھا بەرگۇدەك ئىقتىدار بولمىسىمۇ باغداشتىن ئىبارەت بۇ ئائىلەمدە ئەركىن پىكىر قىلىش نىيتىگە كىلىپ بىلجىرلاپ باقتىم.
music bagdax
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-26 23:39 |
dilkuyi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 134
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 178
شۆھرەت: 920 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 925 سوم
تۆھپە: 548 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 548 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مائاشلىقلار ئاي ئاخىرىغا تەلمۈرۈپ ، قەرزگە بوغۇلۇپ  ياشاۋاتىدۇ ،،،،،
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-26 23:59 |
oguzhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 363
شۆھرەت: 1850 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1851 سوم
تۆھپە: 1103 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1103 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 670(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      ئابدۇرېھىم  دۆلەت   مۇنداق  دىگەن  < باشقىلار   مېنى   ئابدىرېيىم   بىزنىڭ  كۆڭلىمىزدىكىنى  يېزىپتۇ  دەپتۇ   ئۇنداقتا  مەن  ئۇتتارغان  بولىمەن   ،  مەن  باشقىلار  بىلمىگەننى  باشقىلار  ئويلىمىغاننى  يېزىشىم  كېرەك  ئىدى >  .    دىمىسىمۇ   ئابدۇرېھىم  دۆلەتتنىڭ  ئوي  پىكىرلىرى  باشقىچە .
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-27 00:01 |
japakax
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 275
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 320
شۆھرەت: 1633 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1634 سوم
تۆھپە: 980 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 981 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماشلىقلار ئايدىن - ئايغا ئاران ئۇلىشىپ ياشاۋاتىدۇ .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-27 01:31 |
guzaldunya
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 80
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 66
شۆھرەت: 345 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 345 سوم
تۆھپە: 204 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 204 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 144(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مائاشلىقلارنىڭ دەدى ئۆزى بىلەن تەڭ.
music bagdax
قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-27 01:38 |
gulbahar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 213
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 119
شۆھرەت: 650 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 650 سوم
تۆھپە: 379 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 379 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 144(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دىمەك ھازىرقى ۋەزىيەتتە پەقەت مائاشقىلا قاراپ قالساق بولمايدۇ . باشقا قوشۇمچە ئىش بىلەن شوغۇللانغانمۇ ياخشى دەپ ئويلايمەن .
oztil
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-27 10:08 |
tarati
http://risaletmerdan.blogbus.com/

دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 81
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 636
شۆھرەت: 3586 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3568 سوم
تۆھپە: 2108 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2090 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1606(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مائاشلىقلار قانداق ياشايتتى، بىر ئوبدان ياشاۋاتىدىغۇ؟ ئۇنىڭدىنمۇ قۇسۇر چىقىرىپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلمىغۇدەك، ئۇلارنى سۇندۇرغىدەك ئادەملەرمۇ بار ئىكەن ھە؟
مائاش دىگەن يامان نەرسە ئەمەس. ئۇنى ئۇنداق دەپ پەسلەشتۈرىۋىتىشكە بولمايدۇ. ھېلىمۇ پاراۋانلىق ئىش ئورنى دەپ پۈتۈن مائاشلىق ئورۇنغا ئېرىشمىكىمىزنىڭ تەسلىكى. ھەممە ئادەم بىلىنى باغلاپ سودىگەر ياكى ھەق يائاللا دوست دەپ قەلەندەر بوپ كەتمەيدۇ. قەرز بولسىمۇ، شۇ ئۆي، ماشىنا دىگەندەك يۇقىرى ئىستىمال بويۇملىرى ئۈچۈنغۇ.
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-27 11:04 |
turan
تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنۇم ھاياتىمنىڭ ئاخىرلا ..

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 329
شۆھرەت: 1839 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1839 سوم
تۆھپە: 1074 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1080 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 216(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قىلغان ئەجىرگە چۇشلۇق ھەق ئىلىش ئەخلاققا خلاپما؟ئاشۇ مۇئاشلىقلار دىھقان ئاكام ياققان ناننى،سەي كۇكتاتنى سىتۋىلۋاتمامدۇ؟نەرسە كېرەك سىتۋىلىشتا  ئوينىڭ ئادىدا تۇرسىمۇ يىراقراق بولسىمۇ بىرىپ ئوزىمىزنىڭ خەلقىدىن سىتۋىلۋاتقانلا مۇئاشلىقلار ئەمەسمىكەن؟دەرت ئيتىپ كەلگەن دەرتمەنلەرنىڭ سوزنى ئاڭلاپ ،ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلۋاتقان(گەرچە دەردىگە دەرمان بۇلامىسىمۇ)مۇئاشلىقلار ئەمەسمۇ؟ پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سىلىشنىڭ زوروريىتى بارما؟
oztil
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-27 11:54 |
tunyaz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 323
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-02-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مائاشلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنداق دىيىشكىمۇ بولماس ھە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-27 12:54 |
anwarkapak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 98
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 182
شۆھرەت: 930 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 930 سوم
تۆھپە: 556 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 556 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 109(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

        بىز    ھەمىمىز  ئەستايدىل ئويلانمىساقمۇ ئىككىلەنمەستىنلا نەزىريە جەھەتتىن پۇل ھەمىگە قادىر ئەمەس دىيەلەيمىز. لېكىن ھازىر تۇرمۇشىمىزدا ،كۆز ئالدىمىزدىلا پۇل دىگەن بۇ مېھرى ئىسسىق قەغەز،  ھەمىگىلا قادىر بولۇپ كەتكەندەك ئەھۋاللار يۈز بىرىۋاتىدۇ .
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-27 14:05 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/5     Go
Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز