saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 5064 قېتىم كۆرۈلدى
menggutash

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 119
شۆھرەت: 1100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1154 سوم
تۆھپە: 589 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 589 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1701(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئادەم ئاتىغا ئوچۇق خەت (1)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-01-31)
***نادان قەۋمنىڭ ئادەملىرىلا ئەمەس ئىت -مۈشۈكلىرىمۇ ئوخشاشلا ئازاب چېكىدۇ.-خاتىرەمدىن
 
سىز ئەنجۈر يوپۇرمىقى بىلەن ئۇياتلىق جايىڭىزنى توسۇپ زېمىنغا تىرىكچىلىك ئۈچۈن چۈشكەندىن تارتىپلا بۇ ئازاب باشلانغان ئىدى.تارىخ مىسلىسىز زور كەلكۈنى بىلەن تالاي ئابىدىلەرنى تىكلىدى.يەنە سۈپۈرۈپ تاشلىدى.بىز يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ كېلىۋاتىمىز.ئاشۇ ئورماندىكى ئىپتىدائىي ئاياق ئىزى ئۆچۈش بىلەنلا قۇشلارنىڭ نالىسى ئەۋجىگە چىقتى.غۇرۇرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدۇق.مىسكىن ئانىلارنىڭ ئاياغلىرىدا زەھەرلىك تىكەن ئۈندى.ئۆلىمالىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدۇق.پەخىرلەنگۈدەك ھېچنېمىمىز قالمىغان چاغدا ئىمتىيازىمىزنى ھايۋانلارغا ئىشلەتتۇق.شىرلار كۆندۈرۈلدى.بەختىيار قۇچقاچلىرىمىزغا ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى قەپەزدە ھېس قىلدۇردۇق.ئاتلىرىمىز يۈگۈرۈك ئىدى.ئۇپرىماس ساپان ئاستىدا كىشنەتتۇق.ئىت-مۈشۈكلەرنى تەجرىبە ماتېرىيالى قىلىپ غالجىر تىللىرىمىزنى نەمدىدۇق.«ئەي،خارۇ-زار ھايۋانلىرىم ،سىلەردە تىل بولمىغىنى بىلەن دىل بار.ئورمانغا قايتىڭلار،» دېگۈم كەلدى.ئۇلار ئىمكانسىز،دەرمانسىز ئىدى.يەر ئانىنىڭ بىر بۇرجىكىدە بىر توپ ھايۋان كۆندۈرگۈچىلىرىنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىگەھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرماقتا.ئاق قار ھەرقانچە ياغقان بولسىمۇ قارا يۈزلەرنى ئاقارتالمىدى.تۇپراقسىز يېتىشتۈرۈلگەن مېۋە-چىۋىلەر ئەرلەرنى ئازايتماقتا.ئەي،ئادەم .تۇپراقتا يارىتىلغان ئىدىڭىز،جېنىڭىزمۇ،قېنىڭىزمۇ تۇپراقتا ئىدى.سۈكۈتچان ئاتىلار ئەنە ئاشۇ قارا تۇپراقنى باغاشلاپ يىغلىغان،ھارغىن يۈرەكلەر ئۇنى باغاشلاپ ئۇخلىغان.زىمىن ھەققانىيەت ئۈچۈن تىترىگەن،يوپۇرماقلارساپلىق ئۈچۈن شىلدىرلىغان مۇشۇ قەرنىدە كىلون قويغا ئوخشاش مېھىرسىز قەۋم نەس پارنىكتا ئاداققى قانلىرىنىمۇ ئېقىتماقتا.سۈنئىي قان،سۈنئىي تەم،سۈنئىي خېمىر،ماشىنا ئادەم ،باشسىز تەن ،يېشىل مەھسۇلات ،قىپقىزىل يالغانچىلىق،يۈرەكسىز بوۋاق....بۇلار پارنىك دەۋرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى.زامانىۋىي ماڭقۇرۇتلارنىڭ ئىجادىيەتلىرى.ئۆزىنىڭ چەكلىكلىكى ھەم ئاشۇ چەكلىكلىكتىكى قىممىتى بىلەن قەدىرلىك سانالغان ھاياتىنى ئۇزارتىشقا ئۇرۇنغان بۇ كىشىلەر بەرىكەتنىڭ يىلتىزىغا پالتا چېپىشتى.بەركەت دېگەن نېمە؟ بەرىكەت_بىر تال دان بىلەن بىر قەۋمنى تويغۇزغان،بىر قەترە سۇ بىلەن چەكسىز باياۋاننى ياشارتقان مۇقەددەس نېمەت.مەھرۇملىق _بارلىق ئەتمىشلەرنىڭ يەكۈنى.
«تۈمەن مىڭ يىللار ياشاش»نى كۆزلىگەن بىز تالاي شۇئار،يوسۇن كەلكۈنلىرى ئىچىدە 80گە ئۇلىشالماي ئارمانلىرىمىزنى قارا تۇپراققا بەخشەندە قىلماقتىمىز.پەسىلسىز قوغۇن،پەسىلسىز كۆكتات،سۈنئىي خۇرۇچلار بىمارلارنى ئاۋۇتماقتا.سىز بىرەر قوي -كالىنىڭ زۇكام بولغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ راك بولغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟
مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى بولمىش ساختا قالقىنىمىز _كىيىم كېچەكلەر ۋەھشىي ماھىيەتنى ۋاقىتلىق يوشۇرالىغىنى بىلەن قىڭغىر ئىشنىڭ قىرىق يىلدىن كېيىن بىلىنىدىغانلىقى ھەممىگە ئايانغۇ؟ توغرىسى،ھەممىلا نەرسە قۇتراپ كەتتى.ئىسپان كالىلىرىدەك.ئالدىغا كەلگەننى دەسسەپ چەيلەپ.بۇقا بىلەن ئېلىشقۇچى بىر پارچە قىپقىزىل رەخت بىلەن بەھەيۋەت بىر بۇقىنى بويسۇندۇردى.ئۇ تۇنجى قېتىم پىشۇرۇلغان گۆشنى يېگەن چېغىدىكىدەك تۇنجى لەززەتتىن،ئىمتىيازىدىن ھۇزۇرلاندى.شۇندىن تارتىپ سۆيۈملۈك ھايۋانلىرىمىز بىزدىن يىراقلاپ كەتتى.قارىماققا قۇيرۇق شىپاڭشىتقىنى بىلەن يالغۇز كۆرگەندە چىشلەيدىغان قىساسخور ئىتلار كۆپەيدى. تولا مىنىلىپ ماغدۇرىدىن كەتكەن ئېشەكلىرىمىز ئاخىرقى قارشىلىقىنى كۆرسەتتى.تەپتى،چىشلىدى.ئەگەر ئاللاھ بۇ جانۋارغا مۈڭگۈز بېرىۋەتكەن بولسىدى.ئۇ تۇلۇق،سۆرەمگە چۈشمىگەن بولاتتى.بۇلبۇللىرىمىز قەپەزدە بىزگە لەنەت ئوقۇسا بىز ئۇنى بىزگە ئوقۇلغان مەدھىيە كۈيى دەپ تونۇدۇق.ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قەپەز شادىلىرىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن ئاخىرقى جەڭگە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمىدى.ماتېرىياللاردىن كۆرۈشۈمچە،سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدا سوۋېت ئارمىيىسى ئاپشاركىلارنى ئىشلىتىپ تانكا پارتىلاتقان،ھويلا باقىدىغان بۇ جانۋار مۆرىتى كەلگەندە ئۆلۈمدىن قورقىدىغان ئىنسانلارنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلاندى.ئۇرۇشتىن كېيىن بولسا يەنە يۇندا ئىچىش،ئۇستىخان غاجىلاش،زېرىكىپ قالسا قاۋاش قىسمىتىدىن قۇتۇلالمىدى.شۇنداق يۈرۈپ ئەسلى ۋەسلىنى تامام ئۇنتۇپ كەتتى.تەتقىقاتچىلار توخۇ دېنوزاۋېرلارنىڭ ئەجدادى دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغاندا تۇغۇمچان مېكىيان،ھاكاۋۇر خورازلىرىمىز گەندە تاتىلاپ مەنپەئەت كويىدا بىر-بىرىنى بازلىشىپ يۈرۈشتى.يېقىندا ئالىملار كالىنىڭ مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ، يېنىك ۋالىس مۇزىكىلىرىنى قويۇپ بەرگەندە سۈت مىقدارى ئاشقانلىقىنى،كاۋىلارغا مۇزىكا قويۇپ بەرگەندە تېز چوڭايغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا بىز خۇددى قۇلنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان خوجايىندەك ياقىمىزنى تۇتۇشتۇق.
ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردە ھېسسىىيات مەۋجۇت ئىدى.ئېشەك-كالىلىرىمىزنىڭ ساپان-سۆرەم ئاستىدا يۈرۈپ قانچىلىك تىراگىدىيىلىك داستانلارنى پۈتىۋەتكەنلىكىنى كىم بىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇنى پەقەت قەغەزگە يازمىغانلا يېرى بار.ھۈرمەتلىك ئادەم ئاتا. سىزگە بىر ئىشنى دەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ.بىر قېتىم بىر سودىگەرنىڭ تۆت ئېشەكنى قاتار باغلاپ شەھەرگە ساتقىلى ئېلىپ كىرگەنلىكىنى كۆردۈم.ھېلىقى ئېشەكلەر ھەممىلا نەرسىگە قىزىقسىنىپ قارايتتى.ئېھتىمال ئۇلار ئادەم دېگەن بۇ مەخلۇقلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاشۇ جاپانىڭ ئۇۋىسى بولغان قارا تۇپراققا بەنت قىلىپ كۆزىنى توساپ قويۇپ ،شەھەردىن ئىبارەت مەئىشەت قاينىغان بۇ جايدا ھۇزۇر سۈرىۋاتقانلىقىغا ،ئۆزلىرىنىڭ خورلانغانلىقىغا ئۆكۈنگەندۇ؟ ئۇلارنىڭ تارتقان نەرىسى بەھەيۋەت پاراۋۇزنىڭ يېقىمسىز گۈدۈكىنى بېسىپ كەتتي.بىر ئېشەك يەنە بىر ئېشەككە «بۇ تېخى تراگىدىيىنىڭ باشلىنىشى» دېدى.دەرۋەقە ئۇلار شەھەرنىڭ ئاۋات رەستىسىگە كەلگەندە بىر توپ ئىتنىڭ باغلاپ قويۇلغانلىقىنى كۆردى.ساۋادى بار ئېشەك ۋىۋىسكىدىكى «ساپ ئىت گۆشى ئاشخانىسى»دېگەن خەتلەرنى ئوقۇپ تۇرىشىغا ئاغزىدىن قان تېمىپ تۇرغان قاسساپ ئۈچ بىسلىق خەنجەرنى ياۋۇزلىق بىلەن سالپاڭ قۇلاق ئىتنىڭ كارنىيىغا سۈركىدى.چەكچەيگەن كۆز،قېتىپ قالغان نالە...بىر توپ غىتمەك ساغرىسىنى تولغىغىنىچە ئىت گۈشى ئاشخانىسىغا كىرىپ كەتتى.بۇ شەھەردە يەنە بىر تراگىدىيىلىك شەخس بار.ئۇ بولسىمۇ ئىگىسى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر مەپە سۆرەشكە قەسەم قىلغان سېرىق ئىت.ئۇ ئېسىلزادە نەسىلدىن بولسىمۇ كېيىنچە ئۇچرىغاننى يەپ ، كەلگەننى ئىچىۋېرىپ مەپە سۆرەشتىن باشقىنى بىلمەس بولۇپ قالغان.ئۇنىڭ ئىگىسىگە بىرەر قېتىممۇ ئالىيىپ باققىنى يوق.ئۇ نەچچە قېتىم خوجايىننىڭ بەدىنىنى ئۇۋىلاتقىلى بەزمىخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.ئۇ مۇشۇ تاپتا مەپە سۆرەپ ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇتلىرىنى ئۇۋۇلۇتىۋېلىشنى، قېرىغىنىدا بولسىمۇ ئازراق راھەتلىنىۋېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.بىراق......
قېرىپ ئۆزىگىلا ئوخشاپ قالغان شىلەپىلىك ئىگىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك خاقان.ئۇ ئۆزىنىڭ نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن ئورمانلىقتا خەقنىڭ قولىغا قاراپ قالماي ھالاللاپ تاپقان ئولجىسىنى ئۆزى خەجلەپ ئۆتكەن بەختلىك كۈنلىرىنى، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئېسىل نەسەبلىك بىر قەۋمگە يول باشچى بولغان بۆرىنىڭ يېقىن تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئەسلىيەلمەيدۇ.
شەھىرىمىزدىكى خېلى ئاۋات رەستىلەرنىڭ بىرىدە كېتىۋېتىپ ،ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى كەلتۈرىدىغان بىر كۆرۈنۈش دېققىتىمنى تارتتى.خېلى ھەشىمەتلىك ياسالغان ،ئۈستى تاۋار ۋە رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن بىلەن بېزەلگەن بىر مەپىچاق يولنىڭ چېتىدە تۇراتتى.مەپىگە ئاتمۇ ئەمەس ئېشەكمۇ ئەمەس بەلكى بىر ئىت قوشۇلغان ئىدى.ئۇ ئۆز ئىگىسىنىڭ يېنىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن خېرىدار ساقلاپ تۇرغاندەك قىلاتتى.
ئىنسانلار ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرگەن نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۆزىگە لايىق ئەمگەكلەرگە سېلىنىپ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىپ كەلدى.ئىت تارىختىن بۇيان ئىشىك بېقىش،قاراۋۇللۇق قىلىشتىن باشقا مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ باقمىغان.بىراق ،شىددەتلىك بازار ئىگىلىكى دولقۇنى بۇ بىچارە مەخلۇقنىمۇ بۇ قاينامغا سۆرەپ كىردى.ئۇ ئۆيگە قاراشتىن باشقا يەنە مەپە سۆرەشتىن ئىبارەت بۇ قوش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالسا مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ سۈكۈت قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.ئىگىسىنىڭ بولسا بۇلارنى ئويلاشقا چولىشى يوق.ئەقەللىيسى ئۇنىڭغا پۇل كېرەك ئىدى.بۇنىڭدىن ئىلگىرى تېخى ئۆچكە قوشۇلغان بىر مەپىنىمۇ كۆرگەن ئىدىم.بۇ ساقاللىق جانۋارمۇ ئادەم سۆرەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈن-تىنسىز ئۈستىگە ئالغان ئىدى.بەلكىم،بۇ ئىشنى تاپقان كىشى ئۆچكىنى ئىستىمال قىلغىلى بولۇشتىن باشقا يەنە ئۇنىڭغا ئادەم سۆرەتكىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ ھېس قىلغاندۇ؟!
بۇلارنى بىر كەشپىيات دېمەي بولمايتتى.ماددىي تەرەققىيات مىسلىسىز دەرىجىگە يەتتى.كۆپىنچە ئىشلار ماشىنىلاشقان بۈگۈنكى كۈندە ،ئىپتىدائىي ئىگىلىكنىڭ سىمۋولى بولغان ئات،ئېشەك ...قاتارلىقلار خىرىسقا دۇچ كەلدى.شاللىنىش ئېھتىماللىقى ھەر دائىم ئۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپلا تۇراتتى.
ئىتنىڭ مەپە سۆرەش قىسمىتىگە قېلىشى شەھەرلىشىش مەدەنىيىتىنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك.ھازىر بىنالار ،ئائىلىلىكلەر قورالىرىغا ئادەم قارايدىغان بولۇپ كەتتى.كىشىلەر ئەمدى ئىتنىڭ ھويلا -ئاراملارغا قارىشىنىڭ زۆرۈرىيتى قالمىدى ،دەپ قاراشتى.ئادەملەردە ئادەملىك ھوقۇقى بولىدۇ.بىراق ئىتلاردا ئىتلىق ھوقۇقى بولمىغاچقا ئادەملەر تەرىپىدىن خالىغانچە پايدىلىنىپ كېتىلدى.
كۆز ئالدىمدىكى بۇ ئىتنىڭ يېرىم يۇمۇلغان كۆزلىرىدىن ئۆز خىزمىتىگە بولغان نارازىلىق چىقىپ تۇرغاندەك قىلاتتى.بىراق،ئۇنىڭغا زۆرۈر بولغان بىر ۋاقلىق غىزا «ئۇستىخان ياكى يۇندا» ئۇنىڭ نارازى بولۇشىغا يول قويمايتتى.مۇھتاجلىق ئۇنىڭ رىشتىنى مەپىگە چىڭ باغلاپ قويغانىدى.
مەپىنىڭ ئىچىگە بىر ئۈنئالغۇ قويۇلغان،بۇمۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى مەپىدە ئولتۇرغۇچىنىڭ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن قويۇلغانلىقى ئېنىق.
ئىت ئىنسانلارنى يېقىن دوستۇم،دەپ قارايتتى.شۇڭا ،ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ كەلدى.ئەڭ ھاقارەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلاپ،ئەڭ ناچار ئوزۇقلۇقنى «يۇندا ياكى ئۇستىخان»ئىستىمال قىلىپ ،ئەڭ ناچار تۇرالغۇدا ياشاپ كەلدى.ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ ئادەم تىللاش ئومۇملىشىپ كەتتى.ئۇ بۇنىڭغا يەنىلا تاقەت قىلىپ كەلدى.ئۇ ئېسىلزادە خېنىملارنىڭ قۇچىقىدىكى ھەمراھلىرىغا ھەۋەس قىلسىمۇ ،بىراق ئۆزىنىڭ تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلەتتى.بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ بەستىنىڭ يوغانلىقى،تۇغما تەبىئىتىگە يات بولغان مۇلايىملىقى ئۇنى مەجبۇرىي ھالدا مەپە سۆرەش قىسمىتىگە دۇچار قىلغانىدى.
ئىت ئۆز ئورنىدىن ئايرىلىپ قالدى.ئۇ ئۆز ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ ،مەپە سۆرەشنى ئوخشاشلا قاملاشتۇرۇپ كېتەلەيمەن،دەپ ئويلايتتى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەۋەككۈلچىلىكى ئىدى.ئۇ گاھىدا بىنالار،ئائىلىلىكلەر قورالىرىدا كەينى -كەينىدىن يۈز بېرىۋاتقان ئوغرىلىق ۋەقەلىرىنى ئاڭلىغىنىدا ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويىدۇ.
بەلكىم بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى تۇزى شورلۇق بۇ مەخلۇقنىڭ پىشانىسىگە مەپە سۆرەش قىسمىتى پۈتۈلۈپ كەتكەن بولسا كېرەك.
بۇ يەردە يەنە ئاپئاق خوجا دەۋرىدىكى قۇشقاچ تۇتۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.ئادەملەر ئوۋچىلىقنى شۇنداق قاملاشتۇردىكى،نەچچە يىلغا قالماي بۇ جانىۋار دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇشلار تىزىملىكىگە چۈشۈپ قالدى.ئىچ-ئىچىدىن زەئىپلەشكەن ئىنسانلار قۇشقاچ مىڭىسىنى توننىلاپ يېگەن بولسىمۇ ئەرلىك جەزبىسىدىن يەنىلا مەھرۇم قالدى.ناشتىلىققا مايمۇن بېشى يەيدىغان بۇ جانابلار مايمۇن ئەرۋاھلىرىنىڭ قارغاشلىرى ئالدىدا غال -غال تىترىمەكتە. ئۇلار ئاخىرى بىر -بىرىنى يەۋېتىدۇ،بىراق تەشنالىقىنى باسالمايدۇ.
ئىنسانىيەتنىڭ گۆشخۇمارلىقى بىلەن يەنىلا يىرتقۇچلار تىزىملىكىگە كىرەلمىگەنلىكىگە ھەيرانمەن.پاجىئە داۋام قىلماقتا.بىر تۆگە بوغۇزلىنىش ئالدىدا زار-زار يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق نىدا قىلدى:ئېي ئادەم، مۇشۇ زور بەستىم بىلەن ئەجەل شارابى ئىچىشكە رازىلىق بەرگىنىم،سىلەرنىڭ توپاندا ئاققىنىڭلارنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن ئىدى.پىچاق سېلىڭلار.بۈيۈك پەزىلەت ئىگىلىرىنى قەتلى قىلىش بىلەن ئاجىزلىق تېخىمۇ مەنە تاپىدۇ.
يۈسۈفنى يېدى دەپ تۆھمەت قىلىنغان بۆرە ئۇرۇپ تۆكۈۋېتىلگەن چىشلىرىدىن قان تامچىتىپ تۇرۇپ گۇناھسىزلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىۋاتقاندا پادىچىنىڭ پۇتلىرى كېسىۋېتىلگەن ئىتى دومىلاپ يۈرۈپ ئېتىقاد ئىزدىگۈچىلەرنى ئەگەشتى.[ئەسھابۇلكەھف رىۋايىتى كۆزدە تۇتۇلدى] بۈيۈك مەنزىلگە يۈزلەنگەن بىر توپ يولۇچى شىرنىڭ تاش ھەيكىلى ئورنىتىلغان دوقمۇشتا تېڭىرقاپ تۇراتتى.چىملىقلاردىكى سېمونت كىيىكلەر تۈركۈملەپ ئۆلتۈرۈلگەن كىيىك -ماراللارنىڭ روھىغا تەسكىن بېرەلمىدى.شۇ تاپتا ئۇلار مەڭگۈ قاچمايدىغان ھەم قاچالمايدىغان ھالىتى بىلەن يىراق ئۆتمۈشتىكى سەمىمىيەت ھەققىدە خىيال سۈرىۋاتقاندەك قىلاتتى.ھايۋانلارغا مەڭگۈلۈك باشپاناھ بولغان سىرلىق ئورمان ئاللىقاچان قۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ بىر تال چاشقاننىمۇ يوشۇرالمايتتى.
سېمونت ئېرىق بويىدا بىر پاختەكنىڭ ئۆلۈكى غېرىبسىنىپ ياتاتتى.ھەممە نەرسىگە نېسىۋىسىنى بېرىپ ،مەجننۇنتال ،كوكاتلارنى ياشنىتىپ كەلگەن ئېرىقلارنىمۇ قەلبىمىزدەك قاتۇردۇق.زېمىن ئانا «سۇ،سۇ» دەپ يىغلىماقتائىدى.ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ قالاي دېگەن قوزا-تايچاقلار جىنازىدەك بولۇپ قالغان ئانىلىرىغا «سۈت،سۈت»دەپ نالە قىلماقتا .قاۋاندەك سەمىرگەن بىر ئەمەلدار بولسا سۈت بىلەن بېزەپ تەنلىرىنى يۇماقتا ئىدى.
*******************
بالىلىق چاغلىرىمدا مەھەللىلمىزدە سارىخان ئىسىملىك بىر ئايال بولىدىغان،ئۇنىڭ مۇھەممەت ئىسىملىك بىر ئوغلى يوقىلىپ كېتىپ ئۇنىڭ دەردىدە تولا يىغلاپ نېرۋىسىدىن كەتتى.ئۇ ئۆينىڭ دوقمۇشىدا ئولتۇرىۋېلىپ «ۋاي مۇھەممىتىم »دەپ قوشاق توقۇپ بىر يىغلىغىلى تۇرسا ھالىدىن كەتكەندە ئاندىن توختايتتى. كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ ئانىسىدىن يېتىم قالغان بىر ئەركەك قوزىنى بېقىۋېلىپ ئۇنىڭغا مۇھەممەت دەپ ئىسىم قويىۋالدى.ئۇ بۇ قوزىنى شۇنچىلىك ئەتىۋارلاپ پەرۋىش قىلدىكى ئۆزىنىڭ يېنىغا ئورۇن راسلاپ بېرەتتى.كەمپۈت تاپسا كەمپۈت ،ئىشقىلىپ ئۆزى نېمە يېسە شۇنى بېرىپ باقاتتى.ھايۋان دېگەنمۇ تىلى بولمىغىنى بىلەن باققاننى بىلىدىكەن.بۇ قوزا كېيىن خەقنىڭ كۆزى تەگكۈدەك چىرايلىق سەمىرگەن قوي بولدى.سارىخان ئۇنى قوي دەپ قارىمايتتى.بەلكى ئۇنى ئوغلۇم،سادىق دىلكىشىم دەپ قارايتتى ھەم ئۇنى مۇھەممەد دەپ چاقىراتتى.قويمۇ سارىخاننىڭ كەينىدىن بىر قەدەممۇ داجىماي ئەگىشىپ يۈرەتتى.كېيىنكى كۈنلەردە نېمە تەسىر قىلدىكىن سارىخان روھىي جەھەتتە تېخىمۇ تۈگىشىپ،توختىماي سۆزلەپ يۈرىدىغان بولۇپ قالدى.سالامەتلىكىمۇ كۈندىن كۈنگە ناچارلىشىپ كەتتى.مەھەللىدىكى «ياخشى نىيەتلىك »كىشىلەر «قوي بەك سەمىرىپ كېتىپتۇ.خەقنىڭ كۆزى تېگىدۇ» دەپ قالدىمۇ قانداق ئۇنى سويىۋەتتى.ئۇنىڭ مايلىرىنىڭلا چوڭ بىر داسقا لىق تولغانلىقىنى غۇۋا ئەسلەيمەن.مۇھەممەد سويىۋېتىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا سارىخانمۇ تۈگەپ كەتتى.ئۇنىڭدىن پەقەت ئۇ قوشاق توقۇپ يىغلايدىغان سېغىز دوقمۇشلا يادىكار قالدى.بۇ ئشلارنى ئەسلەشكە ئەرزىيدىغان ياكى ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن،ئەمما سارىخان بىلەن «مۇھەممەد» قالدۇرغان گىرىمسىز مۇھەببەت ھەرقاچان ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سېلىپ تۇرىدۇ.
 شەھەردە  نېرۋامنى تىنىمسىز غاجاپ تۇرغان ئاۋازلاردىن بىزار بولغىنىمدا جىمجىتلىققا تولغان سەھرا ئاخشاملىرىنى سېغىنىپ قالىمەن. لېكىن يەنە ئاشۇ سەھرادىكى تىمتاس كېچىلەردە ئولتۇرۇپ بالىلىق چاغلىرىمدا قۇلاق تۇۋىمدىن كەتمەيدىغان ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى، كەچىچە يوشۇنماق ئوينايدىغان بالىلارنىڭ چۇقىراشلىرىنى سېغىنىپ بۇ جىمجىتلىقتىنمۇ ئوخشاشلا بىزارلىق ھەس قىلىپ قالىمەن. قارىغاندا ئاشۇ تەبىئەت تىۋىشلىرىمۇ بىزگە بېرىلگەن مۇقەددەس ئىنئاملار ئىكەنتۇق.  پەقەت سۇبھىدە چىللىغان خورازلارلا بۇ تەۋەررۇك زىمىندا ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئەنە شۇندىلا قەلبىم ئارام تېپىپ ئۇنى ئۆچكەن ئاشۇ سۆيۇملۇك ھايۋانلارنىڭ سىماسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرىمەن. قارىغاندا، سەھرانىڭمۇ ئوزىگە چۇشلۇق سادالىرى، كېچىگە خاس تاۋۇشلىرى بولمىسا بولمايدىكەن. دەرۋەقە، ھايۋانلارمۇ بىز بىلەن يەر شارىدىكى نېمەتلەردىن بەھرلىنىشكە ھەقلىق ئىدى. بىز قاچانكى ئۇلارنىڭ رىزقىنى بۇلاپ، ھاياتلىق ماكانىنى تارايتتۇق، شۇندىن تارتىپ تۇرمۇشىمىز بىلەن تەڭ روھىمىزمۇ قۇرغاقلىشىشقا باشلىدى. يېقىندا، مەلۇم تور بەتتىن ئىچكىرىدىكى مەلۇم قۇشخانىدا ھايۋانلارنىڭ ئۇرۇپ ئولتۇرۇلىدىغانلىقىنى ، ھەتتا تېرىسى تۇلۇم سويىۋېلىنغاندىن كېيىن شۇ ھالەتتە تاشلاپ قويۇلۇپ ئۇزۇن مۇددەت جان تالىشىپ ئاندىن ئۆلىدىغانلىقىنى كورۇپ تېنىم شۇركىنىپ كەتتى. بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرىلا تېخى ئىچكىرىدە بايۋەتچىلەرنىڭ تىرىك مايمۇننىڭ بېشىنى زىياپەت ئۇستىلىدىكى ئالاھىدە ياسالغان تۆشۇككە قىستۇرۇپ قويۇپ بولقا بىلەن مېڭىسىگە ئۇرۇپ، قېتىقىنى مايمۇننى چىقىرىتىپ تۇرۇپ مەززە قىلىپ يەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ھايۋاننى قىيناپ ياكى ئاچ قويۇپ ئۆلتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن قەبىھ گۇناھ ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇگۇتلەر كۆز ئالدىمغا كەلدى.
  يېقىندا ، بىر گېزىتتىن ئۈرۇمچىدە بىر نەپەر ھايۋاناتلارنى خالىس قوغدىغۇچىنىڭ ئۆز خىراجىتى بىلەن ئاشخانە- رېستۇرانلاردىكى غىزاغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان قىممەتلىك قۇشلارنى سېتىۋېلىپ تەبىئەت قوينىغا قويىۋەتكەنلىكىدەك مەردانە ئىشنى ئوقۇپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم. بۇندىن باشقا يەنە بىر گېزىتتىن ئافغانىستاندا ئېشەكلەرنى قوغداش ھەققىدە مەخسۇس بىر خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كورۇپمۇ ئوخشاش سويۇنگەن ئىدىم. بالىلىق چاغلىرىمدا دادام مۇنداق بىر ئىشنى سوزلەپ بەرگەن ئىدى: ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ تولىمۇ چوڭ  بىر بېغى ، باغ ئىچىدە بىر بۇلىقى بولۇپ بۇلاق سۇيى باغدىكى بىر كۆلچەككە قۇيىلىدىكەن. بىر كۇنلەردە دادام بۇ كۆلچەككە بىرنەچچە ئالتۇن بېلىق سېلىپ قويۇپتۇ. بېلىقلار راسا چوڭايغان چاغدا باغقا ئەينى چاغدىكى ھاكىميەتنىڭ بىرنەچچە ئەسكىرى كىرىپتۇ  ۋە بېلىقلارنى تۇتۇشقا ئۇرۇنۇپتۇ. ئۇلار تۇتالمىغاندىن كېيىن كولچەككە ئوق ئېتىپ سۇنى قىپقىزىل قانغا بويىۋېتىپتۇ. بۇ زومىگەرلىككە چىدىمىغان دادام ئوق چىقارغان ھېلىقى ئەسكەربىلەن قاتتىق زاكۇنلىشىپتۇ. ھېلىقى ئەسكەر مىلتىقنى ئوقلاپ دادامغا ئوق چىقىرىدىغان چاغدا يۇرتداشلارنىڭ ئارىغا چۇشۇپ يالۋۇرىشى بىلەن توختاپ قاپتۇ. ئەينى چاغدا دادامنىڭ ۋىجدان بۇيرۇقى بىلەن بېلىق ئۇچۇن ئۆلۇمگە دادىل يۇزلىنەلىگەنلىكىنى ھەققىدىكى ئىشنى ھازىر باشقىلارغا سۆزلەپ بەرسەم مېنى زاڭلىق قىلىپ كۇلىشى تۇرغانلا گەپ. قىسقىسى ، ئاتا- بوۋىلىرىمىز ھايۋاناتلار بىلەن ئېچەكىشىپ ئوتكەن. ھايۋاناتلارمۇ ھەم ئۇلارغا ئەزەلدىن توزكورلۇق قىلىپ باقمىغان. ئاراتۇرۇكنى ئازات قىلىش جېڭىدە ئەسكەرلەرگە سۇ توشۇپ بېرىپ نامى تىللاردا قالغان ئاق ئات نۇرغۇن كىشىنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن. يېقىندا، مەن يەنە "مىراس" ژۇرنىلىدىن چەتئەللىك بىرنەچچە ئەكىسپىدىتسىيىچىنى چىل بورىلەردىن قۇتقۇزۇش يولىدا ئۆزىنى ئولۇمگە تۇتۇپ بەرگەن تۆگىلەر ھەققىدىكى ھەقىقىي ۋەقەلىكىنى ئوقۇپ تاڭ قالدىم.
   ھايۋانلارنىڭ ئىنسان بالىلىرىنىڭ قولىدىكى قىسمەتلىرىنى ھەر قېتىم كۆرگىنىمدە تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماسنىڭ ئادەم بىلەن ھايۋانلارنىڭ پەرقىنى سېلىشتۇرۇپ يازغان ماقالىسىدىكى "ئادەم ئېسىل نازۇ- نەمەتلەردىن يەيدۇ. ئېشەك، كالىلار بولسا ئوت- خەشەك بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. بىراق، ئېشەك، كالىلارنىڭ تېزىكى ئۇنچىلىك سېسىق ئەمەس، لېكىن ئادەمنىڭ نىجاسىتىگە چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ. ھايۋانلار ئاخىرغىچە ئۆز جۇپتىگە ۋاپا قىلىپ ياشايدۇ. لېكىن ئادەملەر..." دېگەن قۇرلار كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. دېمىسىمۇ، تېرىم مىللىتى بولغان ئوزىمىزنىڭ تارىخىمىزغا نەزەر سالساق ئېشەك، كالا قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ تىرىكچىلىكىمىزدە ئوينىغان ئاجايىپ رولىنى كورىمىز. قەدىردان ئېشەك، قېچىرلىرىمىز ھالا بۇگۇنكى ئۇچۇر دەۋرىدىمۇ ئۇچقۇر ماشىنىلار بىلەن بىرگە رىقابەتكە چۇشۇپ يېڭى ئەسىرلىك تارىخىمىزنى يېزىۋاتمامدۇ؟
  خۇشاللىنارلىق يېرى، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان غايىپ بولغان ئاق قۇشقاچ قاتارلىق قۇش تۇرلىرى قايتىدىن پەيدا بولۇپ كۆز ئالدىمىزدىلا توپلىشىپ ئۇچۇپ يۇرىيدىغان بولدى. بۇندىن باشقا مۇشۇكلەرمۇ يەنە ئاندا - ساندا پەيدا بولۇپ بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئويلىرىنى ئاۋاتلاشتۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋاللار كىشىنى سويۇندۇرىدۇ. 
************
تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ تالاي ئىسكىلىت،غېرىب روھ،ئاقسۆڭەك ئەرۋاھلارنى كۆردۈم.لېكىن پىداكارلىق ھەققىدىكى ناخشىلارنى ئاز ئۇچراتتىم. كۆك قوشقارنىڭ زىمىنغا چۈشۈشى بىلەن باشلانغان قۇربانلىق ھەر بىر بەتلەرگە قان داغلىرىدىن ھاسىل بولغان يېڭى خەرىتىلەرنى كەشتىلىمەكتە ئىدى.قېرى ئۈجمە دەرىخىنىڭ قوۋزاقلىرىدىن مۇنداق نىدا كەلدى: ئەي ئىىنسان،ھايۋان ئۆز رەقىبى بىلەن تۇتۇشسا يا ئۇنى يىقىتىدۇ ياكى ئۇنىڭغا يەم بولىدۇ.لېكىن ئاداۋەت ساقلىمايدۇ. سەنچۈ ؟ قارا تۈنلەردە تۈزۈلگەن تالاي سۈيىقەستلەر، قەدەمدە بىر پۇتلاشلار،قېنىڭدا كۆيگەن رەشك، قىساس ئۇرۇقلىرى ئۆمۈر يىپچىلىرىڭنى قىرقىماقتا. سەن ھالال جۈپتۈڭنىڭ قوينىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ نازىنىنلارنىڭ مامۇق تۆشىكىدە جېنىڭغا ئىكەك سېلىۋاتقىنىڭدا جۈپتىگە سادىق ھايۋانلار ھالال جۈپتى بىلەن ھالال زىرقىدىن بەھرىمەن بولىۋاتاتتى.سەن ئەيدىز ۋىرۇسلىرى كۆيگەن ۋۇجۇدۇڭنى پۇشايمان ئوتلىرىغا قاقلاۋاتقىنىڭدا بىر قوينىڭ قوزىسىغا سېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : «قارا ،ئىنسانلارنىڭ ئەپتىگە» دېگەن ئىماسىنى كۆرەلمىدىڭ.
ئاڭلىشىمچە ، خەلقئارادا ئېشەكلەرنى قوغدايدىغان بىر تەشكىلات بار ئىكەن.بۇ تەشكىلات ئېشەكلەر ئۇچراۋاتقان خورلۇقلارنى يىلدا بىر مۇھاكىمە قىلىپ تۇرىدىكەن. قارىغاندا ئېشەكلەرنىڭمۇ ئارام تاپىدىغان كۈنلىرى يېقىنلاپ قالغاندەك تۇرىدۇ. ئېشەك سۈتىنىڭ شىپالىق رولى بايقىلىش بىلەن تەڭ يېڭى تەخەيلىگەن ئېشەكنى تاپماق تەسلىشىپ كەتتى.ئۆزىمىزدىكى نىجىس كېسەلنى ساقايتىش ئۈچۈن ئاشۇ گۇناھسىز تەخەينىڭ رىزقىنى بۇلاپ ئالدۇق. ئېشەكلەر «بېرىشىڭ ئوت بىلەن سامان،ئېلىشىڭ سۈت بىلەن قان» دەپ نالە قىلغان بولسىمۇ ئېشەكلەر تىلىدا قىلىنغان بۇ نالە ھېچكىمنىڭ دېققىتىنى تارتالمىدى.دۇمبا داۋاملاشماقتا ئىدى....
قەدىرلىك ئادەم ئاتا، بۇ سەن ئەرشتىن پەرشكە چۈشكەن چاغدا تۇنجى بولۇپ خىزمىتىڭنى قىلغان قەدىرلىك ھايۋانلىرىڭ كۆرگەن ھەم كۆرىۋاتقان خورلۇقلارنىڭ ئازلا بىر قىسمى.ئاقكۆڭۈللۈكى تۈپەيلى ئېرىشكەن ئىلتىپاتلىرى.كۆپ ۋاقتىڭنى ئالماسلىق ئۈچۈن مۇشۇ يەرگىچە يازدىم .داۋامىنى داۋاملىق ئېلخەت شەكلىدە يوللاپ تۇرىمەن.خەير،بىزگە ئاتىدارچىلىق قىلىشىڭنى سوراپ:ھايۋاناتلار قەۋمى ۋە ھايۋناتلار قەۋمىگە ھېسداشلىق قىلغۇچى ئىنسانلارغا ۋاكالىتەن قەلەم تەۋرەتكۈچى :ئوسمان زاھىر
 
 
 
 

چ چ:1272497571
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-29 23:12 |
aslima
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 406
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 322
شۆھرەت: 1750 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1766 سوم
تۆھپە: 1024 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1028 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 369(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسرلىرىڭىزنى ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئۆتكۈر تىل ۋە چوڭقۇر تەپەككۇرىڭىزگە ئاپىرىن، داۋاملىق تىرىشقايسىز، سىزنى ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بىلىمىز، لېكىن يەنىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئىنسان ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى، غەيرەت قىلىڭ،ھارماڭ، شۇنداقلا ھەرگىز تىنجىپ قالماڭ.
[ بۇ يازمىنىaslimaدە2011-01-29 23:56قايتا تەھرىرلىد ]
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-29 23:33 |
abdulhemidyasin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 183
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 250 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 250 سوم
تۆھپە: 142 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 142 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 185(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوسمان زاھىرنىڭ نەسىرى ئەسەرلىرى شېئىرلىرىدەكلا گۈزەل ئىكەن. قەلەم تۇلپارىڭىز چاپچىپ تۇرغاي. بىر جايدىن بىرنەچچە ئۆتكۈر قەلەم چىقىدىكەن. مەن سىزنى دىيارىڭىزدىكى ئەڭ ئۆتكۈر قەلەملەردىن دەپ بىلىمەن. يىراقتىن قولۇڭىزنى سىققۇچى- ئابدۇلھەمىد ياسىن.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-30 00:13 |
menggutash

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 119
شۆھرەت: 1100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1154 سوم
تۆھپە: 589 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 589 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1701(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئەسلىمە ۋە ئابدۇلھەمىد ياسىن قاتارلىق مېنى قوللىغان مەندىن ئۈمىد كۈتكەن ئەزىز تورداشلار. رەھمەت سىلەرگە. ھەممىمىز ئورتاق تىرىشايلى. بۇ ئەسىرىم نەچچە يىل ئاۋال يېزىلغان. يېڭى يازمىلارنى يوللاشقا تىرىشىمەن.
saltanat
چ چ:1272497571
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-30 00:34 |
alnazar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 16
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 110
شۆھرەت: 560 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 560 سوم
تۆھپە: 334 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 334 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 214(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىسۇن، ئېسىل يازمىلىرىڭىز مۇنبەر يۈزىدىن ئايرىلمىسۇن ،، ئىشلىرىڭىزغا ئاسايىشلىق، تېنىڭىزگە سالامەتلىك ، قەلىمىزگە بەرىكەت تىلەيمەن~!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-30 02:29 |
turan
سۇكۇتتە تۇرۇشۇم ئاجىزلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 575
شۆھرەت: 3202 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3223 سوم
تۆھپە: 1866 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1873 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 470(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەزكور يامىڭىزنىڭ پىكىر ئۇتكۇر،رىئاللىقنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۇرگەن نادىر ئەسەر دىيشكە ھەقلقمىز،بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق پەلسەپىۋى پىكىرلىك ئەسەرلىرىڭىزنى مۇنبەرداشلارغا كۆپلەپ سۇنىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلمەن.تەپەككۇرۇڭىز ھارمىغاي!
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-30 10:42 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 544
شۆھرەت: 3514 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3505 سوم
تۆھپە: 1963 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2003 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 990(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ نەسىر ئىسىل نەسىر بولىشىغا قارىماي ،ئاپتۇرنىڭ غىرىپ-مىسكىنلىگىنى ،پاكىز يۇرۇگىنى ناھايتى يارقىن يورۇتۇپ بىرىپتۇ ،مەن بۇ قەلەمكەشنى سىرتتىن تونىغان بولساممۇ بۇنچىلىك ئىسىل ئەسەرنىڭ ساھىبى بولۇپ قىلىشىنى كورۇپ ھەيرانلىقتىن بارمىغىمنى چىشلەپ قانىتىۋەتتىم .خۇددى مەن،تەڭرى،تەبىئەت بىر تۇز سىزىق ئۇستىگە كىلىپ قالغاندەكلا،بەلكىم، بۇ تالانت ئىگىسى ھىسابلانغان پەخىرلىك ئوغلانىمىز نىڭ ئالتۇن چىچەكلەيدىغان دەۋرى كەلگەن ئوخشايدۇ.مەن ئىشىنمەن، سىز قومۇللۇقلارنىڭ روھىنى چوقۇم باھادىرلارنىڭ روھى بىلەن يۇغۇرۇپ كىتىسىز،رەھمەت سىزگە.
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-30 11:06 |
japakax
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 275
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 340
شۆھرەت: 1733 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1734 سوم
تۆھپە: 1040 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1041 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ،بىزگە مول بولغان مەنىۋى ئوزۇق بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت .
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-30 11:23 |
gulbahar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 213
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 138
شۆھرەت: 748 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 749 سوم
تۆھپە: 438 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 439 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 325(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ بىلمىگەننى بىلدىم ،چۇشەنمىگەننى چۈشەندىم ، بولسا مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى يەنە كۆرۈشكە تەشنامەن ،
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-30 12:01 |
apandim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 399
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 130
شۆھرەت: 665 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 665 سوم
تۆھپە: 397 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 397 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى kokturukدە2011-01-30 11:06يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ نەسىر ئىسىل نەسىر بولىشىغا قارىماي ،ئاپتۇرنىڭ غىرىپ-مىسكىنلىگىنى ،پاكىز يۇرۇگىنى ناھايتى يارقىن يورۇتۇپ بىرىپتۇ ،مەن بۇ قەلەمكەشنى سىرتتىن تونىغان بولساممۇ بۇنچىلىك ئىسىل ئەسەرنىڭ ساھىبى بولۇپ قىلىشىنى كورۇپ ھەيرانلىقتىن بارمىغىمنى چىشلەپ قانىتىۋەتتىم .خۇددى مەن،تەڭرى،تەبىئەت بىر تۇز سىزىق ئۇستىگە كىلىپ قالغاندەكلا،بەلكىم، بۇ تالانت ئىگىسى ھىسابلانغان پەخىرلىك ئوغلانىمىز نىڭ ئالتۇن چىچەكلەيدىغان دەۋرى كەلگەن ئوخشايدۇ.مەن ئىشىنمەن، سىز قومۇللۇقلارنىڭ روھىنى چوقۇم باھادىرلارنىڭ روھى بىلەن يۇغۇرۇپ كىتىسىز،رەھمەت سىزگە.


گۆھەر ياتىدۇ سايدا تونىمىساڭ نىمە پايدا دىگەن ماقال تەمسىل شۇدە !
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-31 18:15 |
iparhan

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 548
شۆھرەت: 2755 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2765 سوم
تۆھپە: 1650 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1650 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 596(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ بەكمۇ سۆيۇندۇم ، ئەسەرلىرىڭىزنىڭ بىزنى ئۈزلۇكسىز  تەربىيلەپ تۇرىشىنى  ئۈمىت قىلىمەن .
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-31 23:05 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » تەرمىلەر