ئۇيغۇرغول خەتتاتلىرى ئويغاندى
-ئەركىم
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا دىيارىمىزدىن يېتىشىپ چىققان داڭلىق خەتتات، سەزگۈر،ئادىل ئادۇۋكات ئەسەت مۇھەممەت ئەپەندىمدىن بىر تېلىېفۇنىنى قوبۇل قىلدىم، ئۇنىڭ دېيشىچە، يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن 1-ئاينىڭ2-كۈنى شەرچى يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ يىغىن زالىدا << 2011يىللىق خەتتاتلار مۇھاكىمە يىغىنى>> ئېچىلىدىكەن، بۇ قېتىمقى يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەردىن سىرت، قومۇلدىكى پىشقەدەم خەتتاتلار ئېلى ئىسمايىل چوڭتام، پىشقەدەم رەھبەر نەمەت ناسىر ۋە ئۈرۈمچىدىن كەلگەن داڭلىق خەتتالار ۋەكىللىرىدىن ئەرشىدىن راشىدلارمۇ كېلىپ قاتنىشىدىكەن. مەن خۇشاللىق بىلەن شۇ كۈنى يىغىنغا بارىدىغانلىقىمنى ئېيىتتىم. دېمىسىمۇ سۇغا چۈشكەن پاقىدەك جىمىت كەتكەن خەتتاتلىق پائالىيەتلىرىمىز، قىسمەن ئەلسۆيەر رەھبەرلەر ۋە خەتتاتلار ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ھۆسۈيۈن سالى، ئەسەت مۇھەممەت، مەردان ئايۇپ، مەممەت ئېلى، يۈسۈپ نەمەنشاھ...قاتارلىق خەتتاتلارنىڭ توختاۋسىز تىرىشچانلىقىدا 2010-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ قايتىدىن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشقا باشلىدى. قومۇل خەتتاتلىقىنىڭ يىل دەۋرىنىڭ ئۇزاقلىقىنى تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان مەڭگۈتاشلاردىن كۆرۈۋالالايمىز. نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزاق جەريان ئىچىدە دىيارىمىزدىن ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى ياراتقان داڭدار شەخىسلەر چىققان ئىكەن. قىسقىسى مۇشۇ ئالدىمىزدىكى يۈز يىلنى ئېلىپ ئېيىتساقمۇ تىللاردا داستان بولغۇدەك ئەزىزلىرىمىز بار، ئۇلارنىڭ ئەسىرى يېتىپ كېلەلىگەنلىرىدىن پەقەتلا مېنىڭ بىلدىغىنىم ھاپىز نىياز بوۋىمىزدۇر. دىيارىمىز قەدىمدىن بۇيان مەشھور مەرىپەت ئوچىقىدۇر، تارىخى يازمىلاردىن قومۇل خەلقىنىڭ مەرىپەتكە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بالىسىنى مەكتەپكە بەرمەيدىغان قومۇللۇقنى تېخى بۈگۈنگىچە كۆرۈپ باقماپتىمەن، راسىت، بالىلىرىمىز ئوقۇمىسا، مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن، يۇرتنىڭ ئەمىنلىكىدىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟!

مۇشۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بالىلىرىمىزغا ئاز بولمىغان بېسىملار كېلىۋاتىدۇ! ئۇلار ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگەنگەندىن سىرت، خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنمىسە بولمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. ئاتا-ئانىلارمۇ خالاپ-خالىماي بالىلىرىنى پۈتۈنلەي قوشتىللاشقان، ياكى بولمىسا ساپلا خەنزۇچە مەكتەپلەرگە بېرىشكە مەجبۇر بولماقتا.

بۇ ھالەت داۋاملاشقانسېرى بالىلىرىمىزدىكى مىللىي ئەنئەنىگە، مىللىي سەنئەتكە، مىللىي كىملىككە بولغان تونۇش ، چۈشۈنۈش ۋە ئۆگۈنۈش كۈنسېرى سۇسلاپ باردى! تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى بولغان تېلېۋىزور، كومپىيۇتېر، ئىلغار ئۇچۇر ھەم ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى كىشىلەر ئارا، ئەلئارا مۇناسىۋەتلەرگە قىسمەن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئوبدان قارايدىغان بولساق، ئۇلار بىزنى ئۆزلۈكىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇشقىمۇ ئاز بولمىغان ھەسسىلەرنى قوشۇپتۇ. نەچچە ئەسىرلىك شېرىن ئۇيقۇلاردىن تۈزۈك ئۇيغۇنۇپ بولالمىغان بىزلەر سىرتقى مەدەنىيەتنى ئىلمىي بولمىغان قارغۇلارچە قوبۇل قىلىشقا تەييارلىقسىز پېتىمىز باشچىلاپ كىرىپ كەتتۇق. بۇ جەرياندا سانسىزلىغان مۆجىزىلىك سەنئەت ۋە قەدىمى سەلتەنەتلىك تارىخىنىڭ ھەقدارلىرى بولغان ئۇيغۇرلار يىراق كەلگۈسىدىمۇ تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيانلارغا ئۇچىرىماقتىمىز!بۈگۈنكى خەتتالىقىمىز ئەنە ھەرخىل ئامىللارنىڭ ئىسكەنجىسىدە نىمنىدۇر ئىزلىگەندەك ھەريان تىپىرلىماقتا.

بۈگۈن يەنى2012-يىلى1-ئاينىڭ2-كۈنى ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى 9:00دا مەدەنىيەت پونكىتىدا جەم بولدۇق، يىغىن ئىنتايىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئېچىلدى. يىغىن جەريانىدا بۇ بىر قانچە يىللىق خەتتاتلىقتىن قولغا كەلگەن شانلىق نەتىجىلەر يەكۈنلىنىپ، شەھەرلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر ئىدارىسىنىڭ تۆت نەپەر خەتتاتىمىزغا بېرىلگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا گۇۋاھ بولدۇق. ئەسەت مۇھەممەت، مەردان ئايۇپ قاتارلىق ئەلسۆيەر ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرغول خەتتلىقى ئۈچۈن قىلچە تەمەسىز ھەم ئۈن-تىنسىز قوشۇۋاتقان مېھنەتسىز ئەمگەكلىرىگە ئاپرىن ئالقىشلىرىنى ياڭراتتۇق. ئارلىقتا پىشقەدەملەردىن ئېلى ئىسمايىل، نەمەت ناسىر، شەھەرلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى جاڭ پىنگو،شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شەھەرلىك تىل-يېزىق ئىشخانىسىدىن ھۆسۈيۈن سالى ئەپەندىم، شەھەرلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن يۈنۈس ئەپەندىم، قومۇل ئەدەبىيات ژورنىلىدىن ئۇچقۇن راخمان ئەپەندىم ۋە بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەكلىپ بىلەن كەلگەن داڭلىق ياش خەتتات ئەرشىدىن راشىدىن، ساتتارجان روھلانى ئەپەندىم ھەم رايونىمىزدىكى خەتتاتلار كۆڭۈل سۆزلىرىنى يىغىن ئەھلىگە ئاڭلىتىپ ئۆتتى. بۇ قېتىمقى يىغىندىن كېيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇيغۇرغول خەتتاتچىلىقىنىڭ كەلگۈسى ھەقىقەتەنمۇ پارلاق ئىكەن. بىز ياش خەتتاتلارنىڭ زىمىسىدىكى يۈك ئېغىر ئىكەن...
بىز تېخىمۇ يۈكسەك ئىرادە بىلەن تىرىشمىساق بولمىغۇدەك! بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ يەنە بىر مۇھىم نۇقتىسى شۇكى، يىغىنغا داڭلىق خەتتات قۇربان زىننۇر، يۈسۈپ نەمەنشاھ، مەمتېلى ئەپەندىملەرنىڭ بىر قىسىم شاگىرتلىرىمۇ كېلىپ قاتنىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ سەبىيلىك تۆكۈلۈپ تۇرغان چىرايدىن، قارچۇغىنىڭكىدەك ئۆتكۈر پاك، تەبىئىي نەزەرلىرىدىن ئۇيغۇرغول خەتتاتلىرىنىڭ پارلاق ئەتىسىنى كۆرگەندەك تۇيغۇغا كەلدىم، خەتتاتلىقىمىزنىڭ ئىز باسارلىرى سىلەر بىزنىڭ ئۈمىدىمىز!
يىغىن جەريانىدىن كۆرۈنۈشلەر!
ئوڭدىن ساتتارجان روھلانى، ئەرشىدىن راشىد، نەمەت ناسىر، ئېلى ئىسمائىل
ئەل ئىشقىدا پەرۋانە ئەزىمەت، مەرىپەت سۆيەر كارخانىچى، ئىۋىرغول رستۇرانىنىڭ قابىل دېرىكتورى، ئۇيغۇرغول مەدەنىيىتىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان ئىسكەندەر ئەپەندىمگە، خەتتات ئەسەت مۇھەممەتنىڭ كۆڭۈل سوۋغىسى!
ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقان ئىككى داڭلىق ياش خەتتات ئۆزئارا سوۋغات ئالماشتۇرماقتا...
ئەرشىدىن راشىد ئەپەندىمنىڭ ئەلشىر ناۋايى تەۋەللۇتىنىڭ570 يىللىقىغا ئاتاپ يازغان ناۋايى غەزەللىرىدىن ئۈزۈندە، ئۇ بۇ قىممەتلىك ئەسىرىنى ئۇيغۇرغول خەتتاچىلىرىغا تەقدىم ئەتتى!
خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ قويدۇق...
ئاخىرىدا، مەرىپەتسۆيەر ئوغلانمىز ئىسكەندەر ئەپەندىمنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇنىڭ ئىلىم پەرۋانىلىرىگە ھەرۋاقىت كەڭرى يېيىلغان داستىخانىغا تەكلىپ قىلىندۇق. تائام جەريانىدىمۇ خەتتاتلىقىمىزنىڭ شانلىق ئۆتمۈشى ۋە پارلاق كەلگۈسى ھەققىدە، ياش ئەۋلادلار قوشۇنىنى قانداق زورايتىش ھەققىدە ئاز بولمىغان قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇشۇ مۇنبەر يۈزىدە خەۋەرسىز قالغان خەتتاتلارنىڭ، خەتتاتلىق كەسپىگە ھەۋەس قىلىدىغانلارنىڭ شەھەر ئىچى يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ يەردە مەخسۇس خەتتاتلار ئىشخانىسى قۇرۇلدى. ئۇيغۇرغول دىيارىدىكى خەتتاتلار ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم مۇشۇ ئورۇنغا يىغىلىپ ئۆزئارا ھۈنەر ئۆگىنىپ ئىلىم تەھسىل قىلماقتا...
2011-يىلى12-ئاينىڭ2- كۈنى قومۇل
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-01-04 11:10قايتا تەھرىرلىدى ]