ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 16قەۋەتتىكى arkimدە2012-01-04 09:26يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىشار! دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتىپتىكەن كونىلار، تېما ۋاقىت قەرەلىدە يوللانسۇن دەپ تومتاقلا يوللاپ قويۇپتىمەن، شۇ مۇناسىۋەتلىك ئوقۇرمەنلەردىن سەمىمى كەچۈرۈم سورايمەن!
بولسا باشقۇرغۇچىلارنىڭ تېمىدىكى بىر قانچە ئىملا خاتالىقىنى ئوڭشاپ قويۇشىنى ئۆتىنىمەن...
تىل ئادىتى جەھەتتىن بەلگە جىسىمنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى شەيئىلەرنى ئوڭ تەرەپتىكى سول تەرىپىدىكى شەيئىلەرنى سول تەرىپى دەپ ئالىمىز. ئەمما كومپىيوتىر، قەغەز، سۈرەت،كىتاپ قاتارلىق قولغا ئالغىلى بولىدىغان نەرسىلەر ۋە ئۇلاردىكى شەيئىلەرنى شۇ شەيئىنىڭ ئۆزىنى بەلگە جىسىم قىلغان ھالدا باشقىلارغا چۈشەندۈرسەك قولايسىزلىق تۇغۇلىدۇ. شۇڭا بۇنداق نەرسىلەرگە ئەڭ ياخشىشى يەنىلا كۆرگۈچى ئۆزىنى بەلگە جىسىم قىلىپ كىتاپنىڭ ئوڭ تەرىپى،ياكى سۈرەتنىڭ ئوڭ تەرىپى دەپ ئۆزىمىزنى بەلگە جىسىم قىلغان ھالدا ئاتاش بىر قەدەر مۇۋاپىق، مەسىلەن ئېيتساق ئۇيغۇر يىزىقى ئوڭدىن سولغا يىزىلىدۇ. ئەگەر قەغەزنى تەتۈر قىلىپ ئۆزىمىزگە توغۇرلىساق ئۇنداقتا قەغەزنىڭ ئوڭ تەرىپى بىلەن بىزنىڭ ئوڭ تەرىىمىز ماس كېلىدۇ،بىز بۇ چاغدا بىز بىلەن ماس تەرىپىنى قەغەزنىڭ ئوڭ تەرىپى دەمدۇق؟ لېكىن بىز خەتنى تەتۈرسىگە يازمايمىزدە.
ئەمما پالانى ئىدارىنىڭ ياكى پالانى بېنانىڭ ئوڭ تەرىپى دېسەك ئۇنداقتا بىزدىن چوڭ بولغان بۇ شەيئىلەر بەلگە جىسىم بولىدۇ. ھەم ئۇقۇممۇ ئىنىق بولىدۇ.بۇنداق دېسەك يولنىڭ ئوڭ تەرىپى دېسەك زادى قايسى تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ. يولنى بەلگە جىسىم قىلساق يولىنىڭ ئوڭ تەرىپى دەل بىزنىڭ سول تەرىپىمىزگە توغرا كېلىپ قالىدۇ. دىيىش مۇمكىن. يەنى يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن مېڭىڭ دېسەك ئۇنداقتا ئۆزىمىزنى بەلگە جىسىم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
شۇڭا مېنىڭچە بۇ يەردە ئوڭ ياكى سوللۇق ئۇقۇمىنى ئەمىلى ئەھۋالغا ئاساسەن بېكىتىش بىر قەدەر مۇۋاپىق،ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇقىم ئۆلچەم بېكىتىش بىر قەدەر قىيىن. شۇڭا سۈرەتتىكى شەخىسلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتىغاندا يەنىلا سۈرەتنى كەينىگە ئۆرۈپ كۆرمىگەندىكىن سۈرەتنى كۆرگۈچىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى سۈرەتنىڭ ئوڭ تەرىپى دەپ شۇ رەت تەرتىبى بويىچە باشقىلارغا چۈشەندۈرۈش بىر قەدەر مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. بۇ خۇددى ئۇيغۇر يېزىقى ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ دېگەندەك بىر ئىش.