باشلارغا كۆچۈپتۇ سەرۋەڭ يايلىقى،
يىڭنىنىڭ ئۇچىدا يايلايدۇ كىيىك.
ئەتىرگۈل، مودەنگۈل، قوغۇنگۈللەرگە
كۆمۈلگەن كۆمۈلمەس بىر تارىخ بۈيۈك.
كەشتىچى ئانىنىڭ سارغۇچ قەلبىدىن،
بىپايان دىللارغا تامچىلايدۇ نۇر.
دوپپا كەيگەن جەڭگىۋار ئەرگە،
ئاقكۆڭۈل سەھرادىن ئاقىدۇ غۇرۇر.
كۆشۈتە داۋاندىن قاچقان چېرىككە،
ئوت بولۇپ كۆرۈنگەن قۇمۇل دوپپىسى.
قۇمۇلنى سۆزلەيدۇ يەتتە قىتئەگە،
تۇرلاردىن ئۆرلىگەن گۈلخاننىڭ ئىسى.
زۇلۇم يىپىدا تىكىلگەن دوپپا،
تۆمۈرنى «پالۋان» دەپ تونۇتتى ئەلگە.
جىمجىت چېچەكلەر ئۇندىكى غۇنچە،
ئۇ غۇرۇر، بىۋاقىت چۈشمىسۇن يەرگە.
زىنداندا ئاھ ئۇرغان غېرىب توختاخۇن،
دوپپىنى قاماللار، ئوت بولۇپ يانار.
ھەر دوپپا ئىستىھكام، سېپىلدۇر گويا،
يالقۇنلۇق باغرىدا ۋىجدان يالتىرار.
دوپپىچى ئانىنىڭ بىر تال يىڭنىسى،
تەسۋىرلەر گۈلزارنى، يوپيورۇق غەمنى.
يىپلار ئولتۇرار ئىستىقامەتتە،
يوشۇرار بىر ئەركەك كۆزدىكى نەمنى.
قۇمۇلنىڭ ياپيېشىل غېرىبلىقىغا،
دوپپىدەك قەلبىمنى قىلىمەن تارتۇق.
غازاڭ بوپ لەيلەيمەن ئۆمۈر شېخىمدا،
ئەي دۇنيا! سېنىڭدىن بىر غېمىم ئارتۇق.