بۇ مەزمۇن 26قەۋەتتىكى nusratدە2012-03-01 10:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىلىم،
ئەڭ ئاۋۋال بىر شېئىرغا باھا بېرىش يۈزىسىدىن(مەزمۇن جەھەتتىن) ئېلىپ ئېيتساق، بۇ بىر ئەخلەت شېئىر. ئىشەنمەمسىز؟!
بىرىنچى كۇبلىت: «سالام ساڭا مۇنبەر سەركىسى». باغداشقا مۇنبەر سەركىسى بولۇشقا تېخى خېلى بار. تېما ئىگىسىنىڭ بىرىنچى مىسرانىلا مۇنداق كۆپتۈرمە ئۇسۇل بىلەن باشلىشىدىن ئەقلى بار ئادەمنىڭ كۈلگىسى كېلىدۇ. قانداق مۇنبەر مۇنبەرلەر سەركىسى ھېسابلىنىدۇ؟ مېنىڭچە بۇنىڭغا ھەممە كىشى قايىل بولغۇدەك بىر جاۋابنى تېپىپ بېرىش تېخىمۇ تەس. بىراق شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، قانۇن بىلەن چاقچاق قىلىشمىسىلا، ھەتتاكى ئىملاسى بىلەن بەك ئويلىشىپ كەتمەي تېمىلار تەستىقلىنىۋېرىدىغان، نادىرلىق ئۆلچىمى ھەققىدە مۇقىم مەيدانى يوق(ھېچبولمىغاندا كىشىگە شۇنداق تەسىر بېرىدىغان)، ئايدا بىرەر قېتىممۇ ئىكران زىيارىتىنى سۇنۇپ بېرەلمەيدىغان باغداشنىڭ «سەركە» نامىنى ئېلىشىغا جەريان تېخى بار. ناۋادا راست ئۆزۈڭلار بىلەن ئۆزۈڭلار بىز سەركە، دەپ يۈرسەڭلار ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ چاتىقىم يوق. باغداش مۇنبىرىنى مەنمۇ سۆيىمەن، خۇددى قومۇل خەلقىنى سۆيگەندەك. بىراق بىز ئۆز-ئۆزىمىزنى ماختاش بىلەن ئەمەس، كەمچىللىكلىرىمىزنى قاتتىق قوللۇق بىلەن تۈزىتىش ئارقىسىدا ئۆز مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلىشىمىز كېرەك.
.......