نەپسىم يايرار دىيار، قوينۇڭدا،
ھىدى ئۆزگىچە تۇپراقلىرىڭدا،
سىڭگەن ئۆزگىچە چىلاننىڭ ھىدى،
ياپيېشىل گۈزەل باغچىلىرىڭدا،
بىلمىدىم نېچۈن قىلىمەن پەرۋاز،
كېتەلمەي كۆپكۆك ئاسمانلىرىڭدا.
مۇھەببىتىم بار توپىلىق يوللار،
قىيغىتىپ يۈرگەن ئىدىرلىق، سايلار،
ۋە ھەتتا گىياھ، تىكەن، لاي سۇلار،
بىلسەڭ سىمايىڭ قەلبىمدە شولا.
گۈزەل بالىلىق ئويۇلغان مۆھۈر،
ئەزىزىم، يۇرتۇم يۈرەكتە ياشا،
سەن ئۈچۈن بولسۇن جانىممۇ پىدا!
[ بۇ يازمىنىmaxal20دە2012-03-15 15:15قايتا تەھرىرلى ]