يۇسۇپ-زۇلەيخا كىنوسىدىكى زۇلەيخا قاندق ئايال؟
يۇسۇپ- زۇلەيخا كىنوسىنى كۆرۇپ ،زۇلەيخانىڭ يۇسۇپكە بولغان مۇھەببىتى توغرىسىدا تور ئەھلى بىلەن بۇ ئوبراز ھەققىدە مۇنازىرلىشىپ باقسام دەيمەن سىزچە زۇلەيخا قانداق ئايال؟
1.زۇلەيخا باشتىن - ئاخىرغىچە يۇسۇپنى ياخشى كۆرۇپ قالغانلىغىدىن نۇمۇس ھىس قىلمايدۇ ئەزىز مىسرى زۇلەيىخاغا --ئىرىدىنمۇ ياخشىسىنى تاپقاندا ئىرىنى تاشلىۋىتىش كىرەكمۇ دەپ زۇلەيخاغا غەزەپلىندۇ،لېكىن ئايالىنى ياخشى كۆرگەچكە ئايالىنى جازالىمايدۇ،ئەكسىچە يۇسۇپنى جازالايدۇ ،بۇ مەنىدىن ئالغاندا زۇلەيخا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى،غۇرۇرىنى بىر قۇل ئۇچۇن سەرىپ قىلىدۇ،مىسىرنىڭ بۇ تەڭداشسىز گۇزەل خانىمى ئاخىرىدا ھەممە-ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ،شۇ ۋاقىتتىكى ئىتىكا-ئەخلاق نۇقتىسىدىن قارىغاندا زۇلەيخا ھەقىقەتەن ئازغان ئايال،سىز ئويلاپ بېقىڭ ،سىزنىڭ ئايالىڭىز سىزدىنمۇ كىلىشكەن بىرسىنى كۆرۇپ ياخشى كۆرۇپ قالسا سىز قانداق قىلىسىز،بۇ يەردىكى ئازاپلىق مۇھەببەت يۇسۇپ-زۇلەيخا ئوتتۇرسىدىكى ئەمەس ئەزىزى مىسىرنىڭ كۇندەشلىك ئوتى ۋە غىرىپلىق ھەسرىتى .
2.باشقىچە قاراش ،زۇلەيخا ياخشى ئايال. چۇنكى زۇلەيخانىڭ يۇسۇپنى ياخشى كۆرۇپ قېلىشى يۇسۇپنىڭ تەڭداشسىز گۇزەل بولغانلىغىدىن ئەمەس بەلكى يۇسۇپنى گۇزەل قىلىۋاتقان ئۇنىڭ ئىسلامچە ئەخلاقى بۇلغانلىغى سەۋەبتىن يۇسۇپ ئاللاھنىڭ بىلدۇرىشى بىلەن ئىسلامچە ئەخلاق بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ،تېخمۇ ئىززەتلىك،تېخىمۇ ھۆرمەتلىك تېخىمۇ يېقىملىق بولغانلىغىدا،تارىختىكى يۇسۇپنىڭ قانداق چىرايلىق ئىكەنلىگى رىۋايەتلەردە زىكرى قىلىندۇ ،ئەمما مىنىڭچە بولغاندا تارىختىكى يۇسۇپمۇ بىر ئىنسان ئۇنىڭ جاھان ئەھلى ھەيران قالغىدەك گۇزەل بولىشى دەل تەڭرىنى تونۇپ،تەڭرىنىڭ يولى بويىچە مېڭىپ،ئىلاھى ئەخلاق بىلەن زىننەتلەنگەنلىگى ئۇچۇن ئۇ،تارىختىكى مەشھور گۇزەل ئىنسان ئوبرازى بولۇپ تونۇلغان،بىر ئومۇر يۇسۇپ ئۇچۇن كۆيگەن يۇرەك توساتتىنلا يۇسۇپنىڭ دىنىغا كىرگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ يۇسۇپنى ئەمەس بەلكى يۇسۇپنىڭ پەرۋەردىگارىنى ياخشى كۆرۇپ قالغانلىغىنى ھىس قىلىپ يىتىدۇ.مانا بۇ ئۇلۇغ مۇھەببەت،
خۇلاسە:نۆۋەتتە ياشلىرىمىز ئارىسىدا مۇھەببەت ھەققىدە چاكىنا دۇنيا قاراشلار يامرىماقتا، بۇ فىلىمدىن بىز شۇنى بىلەلەيمىزكى مۇھەببەت تەڭرىگە بولغان مۇھەببەتتىن ئاپرىدە بولغان دۇنيادىكى بارلىق مۇھەببەتلەرنىڭ مەنبەسى پەقەت بىرلا ئۇ بولسىمۇ تەڭرىگە بولغان مۇھەببەت ،دىمەك ئۆزسۆيگۇسىگە ئاسىلىق قىلىپ ،مۇھەببەتنى ئويۇنچۇق قاتاردا كۆرۇش تەڭرىگە ئاسىلىقتىن بشارەت،بىزنىڭ ئەخلاقىمىزدا ئىپپەت ئىنسان خۇنىدىن ئارتۇق، شۇنداق بولغاچقا قىزلىرىمىزنى ئاسراش ،ئۇلارغا پاكىز،ھالال مۇھەببەت ئاتا قىلىش سىزنىڭ ۋە ھەممىزنىڭ گۇزەل ئەخلاقى بولسۇن.
يۇسۇپ ئوبرازى ھەققىدە يۇسۇپ پاكىزلىقنى ھەممىدىن ئۇستۇن كۆرىدۇ ھەمىشە باشقىلارنى ئويلايدۇ،ئۆزىنى قىلچە ئويلىمايدۇ،يۇسۇپ شۇنداق دەيدۇ:مەن مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىش ئۇچۇن يارالغان.يۇسۇپ قانچە شۇھرەت تاپقانچە شۇنچە كەمتەرلىشىدۇ،مانا بۇ بىزنىڭ ئىسلام ئەخلاقىدىكى ھەققى ئىنسان بولۇش يولى، سىز يۇسۇپ- زۇلەيخا فىلىمىنى كۆرۇپ تاراملاپ ياش تۆكەنسىز ،ئەمما سىز يۇسۇپتەك گۇزەل بولۇشنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ ؟ناھايتى ئاددى ئەخلاقىڭىز دەل بۇ ئۇلۇغ زاتتىن ئۆرنەك ئالسۇن
[ بۇ يازمىنىkokturukدە2011-02-15 21:18قايتا تەھرىرل ]