murad lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 626 قېتىم كۆرۈلدى
polat315
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 277
شۆھرەت: 1621 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1648 سوم
تۆھپە: 951 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 972 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 235(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قەشقەرنىڭ كۆزى

قەشقەرنىڭ كۆزى



مۇھەممەتئىمىن قۇربان توغلۇق  

 (لىرىك داستان)  

قېلىشمايسەن باغى ئېرەمدىن،
سەن قەدىمىي قەشقەرنىڭ كۆزى.
ئەللەر دەيدۇ سېنى بەشكېرەم،
زېمىندىكى جەننەتنىڭ ئۆزى. 

يۈرىكىمگە ئويۇلغاچ ئىسمىڭ،
لاۋۇلدايدۇ بىر ئوت جېنىمدا.
پاك سۆيگۈمدىن تۇغۇلار قۇياش،
باغرىڭدىكى كىندىك قېنىمدا.  

ئەل غېمىدە  يىقىلسام، يەنە،
بېغىشلايسەن قايتىدىن نەپەس.
(بۇ جاھاندا  نېمە بار ئىدى
ئانا يۇرتتىن ئۇلۇغ مۇقەددەس؟)  

تۇز ھەققىگە قايتۇراي جاۋاب،
دەپ شەنىڭگە تەۋرەتتىم قەلەم.
تاپالمىسام لايىقىڭدا سۆز،
كەچۈر، ئانا يۇرتۇم بەشكېرەم!

           1       


ئادەم ئاتا ، ھاۋا ئانامنىڭ ،
چۈشكەنمىدى تۇنجى رەت ئىزى ؟
كۆكلەپ كەلدى باغرىڭدا، يۇرتۇم،
ئەل-يۇرت سۆيەر ئەجداد يىلتىزى.  

ئۆركەشلىگەن چاقماق دەرياسى
تارىخىڭنى سۆزلەيدۇ تىنماي.
تەستىقلار ھەم تەبەسسۇم بىلەن
باغرىڭدىكى ھەر بىر قەدىم جاي. 

ئانا دەريا بويىدا ئاۋۋال
قۇرۇلغانمىش قەدىمىي خانئۆي.
ئۇندىن كېيىن قېزىلغان ئىكەن
توققۇز ھوجرا ـــ ئۈچ بۇرھان مىڭئۆي. 
 
كەچمىشىڭگە شاھىتتۇر يەنە
ھەيۋەت مورا بۇددا مۇنارى...
شۇڭا دەيمەن سېنى ۋەتەننىڭ
مەڭزىگە خال قەدىم گۇلزارى. 
 
ھەر قارىسام ھۆسنىڭگە تويماي
دىلدا چەكسىز سۆيگۈ ئىزتىراب.
ھەر تال گىياھ، تاغ ھەم تېشىڭدىن
مېھنەت ئىشقى تۇرار يالتىراپ. 
 
ھالال مېھنەت بىلەن ياشاشقا
يول باشلىغاچ ئەرك سۆيەر ئەجداد.
قاناتلىنىپ ئەقىل ـــ ھېكمەتتىن
پەرۋاز قىلدى جەڭگىۋار ئەۋلاد.  

مېھرىڭ بىلەن دىللاردا ھەردەم
ياشنىغاچقا ۋىجدان، ئار-نومۇس.
ئاي-كۈنۈڭدىن پۈتكەنمىكىن تاڭ
ئەجداد روھى كۆمۈلگەن قامۇس؟  

تارىخىڭغا تاشلىسام نەزەر،
كۈلۈپ چىقار ئالىپ ئەرتۇڭا.
مەھمۇد، يۈسۈپ بوۋام ھۆرمەتتە،
قەلەم سۈرگەن بېغىشلاپ ئۇڭا.  

‹‹شاھنامە››دە ئۇ مۇبارەك زات،
يېزىلغانكەن دەپ ،ئاپراسىياپ.
خانئۆينى ئۇ قىلىپ ئوردۇكەنت،
رەقىپلەرگە ساپتىكەن ئازاب. 
 
شۇندىن كېيىن ئوردۇكەنت –خانئۆي
بولغان ئۇلۇغ ئەلگە تەختىگاھ .
ئۇندا دەۋران سۈرگەن خاقانلار،
باغلىرىڭنى قىلغان سەيلىگاھ .  

يۈرىكىڭدىن جاي ئالغاچ خانئۆي،
ئەزىزلىگەن ئەجدادلىرىمىز.
ھەممە يەرنى پۈركىگەن گۈلگە،
باغ ئىشقىدا پەرھادلىرىمىز.  

سۇلتان سۇتۇق دەۋرىدە گويا
بولغاچ خانلىق باغلارنىڭ كۆزى.
بۇغراخانلار يىل بويى سەندە
سەيلە قىلىپ تۇراركەن ئۆزى.  

دەپتىكەن ھەم سۇتۇق بۇغراخان :
‹‹بەشكېرەمدە بېھىشنى كۆردۈم.
كىمكى يېسە تىلنى يارغۇدەك
تەمى تاتلىق يېمىشنى كۆردۈم. 
 
شاخ مانتىسى ــ ئەنجۇر بۇرنىدىن
نۇر-نۇر بولۇپ شەربەت ئاقاركەن.
‹ۋاھ، بۇ كىمنىڭ يۈرىكى؟› دېسەم
شاختا كۈلۈپ تۇرغان ئاناركەن. 
 
بېدىشلەردە كۈلۈپ تۇرغىنى
ئۈزۈم ئەمەس بەئەينى زۇمرەت.
بېھى، شاپتۇل، بادام، كۆك سۇلتان،...
يۈرەكلەردە قوزغار مۇھەببەت.  

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، بۇ يەردە
بارچە مېۋە پىشىپ تۇراركەن.
قومال تاغدىن نەزەر تاشلىسا
ھەر دەم خۇشبۇي بېھىش پۇراركەن. 

مېۋىلەرنىڭ شېخىغا قونۇپ
سايرايدىكەن تۈرلۈك-تۈمەن قۇش.
ئۇنى بىر رەت ئاڭلىغان كىشى
ئىختىيارسىز بولاركەن مەستخۇش.  

بارمۇ زېمىن ئۈستىدە مۇنداق
تۇتاش كەتكەن بېھىشتەك باغلار.
ئۆتسە مەڭگۈ ئۇندا نە ئارمان
قۇياش كۈلگەن بىغۇبار چاغلار.  

باغلار ئارا ئاقاركەن ھەيۋەت
ئۆركەش ياساپ چاقماق دەرياسى.
كىمكى پەقەت كۆرسە بىر نۆۋەت
بۇلۇپ قالار ئۇنىڭ شەيداسى. 
 
باغۋەنلىرى پەيغەمبەر سۈپەت
خۇش پۇراركەن قەدەم ئىزلىرى.
ئانىلارغا مەڭگۈلۈك ئۆرنەك
پەرىشتىدەك گۈزەل قىزلىرى.  

يىگىتلىرى ئاجايىپ چەبدەس
تىرىلگەندەك گويا ئوغۇزخان.
كۆزلىرىدىن چاقناركەن نۇرلۇق
پاك ئەقىدە ھەم غۇرۇر-ۋىجدان.  

شۇڭا ئوردا ئەھلىنى باشلاپ
بۇندا پات-پات سەيلىدە يۈردۈم.
‹قۇرئان›دا خۇش خەۋەر بېرىلگەن
سەككىز جەننەت پەيزىنى سۈردۈم!  

بولۇپ قالسۇن گۈزەل سەيلىگاھ،
ئوردۇكەنتكە يانداش بەشكېرەم.
ئەجدادلاردىن ئەۋلادقا مىراس
پاك ۋەتەنگە قانداش بەشكېرەم!...››  

شۇ سەۋەبلىك قوينۇڭدا ھەر يىل،
باغ سەيلىسى كەلگەن ئۈزۈلمەي.
ۋاھ،يىل بويى سەيلىگاھ بولمىش،
يەنە بىر يۇرت بارمىكىن ھەي–ھەي؟!  

باغۋەنلىرىڭ مېھنىتى بىرلە،
رەڭلەنگەچكە سەككىز بېھىشتىن.
نۇرلانغانمىش قەدىمىي قەشقەر،
سەن ئۆستۈرگەن ھەر بىر يېمىشتىن.  

بۇغۇ ئۆتمۇش، بۈگۈنىڭ شەكسىز،
كەم ئەمەستۇر سەككىز جەننەتتىن.
نۇرلانماقتا چېھرىڭ يىلسىرى
خەلقىڭ چاچقان ئەجىر-مېھنەتتىن.  

دەر ھەقىقەت، ھۆسنۈڭگە تولدۇڭ،
ھەر قارىسام قامىشار كۆزۈم.
چۇلغاپ چەكسىز سۆيگۈ-ئىپتىخار،
پىچىرلايمەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم:  

رەھمىتىنى ئانا تەبىئەت،
تۆككەنمىدى ساڭا ئېتەكلەپ.
يۈرىكىڭدە ئاقتى يېشىل قان،
ئەجداد روھى دائىم چېچەكلەپ.  

كۈندىن-كۈنگە زورايغان ئەۋلاد
يېڭى-يېڭى يوللارنى ئاچتى.
خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ گۈللىرى
ھەممە يەرگە خۇش پۇراق چاچتى.  

ھەر يۈرەككە تاشلايدۇ مىڭ ئوت،
كۆيۈپ كەتكەن قومال تاغلىرىڭ.
چاقماق دەريا ۋادىسى ئارا،
تۇتاش كەتكەن يېشىل باغلىرىڭ.  

ئەزىز يۇرتۇم، ئامان بولساڭلا،
ئۈزۈلمەيدۇ قۇتلۇق نەسىللەر.
تەبىئەتنىڭ چېھرىگە رەڭداش،
ئايلىنىدۇ ھەر بىر پەسىللەر.

              2

يۈرەكلەرگە ئاتەش ئوت سېلىپ،
قۇچاق ئېچىپ كەلگەندە باھار.
چاقماق دەريا سېنىڭ باغرىڭدا،
ئەجدىھاردەك تولغىنىپ ئاقار.  

ئېرىپ كەتكەن قار-مۇز بىلەن تەڭ،
توزۇپ كېتەر قىشنىڭ ئۇيقۇسى.
ۋۇجۇدۇڭنى چۇلغايدۇ قات-قات،
مېھرى ئىسسىق باھار تۇيغۇسى.  

نورۇز بوۋاي قىلسا تەبەسسۇم،
ئېچىلىدۇ باغلاردا چېچەك.
ئاڭا قاراپ دەيدۇ دېھقىنىڭ:
‹‹بۇ كۈزدىكى ھوسۇلدىن دېرەك!...››  

قىش ئۇيقۇسى تۈگەپ، سىلكىنىپ
ئويغانغاندا مۇقەددەس تاغلار.
ئىش-ئەمگەكنىڭ ناخشىسى بىلەن
كۆز ئاچىدۇ سەندىكى باغلار. 
 
گۈل-چېچەككە تولغان باغلاردا،
ياڭرايدۇ شاد كاككۇك ناۋاسى.
كۈي قاتىدۇ ئاڭا ئۆزگىچە،
شاۋقۇن سېلىپ چاقماق دەرياسى.  

باشلىنىدۇ باھار سەيلىسى،
دەريا بويى-يېشىل گىلەمدە.
قايىتقىنىدا دەيدۇ مېھمانلار:
<<سەيلى قىلدۇق بىز بەشكېرەمدە!  

-پاھ،ئۇشبۇ يۇرت بەكمۇ گۈزەلكەن!
باغلىرىدا سايرار تۇمۇچۇق.
دېھقانلارنىڭ كۆڭلى-كۆكسى كەڭ،
مەردانە ھەم قولى بەك ئوچۇق! 
 
-ئۈزۈم بىلەن ئانارنى ساقلاپ
يەتكۈزەرمىش يېڭى ئۈرۈككە.
بەشكېرەمنىڭ مۇراببالىرى
جان بېرەمدۇ نېمە ئۆلۈككە؟  

-بۇ يۇرتتىكى قېرى-ياش ھەممە،
خۇشخۇي كۈتەر ئىكەن مېھماننى.
بولسىمۇ گەر سېرىقتال مەزگىل،
ئەجەپ ئىسىل سالدى داسقاننى!  

-راست دەيسىلەر، داسقانلىرىدا
ھۆل ھەم قۇرۇق مېۋىلەر بەك كۆپ.
ھىچ ئېغىزدىن كەتمىدى تېخى
بېھى باسقان پولۇ، نېرىن چۆپ!  

-بەك يېقىشلىق ئىچكەن كىشىگە
خام قىيمىدا ئەتكەن ئۈگرىسى.
بەشكېرەمدە يېدۇق بۇ يىلمۇ
نورۇز كۈنى كۆك چۆچۈرىسى.  

-ئېچىپ ياققان چوڭ ناننى كۆرسە
ھەسەت قىلار كۆكتە تولۇن ئاي.
قىزلار چېۋەر، يىگىتلەر چەبدەس
مېھرى ئىسسىق يۇرت ئىكەن، ئاي-ھاي! 

-ھۆرمۇ نېمە؟ دەپ قاپتىمەن، ئاھ،
چاي تۇتقاندا بەشكېرەم قىزى.
چېچەكلىدى قەلبىمدە ھەي-ھەي،
ياشلىقتىكى دەردنىڭ يىلتىزى!  

-تۇتقان ئىدى ماڭا خۇش كۈلۈپ،
بىر پىيالە ئانار شەربىتى.
ياشاپ كەتتى يۈرىكىم ھەي-ھەي!
باردۇر ئۇنىڭ نە سىر ھېكمىتى؟  

-شەربەتمىغۇ ياخشىكەن، ئەمما
ئۇۋاپ يېسە تاتلىق ئانارنى.
ئالتۇن كۈزدە باغقا كىرگەندەك
ئۇنتۇيدىكەن كۆكلەم ــ باھارنى!  

-بەشكېرەمنىڭ يىگىتلىرىچۇ،
نورۇز كۈنى ئەجەپ چېلىشتى.
بىر چۈشكەنچە ئارقا-ئارقىدىن
نەچچە باتۇر بىلەن ئېلىشتى!  

-ئات بەيگىسى ـــ ئوغلاق تارتىشىش
قىزىيدىكەن بۇ يۇرتتا ئەجەپ.
ئوغلاقچىلار ئاجايىپ جۇشقۇن
ئاتلار چاپچىپ تۇراركەن ھەدەپ. 
 
-سوقۇشقاندا بىر جۈپ كۆك قوچقار
مۈڭگۈزىدىن چاقناپ كەتتى ئوت.
بارمۇ يەنە نورۇز كۈنلىرى
بۇندىن ئارتۇق قاينايدىغان يۇرت؟  

-ياشارغاندەك بولدۇق نەچچە ياش،
ئىچكەن چاغدا نورۇز ئېشىنى.
بەشكېرەمدە مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ،
كۈتتۇق باھار-يىلنىڭ بېشىنى!...>>  

جامالىڭغا بەرگەچ يېشىل قان،
مېھرى ئىسسىق باھار تىنىقى.
بولۇپ كەلدىڭ زېمىن ئانىنىڭ،
مەڭزىدىكى يارقىن زىنىقى.

         3

بىلەكلەرگە يىلىك تولدۇرۇپ،
قۇچاق ئېچىپ كەلگەندە گۈل ياز.
مېھرى ئوتلۇق ئانا تەبىئەت،
يوللىرىڭغا سالار پايانداز.  

مەرۋايىتتەك سۈپ-سۈزۈك سۇلار
ئېرىقلاردا ئاقار تولغىنىپ.
ئاڭا قاراپ يايرايدۇ كۆڭۈل
ئەجەپ ئېزگۈ ھېسقا چۇلغىنىپ.  

ئۈزۈپ يۈرەر ئۇندا پىلتىڭلاپ،
سۇ ئەركىسى ــ قۇمچاق، بېلىقلار.
شوخ بالىلار يىڭناغۇچ قوغلاپ،
چىقىرىدۇ تاتلىق قىلىقلار.  

تومۇزغىلار سايرار كەچلىكى
ئۇ گوياكى ھايات كۈيچىسى.
تال-باراڭلق ھويلىلىرىڭدا
تۈنەر گۈزەل يازنىڭ كېچىسى.  

باغ- ھويلاڭدا چىللىغان خوراز
قانات قېقىپ ساڭا قۇت تىلەر.
ھەر كۈنلىكى بېلىق قارنىدەك
سۈزۈلىدۇ سۆيۈملۈك سەھەر.  

كالا مۆرەپ، ئاتلىرىڭ كىشنەپ،...
ياڭرار ئەجەپ بىر كۈي ـــ ئاھاڭلار.
ئەبجەش كۈيلەر ئەۋجىگە يانداش
نۇر سۈيىدە يۇيۇنار تاڭلار.  

ئېلىپ كېلەر تاڭلارغا ئامەت،
يۈرەكلەرگە تۇتاشقان يوللار.
كۆرسىتىدۇ بىر-بىر كارامەت
مېھرىڭ بىلەن كۆكلىگەن قوللار.  

ئاق ھەم قارا، چېقىر ئۈژمىلەر
بولۇپ تۇنجى يازلىق نېئىمىتىڭ.
ئىرغىتىلار داستىخانلارغا
چەكسىز ئەجەپ سۆيگۈ – ھىممىتىڭ.  

كۈلۈپ كېتەر قەدىم كۆللىرىڭ،
باشلانغاندا ئۈژمە سەيلىسى.
شادلانغاندەك گوياكى مەجنۇن،
قۇچاق ئاچقان چاغدا لەيلىسى.  

ھەم تۆكۈلەر ئۈژمىگە يانداش،
ھويلىلارنىڭ زىننىتى-شاتۇت.
تەمى ئاچچىق-چۈچۈكتۇر ئەجەپ،
ئۇنىڭدىن رەڭ ئالغانمۇ ياقۇت؟ 
 
كۆزنى چاقار سېرىق ياقۇتتەك
شاختا پىشىپ كەتكەن ئۈرۈكىڭ.
نۇر بەرگەنمۇ يا ئەي قەدىم يۇرت
ئەل مېھرىگە تۇتاش يۈرىكىڭ؟  

نامى مەشھۇر ئۈرۈكلەر ئارا
‹‹بەشكېرەمنىڭ خۈۋەينىسى›› دەپ.
كۆتۈرەلمەس مەن-مەن دېگەن ئەر
قالسا سەككىز ئوننى ئارتۇق يەپ.  

تېپىلىدۇ گۈل باغلىرىڭدىن
سورتلۇق ئۈرۈكلەرنىڭ ھەر خىلى.
پەخىرلىنەر بۇ گۈزەل قەشقەر
بولغاچ ئۇ ئەڭ ئىسىل ــ سەرخىلى. 

پىشار يەنە گۈل باغلىرىڭنىڭ
گىلاس، توغاچ، يازلىق شاپتۇلى.
ئۇندا ياڭرار سازەندىلەرنىڭ
ئېيىتقان ناخشا-مۇقام مەرغۇلى.  

ئاندىن كېيىن نۇرلىنىپ كېتەر،
قوينۇڭدىكى ئەنجۈرنىڭ شېخى.
باشلىنىدۇ ئەنجۈر سەيلىسى،
ئاڭا ئېغىز ئاچمىدىم تېخى،...  

تومۇز كىرىپ چاقماق دەريانىڭ،
قىرغاقلاردىن تاشىدۇ سۈيى.
كېلەر ئۇندىن باغرىڭدا ئۆتكەن
ئەجدادلارنىڭ جەڭگىۋار كۈيى.  

ئالما، قوتۇر ئامۇت تومۇزدا
ئىسسىق ئۆتكۈ- دەردنىڭ داۋاسى.
سەھەر كەچتە جانغا ھوزۇردۇر
قۇمال تاغنىڭ سالقىن ھاۋاسى.  

كۆرۈنگەندە شەبنەم جىلۋىسى
يېرىلىدۇ ۋاچ-ۋاچ ‹‹ئاق ناۋات››،
ئۇنى يېگەن كىشىلەر دەيدۇ:
‹‹بەشكېرەمدە ياشناركەن ھايات!››  

ئەي ئەزىز يۇرت، ھۆسنىڭگە ھۆسۈن
قاتقاچ گۈزەل يازنىڭ تىنىقى.
بولۇپ كەلدىڭ ئانا زېمىننىڭ
مەڭزىدىكى كۆركەم زىنىقى.

        4    


قۇچاقلارنى گۈلگە تولدۇرۇپ،
كەلگىنىدە ئالتۇن كۈز پەسلى.
باغلىرىڭنى كۆرگەن كىشى دەر:
‹‹نىسىپ بولدى بېھىشنىڭ ۋەسلى!...››  

راسىت، ھۆسنىگە تولار نۇرلىنىپ،
گۈزەل چاقماق دەريا بويلىرى.
ئىشقا ئېشىپ ئىشچان خەلقىڭنىڭ،
دىلغا پۈككەن ئارزۇ-ئويلىرى. 
 
نۇر چاچىدۇ خۇددى شەپەقتەك،
قىز مەڭزىدەك قىزارغان ئانار.
شۇخ-شۇخ كۈلۈپ سېھىرلىك قاراپ،
يۈرەكلەرگە ئاتەش ـــ ئوت ياقار.  

ئۇ ئوخشايدۇ گويا يۈرەككە،
شاخ-شېخىدا تاتلىق ھەم ناخۇش.
تەنگە داۋا ئۇنىڭ شەربىتى،
كۆڭۈللەرنى ئەيلەيدۇ مەسىتخۇش.  

ساپاق-ساپاق سۈزۈك مەرۋايىت
چاقناپ تۇرار بېدىشلىرىڭدە.
مىھنەت ئوتى يالقۇنجاپ تۇرار،
ئاق موناقى، كىشمىشلىرىڭدە. 
 
ئات باغرى ھەم ھۈسەينىلەرمۇ
شاخنى ئېگىپ، كۈلۈپ باقىدۇ.
ئاڭا قاراپ تۇرغان كىشىنىڭ
كۆزلىرىنىڭ يېغى ئاقىدۇ.  

قاماشتۇرار كۆزلەرنى ھەي-ھەي،
شاخلاردىكى ئەنجۈر جۇلاسى.
شەربەت ئېقىپ تۇرار بۇرنىدىن،
ئۇ ئەمەسمۇ مىڭ دەرد داۋاسى؟  

ئۇ بىر يىلدا ئۈچ قېتىم پىشىپ،
باغدا قوزغار ھەسەت غەۋغاسى.
دەيدۇ خەلقىڭ ئەنجۇرنى بەرھەق،
بەشكېرەمنىڭ ئالتۇن تىللاسى.  

مەي باغلىغان كۈزلۈك شاپتۇلۇڭ
بەكمۇ سۇلۇق، ۋاھ، ئەجەپ تاتلىق!
يېمىگەننىڭ كۆڭلىدە ھەسرەت،
يېگەنلەردە ئالەمچە شادلىق.  

ئالتۇن رەڭدە پىشقان بېھىلەر،
گوياكى بىر بېھىش پۇرايدۇ.
شاخ ئۈستىگە قونغان قۇياشتەك
باغلىرىڭنى نۇرغا ئورايدۇ.  

‹‹ئوت كۆيمەكتە شاخلاردا ھەيھات!››
دەپ قالار كىم كۆرسە چىلاننى.
چىلانلىقىڭ ئەسلىتەر يۇلتۇز
جىمىرلىغان سۈزۈك ئاسماننى. 

جىگدىلىرىڭ كەم ئەمەس ھەرگىز،
خورمىسىدىن بەيتۇل-ھەرەمنىڭ.
بازارچىلار پۈتۈن مېۋىنى،
دەيدۇ: ‹‹يەپ كۆر، بۇ بەشكېرەمنىڭ!››.  

باغلىرىڭدا بار تېخى ياڭاق،
پىستە،بادام، ئالما، غەنويلا.
مېۋىلەرگە تولۇپ كېتەر، پاھ!
ئالتۇن كۈزدە پۈتۈن باغ-ھويلا.  

شۇنىڭ ئۈچۈن تالاي قەلەمكەش،
باغلىرىڭنىڭ بولۇپ شەيداسى.
يۈرىكىدىن كۈي تۆكتىلەر، دەپ:
‹‹رىۋايەتتەك مېۋە دۇنياسى!  

شەربەت تامغان ئەنجۈر، ئۈزۈملەر
جان ھوزۇرى دەردنىڭ داۋاسى. 
 خسلىتىڭگە مۇناسىپ ئەلنىڭ
‹مېۋە كانى› دېگەن باھاسى!››
[1]

‹‹قايسى ئانار، قايسى قىز مەڭزى،
قايسى كۆڭلەك، قايسى گۈل-چېچەك؟
دەماللىققا ئايرىماق قىيىن

ھەممە گۈزەل بۇ يەردە دېمەك.  

‹ساينىڭ تېشى› دەپ قالماڭ ھەرگىز
بەشكېرەمنىڭ قوغۇنى ياتقان. 
 شەربىتى ئۇ قەنت- شېكەر ئەمەس
تىلىڭىزدىن جاۋغايغا ئاققان.››[2]  

‹‹بېھىش دېدىم بەشكېرەمنى مەن
مەپتۇن بولۇپ بېقىپ ھۆسنىگە.
سانسىز باغلار مېۋە ۋادىسى
دىل زوقۇمنى تارتىپ ئۆزىگە.  

مېۋىزارلىق ئاچتى قۇچاقنى
قايىل بولۇپ ئەتراپقا باقتىم.
قانات قېقىپ ئىلھام قۇشلىرى
شۇ بېھىشنى كۈيۈمگە قاتتىم››[3].
..................

دەرھەقىقەت، بولغاچ سەن گۈزەل
قەسىدىلەر توختىماس مەڭگۈ.
يۈرىكىڭدىن ياڭرىغان غەزەل
ھەر يۈرەكتە ئويغىتار سۆيگۈ. 
 
باش باھاردىن كۈزگىچە شۇڭا،
باغلىرىڭدىن ئۈزۈلمەس ئادەم.
باغ سەيلىسى چىقىپ ئەۋجىگە،
ھاياجاندىن تىترەيدۇ ئالەم.

بولۇپ ئەلنىڭ شادلىق سەيناسى
            گۈزەل چاقماق دەريا بويلىرى.            
باشلىنار قىز-يىگىتلىرىڭنىڭ
ئارزۇ قىلغان قۇتلۇق تويلىرى.  

قۇتلۇق تويلار بىلەن تومۇرداش
ئۆي-ئۆيلەردە مەشرەپ قاينايدۇ.
يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە
ئەدەپ بىلەن ئۇسسۇل ئوينايدۇ.  

شادلىق ئايان قىلسا سامادا
خىزىر سۈپەت روھلۇق بوۋايلار.
ئەل-يۇرتقا قۇت تىلەر دۇئادا
پەرىشتىدەك ئاق چاچ مومايلار.  

ئەقىدىلىك يىگىت-قىزلىرىڭ
مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنى باشلاپ.
باغ-ۋارانغا ئاتلىنار خۇشخۇي
كېلەچەككە خۇش نەزەر تاشلاپ.  

كۈلۈپ كېتەر ھەر بىر مەھەللەڭ
ياشناپ شۇنداق سۆيگۈ كۈيىدە.
كۈندىن كۈنگە نۇرلىنار چېھرىڭ
يۇيۇنغاندەك ئالتۇن سۈيىدە.  

ئەزىز يۇرتۇم گۈزەللىكىڭنى،
قىلغاچ ئايان كۈزنىڭ تىنىقى.
دەيمەن شۇڭا سېنى ۋەتەننىڭ،
مەڭزىدىكى نۇرلۇق زىنىقى.

         5

كەلسە ئاياز چاقماق دەرياسى
چۈش كۆرىدۇ شىرىن ئۇيقۇدا.
ئەمما ئىشچان خەلقىڭ ھەرقاچان،
ياشايدۇ پاك، ئوتلۇق تۇيغۇدا.  

چېچەكلىگەچ يۈرەكلەر ئارا
سەندەك گۈزەل پاك سۆيگۈ ئىخلاس.
يېنىپ تۇرار ئاتەش رەڭگىدە
كېچە-كۈندۈز توختىماي تىمتاس. 
 
سۆيگۈ بىلەن ئىخلاس قۇدرىتى
چىرايلارغا بەرگەچ قىزىل رەڭ.
پەرزەنتلىرىڭ ئۆسكەن ئاڭا خاس
ئىتىقادلىق، كۆكسى-قارنى كەڭ.  

ئۆزۈڭ بەرگەن مۇھەببەت بىلەن
كۆكلەر قەيسەر روھى ئەجدادنىڭ.
ئارزۇلىرى قاقار ھەم قانات
ئىرادىلىك جەسۇر ئەۋلادنىڭ.  

ئۇلار دائىم قان-تەر ئەجرىدىن
قۇچىقىڭغا چاچقاچ گۈزەللەك.
قۇرۇپ كېتەر ئۇنىڭ سېھرىدىن
ناكەسلىككە ھەمراھ رەزىللىك.  

خەلقىڭ چاچقاچ يۈرەكلىرىنى
باغدىن تاكى دالا-تۈزگىچە.
ھالال مېھنەت كۈيلىرى ياڭرار
مەئىشەتلىك ئالتۇن كۈزگىچە.  

ئالتۇن كۈزنىڭ ئاخىرلىرىدا
ئۆي-ئۆيلەرگە كۆچىدۇ باغلار.
شۇنداق قىلىپ قوينۇڭدا يەنە
باشلىنىدۇ ئۆزگىچە چاغلار.  

تام-تورۇسقا ئېسىلغان ئۈزۈم،
ياپ-ياش تېخى ھازىر ئۈزگەندەك.
كۈلۈپ قويار بېھى، كۆك ئامۇت،
قىشتا قايتا ھۆسۈن تۈزگەندەك.  

داستىخانغا قويسا ساھىبخان
ئەنجۈر، بېھىى، ئۆرۈك قېقىنى.
تەئەججۈپتە دەيدۇكى مېھمان:
‹‹يەمدۇ نېمە كۆزنىڭ ئېقىنى؟››
 
يۈرەكلەرگە ئوت ياقار ھەي-ھەي،
تەخسىلەرگە قويۇلغان ئانار.
پىيالىدە ئانار شەربىتى،
ئۇنى ئىچمەي قانداق دىل قانار؟  

قۇمغا كۆمۈپ قويغان ئەش شاپتۇل،
قوزغىمامدۇ چەكسىز مۇھەببەت؟
ئەي قەدىم يۇرت تۇپراقلىرىڭغا،
چېچىلغانمۇ ئالەمچە ھېكمەت؟! 

كومۇرلاردا ئەنجۈر، بېھىنىڭ،
مۇرابباسى، ئۈزۈم شىرنىسى....
ئەلنىڭ مەڭزى قىزىل ئاناردەك،
كۆرۈنمەس ھىچ قىشنىڭ جىلۋىسى.  

بوۋايلىرىڭ ئوچاق ئالدىدا
نەۋرىلەرگە سۆزلەر رىۋايەت.
مومايلىرىڭ ئۇنى تەستىقلاپ
چىن يۈرەكتىن تىلەر ھىدايەت.  

ئاق پاختىدەك يۇمشاق تۇنجى قار
يايغان چاغدا ساڭا ئاق لېچەك.
باھار چۈشەپ ياتقان باغلىرىڭ
كۆرۈنىدۇ ئاچقاندەك چېچەك.  

قۇمال تاغدىن قارىسا بىر خىل
تۇيۇلىدۇ باغ ھەم دالىلار.
جان بېغىشلار كۆتىرىپ چۇقان
توشقان قوغلاپ يۈرگەن بالىلار.  

قەلبى ئاتەش نۆۋەر يىگىتلەر
ئۆيدىن ئۆيگە تاشلىشار قارلىق.
شادلىقىغا ئۇلارنىڭ ھەي-ھەي
بۇ كەڭ جاھان قىلىدۇ تارلىق. 
 
‹‹قارلىق باسقان›› يىگىتلەر دەرھال
ئۇتقانلارغا يوللىشىپ ‹‹يارلىق››.
شەرىپىگە ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ
ئەھۋالىچە قىلار تەييارلىق. 
 
ئۆي-ئۆيلەردە سۆيگۈ چېچەكلەپ،
باشلىنىدۇ دوستلۇق مەشرىپى.
مەشرەپ دېگەن ئۇيغۇر نەسلىنىڭ،
گۈزەل ئەدەب-ئەخلاق مەكتىپى.  

شۇ سەۋەپلىك سەندە خەلقىمنىڭ،
ئۈزۈلمىدى ئاتەش تىنىقى.
سەن ئەمەسمۇ گۈزەل قەشقەرنىڭ،
مەڭزىدىكى ئوتلۇق زىنىقى؟

*     *      *  
*     *    

ئانا يۇرتۇم تۆت پەسلىڭ گۈزەل،
ئايان قىلغاچ جەننەت چېھرىنى.
كۆرۈپ قالسا پەرىشتىلەرمۇ
ئۈزەلمەيدۇ سەندىن مېھرىنى.  

شۇڭا دەيمەن سېنى بەشكېرەم،
زېمىندىكى جەننەتنىڭ ئۆزى.
شان-شۆھرىتى ئالەمگە مەشھۇر،
ئەزىزانە قەشقەرنىڭ كۆزى!

ئۇستاز،ئەدىپ، 26-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ داڭلىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق توپلىمىدىن
[ بۇ يازمىنىeverollدە2012-04-08 22:44قايتا تەھرىرلى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-08, 21:06
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-08 19:46 |
abit
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6368
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 115
شۆھرەت: 605 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 620 سوم
تۆھپە: 358 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 358 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قەشقەر شەھەرلىك 26- ئوتتۇرىمۇ يا؟
ھەممە ئىشتا ئوتتۇرھال بولغان ئەڭ ياخشىدۇر.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 23:45 |
tohotur

دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1395
شۆھرەت: 7475 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 7532 سوم
تۆھپە: 4410 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 4414 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2306(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەشكېرەمنى سۇرەتتەكلا تەسۋىرلەپتۇ غۇ بۇ شائىر ، ياشاپ كېتىڭ ،

كەمىنە پېقىر نىڭ قارىشىچە بەشكېرەمدە ئەدىلى ئادالەتنىڭ بولۇشى ھەممدىن ئەلا ، ئادالەت ئورنۇتۇلمىغان زىمىندا ئانارنىڭ سۇيى ئازىيىپ كىتەرمىش ،
بەشكېرەمدە ئەدلى ئادالەتنىڭ كامالەت تېپىپ پۇتۇن بەشكېرەمدىكى ھەممە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چىرايىدا ئادالەتنىڭ ئىزناسى جىلۋە قىلغاي ئامىن !
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 00:25 |
polat315
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 277
شۆھرەت: 1621 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1648 سوم
تۆھپە: 951 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 972 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 235(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەل غېمىدە  يىقىلسام، يەنە،
بېغىشلايسەن قايتىدىن نەپەس.
(بۇ جاھاندا  نېمە بار ئىدى
ئانا يۇرتتىن ئۇلۇغ مۇقەددەس؟)  
hawar
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 17:13 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » شېئىر - نەسىرلەر