بىرلەشمە مانېۋېر 22 - ئاپرىل كۈنى جۇڭگونىڭ چىڭداۋ شەھىرىگە يېقىن سېرىق دېڭىز رايونىدا باشلاندى. 27 - ئاپرىلغىچە داۋاملىشىدىغان مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرغا رۇسىيە ۋە جۇڭگو دېڭىز قىسىملىرىنىڭ بىر قىسىم پاراخوتلىرى ۋە دېڭىز ئارمىيە قوشۇنى قاتناشقان.
مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرغا رۇسىيە ئۆزىنىڭ يەتتە ئىلغار ئۇرۇش پاراخوتىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت ۋە ئۈچ دانە چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا زەربە بېرىش پاراخوتى بار ئىكەن. جۇڭگو تەرەپ شىمالىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىز ۋە شەرقىي دېڭىز پىلوتلىرىنىڭ 4 دانە پاراخوتى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئالاھىدە قىسىمى بولۇپ، 4 مىڭ ئەتراپىدا ئوفىتسېر ۋە ئەسكىرىنى قاتناشتۇرغان.
بۇ رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلىرى يولغا قويۇلغان يىللاردىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
[ بۇ يازمىنىsirik 2012-04-23 19:01قايتا تەھرىرلىدى ]