ئۇيغۇرغول كۈيچىسى- ئەركىن كېرەم
--ئەركىم--
بۇ كىشىنى قومۇللۇقلار تونۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، <<ئورۇق سايىم>>دېسە، <<ئايخېنىم سۈزۈك چىراي>> ئېيتىلسا بارلىق قومۇللۇقلارنىڭ كۆز ئالدىغا دائىم كۈلۈمسىرەپلا يۈرۈيدىغان ئەركىن كېرەم ھازىر بولىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە ئەركىن ئاكام بۇ قېتىملىق كېچىلىككە تەييارلىق قىلىۋاتقىلى بىر قانچە يىل بولۇپ قالدى، بولۇپمۇ بۇ ئىككى يىل مابەينىدە ئەركىن كېرەمنىڭ ئورۇققىنە سىماسى، ئۆزگىچە مۇڭلۇق ئاۋازى تەۋەلىكىمىزدىكى ئايرىمخانا ۋە رېستۇرانلاردىن يۈتكەن بولدى. چۈنكى ئۇ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن مەزكور كېچىلىككە تەييارلىق قىلىۋاتقانتى...كونىلار،ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دەپ بىكار ئېيتمىغان ئىكەن. ئۇ ئۆز ئەجىرىنىڭ قىممىتىنى مۇشۇ قېتىملىق كېچىلىك بىلەن خەلقى ئالەمگە جاكارلىدى. بىزدە تىرىشقان ئۇزار، تىرىشمىغان توزار دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار. سەنئەت ساھەسىدە بىز بىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر زاماننىڭ تاسقاقلىرىدا ئۈن-تىنسىز توزۇپ كەتتى، نىمە ئۈچۈن؟! چۈنكى ئۇلار سەنئەتنى چىن يۈرىكىدىن سۆيەلمىگەنلەر ئىدى. سەنئەتنى چىن يۈرىكىدىن سۆيگەنلەر ئەل قەلبىدىن ئورۇن ئالغۇسى! ئەركىن كېرەم ئەنە سەنئەت سۆيەرلەرنىڭ ھەقىقى ئۈلگىسى ۋە نامايەندىسىدۇر!
2012-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئۆرۈك چېچەكلىرى پورەكلەرپ ئېچىلغان، ئەتىراپنى باھارنىڭ خۇشبۇي ھىدلىرى قاپلىغان بىر سەھەردە يانفۇنۇم سايراپ قالدى. تېلىفۇننى ئىقتىدارلىق ئۇسۇلچىمىز، مۇنەۋۋەر رىياسەتچى ۋە رېژىسسور جىلىل ئاكام ئۇرغان ئىكەن. ئۇ ماڭا، 29-چىسلادىن 5-ئاينىڭ 3- كۈنىگىچە ۋاقىت چىقىرىپ <<ئىۋىرغول كۈيچىسى-ئەركىن كېرەم ئىجادىيەت ناخشا كېچىلىكى>>گە قاتنىشىپ سۈرەتكە تارتىپ بېرىشىمنى تاپىلىدى. مەنمۇ نېزىمنى قىلمايلا ماقۇل بولدۇم. چۈنكى، ئەركىن ئاكامنىڭ نەچچىمۇ يىللاردىن بېرى بۇ كېچىلىك ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغانلىقىنى بىلەتتىم. بىز بىر ياقىدىن باش، بىريەڭدىن قول چىقىرىپ تىرىشساق يۇرتىمىز ۋە مىللىتىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيمىز. ئەل سۆيگەن سەنئەتكارنى قوللاش ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىش بىزنىڭ مەجبورىيتىمىز. مەن 29-چىسلا ئىچكىرى سەپىرىدىن قايتىپ كېلىدىغان ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىغىمۇ چىقالمىدىم. دادام مەندىن كايىپ قالغانمۇ بولدى. شۇ كۈنى كېچىلىكتە ئاپراتىمنى سەھنىگە توغىرلاپ، پىشانىسىدىن ئۈنچە -مەرۋايىتتەك تەر تامچىلاپ تۇرۇۋاتقام ئەركىن كېرەمنىڭ قىياپەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خالىس سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنداپ بېرىۋاتقان ھەر بىر سۆيۈملۈك ئارتىسلارنى سۈرەتكە تارتتىم. مەن شۇ تاپتا بىر ئۇنتۇلماس تارىخى دەقىقىلەرنىڭ شاھىدى بولدۇم. دېمىسىمۇ، قومۇلىمىزدا سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك سەنئەتچىلىرىمىز سەھنىگە يۈزلىنەلمەيۋاتقان، سەھنىگە چىقىشقا پېتىنالمايۋاتقان، سەنئەتچىلەرگە بولغان خاتا كۆز قاراشلار ئاينىپ قالغان ئۇشبۇ كۈنلەردە ئەركىن كېرەمنىڭ بۇ قېتىملىق كېچىلىكىنىڭ ئەھمىيىتى ئالاھىدە قىممەتلىك ئىدى. ئۇ كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ دەپ بېشىنى تاتىلاپ ئولتۇرغان ھەر بىر سەنئەتكار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك چاقىرىق بولغۇسى!
بۇ قېتىملىق كېچىلىكنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان يەنە بىر تەرىپى بولسا ئەركىن كېرەم ئاكام بۇ قېتىملىق كېچىلىكتە ئۆزىگە ئەجىر سىڭدۈرگەن ئىككى نەپەر پىشقەدەم ئۇستازى مەخموت ئابلېز، ئەركىن سادىرلارغا دوپپا تەقدىم قىلىپ تون كەيگۈزدى. ئۇستازلار ھاياجانلاندى...بۇ تەسىرلىك دەقىقىلەرنىڭ شاھىدى بولمىش تاماشىبىنلارنىڭ كۆزلىرى ھاياجان ياشلىرى بىلەن پەردىلەندى. بىز بۇ ئۆمرىمىزدە بىز ئۈچۈن پايپېتەك بولغان نۇرغۇنلىغان سۆيۈمۈلۈك كىشىلىرىمىزگە رەھمىتىمىزنى ئېيتىپ بولالالمايمىز...ئەركىن كېرەمگە رەھمەت، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەركىتى ئارقىلىق بىزگە بىر قېتىملىق ئۇنتۇلماس دەرس ئۆتكەن بولدى!سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما دېگەندەك ئەركىن كېرەمنىڭ ئۆزىنى تەربىيىلىگەن ئۇستازلىرىغا تۇتقان ئاددىي ئەمما مەڭگۈلۈك كۆڭۈل سوۋغىسى بۇ ئىككى پىشقەدەمنىلا ئەمەس ئېكران ئارقىلىق پۈتكۈل ئۇيغۇر دۇنياسىنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ. ئۇستازلار قەدىرلەنسۇن...
بىز ئۇيغۇرلار تارىخى ئەزەلدىن ئەۋلاد تەربىيىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئەقىللىق خەلىقتۇرمىز! بۇ كېچىلىكتىكى يەنە بىر يورۇق نۇقتا شۇكى ئەركىن كېرەم ئۆزىنىڭ ئەمدىلا 6 ياشقا كىرگەن ئوماق قىزى گۈلبانۇم ئاينى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ بىرلىكتە نومۇر ئورۇنلىدى.بۇ سەبىي قىزچاقنىڭ تاغ سۇلىرىدەك لەرزان ئاۋازىنى ئاڭلىغان تاماشىبىنلار كۇسۇرلۇشۇپ، بۇ بالا ئاتىسىنى بېسىپ چۈشكىدەك، دېيىشتى. مەنچە بولغاندىمۇ ئەۋلادلار ئەجداتلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىگە چىڭ چاپلىشىپ ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك سەرمايە قىلماي، تىرىشىپ ئۆزىنىڭ ئەجداتلىرىدىن ئارتىپ كېتىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا بىزنىڭ كەلگۈسىمىز تېخىمۇ پارلاق بولالايدۇ.
كېرەم ئەپەندى دېسە قومۇللۇقلارنىڭ كۆپ قىسمى بىلىدۇ. چۈنكى كېرەم ئەپەندى خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان پىشقەدەم مائارىپچى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي ئەخلاقى ۋە يۇمۇرىستىك تەبىئىي خاراكتىرى، ھازىر جاۋاپ، گەپدانلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بولغان. كېرەم ئەپەندى ھەققىدە ئەل ئارىسدا نۇرغۇن يۇمۇرلار تارقىلىپ ھازىرغىچە بىزگە روھى ئوزۇق بولۇپ كەلمەكتە. ئەركىن ئاكام دەل ئەنە ئاشۇنداق ياراملىق ئاتىنىڭ تەبىيىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ھەقىقى خەلق سەنئەتكارىدۇر.
بۇ قېتىملىق كېچىلىك تالانىتلىق رېژىسسور جىلىل ئابدۇرېيىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تولىمۇ مۇۋاپپىقىيەتلىك بولدى. كېچىلىكنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك بولىشىدا كېچىلىككەمۇزىكا يېتەكچىسى بولغان ناخشىچى ۋەمۇزىكانت غالىب ئەرشىدىننىڭ، ناخشا چولپىنىمىز ئىسكەندەر سەمەتنىڭ مۇزىكا تەھرىرى بولغانلىقىدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مانا دىيارىمىزدىن كۆكلەپ چىققان بۇ ئەزىزلەرنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى بىلەن روياپقا چىققان بۇ كېچلىك كېيىنكىلەرگە ئۈلگە بولالايدۇ. بىزدە ھەر ساھەلەردىكى كەسىپداشلار بىر بىرىنى كۆرەلمەيدىغان، سېسىپ ۋە ئىدىپ، ئاللىمۇقاچان نىقسىپ كەتكەن پىتنە-پاساتلار دۆۋىسىدىن چىقالمايدىغان ئىشلار تارىختىن مەۋجۈت. بۇ ھالەت بىزنى ئاز بولمىغان، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز زىيان ۋە شۇم قىسمەتلەرگە دۇچار قىلدى...كەسىپداشلار نىمە ئۈچۈن ئىتپاقلىشالمايدۇ؟! بۇ قىران ئەزىزلەرنىڭ بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ مول مەزمونلۇق كېچىلىكنى بارلىققا كەلتۈرۈشى بىزدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقان خەلقىمىزنى سۆيۈندۈرمەسمۇ؟!
كېچىلىكنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە تەرپى شۇكى، ئەركىن كېرەم قومۇلغىلا خاس ناخشىلارنى ئېيتىپ ۋە ئىجاد قىلىپ سەھنىگە ئېلىپ چىقتى. بۇرۇن كېچىلىك ئۆتكۈزگەنلەر پەقەت ياشلارنىلا ئاساس قىلغان ناخشىلارنى ئورۇنلىغان بولسا، بۇ كېچىلىكتە قومۇل خەلق ناخشىلىرى ۋە ئەركىن كېرەمنىڭ قومۇل مۇقاملىرىغا ، خەلق ناخشىلىرىغا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ ئۆزىنىڭ ۋە سەمەت ئابدۇراخمان،ئىسكەندەر سەمەت.ئەخمەت ناسىر، گۈلجەننەت ئەسەت قاتارلىقلارنىڭ شئېرلىرىغا ھەقىقى قومۇل پۇراققا ئىگە مۇزىكىلارنى ئىشلەپ سەھنىگە ئېلىپ چىقتى. تاماشىبىنلارنىڭ گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى بىكارغا ياڭرىمىدى ئەلۋەتتە. چۈنكى بۇ كېچلىك خەلىقنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە تەگكەن ئىدى. ئەنئەنىدىن، مىللىيلىكتىن، يەرلىك خاسلىقىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن سەنئەتنىڭ نىمە قىممىتى بولسۇن! بىزگە كېرىكى ئۆزلزكىمىزنى ئىپادە قىلىدىغان يەرلىك سەنئەتتۇر...
ئاپتونومغا يۆتكۈلۈپ كەتكەن دېكتور غەيرەت ئوسمانمۇ كېچىلىككە ئالاھىدە قەدەم تەشرىپ قىلىپتۇ.
خەلق ناخشىچىسى خەدىسگۈل مەممەت ئورۇنلىشىدا باغداش...
ياش ناخشىچىمىز شەھرىزات ئابدۇرېيىم ئاقتاش ناخشىسىنى ئورۇندىماقتا...
چاق ئۇسسۇلى سالامەتئاي ئابدۇرېيىم
ئابدۇۋەلى ، مەريەمگۈل
ئۇسۇلدا رەنائاي :
ۋەلى، ئايچىمەن...
ياش ناخشىچى زاھىرجان سالى ئورۇنلىشىدا ھەي بالا...
ناخشىدا نىجات ياقۇپ-خۇما كۆز
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يوللاپ قويدۇم...ئاخىرىدا ئەركىن كېرەم ئاكامنىڭ سەنئەت ھاياتىنىڭ تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتۈشىگە تىلەكداشمىز! ئائىلىڭىزگە بەخت ۋە ئامەت مەڭگۈ يار بولغاي!...
2012-يىلى5-ئاينىڭ1-كۈنى قومۇل