يۆتكلىش
باردىم باشلىق قشىغا ئەھۋال ئىيتىپ نەچچە رەت
قىينچىلىق ھالىمنى يىزىپ ئۆرۇپ نەچچە بەت
يىراق سەھرا ئىش ئورنۇم زۆرۇر بولدى يۆتكىلىش
<ئويلشايلى بىز قىنى>جاۋاپ بولدى يۆتكىلىش
يولنى تاپسا تەس ئەمەس ئەسلى ئىكەن يۆتكىلىش
يىغىپ تاپقان تەرگىنى-ۋەسلى ئىكەن يۆتكىلىش
بەك ئاسانلا يۆتكەلدى،يولنى ماڭغاچ ئاچسى
پۇل بەرمسە كەسمىدى ئۇستۇرسى-قايچسى
ئەھۋال ئىيتىپ ياش تۆكسەڭ ئۇقۇلاققا ياقمايدۇ
بىر تۇمەنگە توشمسا ئىشلىرىڭ ئوڭ تارتمايدۇ
ئادىل بولۇش،پاك بولۇش ئىشك تېمغا يىزىقلىق
قۇرۇق كىرسەڭ قىشغا تۇرار ئىشىڭ ئسغىلق
يەتتە-سەككىزتۇمەننى سەرىپ ئەتكەن ئورۇن بۇ
چۇشۇپ تۇرسا ھاجەتلەر قىزىيدىغان سورۇن بۇ
كىرلمەيۋاتسا نۇرغۇنلار بۇ قورۇغا- كاماغا
يۆتكەپ قويسام بولامتى قۇرۇق گەپكە- بىكاغا
ھەرئاي ئالغان مائاشىڭنى كاغا بىسىپ ئىشلەۋەر
يۆتكەلگەنگە ھەسەت قىپ بارمىقڭنى چشلەۋەر
پۇلۇڭ بولسا كەلسەڭچۇ، يۆتكەيدىغان نام تولا
ئىقسادى ۋەزىيەتنى چۇشەنسەڭ سەن نىمە بولا
توۋا،ئىستىلدا پاك بۇلۇش گىزتتىكى گەپمىدۇ؟
ھاجەتمەنىنڭ باشلىققا يەتكۇزدىغان نەپمىدۇ؟
پارتيمىزئۇلارغا ھوقۇقنى پۇل توپلاشقا بەرمىگەن
بەلكىم مەركەز تۆۋەننى تەكشۇرسىمۇ سەزمگەن
ئۇمىت ئۇزمەي پارتيدىن-تاغنىڭ كەيندە تاغ بار
كۆكتىكى تولۇن ئاينىڭ يۇزدىمۇ قارا داغ بار
دەپتۇمەركەز شنىجاڭدا،چىركلىكنى جازالا
خەلق كۈننى ياخشلاپ،توسالغۇنى ئادالا
ھاكىميەتتە پاك بولۇش-نىشان قپتۇ جاڭ شۇنشەن
ئۇزۇن بارماي يوقغۇسى نەپسى تويماس قۇۋ دۇشمەن
ئاڭلاپ شۇجى سۆزنى كۈلكە كەلدى يۇزۇمگە
دىدىم :<ياخشى پارتىيە >كۆپچىللك ۋە ئۆزۇمگە
قەشقەر كوناشەھەرئاققاش ئوتتۇرا مەكتەپتىن: