saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 867 قېتىم كۆرۈلدى
tarim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2064
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 79
شۆھرەت: 581 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 593 سوم
تۆھپە: 314 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 316 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 332(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 «بانان ئۈزۈش ھەققىڭلار يوق!»

    «بانان ئۈزۈش ھەققىڭلار يوق!»


-«پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەر»نىڭ داۋامى



       نىل دەرياسىنىڭ باش ئېقىنى ئەتراپىدا بۈك-باراقسان دەل-دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان كەڭ ئىپتىدائىي ئورمانلىق بار. بۇ يەردە دەل-دەرەخلەر كۆككە تاقاشقان، ئوت-چۆپلەرمۇ ئىككى-ئۈچ مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسكەن. پىل، شىر، بۇغا، تاغىلئات، كەركىدان... دېگەندەك ھايۋانلار ئەركىن قىيغىتىپ ياشايدۇ. رەڭگا-رەڭ ئېچىلغان گۈل-چېچەكلەر ئادەمگە چاھارباغلارنى ئەسلىتىدۇ. مانا شۇ ئىپتىدائىي ئورمانلىقتا پېگىم، نېگرو قاتارلىق ئىپتىدائىي قەبىلىلەر ياشايدۇ. پېگىم ئەرلىرىنىڭ بويى بىر مېتىر 30 سانتېمىتىردىن، ئاياللىرىنىڭ بويى بىر مېتىر 10 سانتېمىتىرىدىن ئاشمايدۇ. كىشىلەر ئۇلارنى «پاكارلار قەبىلىسى» دەپ ئاتىشىدۇ، ئۇلار بۇ ئورمانلىقنى ئانا ماكان قىلىپ ياشاپ كەلگەن، ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن جان ساقلايدۇ. ئۇلار مىسىردىكى ئەلئېھرامنى بىلمەيدۇ، يەھۇدى، پەلەستىننى بىلمەيدۇ، ترورلۇق ۋە بىن لادېننى بىلمەيدۇ، تەكلىماكاننى ۋە ئۇيغۇرنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. لېكىن، مەدەنىيەتلىك ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيدىغان «ھەق-ھوقۇق» دېگەننى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ.
       نىل دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدا ئىلمىي تەكشۈرۈش-تەتقىقات بىلەن جىددىي ئىشلەپ چارچىغان ئالىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن ھەيران قالدى: ئۇلار سارغىيىپ پىشقان بانانلار بىلەن تولغان بانانلىق باغقا كىرىپ قالغان ئىدى. ئۇلار بانانلارنى شېخىدىن ئۈزۈپ ئېلىپ، يېيىشكە تەرەددۇت قىلىۋىدى، قەيەردىندۇر تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بىر نېگرو غەزەپ بىلەن ھۆركىرىدى. تىلماچ ئۇنىڭ گېپىنى ئۆرۈدى: ھېلىقى نېگرو: « سىلەرنىڭ بانان ئۈزۈش ھەققىڭلار يوق، پىگىملارلا بانان ئۈزۈشكە ھوقۇقلۇق» دېگەن گەپنى تەكرارلايتتى.
       مەدەنىيەتلىك دۇنيا بىلەن ئۇچراشمىغان ئىپتىدائىي ئورمانلىقتىكى ئادەمنىڭ ئاغزىدىن «ھەق-ھوقۇق» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، ئالىم ھەيران قالدى، ئەپۇ سورىدى، ھەق تۆلىدى. ئاندىن ھېلىقى نېگرودىن: «نېمىشقا پىگىملارلا بانان ئۈزۈشكە ھوقۇقلۇق؟» دەپ سورىدى.
    نېگرو مۇنداق بىر رىۋايەتنى سۆزلەپ بەردى: بۇرۇنقى زاماندا بىر پىگىم بىلەن بىر نېگرو بۇ ئورمانلىقنى كېزىپ يۈرۈپ، بانانلىققا كېلىپ قاپتۇ. ئۇلار بانان دېگەننى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن. سارغىيىپ پىشقان بانانلاردا زەھەر بار دەپ يېيىشكە پېتىنالماپتۇ. ھېيلىگەر نېگرو پېگىمنى باناننى يەپ تېتىپ بېقىشقا ئۈندەپتۇ. ئاقكۆڭۈل ۋە قورقماس پېگىم باناننى يەپ بېقىپتۇ، تەمى بەك ياخشىكەن دەپتۇ. نېگرو يەنىلا قورقۇپ يېمەپتۇ. كەچ بوپتۇ. گۇمانخور نېگرو بۇ پېگىم كېچىچە ئۆلۈپ قالىدىغان بولدى، دەپ ئويلاپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ئويغىنىپ قارىسا، ھېلىقى پېگىم ساپ-ساق تۇرغىدەك. نېگرو شۇندىلا بانان يېيىشكە جۈرئەت قىپتۇ. باناننىڭ تەمىنى تېتىپ قالغان نېگرو بانان كۆچىتى-بىخلىرىنى ئېلىپ قايتىپتۇ، پېگىم بولسا، پىشقان بانانلارنى ئېلىپ قايتىپتۇ. نېگرو بانان كۆچىتى-بىخلىرىنى پەرۋىش قىلىپ بانانلىق باغ بەرپا قىپتۇ. پېگىم ئېلىپ كەتكەن بانانلارنى يەرگە كۆمۈپ، ئۈنۈپ چىقىشنى كۈتۈپتۇ، ئۈنۈپ چىقماپتۇ، سېسىپ كېتىپتۇ.
       بىر كۈنى پېگىم ھېلىقى نېگرونى ئىزدەپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ بانانلىق بېغىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ، مەن ئوۋچىلىقىمنى قىلسام بولىدىكەن، دەپ ئويلاپتۇ. قايتىدىغان چاغدا نېگروغا: بانانلارغا ياخشى قارا، مەن نېسىۋەمنى ئالغىلى كېلىمەن، دەپتۇ. نېگرو: نەدىكى نېسىۋەڭ، دەپ سوراپتۇ. پېگىم ھېچ تارتىنماستىن: باناننى يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى مەن پېگىم ئەڭ ئاۋال بايقىغان، سەن نېگرو بانان يېيىشنى مەندىن-پېگىمدىن ئۈگەنگەن»، دەپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، نېگرولار پېگىملارنىڭ بايقاش ھوقۇقىنى-نېگرولارنىڭ بانانلىق باغلىرىدا پېگىملارنىڭلا بانان ئۈزۈشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا بىلدۈرۈپ كەپتۇ.
       ئالىم ئويلىدى: ھەق-ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش قانۇننىڭ ئاساسىي نىشانى ئىدى، لېكىن، بەزى مەدەنىيەتلىك ئادەملەر ئۇنى باشقىلارنى ئېزىش، قۇل قىلىش، جازالاشنىڭ قۇرالى قىلىۋاپتۇ.
       گۇيجۇنىڭ تاغلىقلىرىدا گېلاۋ دەيدىغان بىر قەۋىم ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ مۇنداق بىر ئادىتى بار ئىكەن: ھەر يىلى كۈزدە يېقىن ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ، باشقا مىللەتتىن بولغان پۇقرالارنىڭ ئېتىز-باغلىرىدىن ئوخشىغان زىرائەت، مېۋە-چىۋىلەرنى خالىغانچە ئېلىپ كېتىپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر قىلىدىكەن. ئۇلار بۇ زىمىن ئەجداتلىرىمىز ئەلمىساقتىن بىرى ياشاپ كەلگەن زىمىن، بۇنداق قىلىشىمىز بۇ يەردىكى زىمىنغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىمىزنى نامايان قىلغانلىق دەپ قارايدىكەن. باشقىلار ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا ھەقلىق، دەپ قارايدىكەن، ئاغرىنمايدىكەن.
       ئىندىئانلار قارلىق دالىدا  ئوقيا تەگكەن كىيىكنى ئۇچرىتىپ قالسا، ئىگىسىنى شۇ يەردە نەچچە سائەت، ھەتتا نەچچە كۈن ساقلاشقا رازى ئىكەنكى، ئۇ كىيىكنى ئېلىپ كىتىپ يەۋالمايدىكەن. كىيىكنى ئوۋلىغۇچى كەلگەندە، قائىدە بويىچە ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى ئالىدىكەن.
    بەزى قەبىلىلەردە مۇنداق ئادەت بارىكەن: باشقا قەبىلىلەرنىڭ ناخشا-ئۇسۇللىرى ياكى بىزەك بويۇملىرى ئۆزىگە يېقىپ قالسا، ئۇلارغا مال-چارۋا ياكى ئاشلىق-تۈلۈك بېرىپ، ئۇنى دوراپ ئوقۇش ياكى ياساشقا ئىجازەت قىلىشنى ئۆتۈنىدىكەن. قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلار جازاسىنى تارتىدىكەن. باراۋەرلىك ۋە ئادالەت بولغان ئەنە شۇنداق قائىدىلەر ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى قانۇنلىرىنىڭ ئۆرنەكلىرى بولغان بولۇشى مۇمكىن.
       مانا بۇ-مەدەنىيەت دەۋرىگە كىرمىگەن ئادەملەرنىڭ نەزىرىدىكى ھەق-ھوقۇق. نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيىتى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ئىنسانلاردىن ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى چۈشىنىدىغان، ئۇنى جان تىكىپ قوغدايدىغان، ئۆزگىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا چېقىلىشنى نومۇس دەپ بىلىدىغانلار قانچىلىكتۇ؟ ھۆرلۈك، باراۋەرلىك، ئادالەت، ھەققانىيەتنى نىشان قىلماي، مەلۇم بىر گۇروھنىڭ ئىمتىياز دەستىكى بولۇپ قالغان ئاتالمىش «قانۇن»لار ماھىيەتتە قانۇننىڭ نامىغا داغ تەككۈزىدۇ.
   
 ئابلاجان تۇردى تەييارلىغان .
     
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-03, 17:54
ئەلبەھرە تورى  www.elbehre.com
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-03 17:46 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1527
شۆھرەت: 8200 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 8260 سوم
تۆھپە: 4832 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 4840 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2396(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كىشىنىڭ ھەققى ئوتقا ئوخشايدۇ ، ئامان قاغىدا ئېلىشىڭ بولسا ئالغۇچە ئامانلىق تىلە دەپتىكەن كونىلار ،
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 18:38 |
albax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2547
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 64
شۆھرەت: 333 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 334 سوم
تۆھپە: 198 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 199 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      مۇنۇ يازمىنى تەرجىمە قىلىپ دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق بىكەتلەرگە يوللاپ قويساق بۇلۇپتىكەن . بەزىلەر ھەتتا بىزنىڭ بەزى خوشنىللىرىمىزغا نىسبەتەنمۇ ئىگىسى يېنىدا بولمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى شۇلارنىڭ ! ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدۇيۇ نىمىنى قىلىش نىمىنى قىلماسلىقنى بىلمەيدۇ !
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 18:46 |
ilim

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 1006
شۆھرەت: 6485 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6592 سوم
تۆھپە: 3628 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3690 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1453(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يەرلىك خەلىقنىڭ يەرلىكنىڭ بايلىقلىرىدىن بىر كىشلىك نىسىۋىسى بار .بۇ ئەقەللىي قانونىيەت .چۇنكى شۇ يەرلىكلەر ئەسىردىن بۇيان يۇرتىنى ياۋلارنىڭ بۇلاڭ تالىڭىدىن قوغداپ كەلگەن .
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-04 01:25 |
arknur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1896
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 221
شۆھرەت: 1155 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1168 سوم
تۆھپە: 684 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 683 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نىگرودەك ھېيلىگەر قەۋم جىقلاپ كەتتى، ھەممە نىمىنى مېنىڭ دەيدۇ، پىگىمدەك بىرى ئۇلارغا ھەقنى دەللىلەپ تومشۇقىغا ئۇرمۇغۇچە ئۆزىنى بىلەلمەي يۇرىدۇ.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-04 09:34 |
anka
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6068
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 263
شۆھرەت: 1336 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1343 سوم
تۆھپە: 803 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 810 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى ilimدە2012-05-04 01:25يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
يەرلىك خەلىقنىڭ يەرلىكنىڭ بايلىقلىرىدىن بىر كىشلىك نىسىۋىسى بار .بۇ ئەقەللىي قانونىيەت .چۇنكى شۇ يەرلىكلەر ئەسىردىن بۇيان يۇرتىنى ياۋلارنىڭ بۇلاڭ تالىڭىدىن قوغداپ كەلگەن .

ناۋاتتەك گەپ بولدى!
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-04 19:35 |
anka
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6068
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 263
شۆھرەت: 1336 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1343 سوم
تۆھپە: 803 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 810 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەچچە مىڭ يىللىق <ئېسىل >مەدەنيەتكە ئىگە مەدەنيەتلىك مىللەتلەردىن بىر تۈركۈم كىشىنى ئۇلارنىڭ  مەدەنيەت ،دىمىكراتىيىسىنى ئۆگىنىپ كېلىشكە ئەۋەتىدىغان ئىشكەن!
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-04 19:38 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر