saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 225 قېتىم كۆرۈلدى
kurban
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 932
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 112 سوم
تۆھپە: 61 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 61 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مەشرەپلەرنىڭ تەتقىقاتتىكى قىممىتى توغرىسىدا

 
        مەشرەپلەرنىڭ تەتقىقاتتىكى قىممىتى توغرىسىدا


    مول مەدەنيەت غەزىنلىرىگە ئىگە بولغان يۇرتىمىز شىنجاڭ قەدىمىي سەنئەتنىڭ ماكانى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە خاس يەرلىك ئالاھىدىلىكنى مۇجەسسەملىگەن مەشرەپلىرىمىز ئارقىلىق تارىىختىن بۇيان ئۆزنىڭ سېھرى كۈچىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە .بۇ ئولۇغ ئەڭگۈشتەرىمىز ئەسىرلەدىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ روھى دۇنياسىغا ، ئىجدىمائىي ھاياتىنى بېيىتىدىغان ، مىللىي غۇرورىنى ،ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدىغان ،سەنئەت ھۇزۇرىنى ئاشۇردىغان قۇدىرەتلىك مەنىۋى ئوزۇق بۇلۇپ كەلمەكتە .

ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىغى ،  مول مەدەنيىتى  ۋە قىممەتلىك مىراسلىرى  بىلەن تارىختىن  بۇيان دۇنيا  ئەللىرىنىڭ دىقىتىنى قوزغاپ كىلۋاتقان ئىلىمىزدىكى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپۈتى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇرەككەپ تارىخى تەرەققىياتلار جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ زور تىرىشچانلىقى جاپالىق ئەمگىكى ۋە ئۆتكۈر ئىجادىي تەپەككۇرغا تايىنىپ ئېلىمىز ۋە دۇنيا مەدەنيىتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشتى جۈملىدىن تارىم ۋادىسى ۋە جەنوبى ،شىمالى يىپەك يولى بويلىرىدا ساقلىنىپ كېلۋاتقان ئەڭ قەدىمكى مەدەنيەتلەرنى يارتىشقا بىۋاستە يارتىشقا ئىشتىراك قىلىپ ،ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ۋە ئۇلارغا ئۆلمەس مىراس سۈپىتىدە ۋارىسلىق قىلىپ كەلدى ،ئۇيغۇر خەلق مەشىرەپلىرى بۇ  مەدەنىي مىراسلانىڭ تىپىكلىرىدىن بىرىدۇر ،ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا مەشرەپ بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت باغلىغان .ئۇلارنىڭ مەزمونى مول ،شەكلى خىلمۇ-خىل بۇلۇپ ،ئېنىق مىللىي ئۇسلۇپ ۋە رايون ئالاھىدىلىككە ئىگە .بۇ مەشرەپلەر ئۇزاق زامانلىرىدىن بېرى خەلق ئارسىدا ئورۇندىلىپ ،ئۇيغۇر خەلق تۇرمىشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبى قىسمىغا ئايلانغان . ئەجدادلىرىمىز جەميىئەت ،تۇرمۇش ۋە كىشى قەلىبنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئەكىس ئەتكۈچى خىلمۇ-خىل ئۆزگىرىشلەرنى ئەنە شۇنداق مەشرەپ سورۇنلاردا ھەرخىل پائاليەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلگەن .شۇڭلاشقا خەلق مەشرەپلىرى مەزمۇن جەھەتىتىلا كۆپ خىلققا ئىگە بۇلۇپ قالماي ،ئىپادىلەش شەكلى .دارئىرسى جەھەتىتنمۇ ئىنتايىن مول مەزمونىغا ئىگە .ئەنە شۇ مول مەزمونىغا ئىگە مەشرەپلەرنىڭ بىرى ھېساپلانغان دولان مەشرىپى يەكەن دەرياسىنى بويلاپ جەنوپتىن شىمالغا قارىتا مەكىت ناھىيسى ،يەكەن ناھىسىنىڭ مەكىت بىلەن قوشنا  بولغان يېزىلىرى ، مارالبىشى ناھىسى ،ئاندىن غەرىپتىن شەرىققە قاراپ تارىم دەرياسىنى بويلاپ ئاقسۇنىڭ ئاۋات ،ئاقسۇ قاراتال ،شايار،كۇچا ھەتتا بۈگۈرگىچە بولغان جايلارغا تارقالغان ئۆزلىرىنى ‹‹دولان››دەپ ئاتايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئوسۇللۇق قەدىمكى ئەنئەنىۋى مىللىي سەنئىتى بۇلۇپ ،بىر قەدەر ئىپتىدائىيلىقى ، يېزا
يايلاق تورموش پۇرىقىنىڭ كۈچلۈكلىكى ،ئۇسۇللىرىنىڭ سالماقلىقى،مىللىي ئۇسلۇبنىڭ قۇيۇقلىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئورون تۇتۇپ قالماي،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسىگە قۇيۇق باغىنىشلىققا ئىگە بولغان تەتقىقات قىممتىگە .تۆۋەندە بىز ئۇيغۇر مەشرەپلەرنىڭ بىرى بولغان دولان مەشرەپلەرنى تىپىكلەشتۈرگەن ئاساستا تۇنۇشوپ ئۇنىڭ تەتققىقات قىممتى توغۇرسىدا توختىلمىز.

مەلۇمكى دولان رايوندىكى قاتناشنىڭ قولايسىزلىقى دولان خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمىشىنى سىرىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرمىغانلىقتىن ، يىراق قەدىمىي يايلاق تۇرمۇش پۇرۇقىغا ئىگە بىر يۈرۈش دولان مەشرەپلەرى ئەينەن ساقلانغان .ئۇلاردا دولان خەلقىنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى ئازاب-ئوقبەتلىك ھاياتى ،تەبىيئەتنى بوي سۇندۇرۇش، جەميئەتنى ئۆزگەرتىش كۆرىشى ۋە  غايىسى، شۇنىڭدەك فېئودىئالزىم جەميئەتنىڭ زولۇم
ئېزىشىگە قارشى ئۆز تەغدىرىنى ئوڭشاش ھەركىتى ،ئويغاق روھىتىدىكى ئىسيانكارلىق سادالىرى جاراڭلايدۇ. شۇ سەۋەپتىن بىز دولان مەشرەپلەرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنيەت قاتلىمىدىن ئۇيغۇر دولانلىرىنىڭ بىر پۈتۈن ھايات مۇساپىسى كۆرگەندەل بۇلىمىز .بىز دولان مەشرەپلەرنىڭ تارىخى مەدەنيەت قاتلىمىغا نەزەر سالساق ، ئۇنۇڭدىن ئۇيغۇر دولان مەدەنيىتىنىڭ بارلىققا كېلشى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرمەدەنيەت خەزىنسىگە قوشقان ئالاھىدە تۆھپىسىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە ،يەنە ئۇيغۇر دولانلىرىنىڭ مەنىۋى-مەدەنيەتنى ۋە ئۇنىڭ بارلىققاكېلىشىدىكى ئۇزاق تارىخى جەريانىلىرىنى بىلىشئىمكانىيىتىگە ئېرىشالايمىز.ئارخىلوگىيە ئىلمي ۋەئىنسانشۇناسلىق ئىلمىگە دائىر   ماتىريالاردىنقارىغاندا ،ئىپتىدائىي كومىنا تۈزۈمى بىر قەدەر پىششىپ يىتىلگەن دەۋىردە ،يەنى كونا تاش قوراللار دەۋىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللەردە،ئەڭ دەسلەپكى سەنئەت پائاليەتلرى پەيدا بولغان ئىدى.ئۇلار توپلىشىپ ياشغان.كوللىكتىپ ئەمگەك قىلغان ئىدى .ئىپتىدائىي جەميەتىكى ئۇسوللىرىدا ھەرخىل

ھايۋانات ھەركەتلىرى دورالغان ۋە ئەمگەك ئىشلەپچىقىىرىش جەريانى قايتا ئىپادىلەنگەن بۇلۇپ،ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئىپتىدائىي ئادوملەرنىڭ ئەمگەك تۇرمۇشى ئىشلەپچىقىرىش كۈرەشلىرى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن . بۇ مەزگىلدىكى ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ئوۋچىلىقتىن ئىبارەت بۇلۇپ،ئۇۋچىلار ئۇۋا جەريانىدىكى غەنىمەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇۋا جەريانىنى قايتا ئىپادىلەش ئۈچۈن ھايۋانلارنىڭ ھەركىتىنى دوراشنى ئادەت قىلغان.بۇ جەريانىدا تەبىئىي ھالدا ئوۋچىلار ئۇسۇلى ئىجاد قىلنغان.دىمەك،قەدىمكى چاغدىكى ئوۋچىلار ئۇسۇلنىڭ ئىجاد قىلنىشى ،ئوۋا جەريانىدا ھايۋانلارنىڭ ھەركىتىگە تەقلىد قىلىشدىن كەلگەن .

شىنجاڭنىڭ ئالتاي تاغلىرى،قۇرۇم تاغلىرى ۋە شەرقى تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدىن تىپىلغان ئىنتايىن كۆپ قىيا تاش رەسىملىرى ئۇيغۇر ئىپتىدائىي تەسۋىرى سەنئىتىنىڭ نەمۇنلىرىدىن بىرى بۇلۇپ، كونا تاش قۇراللار دەۋرى ۋە يېڭى تاش قۇراللار دەۋىرلىرىگە تەئەللۇق بۇ تاش كېمىر سەنئىتىدە شۇ دەۋىرلىرىدە تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدە كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىپ ھايات كەچۈرگەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ يايلاقلىرى تۇرمۇش خاتىرلىرى،بەدئىي ئىنتىلىشلىرى ۋە گۈزەل تەسەۋۇرلىرى يارقىن بەدئىي ئوبراز شەكىلدە تاشلارغا ئۇيولغان.بۇ قىيا تاشلاردا ئوۋا ئوۋلىغان،قارىغا ئېتۋاتقان،ۋەھشى ھايۋانلارنى قورشىۋالغان،قوغلاۋاتقان ياكى ئېلىشۋاتقان كۆرنىشلەر ۋە بىر قىسىم بەدئىي ھەركەت شەكللىرى چۈشۈرۈلگەن.مانا بۇ قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەت كۈچلىرى بىلەن ئېلىشىش ۋە يايلاقچىلىق

تۇرمۇشقا ئىگە قىلغان سەنئەت ئېڭىنىڭ ئىپتىدائىې سەنئەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنىڭ بىر مىسالىدۇر.

  دولان مەشرەپلىرىنىڭ شەكىللنىشى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي سەنئىتىگە ۋە ئۇ سەنئەتنىڭ كېيىنكى دەۋىرلەدىكى راۋاجىغا باغلانغان بۇلۇپ،ئاشۇ ئىپتىدائىي سەنئەتنىڭ ئىلمىنىتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان.دولان مۇقاملىرى ئەڭ بۇرۇن يەككە ھالدا(مۇزىكسىز) بارلىققا كېلىپ،بارا-بارا ئىپتىدائىي مىللىي مەدەنيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ،ئۇسۇللۇق مەشىرەپلەگە ئايلانغان ۋە مۇزىكىلىق مەشرەپلەرنىڭ

دەسلەپكى باسقۇچىنى شەكللەندۈرگەن ،بارا-بارا مەشرەپ شەكلى تۇلوقلىنىپ يىتەكچى سۈپىتىدە مەشرەپنىڭ مۇقەدىمىسىدىن ئورۇن ئېلىپ،دولان مەشىرەپلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ئايرىلاللماس بىر پۈتۈنلىكنى شەكىللەندۈرگەن .

ھەممىگە ئايانكى،ھەرقانداق مىللەت ۋە قەبىللنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىگى ۋە مىللىي مەدەنيىتى بۇلىدۇ.بۇنداق مەدەنيەت كۆرەش ئەمەليە-

تى ئارقىلىق كېلىدۇ.دولان مەشرەپلىرى ۋە دولان ئۇسۇللىرى مانا مۇشۇنداق ئىجدىمائىي كۆرەش نەتىجىدە مەيدانغا كەلگەن.دولان مەشرەپلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىش جەريانىغا نەزەر سالساق،ئۇ ئۆزىنىڭ تۇلىمۇ قەدىمىليكى بىلەن بىزنى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي مەدەنيىتى،ئۇسۇل شەكلى،پىسخولۇگىيىسى،تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق تەرەپلەردىن يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ.دولان مەشىرىپىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىدىكى دولاندىكى پىشقەدەم خەلق ئەلنەغمىچىلىرىنىڭ رىۋايىتى ۋە ئۇسۇل مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىىغانىدا،دولان مەشرەپلىرى سىموۋلىستىك خارەكتىرىدە ئۆز ئىپادىسنى تاپقان.مەسلەن:دولان مەشرىپىنىڭ مۇقەددىممە قىسمىدا ئاۋازى ئوبدان چىقىدىغان بىر نەغمىچىنىڭ يۇقۇرى .ئاۋازدا داپقا تەڭكەش قلىپ ‹‹ۋاي ئاللا،ۋاي ئاللا!...››
دەپ توۋلاشلىرى قەدىمكى زاماندا كىشلەرنىڭ يىرتقۇچ

ھايۋاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىراپ،چۇقان سۈرەن سېلىپ ئادەم چاقىرىش ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرسە ئارقىدىنلا باشلانغان‹‹ چېكىتمە ›› باسقۇچى ئەرلەرنىڭ يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ئېلىشىش ئۈچۈن ئۇياق بۇياقنى ئاختۇرۇپ،تاياق-توقماقنى ئىزدەۋاتقان،يىرتىقۇچ ھايۋانلارغا زەن سېلۋاتقان ھالتىنى ئەكىس ئەتتۈردۇ.ئىككىنچى رەتتىكى‹‹ سەنەم ››باسقۇچىدىكى ئوقيا تارتىش،كالتەك بىلەن دۇمبالاش،نەيزە سانجىش ھەركەتلىرى ئۇۋا جەريانىدىكى كۈرەشنى،باتۇرلىقىنى ئەكىس ئەتتۈردۇ ئۈچۈنچى رەتتىكى‹‹سەلىقە››
باسقۇچدا،كىشلەرنىڭ بىر يەرگە توپلۇشۇپ،يىرتقۇچ ھايۋانلارنى يوقىتىش ئەھۋالىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.تۆتىنچى رەتتىكى

‹‹سيىرىلما››
باسقۇچى ئۇۋىدىن كېيىنكى تەنتەنە، غەلبە شادلىقنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.دىمەك قەدىمكى زاماندا كىشلەر مەيلى ئۇرۇش قىلمىسۇن ،مەيلى ئۇۋا قىلمىسۇن ،ئۇۋا غەنىمەتلىرىدىن بەھىرمان بولۇشقاندا،ئۆز خۇشالىقلىرىنى قانداقتۇر بىر ئۇسۇل خاراكتىگە ئىگە ھەركەتلەر .ئارقىلىق ئىپادە قىلىشقان ،زامانىنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ  ھەركەتلەر ھەر قېتىملىق غەلبىنىڭ ئالدى كەينىدە ئوينايدىغان بىر خىل رېتىملىق،سېستىملىق ئۇسۇلغا قاراپ تەرەققىي قىلغان ھەمدە كېيىنكې چاغلاردا بۇ خىل ھەركەتلەر ئۇسۇللارنىڭ تۈرلۈك باسقۇچلىرىدا تۈرلۈك ھەركەت سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان .

دولان ئۇسۇللىرى باشقا ئۇسۇللارغا ئوخشاش ئۇسۇل تىلى ۋە ھەركەت رېتىمىغا ئىگە بولسىمۇ،ئۇ يەنە قاتتىق داپ رىتىمدارلىقى،ھەركەت تەكشىلىكى،ئەر- ئايال ھەركىتىدىكى ئىختىيارى ئەۋرىشىملىككە يول

قويمايدىغان ئارلىق،پىرقىراش،تەك-تەكشىلىك

ئىنتىزامچانلىقنى گەۋدىلەندۈرگەن.بىر قاراشتا ھەربىرى ئۇسۇلدەك كۆرىندىغان بۇنداق سەنەم شەكللىك ئۇسۇللار قەبىلە ۋە مۇراسىم مۇقەددىمىلىكى ئەقىدىسى بىلەن باغلانغان شارائىتتا شەكىللىنىشى مۇمكىن.بۇ ئۇسۇللاردا بىرەر سىنپى ئورنى ئۈستۈن پادىھشاھقا ياكى كوللىكتىپتىن ئايرىلىپ چىققان مۆتىۋەر شەخىسكە قىلدىغان دىتاللار كۆرۈنمەيدۇ .بۇ دولان ئۇسۇلنىڭ كوللىكتىپ كۈچىنى ۋە ئۇسۇلغا مۇناسۋەتلىك مۇراسىم پائاليەتلىرىنى مۇقەددەس بىلدىغان ئەقىدە بىلەن ئالاقىدار تۇلىمۇ ئىپتىدايلىقنى ئەكىس ئەتتۈردى .

  بىر قىسىم سەنئەت مەدەنيىەت تەتقىتقاتچىلىرى دولان ئۇسۇللىرىنىڭ تۆت يۈرۈشلىك ھەركەت شەكلىنى سىغىملاشتۇرۇپ سىزىپ چىقىش ئارقىلىق،

بۇ ھەركەتلەرنڭ ئۇيغۇر دولانلىرىنىڭ كۆك ئېتقادچانلىققا بېرىپ تاقىلدىغانلىقى ،دولان مەشرەپلىرىدىكى ھەركەت شەكىلنى ئۈستى تەرەپتىن كۈزەتكەندە دەل كۆك ئاسمان ۋە قۇياش ،يۇلتۇز ھالىتىنى شەكىللەندۈردىغانلىقى،بۇ ھالەتنىڭ كۆنچى دەريا ۋادىسىدىن تېپىلغان قۇياش- يۇلتۇز شەكللىك قەبىرلەردە ئەكىس ئەتكەن.دىنىي ئېتقاد بىلەن مۇئەييەن باغلىنىشلىقى ئىلمي پەرەزنى ئوتتۇرغا قويدى .ئەلۋەتتە بۇ خىل قاراشنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتققىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

دولان مەشرەپلىرى باي مەزمونغا ئىگە بىر پۈتۈنلىكتىن ئىبارەت بولسىمۇ ،لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خارەكتىرىگە ،مەقسىدىگە قاراپ ئوخشىمىغان بىر نەچچە خىلغا بۆلۈنىدۇ، بىز تۆۋەندە تىپىك قىلىپ دەرتمەنلەر مەشرىپى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى .

دولان خەلقى ئەزەلدىن ئىناق ياشاپ كەلگەن خەلق بۇلۇپ ،بىر-بىرىگە كۆينىشىنى ،غەمخورلىق قىلىشىنى ،ھال-ئەھۋالغا يېتىشنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدۇ.شۇڭا بىرەر ئائىلدە بىرەر چوكان ياكى ئېرىدىن ئاجىرشىپ كەتكەندىن كېيىن لايىق تاپالماي ئۇزاقتىن ئولتۇرۇپ قالغان بولسا،شۇنىڭدەك بىرەر يىگىتمۇ خۇتۇنىنى قۇيۇپ بەرگەندىن كېيىن كۆڭلىگە ياققىدەك لايىق تاپالماي يۈرگەن بولسا،ياشلار مەسلىھەتلىشىپ خۇتۇنى يوق ئەرلەر بىلەن ئېرى يوق چوكان ،جۇۋانلارنى بىرەر ئائىلىگە ،مەشرەپكە تەكلىپ قىلىدۇ.بۇ مەشرەپكە ئاساسەن بويتاقلار قاتنىشىدۇ .شۇڭا بۇ مەشرەپ ‹‹دەرتمەنلەر››مەشىرىپى دەپ ئاتىلىدۇ .بۇ خىل مەشىرەپ جەريانىدا ئەر-ئايال دەرتمەنلەر بىر-بىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ تۇنىشىدۇ .ئۆز-ئارا دەرتلىرىنى تۆكۈشۈپ ئىچكى-ھېسياتلىرىنى ئالماشتۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاستا-ئاستا بىر-بىرى بىلەن يېقىنلىشىپ توي قىلىشقا ۋەدىلىشىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر-بىرىنى .ئۇسۇل ئويناشقا تەكلىپ قىلىدۇ،بىر-بىرىگە چاي تۇتىشىدۇ،ھەرخىل  قىزىقچىلق سۆز ئۇيانلىرىنى ،تېپىشماق تىپىش،قوشاق تۇقۇش ،ئۇيۇن تاماشا پائاليەتلىرى ئۆتكۈزۈلدۇ.دىمەك بۇ مەشرەپ خاپىلىق بىلەن كەلگەن ئەر-ئايال،بويتاقلارنى مانا مۇشۇنداق خۇشاللىق بىلەن ئۇزىتىدۇ.بۇلارغا ئوخشاش زور ئىجدىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ھېيىت-بايرام مەشىرىپى،توي-تۆكۈن مەشىرپى ،كۈتۋىلىش مەشىرپى ،تەكلىپ مەشىرپى،ناماقۇللۇق مەشىرپى ، جازالىق مەشىرپى،ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشىرپى قاتارلىق مەشرەپلەر بار.بۇ مەشرەپلەر ئۆز دەۋىرىدە كىشلەر ئارسىدىكى زىددىيەت-تۇقۇنىشلارنى توغرا يۇسۇندا بىر تەرەپ قىلىش،ئۆز-ئارا ئىناق جەميىئەت بەرپا قىلىش ،مېھرى-مۇھەببەت يەتكۈزۈش ،جەميەتنىىڭ ئىجدىمائىي كەيپىياتىنى ئىلمى يۇسۇندا تەڭشەپ ئۇنى .ئىلگىرى سۈرۈشتە گەۋدىلىك رول ئويناپ كەلگەن .بۇلاردىن باشقا مەشرەپ دىگەن سۆز تىغا ئېلىنغان ھامان ھەمىمىزنىڭ كۆز ئالدىغا نۇرغىلىغان ئادەملەر بىر يەرگە توپلىشىپ كۆڭۈل ئېچۋاتقان كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمىزغا كىلىدۇ .ئەمەليەتتە بۇ سورۇن ئىچكى قىسىمدا ئولتۇرۇشقاندا پۇتنى ئۇزۇن         سوزۇپ ئولتۇرۇش چەكلىندىغانلىقى ،مەشرەپكە قاتناشقان ئەر-ئايالنىڭ ئولتۇردىغان ئورنى ئۇلارنىڭ ياش-قۇرام ۋە سالاھىتىگە قاراپ بەلگىلىندىغانلىقى ،يىگىت بېشىنىڭ مەشرەپ كوللىكتىپنىڭ ھوقوقلۇق تەشكىللىگۈچىسى ئىكەنلىكى ،ھەممە ئىشنىڭ ئاممنىڭ رازىلىقى ،يىگىت بېشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق بەلگىلىندىغانلىقى ،چاي قويغاندا چاينى ئاۋۋال چوڭلارغا قۇيۇش ،ھەمدە ئۆز-ئارا سۇنۇش قاتارلىق چوڭ-كىچىك قائىدە-نىزاملار ئارقىلىق دەۋاملىشۋاتقان بۇلىدۇ.بۇلار ھەرگىزمۇ بىرەر تاختايلارغا ياكى ئاللېقانداق شەكىلگە ئىگە قىلنىپ يېزىپ قۇيۇلغان ئەمەس بەلكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلقىمىز ئارسىدا شەكىللەنگەن ھەمدە ئۆزلىكسىز مۇكەممەللىشىپ داۋاملىشىپ كېلۋاتقان ئەخلاق قاراشلىدۇر .خەلقىمىز ئارسىدىكى ئۆز-ئارا ئىزەت-ئېكرام ،مىھرىبانلىق ،پەردىشەپ ،ھۆرمەت ئەھكاملىرى قاتارلىق مول ئەخلاق قاراشلىرىنىڭ يالدامىلىرىنى شۇ مەشرەپ سورۇنلىرىدىن بايقاپ ،چۈشۈنۈپ يېتەلەيمىز .بۇلاردىن باشقا خلقىمىز ئارسىدىكى ‹‹بالاڭنى مەكتەپكە بەرمىسەڭ ،مەشرەپكە بەر››  ‹‹ئالىم بولاي دېسەڭ مەكتەپكە بار،ئادەم بولاي دېسەڭ مەشرەپكە بار ››
دېگەن ماقالە-تەمسىللەردىنمۇ مەشرەپنىڭ ھەقىقەتەن ئەينى دەۋىردىكى ئادەملەرنى تەربىلەيدىغان ،ئۇلارغا نېمىنىڭ توغرا ،نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلار ياخشى-يامان جەھەتلەردە بەلگىلىك تونۇشقا ئىگە قىلىدىغان، تۇرمۇشتىكى مۇقەددەس ئەخلاق نىزاملىرىنى ئىنتايىن جانلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ روھىغا سىڭدۈرىدىغان ،شۇدەۋىركىشىللىرىنىڭ ئۆز كەلگۈسى ئۈچۈن قىممەتلىك بەلگىلىك تۇرمۇش ۋە ھاياتلىق قانۇنىيەتلىرىنى ئۇلارغا بەخىش ئىتىدىغان بىر بىباھا گۈھەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ .دىمەك، مەشرەپلەرنىڭ مۇشۇنداق ئىجدىمائى ئەھمىيەتلەرگە ئىگە بولىشى خەلقىمىزنىڭ ئەلمىساقتىن بۇيان ئنسانى ئەخلاققا ، جۈملىدىن  ئىنسانپەرۋەرلىككە زور كۈچ بىلەن ئەھمىيەت بىرىپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز .

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقىمىز ئارسىدىكى مەدەنىي مىراسلارنىڭ زور دەرىجىدە قوللاشلارغا ئېرشىپ ،ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ،تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ كەڭ تۈردە قانات يايدۇرۇلشىغا ئەگىشىپ خەلقىمىز ئارسىدا كۆمۈلۈپ قالغان مەشرەپلەرمۇ نۆۋەتتە زور ھىمايىگە ئېرىشتى .

مەشرەپلىرىمىز ئۇزاق مۇدەتللىك جاپالىق تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش نەتىجىدە تەڭرىتاغنىڭ شىمالى جەنوبىدا ناھايتى چوڭقۇر تەسىر قوزغالدى.خەلق ئارسىدىكى مەشرەپلەرنى تەتققىق قىلىش ئۆگۈنۈش ۋە سەھنەلەشتۇرۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەچكە ،كەڭ .ئاۋامنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرىشتى ھەم ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى .

ئەمما بۇ جەريانىدا بىر قاتار كەمچىلىكلەرنىڭمۇ سادىر بولغانلىقى ھەمدە بولۋاتقانلىقلىرىنى ئىنكار قىللالمايمىز ،بولۇپمۇ نۆۋەتتە سەھنىلەردە ئوينىلۋاتقان مەشرەپلىرىمىزدە بىز باياتىدىن بېرى باياب قىلىپ ئۆتكەن مەشرەپلەردىكىدەك قۇيۇق،جانلىق خارەكتىرلىك تەربىۋى ئەھمىيەتلىك ۋە ئىجدىمائىي ئەھمىيەتلىك جەھەتتىكى خىسلەتلەرنى بارغانسېرى سۇسلاشتۇرۇپ ،مەشرەپلىرىمىزنىڭ ماھىتى ۋە خارەكتىرىنى بورمىلۋەتمەكتە .بۇ مۇناسۋەتلىك ئورۇنلار باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم ھالقا ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى ئۇيغۇر خەلقى كۆپ ئەسىرلىك شانلىق مەدەنيەت تارىخى جەريانىدا ئۈزلىكسىز راۋاجلىنىپ

  تۇلۇقلىنىپ كەلگەن .ئىشىنمىزكى ،مۇزىكا تارىخىمىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ نامايەندىسى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ جاھان مەدەنيەت سەھنىسىدە پارلاق نۇر چاچىدۇ .

 

 (دېققەت: كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، تورداشلارنىڭ ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن)


تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-04, 01:33
مەن ئەمەس بىز، ھەممىمىز ئۈچۈن.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-04 00:41 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر