saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 2/2     Go
بۇ تېما 2191 قېتىم كۆرۈلدى
naprat2009
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 79
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 203
شۆھرەت: 1191 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1189 سوم
تۆھپە: 691 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 693 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 518(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

زەھەر دېلوسى دېپلوماتىيىسى ئارقىسىدىكى سىياسىي كۈچ سىنىشىش
يېقىنقى يىللاردا، چەتئەللەردىكى فىلىپپىنلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ زەھەر دېلوسى شىددەت بىلەن ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر چەتئەللەردە جەمئىي 700 گە يېقىن فىلىپپىنلىق زەھەر سېتىش ۋە توشۇش جىنايىتى بىلەن قامالغان، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىرىمۇ بولغان. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ زەھەرگە چېتىشلىق دېلولارنى ئەڭ ئېغىر بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. فىلىپپىن قانۇنىدا ئەسلىدە زەھەر توشۇغان ۋە ياسىغانلار ئەڭ ئېغىر بولغاندا ئۆلۈم جازاسى بەرسە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن، ئەمما كېيىن ئۆلۈم جازاسى بىكار قىلىنغان، ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك جىنايەتچىلەرگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشكە ئۆزگەرتكەن.
ئەنگىلىيەنىڭ زەھەرگە قارشى تۇرۇش قانۇن لاھىيىسى زەھەر سېتىش دېلولىرىغا ئەڭ ئېغىر بولغاندا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ زەھەرگە قارشى تۇرۇش قانۇنىدا، زەھەر ساتقانلارغا 5-10 يىل مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، جىنايىتى ئېغىرلارغا 40 يىلدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىدۇ. گرىتسىيە، ئاۋسترالىيە، نېگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر زەھەر سېتىش جىنايىتىگە ئەڭ ئېغىر بولغاندا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىشنى بەلگىلىگەن. تۈركىيە، مىسىر، ھىندونېزىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، سىرېلانكا، تايلاند، مالايسىيا، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىدا ئېغىر زەھەر سېتىش جىنايىتى سادىر قىلغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ.
جۇڭگونىڭ زەھەر چەكلەش قانۇنى باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارىغاندا نىسبەتەن ئېغىر،جۇڭگو دائىرلىرىنىڭ قانۇن سىرتىدا چەتئەللىك زەھەر جىنايەتچىلىرىنى كەچۈرۈم قىلىشى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. بىراق زەھەرگە چېتىشلىق دېلولارنىڭ ھەممىسى دېپلوماتىيە قاتلىمىنىڭ ئارىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىپ كەتمەيدۇ. ئاشكارا ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو قولغا ئالغان ھەمدە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن چەتئەللىك زەھەر ئەتكەسچىلىرى دېلولىرىدا، پەقەت ئىلگىرىكى ياپونىيە زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ دېلوسى ھەمدە ئەنگىلىيەلىك ئاكمال دېلوسى، فىلىپپىنلىق زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ دېلوسى دېپلوماتىيەنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ئادەتتە، جۇڭگونىڭ ئەدلىيە ھۆكۈمىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، جىنايەتچىنىڭ دۆلىتى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلغانلىقتىن، ئامما ئۆزى سايلاپ چىققان رەھبەرنىڭ يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بىلەن، ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى ئەركىنلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەھبىرى جۇڭگودىن زەھەر جىنايەتچىسىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، تېخىمۇ مۇجمەل مەنىسى بولسا: كەچۈرۈم سوراش ھالىتى ئارقىلىق رەھبەرلىك رولىنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق، سىياسىي سايلامغا تېخىمۇ مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئالاقىدار يول ئارقىلىق مەخپىي قۇتقۇزۇپ قالسا ئېھتىمال خەلق رايىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈنىمىگە يېتەلمەسلىكى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، فلىپپىننىڭ زەھەر سېتىش دېلولىرىدا، چەتئەللەردە ئىشلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق تاشقى پرېۋوت يارىتىش فىلىپپىن ئىقتىسادىدا نىسبەتەن چوڭ سالماقنى ئىگەللەيدۇ، چەتئەللەردىكى ئىشلەمچىلىرىنى قوغداش فىلىپپىن دېپلوماتىيە سىياسىتىدىكى تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى، فىلىپپىننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بۇ ساھەنى باشقۇرۇدىغان مەسئول كىشى.
جوڭنەن مالىيە سىياسىي قانۇن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پراففىسسورى چىياۋ شىنشېڭ () مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، غەرب دۆلەتلىرى ئەگەر راستىنلا ئادەم قۇتقۇزماقچى بولسا، ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتىش ياكى مەخپىي ئەلچى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئارىلىشىدۇ. جۇڭگودىن ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ دارۋاڭ قىلىشى پەقەت بىر خىل سىياسىي ئىپادە. نۆۋەتتە جۇڭگو پات-پات مۇنداق تەلەپلەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋاتىدۇ، بۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغان سەۋەب بىلەن جۇڭگونىڭ ئەدلىيە ئىشەنچىسىنى سىناۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بىرلا ۋاقىتتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، دۇنيادىكى كۆپلىگەن پىرىنسىپلار ئالدىدا، جۇڭگو ئاممىسى ھەمىشە مىللىي ھېسىيات تەرىپىدىن باغلىنىپ قالىدۇ. كۆپ يىللىق ھاقارەتلىك تارىخ تەربىيىسى ئاممىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئادەتتىن تاشقىرى سەزگۇر قىلىپ قويغان. جۇڭگونىڭ كۆپ يىللىق قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشتىكى ئەگرى-توقاي يولى ئاممىنى قانۇن سىرتىدىكى كەچۈرۈم سوراشقا قارىتا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان قىلىپ قويغان. ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە تۈزۈم ئاممىدا ئاسانلا كەچۈرۈم سوراش قىلمىشىدا مەجبورلاش پۇرىقى بار دەپ قاراپ قالىدۇ ھەم بۇ قىلمىشنى جۇڭگونىڭ ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويغانلىق دەپ قارايدۇ.
(تاماملاندى)
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 22:37 |
delnazi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1126
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 212 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 212 سوم
تۆھپە: 122 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 125 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 185(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

زەھەر  ئەتكەسچىلىرىنىڭ جاجىسى بىر پاي ئوق .   ھەممىسىنى ئېتىۋېتىش كېرەك  .
lutun
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 23:27 |
passan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7565
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

زەھەر  جىنايەتچىلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق جىنايەتچىسى ئونداقلارنى ھەر زامان ھەر جايدا قاتتىق جازالاش كىرەك.
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-13 20:06 |
marjanyax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4158
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 158
شۆھرەت: 845 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 842 سوم
تۆھپە: 499 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 507 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە كەڭ قوللۇق قىلىشقا بولمايدۇ ،چوقۇم ئېتىش كېرەك!ھۆكۈمەت مىللى بۆلگۈنچىلەرگە قانداق قاتتىق قول بولغان بولسا زەھەر ئەتكەسچىلىرىگىمۇ شۇنداق قاتتىق قول بولىشى كېرەك.
saltanat
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-13 20:37 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 2/2     Go
Bagdax bbs » دۇنياغا نەزەر